سۆيگۈمگە غەزەل
شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى
2011يىللىق ئنگىلىزتىلى كەسپى ئوقۇغۇچىسى
( -مەمەتجان مەتنىياز )
تاڭ سەھەردا بايان ئەيلەي مەن چۈشۈمنى ئەي قەمەر ،
چۈشلەر ئارا چۈش كۆردۈم گۈزەل يەنە شۇ قەدەر .
گۈلىستاندىن گۈل ئۈزدۇم دىلبەر ساڭا سۇنغىلى
گۈللىرىمنىڭ شاھىنى ساڭا ئاتاپ بۇ سەھەر .
نازلىق ئىچرە ئالىسەن ،مىنى سۆيۈپ قويىسەن،
بەخىت ئىچرە ھاياجان،باشلىناركەن بىر لەپەر .
شىرىن چۈشتە باقىمەن يارىم سىنى كۆرگىلى،
تەكىيەمنى قۇچاقلاپ، تىخى تاڭدىن بىخەۋەر .
قۇيۇلغاندا بېشىمغا يانۋار كەبى سوغۇق سۇ،
چاچراپ ئورۇن تۇرىمەن ،سىنى غايىپ ئىپكىتەر .
ۋۇجۇدۇمدا قىپ قالار گۈلگۈن گويا شۇ چىھرىڭ ،
سەنسىز تاتام گۈل ھىدى ،تىنىم روھسىز سىزىلەر .
مۇساپىركەن دەپ قالار يىنىمدىكى قوشناممۇ ،
ئاڭلىناركەن يىراقتىن— ‹‹ھالى خاراپ ھەم بەتتەر ››.
كونا ئىرىق بويىدىن سىنى ئىزدەپ كىپ قالدىم،
ۋىسال ئوتى كۆيدۇرۇپ يەنە كەلدىم بۇ سەھەر..
باغ–ۋاراننىڭ ئارقىغا بىر نەزەردە بىقىپ قوي ،
خالاپ قالساڭ چىقىپ قوي،يۈرەك ساڭا تەلپۇنەر.
چىقىپ قالساڭ مۇبادا بۇ گۈلۈمنى بىرەتتىم،
چىن دىلىمدىن كۈلەتتىم،جلۋە قىلار مۇزەپپەر.
دىدارىڭنى بىر كۆرۈش مەنچۈن خۇشال ھوزۇر ئىش ،
چاقرسممۇ چىقمىدىڭ ،لىكىن سەنزە…ئەي دىلبەر.
ۋىيشىنغىمۇ چىقمىدىڭ ،تىلىفۇنمۇ قىلمىدىڭ،
ئۆتۈپ كەتتىم يىگانە ،سەندىن يوقتۇر خەت-خەۋەر.
چىقمىساڭمۇ بوپتۇ دەي، نېمە دىسەڭ مەن بىرەي،
لىكىن مىنى قىينىما ،يۈرەك گۈلخان بوپ كىتەر .
چاڭقاق ئىدىم سۆيگۈگە ،مەپتۇن ئىدىم ئىدىم ئۆزۇڭگە،
قاراپ سالسام كۆزۇڭگە ،جاننى ئالدىڭ سەن سەرۋەر.
قوشماق ئاينىڭ مىغىزى، سۈزۇك دىڭىز چوققىسى،
شۇ دىڭىزدىن تۆرەلگەن بۇرنۇڭمىكىن ئاق كەپتەر.
شەرىبەتتۇر سۆزلىرىڭ ،دىلغا زەمزەم ئاھلىرىڭ،
شەيدا قىلغان جانىمنى ،كۆزۈڭ ئىدۇر كۆك گۆھەر.
پىقىر ئىدىم بۇلبۇلۇڭ،خالىساڭ مەن دۇتتارىڭ،
لازىم ساڭا قانداق كۈي ،يۈركىم ساڭا چەپ بىرەر.
شامال چىققان ئاخشىمى ئاڭلىدىڭمۇ ئەي جانان،
گتتار چالدىم بىر پەدە،سەنسىز بولغاچ بۇ تۈنلەر.
كىچە ئارام تاپماستىن سايراپ چىقتى بىر بۇلبۇل،
گۈل ياپرىقىدەك قەلبىڭنى،سەزگۈڭ ھامان تەۋرىتەر .
ئاڭلىساڭمۇ ئاڭلايسەن ،ئاڭلىمىساڭمۇ ئاڭلايسەن،
سۈيگۈ دىگەن ئۇلۇغ ئش ،يىتەر نىمە كىم بىلەر ؟
چاقىرسەنغۇ بىر كۈنى -‹‹ئى مۇخەممەد ،سۇ ئىچىڭ...››
شادلىقىممۇ- شادلىقىم ،سۆيگۈ بىلەن جۇش ئىتەر .
2013يىلى 1-يانۋار ئۈرۇمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا axik1314 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-1 05:21 PM