|
|
|
|
2012-يىلدا نىمە قىلدىڭىز؟
شۇنداق قىلىپ خۇددى بۈگۈنكىدەك گۈزەل ئارزۇ ۋە تىلەكلەر بىلەن باشلانغان 2012-يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئۆتۈپ كەتتى، ھەممىمىز يەنە شۇنداق گۈزەل ھىس تۇيغۇ ۋە ئارزۇ تىلەكلەر بىلەن يېڭى بىر يىل، يەنى 2013-يىلنى قىزغىنلىق بىلەن سالام يوللىشىپ قارشى ئېلىپ تۇرىۋېتىپتىمىز.ئېسىمىزدە،بىر مۇنبەردىشىمىز بۇ يىللىق ئەڭ چوڭ ئارزۇيىڭىز نىمە دەپ سورىغانغا ئوخشاش ئالدىنقى يىلى يىل بېشىدىمۇ نۇرغۇنلىرىمىز مۇشۇ سۇئاللارنى قويۇشۇپ جاۋاپ بىرىشكەن ئىدۇ.
خوش، ئۇنداقتا يېڭى يىلدا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەپ يەنە ئۇلۇغۋار ئارزۇ - ئارمانلارنى پىلان قىلغانغا ئوخشاش،يەنە ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدا نىمىلەرنى قىلغاندىمەن، ئەل -ۋەتەنگە،مىللەتكە قانچىلىك نەپ يۇقتۇرغاندىمەن؟ قايسى پىلانلىرىمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ قايسىسىنى قىلالمىغاندىمەن؟ ئۇلۇغ ئاللاھ ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ نىئمەتنى ماڭا بىرىپتۇ،شۇنىڭغا چۈشلۇق مەن نىمە قىلالىغاندىمەن، گۇناھلىق ۋە ساۋاپلىق ئەمەللەردىن قانچىنى قىلغاندىمەن؟بىرلا كەتسە مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغان يورغا يىللارنى بوينىغا قانچىلىك ئىز قالدۇرالغاندىمەن دېگەن سۇئالنى قويۇشنىمۇ زۆرۈر دەپ قاراپ قالدىم. شۇڭا بۇ پىكىردە قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشنى نىيەت ئەيلەپ بۇ سۇئالنى قويدۇم،قېنى دوستۇم ،سۆھبەت دوستىخىنىمغا مەرھەمەت:
ئۆزەمدىن باشلاي.
مېنىڭ بۇيىل ئەستە قالغۇدەك قىلغان ئىشىم ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋەرەھمىتى بىلەن تېنىمگە سالامەتلىك يار بولۇپ <<ۋەتەن چۈشى>> ناملىق ئەدەبى خاتىرەم،<<يىغلاۋاتقان ئاي>> ناملىق ھىكايىلەر توپلىمىم،<<سىرلىق تاشقى پىلانت>> ناملىق مۇھاكىمە خاتىرەمنىڭ ئورگىنالىنى پۈتتۈرۈش ، بېيجىڭدىكى ئوقۇشۇمنى ساق سالامەت تاماملاپ قايتىپ كېلىش، ۋە دۆلەت تىلىدا ئۆزەم ئارزۇ قىلغان شەرتلارنى ھازىرلاش،ئۆي قەرزلىرىمنى قايتۇرۇش ،شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلىرىمغا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بىلىم ۋە تەربىيە بېرىش بوپتۇ، يىتەلمىگەن ئارزۇيۇم بولسا مۇقەددەس كىتاۋىمىز قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ تاماملاش،بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنىڭ تۆۋە ئىستىخپارلىرىنى تۇللۇق ئادا قىلىش، قوشۇمچە پىراۋا ئېلىش قاتارلىق ئىشلاردى ئىبارەت.
سىزنىڭچۇ؟
مەنبە :ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hekmat-uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-1 01:38 PM
|
|
|
|
|
|