ئۇنتۇلماس يېڭى يىل
(ھېكمەت ئېلى)
بۈگۈن يېڭى يىل ھارپىسى،ئۇنىڭ ئۈستىگە يەكشەنبە،بەلكى بىزدىن باشقا بارلىق كىشىلەر ئىللىق ئائىلىسىدە،رېستۇرانلاردا خۇشال - خورام يېڭى يىل پائالىيەتلىرىدە ئىدى، بىراق بىز سىنىپتا. مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە دەرس جەدۋىلىگە ئاساسەن مەكتەپ مۇدىرى خېمىيە دەرسىدىن كونسۇلتاتسىيە قىلاتتى، لېكىن ئۇمۇ يوق، شۇڭا سىنىپ ئىنتىزامى تولىمۇ قالايمىقان ئىدى.
"ساۋاقداشلار، بوشراق پاراڭ سېلىڭلار، مۇئەللىم يوق دەپ شۇنداقمۇ قىلامسىلەر؟ھېلى مۇئەللىم كېلىپ قالسا ھەممىمىزدىن خاپا بولمامدۇ؟مۇزاكىرە توشىدىغانغىمۇ ئاز قالدى،بىردەم چىداڭلار!!!!"
سىنىپ باشلىقىمىز ھەدەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامىنى باشقۇرۇپ بولالماي توختىماي تەربىيە سۆزلەيتتى.
"ھاپىز، بىردەم بولسىمۇ ئارىمىڭنى ئېلىپ جىم ئولتۇرساڭ بولمامدۇ؟بىرەر كۈن مۇزاكىرىدە ئارام خۇدا پارىڭىمىزنى سېلىشىپ ئىچىمىزنى بوشىتىۋالساق يامان بولامدۇ؟ مالىم بار چاغدىغۇ قىلساڭ ئاكتىپلىقىڭنى، بۈگۈن مىڭ قىلساڭمۇ ئۇ كۆرەمدا،ئۇنچىۋالا قىزىللىشىپ كەتمە،بىز سىنىپتا جىنايەتچىدەك سىرتقا چىقالماي ئولتۇرغان بىلەن مىجىت شوجاڭلار يېڭى يىللىق زىياپەتتە ئويناپ بۇ چاغقىچە مەست بولۇپ كەتتى دېدى بىر بۇلۇڭدا كەپسىزلىك قىلىپ يۈرگەن ئەخمەت.
سەن كېلىپ قالارمىكى دەپ قورقۇپ كەتكەن " رەھبەر" لەرنى سەل تۇرۇپ زىشىدىن چىققاندا ئۆيگە قايتقاچ مەست بولۇپ قۇسۇق يالاپ يېتىپ قالغان يىرىدىن يۆلەشتۈرۈپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىمىزمۇ تېخى دېدىم مەنمۇ چاقچاق ئارلاشتۇرۇپ.
بالىلار پاراققىدە كۆلۈشتى،سىنىپ باشلىقىمىز بولسا يا كۈلۈشنى، يا يىغلاشنى بىلمەي قىزىرىپ تۇرۇپلا قالدى.
دەل شۇپەيتتە سىنپ ئىشىكى ئېچىلىپ مەكتەپ مۇدىرىمىز مىجىت ئىمامنىياز ئاستا كىرىپ كەلدى. سىنىپ ئىچى توساتتىن قايناۋاتقان قازانغا سوغوق سۇ قۇيغاندەك جىمىپ كەتتى،مەن گېپىمنى ئاڭلاپ قالدى بولغاي دەپ ئويلاپ سەل قورقۇمسىراپ قىزارغانچە ئالدىمدىكى ئوقۇغۇچىنىڭ دالدىسىغا توغۇرلىنىپ گەۋەمنى بېسىپ جىم ئولتۇرىۋالدىم، ئۇ سىنىپ ئىچىنى بىر ئايلىنىۋەتكەندىن كېيىن دوسكا ئالدىغا چىقتى. ۋە ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ساۋاقداشلارغا بىر قۇر سەپ سېلىۋېتىپ سائىتىگە قارىدى دە دوسكىغا: 2000-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ،سائەت 8دىن 26مىنۇت دەپ يازدى.
ساۋاقداشلار،بۈگۈن 2000-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ، ھازىر سائەت 8دىن 26مىنۇت ئۆتتى.دەرۋەقە مۇشۇ تاپتا ھەممە كىشىلەر يېڭى يىل ئۆتكۈزۈپ خۇشال ئويناۋاتىدۇ، لېكىن سىلەر بولساڭلار سىنىپتا،نىمە ئۈچۈن؟؟؟.... بىرە سائەت بولسىمۇ ئارتۇقراق كىتاپ كۆرۈپ،ئىككى دانە خەتنى بولسىمۇ كۆپرەك ئۆگۈنىۋېلىش ئۈچۈن، ئالتىنچى ئايدا ئېلىنىدىغان ئىمتاھانىدىن بىر نۇمۇر بولسىمۇ يوقۇرى ئېلىش ئۈچۈن،ئارزۇيۇڭلاردىكى مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ كەلگۈسى ئارمانلىرىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۈگۈن مېنى يوق دەپ بىكار ئويناپ ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋەتسەڭلار كىمنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغان بولىسىلەر؟ مېنىڭ ۋاقتىمنىمۇ؟ ئىسىڭلاردا بولسۇن، 2000-يىل12-ئاينىڭ 31-كۈنى 8دىن 26مىنۇت دېگەن ۋاقىت ئەمدى ئۆمرۈڭلاردا ئىككىنچى قېتىم قايتا كەلمەيدۇ.ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭلار،ۋاقىتنى قەدىرلەڭلار،ئويۇن دېگەننى كېيىن جەمىئەتكە چىققاندا ئويناپ تويىسىلەر......دەرستىن چۈشۈڭلار.
ئۇ شۇنداق دېگەنچە سىنىپتىن چىقىپ كەتتى.بىزمۇ ۋاراڭ - چۇرۇڭلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرغاچ ماتىرياللىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ سىنىپتىن چىقتۇق.
بولسا تېزراق ئۆتۈپ كەتسە بولاتتى،بۇ باش - ئاخىرى يوق مۇزاكىرىلەردىن،ئۆگۈنۈشلەردىن ئەجەپمۇ زېرىكتىم دېدى بىرەيلەن.
شۇ ئەمەسمۇ، ئۆتۈپ كەتسە قايتا كەلمەيدۇ دەيدۇ تېخى،ئۇخلاپ قوپساق ئەتە يەنەبار خۇدانىڭ بۇ جاپالىق كۈنلىرى دېدى يەنە بىرسى گەپ قوشۇپ.
مەنمۇ ئىچىمدە بۇ كۈنلەرنىڭ تېزراق ئۆتۈپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم،چۈنكى ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىشنى باشلىغان بۇ يېرىم يىلدىن بويان ئەتىگەن سائەت بەش بىلەن باشلانغان چېنىقىش،مۇزاكىرە، ئۆگىنىش،يەنە مۇزاكىرە بىلەن تەكرارلىنىۋاتقان ئارامسىز تۇرمۇش مېنى ھەقىقەتەن چارچىتىپ قويغان ئىدى.شوڭىمۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆزىگە ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمەي يولۇمغا داۋام قىلدىم.
شۇنداق قىلىپ ئىمتاھان بەردىم،دەرۋەقە شۇ يىللىق ئىمتاھاندا بىر نەچچە نۇمۇر تۆۋەن ئېلىپ قېلىپ ئۆزەم ئارزۇ قىلغان مەكتەپكە ئۆتەلمەي،ئامالسىز يانداش ئارزۇيۇمدىكى مەكتەپكە پۈتۈلۈپ قالدىم،شۇ چاغدا بەلكىم تەقدىر قىسمەت دەپ قارىساممۇ لېكىن ئاشۇ بىر سائەتلىك مۇزاكىرىنى ئەستايىدىل قىلىشقا، بىر ئىككى دانە خەتنى ئارتۇق ئۆگۈنىۋېلىشقا،بىر ئىككى نۇمۇرنى ئارتۇق ئېلىشقا سەل قارىغانلىقىمغا ئىنتايىن پۇشايمان قىلدىم،شۇنداقلا ۋاقىت ھىچ بولمىسا بىر يىل كەينىگە يانسا قانچىلىك بەدەل تۆلىسەممۇ رازى بولغىدەك خىياللارنى سۈرۈپ ئۆتتۈم. ئەپسۇس........
مانا بۈگۈن ئاشۇ قېتىملىق مۇزاكىرىدىن ئايرىلغىلى توپتوغرا ئون ئىككى يىل بولۇپتۇ، ئون ئىككى يىل،ئون ئىككى يىل.........
ئون ئىككى يىل جەريانىدا مەن تېخنىكوم مەكتەپلەرنىڭ رەڭگارەڭ ھاياتلىرىدىن ئەسلىمە قالدۇردۇم،تۇنجى مۇھاببەتنىڭ ئۆچمەس ئوتلىرىدا كۆيدۈم،خىزمەت ئىزلىدىم،تۇرمۇشنىڭ تالاي ئىسسىق سوغوقلىرىنى بېشىمدىن كەچۈردۈم، ئىشقا ئۇرۇنلاشتىم،تۇرمۇش قۇردۇم،يەنە شۇنداقلا تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تارتىۋاتىمەن...........
ۋاقىتنىڭ توختاۋىسىز ئىستىرىلكىسى تاتلىق سەبىيلىكىمنى،گۈزەل ياشلىقىمنى قەدەممۇ - قەدەم يىراقتا قالدۇرۇپ،نۇرغۇن خاتىرىلىرىمنى ئۆچۈرۈپ، يەنە نۇرغۇن قىسمەتلەرگە دۇچار قىلىپ ،ھايات بوغچامغا ئېغىر تاپشۇرۇقلارنى سېلىپ ئاخىرقى نوقتىغا سۆرەپ ماڭماقتا....
لېكىن ئويلاپ باقسام ئازغىنە تىرىشچانلىقىمدىن ئېرىشكەن قىسمەن نەتىجىلىرىمنى ھىساپقا ئالمىغاندا گۈزەل ئارزۇلىرىم يەنىلا ئاشۇ يىراقتا قالغان ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلىرىمدە گىرىمسەن نۇرلىرىنى چېچىپ تۇرىۋېتىپتۇ.ئەنە شۇلارنى ئويلىسام دۇنيادا ئۆتكەن كۈنلىرىگە، ئۆتمۈشلىرىگە مېنىڭدەك تارتىشىدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك دەپ ھىس قىلىمەن. ھەمدە مەكتەپ مۇدىرىمىز شۇچاغدا دوسكىغا يازغان ۋاقىتنى ،دېگەن سۆزلىرىنى تەكرار - تەكرار يادىمغا ئالىمەن.
ھەي....... 2000-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ،سائەت 8دىن 26مىنۇت....
بۇ ئۆمرۈمدە،شۇ ۋاقىتقا قايتالىغان بولسام ھە! ھىچ بولمىسا ئۆتكەن يىلدىكى12-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قايتالىغان بولسامچۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئىھ! يېڭى يىل،ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم جېنىمنى تېنىمدە ئامان قىلسا كېلەر يىلى مۇشۇ كۈندە سېنىمۇ شۇنداق گۈزەل ئارمانلار بىلەن ئەسلەيمەن.......سېنى سېغىنىمەن.........ساڭا تارتىشىمەن........
چۈنكى ساڭىمۇ ئوخشاشلا ئىگەمنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نۇرغۇن سىرلىرى،قىسمەتلىرى،نىئمەتلىرى،ھېكمەتلىرى يۇشۇرۇنغان ئەمەسمۇ..........
كۆز ئېچىپ دۇنياغا كەلگەندىن بويان،
گاھ كۈلۈپ،گاھ يىغلاپ ئۆتۈپتۈ يىللار.
ئىھ! ۋاقىت ،كېتىپسەن شۇ قەدەر جىمجىت،
قالدۇرۇپ ئۆمرۈمگە گىرىمسەن ئىزلار.
ھېلىلا ئەركىلەپ قالغان بالىلىق،
كۈل بولۇپ كۈيۈپمۇ بوپتۇ پىراقتا.
بىر چاغدا تەلمۈرۈپ كۈتكەن ئەتىلەر،
قايرىلسام تاشلىنىپ قاپتۇ يىراقتا.
جاۋاپسىز قېلىپتۇ نۇرغۇن سۇئاللار،
بىر تالاي ئارمانلار قاپتۇ كۆمۈلۈپ.
بىلمىدىم قەبرەمگە تۆكۈلەرمۇ ياش،
مەن چەككەن ۋاپانىڭ قەدرى ئۆتۈلۈپ..........
مەنبەئە: كەمىنە فەقىرنىڭ <<مېنىڭ كەچمىشلىرىم>> ناملىق ئەسلىمە خاتىرىسىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hekmat-uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-1 10:55 AM