ARKAN88 يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 10:31 PM 
‹‹ سېنىڭ كەلمەيدىغىنىڭنى بىلسەممۇ شۇ بىر پارچە خەتنى ...
ئاۋال تىمامغا بەرگەن باھايىڭىزدىن سۆيۈندۈم ، ياخشى باھا بېرىپسىز ، ھەممە ئىشنى نۆلدىن باشلاشنى سىزگە بېرەرسى ئۈگەتمىگەنمۇ ، مەن داڭلىق يازغۇچى ئەمەس ، پەقەت مۇشۇ يازغۇچىلىققا قىزىقىمەن ، شۇڭلاشقا مېنى ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان ، بۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان دەپ تىرورچىغا ئوخشاتماڭ ، مەن پەقەت ھەۋەسكار خالاس . سىز ئايالىڭىز بىلەن چاخچاقلىشىپ ، ياكى بېرەر ئېغىز يۇمۇر بىلەن كۈلۈۈپ ئولتۇرمايدىكەنسىز دە ، بىر - بىرىڭلارغا ئالىيىپ قاراپ ، كالتەك نوغۇچىلار بىلەن بىر-بىرڭلارنى سۈرۈپ ئولتۇرامسىلەر . مېنىڭ يازغىنىم پەقەت بىر ھېكايە شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ھېكايىدە مەلۇم دەرىجىدە توقۇلما بولىدۇ ، ئەمدى بۇ توقۇلمنى ئاپىرىپ بىزنىڭ ئىگىمىز بولغان ‹‹ئاللاھ›› قا يۈكلىۋالماڭ ، بەلكىم يالغان گەپ قىلغاندىمەن ، بىراق ئۇنى ھېكايىدىن چىقىپ ئاپتۇرنىڭ ئۆزىگە چاپلىماڭ ، بۇ بىر ھېكايە دىگەننى كاللىڭىزدا چىڭ تۇتۇۋېلىپ ئاندىن قايتا بىر باھا بېرىڭ . ئاخىردا ‹‹ شۇملۇق ›› نىڭ گېپىنى تىلغا ئاپسىز ، مېنىڭ ھېچكىمگە شۇملۇق قولىنى سوزغۇم يوق ، بىراق سىز ئاشۇ ‹‹شۇملۇق ›› نامىدىن پايدىلىنىپ ماڭا ‹‹ شۇملۇق ›› قولىنى سوزۇپسىز .
بىر تىمىڭىزنى كۆرۈپ سىزنىڭ قانداق خاراكتىردىكى ھېكايە ياكى شىئىر ، پەقەت بولمىسا بىر تال ئەدەبىي ئەسىرىڭىزنى كۆرگۈم ، ياخشى بىر باھا بەرگۈم ، مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىغۇممۇ بار ئىدى ، بىراق كۆرگۈنۈم پەقەتلا ئون نەچچە تال ئىنكاس بولدى ، قارسام ئىنكاسلىرىڭىزمۇ ساپلا باشقىلارنىڭكىدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان ئىنكاسلار ئىكەن ، كۆپۈنچىسىنىڭ تىما ئىگىسىنىڭ شەخسى تۇرمۇشى ۋە ئىسمىدىن قۇسۇر چىقارغان ئىنكاسلار ئىكەن . مىسرانىمدا سىزگە باشقا ئىش چىقمىغانمىدۇ دەپ ھەيرانلا قالدىم .
قالغىننى ئەسەرنى قايتا بىر ھېكايە دىگەننى يادىڭىزدا تۇتۇپ تۇرۇپ ئوقۇپ چىقىپ بىر باھا بەرسىڭىز ، شۇ ۋاقىتتا يەنە مۇشۇنداق بىر باھا چۈشۈپ قالسا ئاندىن مەن ھەققىي خاتا قىپتىمەن دىگەن نىيەتكە كەلسەم دىگەن ئۈمۈتتىمەن . كەچۈرۈڭ ، بەزى جايلاردا بىئەدەپ سۆزلەرنى قىلغان بولسام ، ئەپۇ قىلارسىز !!