|
|
|
|
چاي ياغلىق جىگەر كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ ياغلىق جىگەر كېسىلى بىمارلىرى تاماق يەپ ئىككى سائەتتىن كېيىن ، سۇس دەملەنگەن چاي ئىچسە ، سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق . ئاددەتتە ، دائىم ئىچىلىدىغان چايلاردىن پەمىل چاي ، كۆك چاي ، قارا چاي ، ۋۇلۇڭ چېيى قاتارلىقلار بولۇپ ھەممىسىنىڭ ياغنى تۆۋەنلىتىش رولى بار . بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆك چاينىڭ ياغنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى . چاي تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسى ، ۋىتامىن B1 ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ياغنىڭ جىگەردە توپلىنىشىنى تىزگىنلەيدۇ . ۋىتامىن B1 ياغنى ئېرىتىپ ، ئورگانىزمغا ئېھتىياجلىق ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرىدۇ ھەم جىگەر توقۇلمىلىرىدىكى جىگەر يېغى فېرمېنتىنى جانلاندۇرۇپ ، ياغ پىروكسىد مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ ، قان يېغىنى تەڭشەيدۇ .
تاماق يەپ بولۇپلا چاي ئىچمەسلىك ، بولۇپمۇ گۆشلۈك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن دەرھال چاي ئىچمەسلىك كېرەك . چۈنكى ، چاي تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتاسى ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ ، ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز ماددا ھاسىل قىلىپ ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن قەۋزىيەت پەيدا بولۇپ ، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ ، ياغلىق جىگەرنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ . شۇڭا ، ياغلىق جىگەر كېسىلى بىمارلىرى تاماق يەپ ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاندىن سۇس دەملەنگەن چاي ئىچىشى كېرەك .
ئۇيقۇ دورىسى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ ئۇيقۇ دورىسى ئىچكەندىن كېيىن ئادەم راھەتلىنىپ ئۇخلايدۇ ، چۈنكى ئۇيقۇ دورىسى نەپەس مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى تورمۇزلاپ ، نەپەسلىنىش رېتىمىنى تەدرىجى ئاستىلىتىپ ئۇيقۇنى كەلتۈرىدۇ . ئەمما سوزۇلما كانايچە ياللۇغى ، سوزۇلما ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى ئۇيقۇ دورىسى ئىچكەندىن كېيىن ئۈنۈملۈك ھاۋا ئالماشتۇرۇش مىقدارى ئازىيىپ نەپەسلىنىش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ . ئاغرىقنىڭ ئۆپكىسىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەي نەپەسلىنىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراپ كېسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى كىشلەردىكى ئۇيقۇسىزلىقنى نەپەسلىنىش سىستېمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن . بۇنداق ۋاقىتتا كېسەلنى قاراتمىلىق ھالدا داۋالىتىش ، ھەرگىز ئۇيقۇ دورىسىنى ئىچىش ئارقىلىق ئۇيقۇسىزلىقنى ۋاقتىنچە تۈگىتىشنى ئويلىماسلىق كېرەك . يەنە زىققا ئاغرىقلىرى ئۇيقۇ دورىسى ئىچسە بولمايدۇ ، چۈنكى بۇ خىل ئاغرىقلار كېسىلى كېچىسى ياكى سەھەردە قوزغىلىدىغان بولغاچقا ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئۇيقۇ دورىسى ئىچكەندە ئاسانلا كانايچە سىپازمىلىنىش كېلىپ چىقىپ ، زىققىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ . نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسىلى بار ئاغرىقلاردا ئۇيقۇسىزلىق كۆرۈلگەندە چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىتىش ، ھەرگىزمۇ ئۆزى بىلگىنىچە دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك .
كالتسىينى قانچە كۆپ تولۇقلىسا ، شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟ كۆپ قىسىم ياشانغانلار كالتسىينى قانچە كۆپ تولۇقلىسا ، سۈمۈرۈلۈشىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەمەس . نۇرغۇن ئامىللار كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە رولىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . مەسلەن ، ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چېكىش ياكى كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش ياكى ئۇزۇن مۇددەت كورتىزون تۈرىدىكى ھورمۇنلۇق دورىلارنى ئىچىش قاتارلىقلار كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە پايدىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ . بىماردا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ، ئۈچەي يولى كېسىلى بولسىمۇ كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى ياخشى بولمايدۇ . ھازىرقى تېببىي تەتقىقاتتا كالتسىي تولۇقلاش ئارقىلىق سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە سۆڭەك سۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى ئىلمىي ئەمەس ، كۆپ مىقداردا كالتسىي قوبۇل قىلىش بەدەنگە ، بولۇپمۇ ياشانغانلارغا زىيانلىق ، دەپ قارىلىدۇ . تەتقىقاتتا بايقىلىشچە ، كۆپ مىقداردا كالتسىي تولۇقلىغاندا بۆرەككە تاش چۈشۈش ، غەيرىي ئورۇن كالتسىيلىشىش ، سوققان تومۇر بوتقىسىمان قېتىشىش قاتارلىق كېسەللەر كېلىپ چىقىدۇ .
سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پەقەت كالتسىي تولۇقلاشلا كۇپايە قىلمايدۇ ، ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللاش ، مۇۋاپىق چېنىقىش ئارقىلىق سۆڭەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلاپ ، سۆڭەڭنىڭ زىچلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك . كالتسىي تولۇقلاشنى چوقۇم مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەقسەتلىك ، پىلانلىق ، قاراتمىلىق ھالدا ئېكىپ بېرىش كېرەك .
يېمەكلىك ئارقىلىق كەيپىياتنى تەڭشەش ئۇسۇللىرى مىجەزى چۈس ، كەيپىياتى نورمالسىز ، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشلەر كالتسىي بىلەن ۋىتامىن B تولۇقلاش ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك .
ئۇيقۇسى ناچار ، ئىچى تىتىلدايدىغان ، ئۇنتۇغاق كىشلەر تەركبىدە كالتسىي ، فوسفور مول بولغان سېرىق پۇرچاق، سۈت ، پالەك ، ئۈزۈم ، توخۇ گۆشى ، تۇخۇم ، بەرەڭگە قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك .
باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشتىن قورقىدىغان كىشلەر ئىشقارلىق ۋە تەركىبىدە كالتسىي مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى ، ھاراق ئىچمەسلىكى ، تاماكا چەكمەسلىكى كېرەك .
كۆپ گەپ قىلىدىغان كىشلەر بىرىكمە ۋىتامىن B ۋە ئورۇق گۆش ، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ، سۈتنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك .
سوغۇقتىن قورقىدىغان كىشلەر كۈندە ۋىتامىن B2 ، ۋىتامىن E دىن بىر تابلېتتىن يېيىشى كېرەك .
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
|
|
|
|
|
|