مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2680|ئىنكاس: 29

قۇرۇق گەپ سېتىۋېرەمدۇق ياكى ھەرىكەتكە ئۆتەمدۇق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84035
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3215
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-8-17
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 12:34:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                        قۇرۇق گەپ سېتىۋېرەمدۇق ياكى ھەرىكەتكە ئۆتەمدۇق؟
                                                     ئالپبەگ
  ھازىر مەيلى ئۈندىدار، QQ مۇڭداشقۇ ۋە QQ توپى، تور بېكەت ۋە بلوگلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق « ئۇيغۇر تىلىمىزنى قوغدايلى» دېگەندەك بىر قاتار شوئارلار باش كۆتۈرۈپ قالدى. بۇ شوئارلار كىشىلىرىمىزدە ھەرخىل ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. 2012-يىل ئاشۇنداق دەرگۇمان ئىچىرە ئۆتتىمۇ؟ ئۇنداق دېسەك تازا ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى مەشغۇلات سىستېمىچىلىقىدىكى ئىككى ئىمپېراتوردا( Windows8 ۋەلىنۇكس ئاساسىدىكى ئۇبۇننتۇ مەشغۇلات سىستېمىسى :ئۇيغۇر ئېكس←←→←←←→←↑★ Uyghurix) مۇكەممەل قولاشقا ئېرىشتى. مۇشۇنداق زور خۇشاللىق ئىچىرە بىزنىڭ ئانا تىلىمىز يوقاپ كېتەرمۇ؟ تىل دېگەن شۇنداق تېز يوقاپ كېتىدىغان نەرسىمۇ؟ بىز نېمىشقا بۇنداق ئىزتىراپلىق خىياللارنى جىق قىلغاننىڭ ئورنىغا نېمىشقا Windows8نىڭ ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋالمايمىز؟ Uyghurix پۈتۈنلەي ھەقسىز تۇرۇپ نېمىشقا قاچىلاپ ئىشلەتمەيمىز؟ ئەجىبا Uyghurix ،Windows8 لەر مىللەت سۆيەرلىرىمىزنىڭ ئىچى پۇشۇپ، قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي تەرجىمە قىلىپ، ۋە ئۆزگەرتىپ ئىشلەپ(Uyghurix بولسا لىنۇكس ئاساسىدىكى ئۇبۇنتۇنى ئىگە تەرەپنىڭ قوشۇلىشى بىلەن تۆت يىلدەك جاپالىق ئەم
گەك ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ ئۆزگەرتىلگەن ۋە تەرجىمە قىلىنغان ) چىقىرىپ قويغانمىدۇ؟
سىز ۋە بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى ئاشۇ جاپاكەش مىللەت سۆيەرلەرنىڭ تەرجىمە قىلغان مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى 248 يۈەن خەجلەپ سېتىۋېلىش،Uyghurixدەك ھەقسىزلىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش . بۇ ئاۋۋال سىزنىڭ «ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشتىكى كۈچلۈك قوللىشىڭىز، شۇنداقلا تەرجىمە خىزمەتلىرىگە قان - تەرىنى سېڭدۈرگەنلەرگە قىلغان ھۆرمىتىڭىز، قوللىششىڭىز!!! قۇرۇق گەپ قىلغاننىڭ پايدىسى يوق، ھەممىدىن ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلىگەنگە تەيمەيدۇ.
  ھېچكىمنىڭ مەيۈسلىنىشىگە ھەققى يوق! چۈنكى سىز ۋە بىزلەر يارىتىلغاندا باشقا ھەرقانداق مەۋجۇداتتىن ئەقىلىق ۋە كۈچلۈك قىلىنىپ يارىتىلغان.
  يەنە بىر نوقتا؛
  يازما ۋە ئىنكاسلارنى ئىملا قائىدىسىگە چۈشۈرۈپ يېزىپ، ئۇيغۇر تىلىنى ھۆرمەت قىلايلى!!! خەقنى سۆكۈپ تىللاۋەرمەي، ئاۋۋال ئۆزىمىزگىمۇ قاراپ قويايلى! ئۆزىڭىزنىڭ نەرسىسىنى ياخشى قوغدىماي باشقىلاردىن ئاغرىنسىڭىز پايدىسى يوق.
  قاتتىق كەتسىمۇ دەۋېرىمەن، ئايىماي يېزىۋېرىمەن !!! خېلى چوڭ ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ۋە مۇنبەرلىرىدە ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىغا ئېتىبار بەرمەيدىغان ئەھۋال بەك ئېغىر. ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن يازما ۋە ئىنكاس يوللاڭلار!!! ھېچبولمىغاندا كوررېكتور( ئىملا تەكشۈرگۈچ) دېتالى ئارقىلىق تەكشۈرۋەتكەندىن كېيىن يوللارڭلار... ھازىر نەرگە قارىسا « ئانا تىلنى قوغدايلى، ئۇيغۇر تىلىنى قوغدايلى» دېگەندەك شوئارلار ھەممە يەرنى بىر ئالغان. شۇ شوئارلارنىڭ ئىملاسىغا قارىسا ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بولىدىكەن كىشىنىڭ. ئۆز تىلىنىڭ ئىملاسىنى بىلمىگەن ئادەم قانداقمۇ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قالالىسۇن؟!!!
  ئىملاغا دىققەت قىلماسلىق ھەممىمىزگە ئادەت بولۇپ كەتكەن چېغىۋا. ھەتتاكى، مەندىن تارتىپ بەزىدە ئىملاغا دىققەت قىلالمايدىكەنمەن. لېكىن ئادەت بولۇپ قېلىپتۇ دەپ يامان ئادىتىمىزنى داۋام ئەيلەۋېرىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا «ئۇيغۇر تىلى»مىز باشقا ياتلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىز تەرىپىدىن، ئۆز قولىمىزدا يوق قىلىۋېتىمىز... شۇڭا شوئارنى گېلىمىز يىرتىلغۇچە قارا - قوياق توۋلاۋەرمەي، مۇشۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىلىرى، يۇمشاق دېتاللىرىدىنى سېتىۋالايلى!!! ئىملايىمىزنى توغرا ئىپادىلەيلى ۋە تۇرمۇشىمىزدىكى ئادەتتىكى بىر جۈملىدە بولسىمۇ ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەيلى!!! سىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا يات بىر تىلدا سۆزلەشسىڭىز ھېچكىم سىزنى ئەجەپ ئاۋۇ تىلنى ياخشى ئۆگىنىپتۇ، ئەجەپ شۇ خەقتەكلا سۆلىيەلەيدىكەن دەپ كۆككە كۆتۈرۋېتەلمەيدۇ، ھەم ئۇنداق قىلغاننىڭمۇ ھېچقانداق پايدىسىمۇ يوق. سىز ئۆزىڭىزنىڭ تىلىدىن تانغىنىڭىز: ئۆز ئاتا - ئانىڭىزدىن تانغىنىڭىزغا باراۋەردۇر. ئۇيغۇر تىلىڭىز سىزنى ئەللەيلىتىپ باققان ئاتا - ئانىڭىزغا ئوخشاش ئۇلۇغدۇر!!!
  گەپ تامام، ۋەسسالام.
  تۆۋەندىكى ئادرېسلارنى ئۇنتۇپ قالماڭ! يەنە دېسەم يەنە شۇ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئېغىزدىكى قۇرۇق گەپتىن مىڭ ئەلا. سېتىۋېلىڭ! چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ!

  Windows 8 نى سېتىۋېلىش (248 يۈەن) ۋە ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش:   http://www.alimahat.com/?p=2027
  Windows 8 مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار: http://www.alimahat.com
==================
  Ubuntu, UyghurIx نى چۈشۈرۈش : http://www.qutbeg.com/?p=1913
  قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش دەرسلىكى: http://www.qutbeg.com/ http://uyghurix.biz/
  ئاخىرىدا ھەممىڭىزلەرنىڭ 2013-يىلىڭلارغا قۇت بولسۇن! بۇ يېڭى يىلدا ئىشلىرىڭلارغا قۇت -ئامەت يار بولسۇن.

  ئەسكەرتىش: ھەرقانداق بلوگ ۋە مۇنبەرلەردە مەنبەنى ئەسكەرتكەن ئاساستا ھەمبەھىرلىسىڭىز تامامەن بولىدۇ.
                                              مەنبە: www.alpbeg.com


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11712
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8260 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 01:12:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ياخشى گەپ . نەدىن سېتىۋالىمىز ؟ تورداشلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىگە بېرىپ سېتىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس . جاي جايلاردا ۋاكالەتچىلەر بارمۇ ؟ 248 يۈەنگە ھازىر بىر ئۈستەل تاماقمۇ كەلمەيدۇ . ئاشۇنداق ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىدا بۇ پۇل نىمە ئىدى ؟ ئەرلەرنىڭ بىرەر ئايلىق تاماكا پۇلى  ، ئاياللارنىڭ بىرەر قۇر كىيىمىنىڭ پۇلى بۇ .

hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 01:15:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4860
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 01:37:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  98  يۇەنگە  سېتۋىلىش  سالاھىيتىگە  ئىرىشكەن ، پۇل  تۆلەيدىغان يىرىدە  قىسىلىپ قالدى بۇ ئىش  ، ئىناۋەتلىك كارتا مەندە يوق ،  پايپال  ھىساپ نۇمۇرنى تەستىقلىماپتۇ  ...كاساپەت

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

سىنى بىر كۆرسەمكەن《G》

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86836
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1300
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-11-5
ئاخىرقى: 2013-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 01:46:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم... بولسا شۇ سىسىتىمنىڭ سىتىۋىلىش ئىشىرىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز تور بانكىسى ئارقىلىق سىتىۋالامدۇق ياكى....

يېرىم جان،يېرىم روھ ،يېرىم يۈرەكتە،
يەنىلا بىر ساڭا تەشنا ھەر تىنىق.
سېنىڭسىز بۇ دۇنيا ئازاب دېڭىزى،
قۇتقۇزغىن سۆيگۈڭدىن ياساپ بىر قېيىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82479
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3051
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 02:00:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نى ھەقىقىي ئالماقچى بولغانلارغا مەن ئېلىشىپ بېرىۋاتقىلى خېلى ۋاقىت بولۇپ قالدى، مۇشۇ ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن خېلى كۆپ قېرىنداشلارغا ئېلىشىپ بەردىم، ھازىرغىچە 30 گە يېقىن قېرىندىشىمىزغا ياردەملىشىپ سېتىۋېلىشىپ بەردىم. ئەگە يەنە سېتىۋالالمىغانلار بولساڭلار مەن يەنىلا خالىسانە ياردەم قىلىمەن. بىز بۇ سېستىمىنى قانچە كوپ سېتىۋېلىپ ئىشلەتسەك، microsoft شىركىتىنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېرچىلىقىغا بولغان قوللىشى چۇقۇم ئاشىدۇ، شۇڭا كەڭ قېرىنداشلارنىڭ كۆپلەپ تەشۋىق قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. سېتىۋالالمىغانلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، ياردەم قىلىمەن. لېكىن ئۇنى بۇنى دەپ ئادەمنى ئاۋارە قىلماڭلار. qq:408137091 ، تېلېفون:13779767323. سېتىۋېلىش ئۇسۇلى:( P2 y' m; ?% A0 ?
1. ئالدى بىلەن مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، خەنزۇچە ئىسىم-فامىلىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىز، ئادىرسىڭىز ۋە EMAIL نى تەمىنلەپ بېرىسىز.
2. كارتامغا سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېتىدىغان 250 يۈەن خەلىق پۇلى سېلىپ بېرىسىز.# Q9 {8 {2 V4 O! j( x/ Q
3. پۇل سېلىپ بولغاندىن كېينلا ماڭا پۇل تاپشۇرغانلىقىڭىزنى ئۇقتۇرىسىز." K  W; J" [/ j5 R! n5 ]
4. 10 مىنۇت ئىچىدە microsoft شىركىتى تەمىنلىگەن ئاچقۇچ سىزنىڭ EMAIL غا بارىدۇ.
5. قاچىلاش ھۆججىتىنى مەن تەمىنلەپ بېرىمەن، 32 ياكى 64 بىتلىق بولسۇن، مەن تەمىنلەيمەن .خاتىرجەم بۇلۇڭلار قېرىنداشلار!
6. پەقەتلا ئۇيغۇر يېزىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوللانساق دېگەن مەقسەتتىلا ياردەم قىلىۋاتىمەن.: Z, h0 c% e8 J, J+ n7 B5 d' a: C
ياكى بولمىسا http://shop.edu.cn/ تورىدىن سېتىۋالساڭلارمۇ بۇلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت يەنىلا بۇ مەشخۇلات سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش./ E$ p: |& h. P4 [6 c/ p! W: S! y
باشقا ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز http://www.alimahat.com دىن ئىزدىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 756
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 11:58:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىڭلارنىڭ يىڭىى يىلغا مۇبارەك بولسۇن!

ياش ئىدۇق...بىر زامانلاردا~~~~~~~~~~~~!!!

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5768
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 12:00:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2013-1-1 01:15 AM
ئۇيغۇر تىلى  يوقۇلۇپ كەتمەيدۇ،  چۈنكى  مەن ئۇيغۇر، با ...

گىپىڭىزنىڭ تېگىگە يەتتىم

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81393
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4108
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 426 سائەت
تىزىم: 2012-6-11
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 12:10:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ھازىر قۇرۇق شوئار بەك كۆپىيىپ كېتىپ ئەمىلىي ھەركەت قىلغانلار ناھايىتى ئاز بولۇۋاتىدۇ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31727
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4254
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2011-2-25
ئاخىرقى: 2014-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 12:50:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق كىشلەر 280يۈەنللىك بىرۋاخ  تاماق يەيدىغاندۇ ؟
ۋىيەي

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش