مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3958|ئىنكاس: 42

مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88120
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3073
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 11:19:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟



كۆز ئاچالماي يۈرسەك بىز جۇت شىۋىرغان بوراندا،
ئىمانىڭنى سىتىپ يەپ ياتتىڭ ئىسسىق ئوراندا.
يامانلارغا يان بىسىش شەرەپمۇ يا قۇرئاندا،
جاۋاپ بەرگىن ئى موللام مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟.

ئايغا چىقسا بەزىلەر داڭ قىتىشىپ ياپىر دەپ ،
ياخشىلارنى تىللايسەن چەتكە قىقىپ كاپىر دەپ.
بۇلبۇللارنى ئۈركۈتتۇڭ تۇتالماستىن قاقىر دەپ،
جاۋاپ بەرگىن ئى موللام مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟.

پاكىز يۈرسە بۇ قىلىق كاپىرلارغا خاس دىدىڭ،
قاسماق كىيىم ياغ دوپپا مۇسۇلمانغا ماس دىدىڭ.
ئىلىم پەنگە جۈش ئۇرۇپ ياكى ئالغا باسمىدىڭ،
جاۋاپ بەرگىن ئى موللام مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟.


كۆرمەي تۇرۇپ بىراۋنى ئاڭلاپ مىڭنى قاغايسەن،
ئىسرائىلغا يان بىسىپ ئەرەپاتنى تىللايسەن.
بامداتتىن كىين گۇناھقا پىتىپ شام نامازغا يىغلايسەن.
جاۋاپ بەرگىن ئى موللام مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟.

مۇشۇ سۆزۇم جاۋاپتۇر

جىمى ئالقىش ھەقلىقتۇر ئالەملەرنىڭ رەببىگە،
بىزدىن سالام ئىھتىرام ،ئۇ ئىۋەتكەن ئەلچىگە.
سۇئال كەپتۇ دوسلاردىن ،جاۋاپ يازدۇق رەددىگە،
ياراپ قالسا جاۋابىم تەڭ بارايلى سەجدىگە.
سوراقلاپسىز موللامنى ئايىماپسىز ئازراقمۇ،
بىزمۇ سورساق ھەقلىققۇ زىيالىلار شۇنداقمۇ

چىن ئالىمنى رادىكال ئۇنسۇر ئاتاپ يەكلەشلە،
ئىشەكلەرگە تون يىپىپ ئىمام قىلىپ تىكلەشلە.
ئاندىن سۇئال قويۇشۇپ شىئىر يىزىپ ئەپلەشلە،
سېسىتىشقا ئىسلامنى قانچە پۇلغا گەپلەشلە.
ھەقىقەتنى بىسىشقا ئامال باركەن مۇنداقمۇ؟،
مۇشۇ سۆزۇم جاۋاپتۇر زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

بىلىمىڭ بار ۋە لىكىن ئىتقادىڭ دىتىڭ يوق،
كىملىكىڭ يوق ۋە ياكى تۇتاي دىسە سىپىڭ يوق.
جان بىقىشچۈن ئۈگەنگەچ بۈيۈك غايەڭ غىمىڭ يوق،
ھاراق ئىچسەڭ قاينايسەن يىشىلگەندە ئىسىڭ يوق.
ئىتقادسىز بىلىمدان ۋالاقلاركەن مۇنداقمۇ
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.


كۈندە بەش ۋاخ يۇيۇشنى داداڭغا بىز ئۈگەتكەن،
نەسىھەت قىپ ياخشىنى تىللاشنىمۇ تۈگەتكەن.
كاپىر دىيىش كاپىرنى دەل قۇرئاندا بار گەپكەن،
«خۇدۈكى بار سەكرەيدۇ» دىگەن ئەجەپ ھىكمەتكەن.
«چىدىمىساڭ ئۆلىۋال» دەل كىلەرمۇ مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

خانلىق مەدرىس تاقالدى ،سىنىڭ زۇلۇم جەۋرەڭدە،
ئىلىم بىلەن دىن قارشى بولۇپ قالدى دەۋرىڭدە.
دىندىن خەۋەر بەرمىگەچ ئەخلاق يوقتۇر نەۋرەڭدە،
بۇنىڭ ئۈچۈن كۆيەرسەن جەھەننەمدە قەۋرەڭدە.
كىم جاۋاپكار بۇنىڭغا سۇئالىم بار مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

ھىدايەتكە چاقىردۇق جۇت زۇلمەتكە پاتقاندا،
قۇسۇقلارغا مىلىنىپ ھاراق پۇراپ ياتقاندا.
ساتما دىدۇق ئىماننى مائاشقا پۇل قاتقاندا،
دۇشمەنلەرنى مەدھىيلەپ شائىر قوشاق قاتقاندا.
ئالعا دسەك مۇكۈنۈپ چىققان يىرىڭ قونداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

باشلىساڭلا ئەگەشتۇق دەپ زىيالى ئۇلۇقكەن،
قىنى پارلاق كەلگۇسى ماڭغان يولۇڭ تۇيۇقكەن،
ئىست ئاخماق بولۇپتۇق ،قەلبىڭ بەكمۇ قۇرۇقكەن.
سەنلەر بولغاچ باشلامچى ئەلنىڭ كۅڭلى سۇنۇقكەن.
ھۆرمەت قىلساق دەپسەندە قىلعان بارمۇ مۇنداقمۇ
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

مەدەنىيەت مائارىپ ژورنال سىنىڭ قولۇڭدا،
دينىمىزغا ئۆچ بولدۇق ،تەربىيلىنىپ ئۇنىڭدا،
كىملەر ئىدۇق كىم بولدۇق باشلاپ ماڭعان يولۇڭدا.
بوۋىلارنىڭ ھىكمىتى قالدى چەتتە بولۇڭدا.
كاللا يۇيۇپ ئۆزگەرتىش سەنلەر قۇرغان قىلتاقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

چىمەن دوپپا بەقسەم تون ساقال سۇمبات بىزلەردە،
ناۋائىدەك ئىزچىل بىز بۇغرا باسقان ئىزلەردە.
ئوخشىمايسىز ئۇيغۇرغا ساقال تۇرماس يۈزلەردە،
ئۇيغۇرغا خاس نە سۇلكەت سالاپەت بار سىزلەردە.
ۋارىس ئەمەس ئۇيغۇرغا ياتقا ھاممال يانداقمۇ،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

سەن ئۆگەتكەن تەلىمات ئىبلىسقا بەك ئوحشايدۇ،
قىزلىرىڭدىن دىن ئەمەس ،ۅەر بىر ۋىجدان قاقشايدۇ،
پەقەت جىنسى سۅيگۉدىن قانداق كۅڭۇل ياشنايدۇ،
ھالال نىكاھ سۆيگۈنى قاچان بوعۇپ تاشلايدۇ،
چاتاق چىقسا ھامىلە تاشلايدىعان قاسراقمۇ،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.


پاھىشىنى تانسىنى مەدەنىيەت دىيىشتىڭ،
ھاراق ئىچىپ مەلىنى باشلىرىڭغا كىيىشتىڭ.
مەسۇملارنى تەربىيلەپ ئىشتان كەيمەس قىلىشتىڭ.
پۇل تىپشىقا قىزلارنى مەبلەغ قىلىپ سىلىشتىڭ.
خوتۇنلارنى كۆنلىسەك بىز ياۋايى ئاخماقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.


موللام قىزى نازۇگۇم قاچقان ئامبال سولۇندىن،
سەن ئوقۇتقان داشۆسىڭ قاچماس ماڭنۇر مولۇندىن.
بۈگۈن جۆيلۇپ قوپۇپسەن ئىت قوپقاندەك كولۇڭدىن،
ئىززەت ھۆرمەت شان شەرەپ قايسى ئىدى بۇرۇندىن.
«ئوغرى تۇرۇپ ئوغرى دەپ ,توۋلاش» باركەن مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

دۇنيادا ھىچ مۇسۇلمان ئىسرائىلغا يان باسماس،
تۆھمەت قىلساڭ بىلىپ قىل يالغان گىپىڭ چاك باسماس،
ئەرەپات ۋە خاماستىن بىر گەپ بىلەن تاڭ ئاتماس.
بىلمىسەڭ گەر سۆزلىمە ،بولىۋالغىن خۇپسەن گاس.
تەۋبە قىلسام نە يامان ، ساراڭ باركەن مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

ئايغا چىققان خەۋەرنى سەن بىلەن تەڭ ئاڭلىدۇق،
خۇدا بەرگەن قۇدرەت دەپ باشمالتاقتا داڭلىدۇق،
سەن باشلىغان قايسى ھەق توغرا يولغا ماڭمىدۇق،
سەندىن قاچان توغرا گەپ توغرا نىشان ئاڭلىدۇق.
ئىتقادتىن ۋاز كەچسەم شۇندىلا بىز ئورتاقمۇ،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

مەنغۇ ئايعا چىقمىدىم ، سەنمۇ چىقىپ باقمىدىڭ،
بىزلەردىغۇ مەكتەپ يوق ،سەن بولساڭمۇ ئاقمىدىڭ.
بىزغۇ دىننى قوغدىدۇق، سەن قەيەردە چاقنىدىڭ؟،
كاللىسى يوق ماڭقۇرۇت ،سەن شۇنچىلا پاكمىدىڭ.
ئۆز قەۋمىگە ئىت بولۇپ قاۋايدىكەن مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.



ئەمەس بولساڭ ھاراملىق ،چوقۇم ئاناڭ نىكاھلىق،
نەسلىڭ ھالال بولغاندۇ موللام بەرگەچ گۇۋاھلىق.
ئەزەن چىللاپ قويغاچقا ئىسمىڭ شۇنداق جۇلالىق،
قاچان بولۇپ قالغاندۇر موللام ساڭا گۇناھلىق.
ئەيت دۇنيادا تۇزكورلۇق قىلىغان بارمۇ مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.


بىل خۇدالىق ئالەم بۇ ھەددىڭدىن بەك ئاشمىغىن،
ئۆز قەۋمىڭگە دوستۇڭغا سەن يۇنداڭنى چاچمىغىن.
مەن سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ،كەل مىنىڭدىن قاچىمىغىن،
نەسىھەت بۇ چىندىلدىن،ئۆز دىينىڭنى باسمىغىن.
ئۈگىنىپ باق دىينىڭنى پەن بىلەن دىن ئورتاقمۇ؟،
ئۇيغۇر ئۈچۈن جۈپ قانات بىز بولايلى شۇنداقمۇ؟.

مەنبە:

مەنبە :ساقىيە تورى
ئۇستىدىكى شىئر ئاپتۇر نامەلۇم ،ئاستىدىكى ئاپتۇر :چىندىل


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
erxat11 + 10
benladin + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
meptun + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
nurmuhammat + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 710   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7346
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1506 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 12:18:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن جايىدا يېزىلغان شېئىر..

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85702
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 502
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2014-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 12:41:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم !!1

ھەي ئۇيغۇرۇم ئىچىم ئاچچىق،.....لىكىن تانمايمەن سەندىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85702
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 502
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2014-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 12:41:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم !!1

ھەي ئۇيغۇرۇم ئىچىم ئاچچىق،.....لىكىن تانمايمەن سەندىن.
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 12:46:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11244
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 12:53:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈستىدىكىسى  ئۇ  قايسى  نامەرتنىڭ  يازغان نىمىسىكىنا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 10:56:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akilsiz يوللىغان ۋاقتى  2013-1-1 12:53 AM
ئۈستىدىكىسى  ئۇ  قايسى  نامەرتنىڭ  يازغان نىمىسىكىنا

دەل جايدا يىزىلغان شئىربوپتۇ ؟ ھازىرىقى موللاملار دەل ئاشۇنداق ، ئۆزنىڭ قولدىن پوق كەلمەيدۇ ،خەقنى ياراتمايدۇ،

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47175
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4659
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 3955 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 11:35:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
diyarm يوللىغان ۋاقتى  2013-1-1 10:56 AM
دەل جايدا يىزىلغان شئىربوپتۇ ؟ ھازىرىقى موللاملار دە ...


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89292
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1991
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 11:55:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gorki يوللىغان ۋاقتى  2013-1-1 11:35 AM

مىنىڭچە بۇ شئردا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان كۆز قاراش قىسمەن كۆز قاراش ،خالاس.نۇرغۇن ئىماملىرىرىمىز بار،بىز ئۈچۈن نۇرلۇق ماياك ئورنىدا يول كۆرسىتىپ بىرىۋاتقان،نۇرغۇن زىيالىيلار بار ،ئۆزىنىڭ كەسپىدە توغرا يول تېپىپ مېڭىپ ،ھەر قايسى جەھەتلەردىن دۇنيا خەلىقىنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشىۋاتقان.شۇڭا نۇقۇل موللام ئۇنداق،زىيالي بۇنداق دىيىش دۇرۇس ئەمەس..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88120
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3073
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 12:00:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
diyarm يوللىغان ۋاقتى  2013-1-1 10:56 AM
دەل جايدا يىزىلغان شئىربوپتۇ ؟ ھازىرىقى موللاملار دە ...

توۋا ، مۇللىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداقما ؟؟  ئاسىدىكى جاۋاپ مۇ  ناھايتى  دەل جايىدا يىزىلغانغۇ ، شەرەپلىك زىيالى يولداش ......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش