ئاپتورى: چىندىل
بىزنى كىم دەپ سورساڭلار بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى بىز
تارىخ يۈكى كۆتۈرگەن ئەزىزلەرنىڭ سەۋرىسى بىز
ۋاراقلاڭلار تارىخنى قەھرىماننىڭ ھەممىسى بىز
ئادالەتنىڭ ھامىيسى زالىملارنىڭ قەۋرىسى بىز
مىللەت روھى سۇنغاندا خۇتبىلەردە روھ بەرگەن
چىرىكلەشكەن تۇرمۇشقا ئىيمان بىلەن زوق بەرگەن
چۈشكۈنلەشكەن دىللارغا جەننەتتىن ئوزۇق بەرگەن
روھىيەتنىڭ ھامىيسى بەخىت ئىقبال ئەلچىسى بىز
دەۋزەخ بىلەن قورقۇتتۇق يامان يولدا ماڭغاننى
ھاراق ئىچكەن بەڭ چەككەن كاززاپ ئوغرى يالغاننى
مۇھەببەت دەپ قىزلارنى ئالداپ پايخان قىلغاننى
ھارام شاخنى قىرقىشتا باغۋەنلەرنىڭ قايچىسى بىز
يۈسۈپ بىلەن مەھمۇدلار ئارىمىزدىن يىتىلگەن
ئابدۇقادىر تەۋفىقلەر بىزدىن سەپكە قىتىلگەن
قەۋمىمىزنىڭ تارىخى بىز ئارقىلىق پۈتۈلگەن
بىلسەڭ ئاشۇ تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى ۋارىسى بىز
مىڭ يىللارچە ئىزچىل بىز بۇغرا باسقان سەپەردە
ناۋائى ھەم تەجەللى موللا سادىق بىر گەۋدە
ئەقىدىنى قوغىدىدۇق جان قالسىمۇ خەتەردە
دولقۇنلاردا ئاققاندا خەلقىمىزنىڭ سالچىسى بىز
قۇچۇ بىلەن ئۇدۇننى بىرلەشتۇرۇپ چوڭايدۇق
ئەلنى قىلدۇق قىرىنداش مۇھەببەتتە سۇغاردۇق
نۇرغۇن ئاۋام ئۇلۇسنى ئۇيغۇر قىلىپ يۇغاردۇق
دىسەڭ ئۇيغۇر بىر كەشتە ئۇنى تىككەن كەشتىچى بىز
دىسەڭ ئۇيغۇر پاكىز ئەل ،پاكلىق دىينى مىزاندۇر
دىسەڭ ئەگەر ئەخلاقلىق يىتەكچىسى قۇرئاندۇر
ھەر بىر شەرئى چەكلىمە ئەلنى قوغدار قورغاندۇر
پۈتلىكاشاڭ دىمەڭلار شەرمۇ ھايا ساقچىسى بىز
مىللى روھنى ئىزلەڭلار ئىماملارنىڭ خۇتبىسىدىن
مىللى كىيم ئىزلەڭلەر نامازخاننىڭ دوپپىسىدىن
مىللى غۇرۇر ئىزلەڭلار مۇسۇلماننىڭ تۇرمۇشىدىن
دىسە ئۇيغۇر بىر ئادەم دەل بىز ئۇنىڭ گەۋدىسى بىز
مۇئمىنلىكنىڭ شەرتى ئۇ ئەلگە كۆيمەي بولمايدۇ
ئەقىدىسىز ئىنسانلار ئەل ۋەتەننى سۆيمەيدۇ
چندىلىدىن سۆيمىگەن ئالا جوقا سۆزلەيدۇ
بىز مۇسۇلمان دەل شۇنداق خەلقىمىزنىڭ جارچىسى بىز
2012/10/1
مەنبە :ساقىيە تورى