مىسرانىم،مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە:
ئانا تىلىم- ئانام بەرگەن تىل
ئوسمانجان مۇھەممەد ئورخۇن ئوغلى
ئانا تىلى مۈرىۋەتلىك تىل،
زەپەر ھەمراھ ھۆرمەتلىك تىل.
ساتقىنلارغا سايىسىز قوياش،
ھەقدار ئۈچۈن قىيامەتلىك تىل.
بالاغەتنىڭ جىلۋىسى سەندە
پاساھەتنىڭ قىبلىسى سەندە.
ئەجداتلارنىڭ گۈل ئىزى سەندە،
كۆيگەنلەرگە ھالاۋەتلىك تىل.
ئۇيغۇر تىلى ئانام بەرگەن تىل،
ئەلمىساقتىن خىزىر بەرگەن تىل.
مىنى كۆككە كۆتىرىدىغان تىل،
قەددىم ئۈچۈن جاسارەتلىك تىل.
ئانا تىلىم پاساھەتلىك تىل،
ئەجداتلاردىن ئامانەتلىك تىل.
قوياش بولغان زامان كۆكىدە،
ئەۋلاتلارغا ئامانەتلىك تىل.
ئەبجەش قىلدى سىنى تالايلار،
شۇڭا دۈشمەن دېدى گادايلار.
روھىمىزدىن باسسا قۇرايلار ،
نىچۈن دەيمىز ھاقارەتلىك تىل.
قەددىڭ سىنىڭ پۈكۈلمەس ھەرگىز،
قەلىبلەرگە ئاقتۇرۇپ ئەگىز .
ساڭا شەيدا مىليۇن ئوغۇل-قىز ،
قەددىمىزگە جاسارەتلىك تىل .
ئۆتمۈش دېدى جاراھەتلىك تىل،
تۇرساڭ تۈركۈم جامائەتلىك تىل.
قىزىل گۈلدەك ماتامەتلىك تىل،
ئازغۇنلارغا پاراسەتلىك تىل.
مەغرىپتىمۇ قاياشىمىز بار،
خەندانىمىز،كۆز ياشىمىز بار.
زۇلمەتلەردە قوياشىمىز بار ،
ئالەملەردە ھارارەتلىك تىل.
يىلتىزىڭ ئۇ، تەكلىماكاندا،
ياشناپ كەلدىڭ ھەر زامانلاردا.
بىرلا ئۇيغۇر قالسا جاھاندا ،
ئۆچمەيدىغان ھارارەتلىك تىل.
يىلتىزىڭ بار ئانا ۋەتەندە،
ئۇلۇغلۇقنىڭ چەشمىسى سەندە.
جاراڭلايسەن ماكان –ماكاندا،
ئەمەستۇرسەن جاراھەتلىك تىل.
سەن تونۇتتۇڭ ماڭا ئەغيارنى ،
ھەمراھ قىلدىڭ جەڭگاھتا تۇلپارنى.
زىمىستاندا تەڭلەپ باھارنى ،
يالقۇن كەبى ھارارەتلىك تىل.
تاشلاپ كەتسە سەن تاشلىمايسەن،
ھالاكەتنى باغاشلىمايسەن .
ئۇلغۇيسەن ياۋاشلىمايسەن ،
توققۇزۇڭ تەل كامالەتلىك تىل.
سىنىڭ ئۈچۈن جان بەرگەنلەر كۆپ،
ۋۇجۇدۇڭغا قان بەرگەنلەر كۆپ.
كەلدۇق دىلغا مىڭ ئارمان پۈكۈپ،
سىنى سۆيۈپ قىيامەتلىك تىل .
شەھرى قەشقەر ئوسمانجان مۇھەممەد ئورخۇن ئوغلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا orhunogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-31 09:03 PM