خىزمەتچىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلدە بۇلۇش بايانىدا
يۈسۈپ خاس ھاجىپ
يەنە ياخشى تۇتقىن بۇ خىزمەتچىنى،
يىمەك ئىچكۈ بەر ،پۇيۇن قىل ئەڭنىنى.
كۈچىگە مۇناسىپ يۈكلە سەن يۇكىن،
سىنىڭدىن سورايدۇ خۇدا ھىساۋىن.
تۇلا ئارتۇق ئەمگەك يۈكلىمە ئاڭا،
غەزەپ قىلغۇسى ھەق بۇنىڭلە ساڭا .
ئۇلارمۇ تامامەن خۇدانىڭ قۇلى،
زۇلۇم ئەيلەپ ئاچما جەھەننەم يۇلى .
ئۇلۇغسەن ئۇلار بولدى سەندىن كىچىك،
كىچىككە ئۇلۇغلار رېھىم ئەتكۈلۈك.
ئۇلۇغ بولدۇڭ ئەرسە كىچىك تۇت كوڭۈل،
ئۇلۇغقا كىچىكلىك ياراشۇر ،ئۇغۇل.
ئەقىللىق نىمە دەر ساڭا،ئاڭلىغىل،
ئى دانا بۇ سۆزگە ئەمەل ئەيلىگىل؛
بەگ ئولساڭ ۋە ياكى خەلىققە ئۇلۇغ،
ئوزىڭنى مۇلايىم،كىچىك تۇتقۇلۇق.
ئۈزۈڭنى ئۇنۇتما،ھەق يولدىن ئازما،
كىلەر بەخىت يولغا سەن سالما تۇسۇق.
ئويۇڭ-مۈلكۈڭنى پاك-ئېرىغ تۇت ھامان،
ئايا مەرت،كىلەر بەختساڭا ھەر زامان.
ئېشىڭ،تۇز نېنىڭ ۋە چېيىڭ كەڭرى قىل،
ئېتىڭ ياخشى بۇلۇپ،بەختىڭ كىلەر بىل.
كىرىمگە يارىشا چىقىم ئەيلىگىل،
چىقىم بولسا ،دەرھال كىرىم يولىن قىل.
ئېلىمغا- بىرىمگە يۇمشاق ياخشى بول،
بۇلۇر ھەر زامانكىم ،ساڭا ئۇچۇق يول.
قۇلۇڭ قىسقا بۇلۇپ قالسا بىر ۋاقىت ،
زارلانما كىشىگە ،ئەي باتۇر يىگىت .
ئۇنى دوست ئاڭلىسا قۇلۇڭ تۇتمىغاي،
ساڭا دوسىت ئەمەسلەر كۈلۈپ تىنمىغاي.
كورەر خان سىنى دوست ،قولداش يا قاياش،
ئۇنىڭ ئاغرىغىدىن بۇلۇر دىىلىڭ غەش.
كىشى ياخشىسىغا قۇشۇل ھەم قېتىل،
كىشى بول،كىشلەر ئارا سەن تىرىل.
قۇشۇپ مال بىراۋغا سەن بولما شىرىك ،
قىزىل رەڭگىڭ بۇلۇر پۇشماندا سېرىق .
ئويۇڭنى يېقىن سالما چوڭ يولغا سەن،
ئۇنىڭدىن ھەزەر قىل،زەرەر كورسەن.
تاشار دەريا يا بەگنىڭ بولما ىوشنىسى،
يېقىن تۇرما ھىسارغا ئەقىل ئىگىسى.
بۇ ئۇچ خوشنالىقتىن ساڭا پايدا يوق،
زىيان تەگسە ئۇنى تۇسار چارە يوق.
ئۆي ئالماق تىلەسەڭ، خوشنىغا قارا،
يەر ئالماق تىلەسەڭ ،سۈينى ئارا.
يامانغا قۇشۇلماي ئامانلىقتا تۇر ،
بۇلۇپ تۇز خۇلۇقلۇق، ئاغماققا يۈگۈر.
قانائەت قىل بارغا ،بەگ ئاتىنى ئال،
قۇيۇپ ئەندىشىنى،ياشا سەن خۇشال.
ئۈلۈمنى ئۇنۇتما ،ئويغاق تۇت ئۈزۈڭ،
ئىگەڭنى ئۇنۇتما،ئېچىلغاي كۈزۈڭ .
سوزىڭنى قىل ئويلاپ ،غېمىڭ ئاشمىغاي،
زايا قىلما ۋاختىڭ ،پۇشمان بولمىغاي.
غۇرۇرلانما ئارتۇق ،لاۋزا بۇلۇرسەن ،
بىخىل بولما ئارتۇق،تىلگە قالۇرسەن.
مۇلايىم كۆڭۈل ئەر ،ئىشىت نىمە دەر،
كىشىلىكىنى قىلغىن ،كىشلىك قەدەر.
ئۈزۈڭ ياخشى ئاتلىق بۇلاي مەن دىسەڭ ،
سىخيلىق قىلىشقا تىرىش تۈرۈپ يەڭ.
قىلاي قۇل دىسەڭ ھور كىشىنى ئۈزۈڭ،
سىخىي بول تاراتقىن مىلىڭنى ئۈزۈڭ.
بېشىم كوككە يەتسۇن دىسەڭ،سەن تۇرۇپ،
بىلىملە ئۇرۇنلا ھەر ئىشنى كۈرۈپ .
جاھانغا يېيىلسۇن دىسەڭ سەن ئېتىڭ ،
مۇساپىرنى كۈتكىن، تارار شۆھرىتىڭ،
ھۇزۇرنىڭ ئىچىدە بۇلاي مەن دىسەڭ ،
غەپلەتىنى تاشلا ،ئەي مۇلايىم،ئۈزۈڭ.
ئەگەر مەخسەت ئېرۇر ھەققە ئىبادەت ،
ئىشىك ياپ ،بۇ نەپسىگە بەرمە سەن مەدەت .
دىسەڭ ياخشىلىققا ئالاي مەن يىتىپ،
بۇ نەپسىنى قىسىپ تۇت ھەۋەسنى بېسىپ.
نە ياخشى دىمىشتۇر تەقۋا تۇتقۇچى،
ئەمەل قىل بۇنىڭغا، ئي تەۋرەپ تۇرغۇچى.
بۇ نەپسىنىڭ بەرمە سەن ،تىلەك ئارزۇسىن،
تىلەك تاپسا يەيدۇ ئىگەسى بېشىن.
ئاڭا ياخشى قىلسا يامانلىق قىلۇر،
يامانلىق قىلسا ئۇ بۇيۇن ئىگۇر.
قۇتادغۇ بىلىگ
4564~4527