مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 969|ئىنكاس: 20

ھەي رېستۇران.. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89169
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2013-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 02:44:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىستۇراندا(پەرىشتە)

بىز ئىشخانىدىكى خىزمەتداشلار يىڭى يىلنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن رىستۇرانغا كىرمەكچى بولدۇق.
رىستۇراندا بىر-ئىككى ئۈستەلدە مىھمانلار ئولتۇراتتى.بىز كىرىپ ئورۇنلىشىپ،قورۇمىلارنى بۇيرۇتۇپ تۇراتتۇق،17-18 ياشلار ئەتراپىدىكى بىرتوپ ئوقۇغۇچىلار كىرىپ كىلىشتى.ئۇلار بىر-بىرىدىن چىرايلىق كىيىنىشكەن،بىر-بىرىدىن ئوماق بولۇپ بۇلارنى كۆرۈپ مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم.
ئۇلار تەخمىنەن 50 ئەتراپىدا بولسا كىرەك،5ئۈستەلگە ئورۇنلاشتى.چىچىنى ئىگىز قىلىپ بىشىنىڭ چوققىسىغا تۈرمەكلىۋالغان قىزدىن سورۇدۇم:«سىڭلىم قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسىلەر؟».«تىببى مەكتەپ».جاۋاپ بەردى قىز ،ئارقىدىنلا يۇقۇرى ئاۋازدا چاقىردى:«بەنجاڭ!»،«ھە!».جاۋاپ بەرگىنى ئورۇق، ئىگىز بويلۇق بىر يىگىت ئىكەن.سىنىپ باشلىقى بولسا كىرەك،ئانا تىلىمىزدا چاقىرسىچۇ.«ھەي 50 يۈەندىن يىغساق يىتەرمۇ؟»،«خاتىرجەم بول يەتمىسە يەنە يىغىمىز».بۇلارنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمدە ئويلىدىم.«بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرنىڭ ئاتا-ئانىسى يىراق ناھىيە،چەت يىزىلاردىدۇر بەلكىم.بىچارە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يىزا بازىرىغا بىرىپ ياغ،تۇز،يەنە بىر نەچچە تال شام ئېلىپ ئاشقان 5 يۈەن پۇلىغا ،چىرايلىق ئېشىلىپ،قىزارتىپ پىشۇرۇلغان ماخۇ ئېلىپ يىيىشكە كۆزى قىيماي، مۇشۇ بالىلىرىغا ئەۋەتىشنى ئويلاپ قويۇن يانچۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە تىقىپ ساقلاپ،قىززىق ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ماخۇغا يېنىش-يېنىشلاپ قاراپ ئاخىرى ئاغزىغا كەلگەن سېرىق سۇنى غۇرتتىدە يۈتۈۋىتىپ بازاردىن يېىنىپ كەلگەن ئاتا-ئانىلىرىنىڭ،ئەشۇنداق مىڭ بىر جاپادا يىغىپ ئەۋەتكەن پۇللىرىنى مۇشۇنداق بۇزۇپ-چېچېىشقا ئىسراپ قىلىۋاتقان ماۋۇ بالىلارغا قارايۈرىگىم ئېچىشىپ كەتتى.توغرا بىزمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا يىڭى يىلنى تەبرىكلەيتتۇق.بىراق مۇنداق ئەمەس ئىدى.
بىز سىنىپىمىزنىڭ چىراقلىرىغا ھەرخىل رەڭگا-رەڭ ،پار-پۇر قەغەزلەرنى ئاساتتۇق،دوسكىغا چىرايلىق قىلىپ ھۆسنىخەت نۇسقىسىدا «يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!»دېگەن خەتنى يازاتتۇق.ئاندىن مىھمانلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن،5 يۈەندىن يىغقان پۇللىرىمىزغا گازىر-پۇرچاق،كەمپۈتلەرنى ئېلىپ شىرەيىمىزدىكى گىزىت ئۈستىگە بىر ئوچۇم،بىر ئوچۇمدىن تىزاتتۇق.ئاندىن شۇ گازىر-پۇرچاقلارنى چاققاچ سىنىپ مۇدىرىمىزنىڭ يىتەكچىلىكىدە ھەر خىل پائالىيەت ئېلىپ باراتتۇق،ناخشا ئېيتالايدىغانلارنىڭ موزىكىسىزمۇ شۇنداق يېقىملىق ئېيتقان ناخشىلىرىغا جۆر بولساق،چاۋاك ۋە ناخشىغا ئوينالغان لەرزان ئۇسۇللارغا ھەمدەم بولاتتۇق.ھەتتا ناخشىمۇ ئېيتالمايدىغان،ئۇسسۇلمۇ ئوينىيالمايدىغانلارنىڭ «يۇمۇر ئېيتىپ بىرەيچۇ»دەپلا ئېيتقان يۇمۇرلىرىنىڭ قىززىقلىقىدىن تولا كۈلۈپ قورسىقىمىزنى تۇتقىنىمىزچە شىرە ئاستىدا دۇمىلاپ كېتەتتۇق...» شىرىن ئەسلىمىلىرىمنى ئۈزۈپ،رىستۇراننىڭ ناخشا-موزىكا مۇلازىمەتچىسى قىزنىڭ ئاۋازى ياڭرىدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رىستۇرانىمىزغا قەدەم-تەشرىپ قىلغان بارىلىق ئەزىز مىھمانلار يېڭى يىلىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن!
-ھۇررا!
تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلگەن بۇ ئاۋازدىن ھەممىمىز چۆچۈپ ئۇلارغا قارىدۇق.ھېلىقى ئوقۇغۇچىلار قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈشۈپ توۋلىشىۋاتقان ئىكەن.چېچىنى چوققىسىغا تۇرمەكلىۋالغان ھېلىقى قىز تېخى ماڭا «قانداق؟» دېگەندەك مەغرۇر قاراپ تۇراتتى.
يېنىمدىكى ئۈستەلدىكىلەر بولسا ياقىسىنى تۇتۇشۇپ «توۋا» دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى.
ۋاي!،ئەسلى ئىش ئەمدىكەن تېخى.
ناخشىچى قىزنىڭ «ئەزىز مىھمانلار بۈگۈنكى ئولتۇرشىڭىزلارنىڭ كۆڭۈللۈك باشلىنىشى ئۈچۈن قېنى بىر مەيدان ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلغا مەرھەممەت!»دېگەن سۆزى بىلەن تەڭلا،خۇددى نەچچە كۈن ئاچ قالغان بىرتوپ قوي پادىسى ئۆزىنى ئوتلاققا ئاتقاندەك،بۇ سىتۇدىنتلىرىمىزمۇ گۈررىدە سەھنىگە ئۆزلىرىنى ئېتىشتى.
ئۇسسۇل سەھنىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار خۇددى بىر توپ قۇرۇت مىغىلدىغاندەك رىتىملىق ھالدا لۆمۈلدەيتتى.
ماۋۇ بىزنىڭ «بەنجاڭغۇ!».ئۇ ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ جايىدىن قىمىر قىلماي،بەدىنىنىڭ ئۈستىنى بولسا ھېلى ئالدى-كەينىگە، ھېلى ئوڭ-سولغا تولغاپ قوللىرىنى چاق چۆرگىلەتكەندەك پىقىرتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ  ئوينىغان ئۇسسۇلى ئادەمگە «يىلان قىزنى» ئەسلىتەتتى.ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىز بولسا ئىككى قولىنى بىردەم كۆكسى ئۇدۇلىدا جۈپلىسە بىردەم ئىككى تەرەپكە ئاچاتتى،پۇتلىرىنى بولسا موزىكا رىتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ يەرگە چېكىت ئۇراتتى.
ۋۇي!،بىر كىلىشكەن يىگىت ئۇسسۇل ئوينىماستىن زور ئىشتىياق بىلەن چاۋاك چېلىپ كىلىپ قالدىغۇ! بۇرتى ئەمدىلا خەت تارتقان،ماڭلاي چاچلىرى پىشانىسىگە چۈشۈپ تۇرغان،ئاق پىشماق بۇ يىگىت توختىماي چاۋاك چېلىپ خۇددى بىر ئىككى بىرگە ماڭغاندەك كېتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ بىلەن ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىز بولسا، ۋاي-ۋۇي! ئۇسسۇل دېگەننى مۇنداق ئوينىسا.قاش-كۆز دېگەننى ئوينىتىپ،قاس دېگەننى چىقىرىپ،يىگىتكە قاراپ جىلۋە قىلىپ ئويناۋاتاتتى.ھە!،ئەسلىدە ئاۋۇ يىگىت بۇقىزنىڭ نازۇ-كىرەشمىللىرىگە قاراپ ئۇسسۇل ئويناشتىنمۇ ۋاز كېچىپ چاۋاكلا چېلىپ مېڭىپتىكەن-دە! ئەمدىلا 17-18 ياشقا كىرگەن بۇقىز نەلەردە يۈرۈپ مۇنداق تاتلىق نازلىنىشلارنى ئۈگۈنىۋالغاندۇ-ھە!
ئوھھوي! بۇنىڭغا نېمە دەيمىز ئەمدى؟ھېلىقى چېچىنى ئىگىز تۈرمەكلىۋالغان قىز ئوڭ قولىنى ئالدىغا بىر چىقىرىپ چۈشۈرۈپ،ئاندىن سول قولىنى ئالدىغا بىر چىقىرىپ چۈشۈرۈپ،ئاخىرىدا ھەر ئىككى قولىنى خۇددى تەسلىم بولغاندەك تەڭلا كۆتۈرۈپ،يىلاندەك بىرلا تولغۇنۇپ پەسكە چۈشۈرۈپ ئارقىدىن يەنە مۇشۇ خىل ھەركەتنى تەكرارلاپ «ئۇسسۇل» ئويناۋاتاتتى.ئالدىدىكى قىز بولسا قوللىرىنى خۇددى دۇئا قىلغاندەك كۆكرىكى ئۇدۇلىغا جۈپلىسە،بىردەم قوللىرىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ قۇلاقلىرى ئاستىدىن ئىڭەكلىرىنى سىلايتتى.
توۋا بۇلار نېمە قىلۋاتقاندۇ؟ بايا ناخشىچى قىز «ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلغا مەرھەممەت» دېگەن ئىدى بولمىسا.يا بۇلار خاتا ئاڭلىۋالغانمىدۇ؟
كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم.بابۇر قۇلاقچا كىيىۋالغان بودەككىنە بىر «يىگىت»ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلنى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن شۇنداق چىرايلىق  ئويناۋاتاتتىكى،بۇنى كۆرۈپ چۆلدە كىتىۋاتقان ئادەم سۇ تېپىۋالغاندەكلا خۇشال بولۇپ كەتتىم.بويى پاكارغىنە كەلگەن،سىمىز بۇ كىشى ئۆزى يالغۇز ئويناۋاتقان بولسا كىرەك،كۆزلىرىنى مەھكەم يۇمۇپ، پۈتۈن بەدىنى موزىكىغا ماسلاشتۇرۇپ لىغىلدىتىپ شۇنداق شوخ ئويناۋاتاتتى.
خىزمەتداشلىرىمنىڭ «ھەي،ھەي قاراڭلار!» دېگەن ئاۋازى بىلەن بۇرۇلۇپ قارىسام بىر جۈپ يىگىت شۇنداق چىرايلىق ئۇسسۇل ئويناۋىتىپتۇ.ئۇلار بىر-بىرىگە بېقىشىپ،مۈرىلىرىنى ئېتىشىپ،سەنەم تارتىشىپ ھەقىقى ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ئويناۋاتاتتى.«ئۇھ!»ئەمدى يۈرۈگۈم جايىغا چۈشتى.ھەر نېمە بولسا ئۇيغۇر ئۇسسۇلى تېخى يوقاپ كەتمەپتۇ.
شۇ ئارىدا موزىكا ئاخىرلىشىپ ھېلىقى بىر جۈپ يىگىت ۋە بودەك كىشى كىلىپ يېنىمىزدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرۇشتى.بۇلارنىڭ پاراڭلىرىدىن قارىغاندا مەلۇم بىر يىزا مەكتىۋىنىڭ ئوقۇتقۇچىللىرى بولسا كىرەك، ئۇلارمۇ ھېلىقى «مودا»ئۇسۇلچىلار توغرىسىدا قاخشاۋاتاتتى.
«تۆۋەندە ئەزىز مىھمانلىرىمىزنى بىر مەيدان ۋالىسقا تەكلىپ قىلىمىز!» .
ئاھ!،ۋالىس موزىكىسى.لەرزان موزىكىنى تىڭشىغاچ يەنە سىتۇدىنتلىرىمىزنى كۈزىتىشكە باشلىدىم.
مېنىڭ بىلىشىمچە تانسا بىر قىز(ئايال) بىلەن بىر ئوغۇل (ئەر) ئوينايدىغان،يىگىت قىزنىڭ بىلىدىن تۇتىدىغان،قىز بولسا يىگىتنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ يەنە بىر قولىنى ئۆز-ئارا جۈپلەشتۈرۈپ ئوينايدىغان، چەتئەلدە ئىجات قىلىنغان بىرخىل ئۇسسۇل تۈرى ئىدى. بىراق ماۋۇ ئىككى قىز بىر-بىرىنىڭ بەللىرىدىن مەھكەم تۇتۇپ،ئۆز-ئارا ئۇچراشقان بىر جۈپ قوللىرىنى ھېلى بىشىدىن خېلىلا ئىگىز قىلىپ كۆتۈرۋالسا، ھېلى خۇددى بەتلەنگەن مىلتىقتەك ئۇدۇلغا قارىتىپ موزىكىدىن بىخەۋەر چىكىپ دەسسەپ كىتىشىۋاتاتتى.
مانا،مانا! «بەنجاڭىمىز» بولسا تەييارلىق گىمناستىكىسىنىڭ «كېرىلىش»ھەركىتىدەك ئۇسسۇل ئوينايدىغان قىز بىلەن،قوللىرىنى ئالقانلىرىنى بىر-بىرىگە جۈپلەپ،بارماقلىرىنى كىرىشتۈرۈپ، يەرگە تۈپ-تۈز قىلىپ قارىتىپ يەڭگىل قەدەملەر بىلەن كىتىشىۋاتاتتى.ئۇ،بۇ تۇرقى بىلەن كۆزۈمگە خۇددى تاشقى پىلانىت ئادىمىدەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى.
بۇ ئىككەيلەن مۇڭدىشىۋاتامدۇ نېمە! ھېلىقى كىلىشكەن يىگىت جۈپتىنىڭ بىلىدىن تۇتۇپتۇ،قىز بولسا يىگىتنىڭ مۈرىسىدىن ئۆزىگە تارتىپ دېگۈدەك تۇتۇپ تۇرۇپ،ھەدەپ يىگىتنىڭ قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى دەيتتى.يىگىت بولسا قۇلىقى  قىچىشىپ كىتىپمۇ،ياكى قىزنىڭ ئېغىزىنى قۇلىقىغا يېقىشىدىن تارتىنىپمۇ، ئىشقىلىپ يۈزىنى قىزدىن قاچۇراتتى.
كۆزۈم يەنە چېچىنى چوقچايتىۋالغان قىزغا چۈشتى.بۇ بىر جۈپ قىزمۇ جاھاندىن بىخەۋەر ھالدا ۋالىسقا پىقىراۋاتاتتى.ئەگەر ئاۋۇ ناخشا ئېيتىۋاتقان قىزنىڭ كۆزى بۇلارغا چۈشۈپ قالسا چوقۇم ناخشىسىدىن ئېزىپ كىتەتتى...
بولدىلا قەلىمىمنى بۇ بىمەنىلىكلەرنى يېزىشتىن ئازات قىلاي.ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ سەۋر-تاقەت قاچاڭلارنى قولۇڭلاردا مەھكەم تۇتۇپ،مۇشۇ يەرگىچە مەن بىلەن كەلگىنىڭلارغا رەھمەت.
خۇلاسىكالام،ھازىرقى ئۇچقاندەك تەرەققىيات دەۋرىمىزدە،ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ 30 پىرسەنتى دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ توغرا تەرەققىيات يولىغا ماڭسا،70 پىرسەنتى بىراقلا 90 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ،مۇشۇنداق ئەيشى-ئىشرەت،بۇزۇقچىلىق،ئىسراپچىلىق يولىغا قاراپ تەرەققى قىلىۋاتىدۇ.ئەلۋەتتە بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ،ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭمۇ،جەمئىيەتتىكىلەرنىڭمۇ بەلگىلىك مەسئۇلىيىتىمىز بار.
دېمەكچى بولغىنىم،سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىلار قاتار چاي ۋە باشقا «چاي» لاردىن مىھرىنى ئۈزۈپ، پەرزەنتىلىرىمىزنى «ئەمدى چوڭ بولۇپ بولدى،ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى تېپىپ ماڭالايدۇ» دىمەي،ئۇلارنى توغرا يولغا يىتەكلىشىڭلارنى.ھۆرمەتلىك ئۇستازلار ئوقۇغۇچىلارغا پەقەت «2=1+1» نىلا ئۈگەتمەي،ئەخلاقى ساپا جەھەتتىنمۇ بىلىم  بىرىشىڭلارنى.جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ بولسا «بۇ مېنىڭ مەجبۇرىيتىم ئەمەس » دېمەي ئەتراپىمىزدىكى ياشلارنىڭ توغرا يول بويىچە تەرەققى قىلىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.      
مەنبە:قەلىمىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-31 03:23 PM  


ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6049
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 572 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 03:51:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، خۇش بولدۇم .

  ۋەقەلىكلەرنى كۆرۈپ تۇلۇق ئوتتۇردىكى ئىشلار ئېسىمگە كېلىپ قالدى . نەچچە قېتىم قىز ساۋاقداشلىرىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بۇلۇپ بەك زورلاپ كەتكەچكە بوشاڭلىق قىلىپ بېرىپ ساپتىمەن ، بوسۇغىدىن ئاتلا - ئاتلىماي دۈم چۈشۈم سەتلەشكىلى تاس قالغانىدىم ، شۇندىن كېيىن بارماس بولدۇم . مۇشۇنداق ھېيت - بايراملاردىمۇ ساۋاقداشلار يىغىلىشى دېسە قەتئىي كۆڭلۈم تاتمايتتى - دە ، يالغاندىن بىرنى تۇقۇيتتۇم . زادى ياقتۇرمايمەن شۇنداق قاراڭغۇ ، ۋاراڭ - چۇرۇڭ يىغىلىشلارنى .

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئازاپلىرىم،مېنى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 857
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17178
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9263 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 03:54:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا رەھمەت!
تېمىڭىزدا قىزچاقنىڭ سىنىپ باشلىقىنى ‹بەنجاڭ›دەپ چاقىرغانلىقىدىن نارازى بۇلۇپ ئۇيغۇرچە دېسىچۇ دەپ ئويلاپسىزيۇ،ئەمما ئاۋۇ ماخۇ دېگەن يېمەكلىكىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى يېزىش ئېسىڭىزگە كەلمەي قۇيۇپتۇدە.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ap~qilam + 80 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 80   باھا خاتىرىسى

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4462
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 557 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 04:37:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چېچەك يوللىغان ۋاقتى  2012-12-31 03:54 PM
تېمىڭىزغا رەھمەت!
تېمىڭىزدا قىزچاقنىڭ سىنىپ باشلىقىنى ...

ئەگەشتىم!!!

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1038
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 712 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 04:56:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيە ئەھمىيتى زور بىر تىمىنى يوللاپسىز قېرىندىشىم كۇنۇپكا باسقان قوللىرڭىزغا دەت كەلمىسۇن رەھمەتسزگە!
ئەمدى سۆزىلمەي دىگەن ،سۆزلىسەممۇ پايدىسى يوقتى.لىكىن سەل كۈتۈرلەپ قېلىۋاتمە!بىر سۆزلىۋالاي مىنى توسماڭ ھە!

توۋا دەيمە مۇشۇنداق گەپلەرنى،ئاڭلىسام ياكى ئاسىي كۆزلىرىم بىلەن كۆرسەم! نىمىشقا شۇنى ئويلىمايدۇ بىزنىڭ سىتودىنىت قىز ئوغاللىرمىز!
سىتودىنىت قىزلىرمىز غا:سىزلەر شۇنى ئويلاپ باختىڭىزمۇ،سىزلەرنىڭ ياشتىكى قىزلار يەنى سىزلەردەك ئۇقاي دىسە ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن ئۇقىيالماي،تۇرمۇشنىڭ بېسىمى سەۋەپلىك ئاشخانىلاردا كۈتكۈچىلىك،تاللا بازارلىرى،ھەرقايسى سودا سارايلىردا پىركازچىك بولاپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەرقايسىڭىزدىن نەرى كامكەن؟ ماقۇل ھەرقايسىڭىزلارنى تۇغۇپ مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئۈزى يىمەي يىگۈزۈپ،كىيمەي كىيگۈزۈپ چوڭ قىلغان ئاتانىڭىزنى ئويلىماڭ سىز!
ئەتراپىڭىزغا بىر قېتىم قاراپ بېقىڭ،شۇلارنىڭ بىرە يىرى سىزدىن كاممىكەن؟شۇنى بىلىپ قېلىشىڭكى ئۇقۇش پۇرسىتى ھەممە ئادەمگە نىسىپ بولمايدۇ!ھەرقايسىڭزغا كەلگەن پۇرسەتنى قەدىرلەڭ!
باشلانغۇشتا بىر ئۇقۇتقۇچۇم ،بالام ئۇيان -تاماشا مەن ئەقلىمنى بىلسەم باكەن،ھازىرمۇ بار ئۇ تۈگەپ كەتمەيدۇ ،چوڭ بۇلاپ جىق پۇل تېپىپ ئوينىساڭمۇ ئۇيان قېچىپ كەتمەيدۇ دىگەن!
سىزلەر كىم؟كىمنىڭ بالىسى؟مەكتەپكە نىمىگە باردىڭىز!؟ ئوينىغىلىما؟ چوڭ بولغۇڭىز كەپ كەتتىما؟ئۇنداقتا ئۇ ئاسان ،ئۇنداق ئۈزڭىزنى قىينىماي(ئاتانىڭز سىزدەكلەر ئۈچۈن ھېشنىمە ئەمەس بولغىنى ئۈچۈن) ئەرگىلا تىگىڭ،بىر كىچىدلا چوپچوڭ خوتۇنغا ئايلىنىپ ئارزۇيىڭىزغا يىتسىز!

ھە ئەمدى بىزنىڭ ئوغۇللارجەمەتىگە يەنى ئەركەكلەرگە كەلدى (ۋىجدان دىسە توننالاپ با
سىزلەردە)!
ئەڭ ئالدى بىلەن سىزلەردىن شۇنى سوراي ،سىزلەردە ۋىجدان بارھە؟ ھەقىچان بۇ سۇئالىمغا ئوغاللىرمىز مەيدىسگە جېنى چىكەتكۈدەك ئۇرۇپ تۇرۇپ(خۇددى شۇنداق قىلمىسا خەق ئىشەنمەيدىغاندەك) بار ئاۋازنى قۇيۋىتىپ جاۋاپ بىرمىز شۇنداقمۇ؟!
خوش!ئەمسە سىز مەكتەپتە قانداق ئوقىۋاتسىز؟ھېلىمۇ ئىسىڭىزدىمۇ،سىز چاقىرىق قەغىزنى كۈتۈرۈپ ئۈيڭىزگە كەلگەندە ئاتانىڭز نىڭ قانچىلىك خوش بولغىنى! دادىڭىز سىزدىن پەخىرلەنگەن،ئانىڭىز سىزنى تۇغۇپ چوڭ قىلغىنغا رازى بولغان! سىز بىلەن شۇ خوشاللىقتىن بىرگە بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن ،بىلەمسىز ئۇلار سىزگە ھېشنىمىنى بىلدۈرمىگەن! شۇ كەمگىچە ئىگىلمىگەن باشلىرى سىزنىڭ خوشاللىغىڭىز،سىزنىڭ بەختىڭىز ئۈچۈن ئىگىلگىننى سىز بىلەمسىز؟
سىز ئۇقۇشقا كەلدىڭىز،ئارزۇيىڭىزغا يەتتىڭىز! لىكىن شۇنى بىلەمسىز؟دادىڭىز سىزنى دەپ ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا بىرە قېتىم يېڭى كىيىم كەيدىمۇ؟ئانىڭىزچۇ؟
ھەرقېتىم پۇلىڭىز تۈگىسە ،كىمگە تىلفۇن قىلسىز؟ ھە ۋىجدانى،غورۇرى ئىچىگە پاتمايدىغان سىتودىنىت ئوغۇللىرمىز!سىز نىڭچە ئاشۇ ھەر ئايدا كەلگەن پۇلنى دادىڭىز شۇنداق ئاسان تاپامدىغاندۇ؟سىزلەر چوڭ شەھەردە چوڭ يەپ،چوڭ ئىچىۋاتقاندا،ئىنىڭزنىڭ ئايغى يىرتىلىپ كەيگۈسىز بولاپ كەتتى لېكىن ئىنىڭز ھەرنىمە بولسا سىزدىن ئەقىللىق،ئاكام يېڭىنى كېيسۇن ،مەن كىچىك بولغانكىن يامىتىپ كىيسەم بولىدۇ دىيىشنى بىلىدۇ!سىڭلىڭز بىچارە سىزدەك ۋىجدانلىق ئاكىسنىڭ ئۇقۇش پۇلىنى تاپىمەن دەپ ئاشخانىلاردا قاچا يۇيدۇ!
سىزچۇ،نىمىش قىلۋاتسىز!؟
شۇنى بىلىپ قېلىشىڭ سىزلەر ھېشنىمىدىن بىخەۋەر ئاتانىڭىزنى شىلىپ يەپ قېنىنى ئىچىۋاتقان بىلەن،سىزدەك ياشتىكىلەر ئۈزىنى بېقىشتىن سىرىت ئاتانىسنى شۇنداقلا بىر ئائىلنى بېقىۋاتىدۇ!
ئۈزڭىزنى بېقىشامماي ،ۋىجدان بارمۇ سىزلەردە تېخى! (مۇشۇنچىلىك سۆزلەپ تۇراي قان بېسمىم ئۆرلەپ كەتمىسۇن يەنە سۆزلىسەم! )


سەمىمىي تۈۋەنچىلىك بىلەن ئەسكەرتىش:يۇقاردا دەپ ئۆتكەنلىرىم ،جەمىيەتتە بار ئىشلار،مۇنبەردە ئاشۇلاردەك،سىتودىنىت قىز ئوغاللىرمىز يوق بولىشى مومكىن!ئەگەر بولسا بەكجىق سو ئال قالدۇرۇپ قويدۇم جاۋاپ بەرسەڭلا بولىدۇ! ئەگەر مەن ئويلىغاندەك بولىمسا  ئىنكاس جېڭى قىلىشمىساق دىگەننى ھەرقايسى بىلىمدار مۇنبەرداشلاردىن ئۈتىنىمە!
بەلكىم خاتا سۆزلەپ قويغاندىمە ،ئادەم دىگەن خاتالىشىپ قالىدغۇ ،تۈزتىمە خاتالىغىمنى كۆرسىتىپ بەرسەڭلا!!!!!!!!!!



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
diyarm + 100 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ھايات شۇنداق!!!!!!!!!!جىمى گۇناھ ئۈزەمدە!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3831
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 05:24:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە تىخى مەكتەپتە بەلەن ئوقومەي پوق ئىزدەپ يۈرۈپ ،ئىمتاندىن ئۆتەلمەي خىزمەت تەقسىم بولمسا ئاتا-ئانىڭىزدىن كۆرسىزگۇنانى ، ئازىراق پۇل دىن كىچىپ خىزمەت ئىشمغا يول ماڭغان بولسا خىزمەت تاپالايتتىم دەپ ، بىچارە ئاتا-ئانا بالنى تۇغۇپ چوڭ قىل ، تەربىلە ،ئوقۇت ، يەنە ئازكىلپ پۇل تۆلەپ ئىمتاندىن ئۆتكۈز ، بەزى ئىشلاردا گۇنانى باللارغىلا ئارتىشقمۇ بولمايدۇ -چۈنكى بالنى ئەركىە چوڭ قىلغان گۇناھ ئاتا -ئاندا ھەپتىدە بىر-ئىككى كۈن ئارام كۈندە كۆتىگە تىپپ ئىشقا سالسا ئاتا-ئاننىڭ .پۇلنىڭ قەدىرىگە يىتىدۇ ، بۇ دەلتىلەر

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89169
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2013-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 05:45:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ،ماخۇنى (پىلتە قۇيماق )دېيىشنى ئويلاشتىم،بىراق بىزدە مۇنداق ئاتالغۇ يوق بولغانلىقى ئۈچۈن زاغرا نان تىلىمىز بويىچە (ماخۇ)دەپ ئېلىۋەردىم.ئەگەر سىز بىلسىڭىز ياردىمىڭىزنى ئايىمىسىڭىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89169
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2013-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 05:45:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ،ماخۇنى (پىلتە قۇيماق )دېيىشنى ئويلاشتىم،بىراق بىزدە مۇنداق ئاتالغۇ يوق بولغانلىقى ئۈچۈن زاغرا نان تىلىمىز بويىچە (ماخۇ)دەپ ئېلىۋەردىم.ئەگەر سىز بىلسىڭىز ياردىمىڭىزنى ئايىمىسىڭىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7278
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 838 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 06:07:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس  ئەمەلىيەتتىكى بىر تېمىنى  يوللاپسىز ،   دېمىسىمۇ  مۇشۇنداق ئىشلار بەك  كۆپىيىپ  كېتىپتۇ!         

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4452
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 06:35:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ،ماخۇنى (پىلتە قۇيماق )دېيىشنى ئويلاشتىم،بىراق بىزدە مۇنداق ئاتالغۇ يوق بولغانلىقى ئۈچۈن زاغرا نان تىلىمىز بويىچە (ماخۇ)دەپ ئېلىۋەردىم.ئەگەر سىز بىلسىڭىز ياردىمىڭىزنى ئايىمىسىڭىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش