ئەسسالامۇئەلەيكۇم «ئەي بالام» بلوگىنىڭ ئەزىز ئوقۇرمەنلىرى ، بەلكىم تېمىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىۋاتقانسىز ھە ، شۇنداق! خاتا كۆرمىدىڭىز ،مەنمۇ بەك ھەيران قالغانىدىم ،چۈنكى بىزئىپتىدائى دەۋىرلەردە ئانىلىق ھاكىمىيەت ، ئاتىلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىلىرىنىڭ بولغىنىنى ، ھازىرقى زاماندا بولسا ئائىلىلەرنىڭ ئەرلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە باشقۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز.
ئەتراپىمىزغا قاراپ باقىدىغان بولساق «بالىلار ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى»دە چۆرگىلەۋاتقان ئائىلىلەرمۇ ھەم يوق ئەمەسكەن .گېپىمنى ئېنىق قىلىپ ئېيتسام بۇنداق ئائىلىدە بالىلار تەخت بېشىغا چىققان ، ئۇلارنىڭ دېگىنى دېگەن ، قىلغىنى قىلغان بولىۋاتقان ئىكەن.
بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى تېلىۋىزوردا بىر سۆھبەتنى كۆرۈپ قالدىم. رىياسەتچى بىر ئانا-بالىنى زىيارەت قىلىۋاتاتتى. نېمە توغرىسىدا سۆھبەت بولۇۋاتقانلىقىغا قىزىقىپ سۆھبەتكە نەزەر سالدىم، بالا ئانىسىنىڭ ئۆزىگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى قىلىپ بەرمىگەنلىكىنى ئېيتىپ توختىماي زارلاۋاتاتتى. ئانا بولسا بالىسىنىڭ توغرا ئېيتقانلىقىنى ئېيتىپ توختىماي بالىسىدىن كەچۈرۈم سورايتتى.
بۇ سۆھبەتنى كۆرۈۋېتىپ رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «قىيامەت يېقىنلاشقاندا دېدەكلەر ئۆزىنىڭ خوجايىنىنى تۇغىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسى كەلدى. سۇبھاناللاھ، دەپ ئولتۇرۇپ قالدىم. ھەقىقەتەن بەلكىم بۇ ئانا ئۆزىنىڭ ئانىلىق بۇرچىنى دېگەندەك تولۇق ئادا قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن. دۇنيادا لاياقەتسىز ئانىلار بار، لېكىن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ بەختسىز، ئەخلاقسىز چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئانا يوق. بىر ئانا بالىسىنى تۇغۇپ ئاشۇنچىلىك قىلغۇچە قانچىلىك جاپا تارتىدىغانلىقىنى بالا مەڭگۈ ھېس قىلمايدۇ. مانا مېنىڭ ئىككى بالام بار، بالىلىرىم تۇغۇلۇپ خېلى ياخشى كىرگۈچە كېچىلىرى قانغۇدەك ئۇخلاپ باققىنىمنى بىلمەيمەن. ھەركۈنى كۆزلىرىم قىزارغان ھالەتتە ئورنۇمدىن تۇراتتىم. لېكىن ئويلاپ باقسام، مەن جاپا تارتقاندا ئانامنىڭ مېنى باققۇچە تارتقان جاپاسىنى ئويلىماپتىمەن، ئەكسىچە، يەنە ئانامغا ھال ئېيتىپ دەردىمنى تۆكۈپتىمەن. ئەجىبا مەنمۇ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدىممۇ قانداق؟
ئى ئانىلار، بالىلار بىزنىڭ خوجايىنىمىز ئەمەس، بەلكى ئاللاھ بىزگە تاپشۇرغان ئامانەتتۇر. بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «مۇنافىقلار ئامانەتكە خىلاپلىق قىلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. شۇڭا بالىنى پەقەت ئانىلىق مۇھەببىتىمىز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى قىيامەت كۈنىدىكى سوراققا قانداق جاۋاب بېرىش بىلەن تارازىغا سېلىپ تۇرۇپ تەربىيىلىشىمىز لازىم.
پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە سۆز بولۇنغاندا بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار « مانچە يىلدىن بۇيان كىنوغا بېرىپ باققىنىمنى ، ساياھەتكە چىقىپ باققىنىمنى ۋە ياكى كونا دوستلىرىم بىلەن يىغىلىپ ئولتۇرۇپ
باققىنىمنى بىلمەيمەن» دەپ پەخىرلىنىشىدۇ، من ئويلايمەن. ئەمما بۇ ماختانغۇدەك ئىشمۇ ؟ مەسىلە، سىزنىڭ بالىڭىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قۇربان قىلغانلىقىڭىز ئەمەس، بەلكى چەكلىك ۋاقتىڭىزدا بالىڭىزغا قانداق تەربىيە بەرگىنىڭىز. سىز شۇ يەرلەرگە بارمىغانغا بالىلىرىڭىزغا قايسى ئىشلارنى قىلىپ بېرىۋەتتىڭىز؟ مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئاخىرقى قېتىم قاچان كىنوغا بارغىنىمنى بىلمەيمەن ،ھە ئېسىمگە كەلدى ،بۇندىن 2 يىل بۇرۇن بىر يىگىت بىلەن «تىز قاچ مىكىيان» دەيدىغان بىر كارتون فىلىمنى كۆرگىلى كىرگىنىم ئېسىمدە، يېنىمدىكى يىگىت بىلەن قول تۇتىشىپ ئولتۇرغانىدۇق ،بۇ يىگىت مېنىڭ يولدىشىم بولماستىن بەلكى مېنىڭ 5 ياشلىق ئوغلۇم بىلال ئىدى ، بۇ تاتلىق بالام ماڭا ئامراقلىق قىلىپ ئەمەس، ھېلىقى بىر توپ مىكىيانلار قەپەسنىڭ ئىچىدىن ، ھويلىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كېتىمىز دەپ ھەرخىل قىلىقلارنى قىلىپ «كۈرەش قىلىۋاتقان» كۆرۈنۈشلەر چىققاندا قورقۇپ تۇتىۋالغان قوللىرىمنى.يولدىشىم بىلەن كىنوغا ياكى باشقا بىرەر لېكسىيە،سۆھبەتلەرگە كىرمىگىلى تالاي زامان ، چۈنكى ھەر ئىكىلىمىز چارچىغان ،ئۇنداق جىمجىت سورۇنغا كەلسەك يا مەن يا ئۇ بىردەمدە ئۇخلاپ قالىمىز ، ئىقتىسادقا زىيان ھەم تۈزۈك تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار فىلىملەرمۇ چىقماس بولۇپ كەتتى.
يەنە بەزى ئاتا-ئانىلار «بالامغا كۈندە مانچە سائەت ھەمراھ بولىمەن ، مانچە سائەت ئوينىشىپ بېرىمەن ،سىلەرچە بۇ يېتەرلىكمىدۇ؟»دەيدۇ. سىلەرچە يېتەرلىكمىدۇ،بۇنى مەن بىلمىدىم،ئەمما شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى بالىلار ئويۇنغا تويمايدۇ ، ئوغلۇم بىلال بىلەن قىزىم ھىلالنى مىسال قىلسام بەزىدە كەچ بولدى ئۇخلاڭلار مەنمۇ ھېرىپ قالدىم دېسەممۇ ، تۈزۈك ئوينىمىدۇق ئاپا ،يەنە بىردەم ئوينايلى دەپ غەلۋە قىلىدۇ ، سىلەرچە بالىلار مۇمكىن بولسا 25 سائەت ئوينىسا قانارمۇ ؟مەنچە قانچىلىك ئوينىساڭ ئوينا ،ئەمما بالا يەتمەيدىغىنى پەقەت ئاتا-ئانا…
بالىڭىزغا بالامغا ھەمراھ بولۇپ ئوينىدىم دەپ ئەتىگەندىن كەچكىچە قۇيرىقىدىن چىقماي يۈرگىلى بولمايدۇ ، ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك ئورۇنلاشتۇرۇڭ،بالىڭىز ئوينايلى دېسە ھە دەپ ئۇلار ئويناپ ھېرىپ ھۇشىدىن كەتكۈچە(ھەددىن-زىيادە ھاياجانلىنىپ، ئىچ-ئچىىدن شاتلىنىپ، بەك زورۇقۇپ ئوينىۋەتكەن بالىلار ئارىسىدا ھېرىپ ھۇشىدىن كېتىدىغانلىرى بار دېسەم ئىشىنىڭلار) ئويناۋارمەڭ، بالىڭىزنىڭ تەلەپ قىلغىنى ئويۇن ئەمەس بەلكى سىزنىڭ ھەمراھ بولىشىڭىز . شۇڭا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغاندا ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىڭ ، ھەر ئىش مۇۋاپىق بولسۇن ،ئۆزىڭىزنى كۈتۈشنىمۇ بىلىڭ، بالىڭىز نېمىلا دېسە ھە دەپ كۆزىگە قاراپ ، ئائىلىدىكى ھەر بىر ئىشنى بالىڭىزنىڭ خاھىشىغا بويسۇندۇرۇپ ئورۇنلىماڭ ، بالىنىڭ ھەممە تەلىپىنى قاندۇرىۋەرمەڭ، قاندۇرىدىغان تەلەپ بار ،قاندۇرمايدىغان تەلەپ بار، بۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىزغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويىسىز ئۇ ئۇچىغا چىققان مۇتىھەم چوڭ بولۇپ قالىدۇ ، مەن نېمە دېسەم ئاتا-ئانام رايىمغا بارىدىغۇ دەيدىغان زەھەرلىك قاراشنى كاللىسىغا چوڭقۇر سىڭدۈرىۋالىدۇ. بالىڭىزغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ سىردىشىپ تۇرشىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمىز ،ئەمما بۇنى بالىڭىز تەلەپ قىلغاندا رايىشلىق بىلەن ئەمەس، ئۆزىڭىزنى سوراپ قىلىڭ. ئەڭ مۇھىمى، ئۆزىڭىزنى پۈتۈنلەي قۇربان قىلىۋەتمەڭ. ئۆزىڭىزنى ئاسرىغان ئاساستا بالىڭىزنى تەربىيىلىگىنىڭىز ئەڭ گۈزەل تەربىيىلەش ۋە ئامانەتنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئامانەت ئىگىسىگە تاپشۇرۇشتۇر. بالىڭىز سىزنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەك مۇھىملىقىنى ھېس قىلالمىسا، ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلمىسە، ئۇنداقتا بۇ بالا ئەلۋەتتە جەننەت ئەھلىگە لايىق ئەڭ گۈزەل خىسلەتنى ئۆزىگە يېتىلدۈرمىگەن بولىدۇ.
ئۆيىڭىزنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى بالىڭىزغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئۆزىڭىز «قورچاق خان» بولماڭ .ئائىلىڭىز بالىلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىكى ئائىلە ياكى ئاتىلىق،ئانىلىق ھاكىمىيىتىدىكى ئائىلە بولماستىن ئىنسانىي،ئادىمىي،ئىسلامىي ئائىلە بولسا شۇ يىتەرلىك ھەم ئەڭ زور غەلبىڭىز.
مەزكۇر يازما
ئەي بالام بلوگىدىن ئېلىندى