ياركەنتخانلىقى 168 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر چاغاتاي مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرمەدەنىيىتىنىڭ خېلى يۇقىرى سەۋىيىدە گۈللەنگەن بىردەۋر بولۇپ ھېسابلىنىدڭ. چۈنكىبۇ چاغدا ياركەنت خانلىقى ھۆكۈمرانلىرى بىر قەدەر نىسپىي تىنچلىق شارائىتىنىيارىتىپلا قالماي، بەلكى جەمئىيەتنىڭ كەڭ ساھەلەر بويىچە تەرەققىي قىلىشىغاخۇسۇسەن مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ تەرققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولدى. بۇ ياركەنت خانلىقىھۆكۈمرانلىرىنىڭ سەئىدخاندىن باشلاپ، تا ئىسمائىل خانغىچە ھەممىسىنىڭ دېگۈدەكلاشائىر ۋە ئەدىب بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭلاشقا يەكەن خانلىقىنى «شائىرخانلىقى» دەپ ئاتىسا ھەرگىزمۇ مۇبالىغا قىلغانلىق بولمايدۇ.
ياركەنتخانلىقىنىڭ مەدەنىيىتى، ئاساسەن بۇ رايوندىكى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئاساسقىلغان ئىسلام چاغاتاي مەدەنىيىتى ۋە بۇ خانلىقنىڭ قارىمىقىدىكى ياكى ھامىيلىقىدىكىقىرغىز، قازاق ۋە باشقا قەبىلە ھەم ئۇرۇقلارنىڭ مەدەنىيىتى بىر – بىرىگەيۇغۇرۇلغان رەڭگارەك باي مەدەنىيەتتىن ئىبارەت. بۇ چاغدىكى چاغاتاي مەدەنىيىتىنىڭ چاغاتايئۇلۇسى دەۋرىدىكى ئالدىنقى چاغاتاي مەدەنىيىتى ۋە مۇغۇلىستان ھەم تېمۇرىلارئەۋلادى ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت كۆپرەك مىللەتلەرنىڭ ئىچكى ئالاھىدىلىكىئاساسىدا راۋاجلاندى. چۈنكى ياركەنت خانلىقى دەۋرى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قەبىلىلىرىنىڭمىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە ئالاھىدە بىر باسقۇچ ئىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىبۇرۇنقى چاغاتاي موڭغۇللىرى، مۇسۇلمانلاشقان جوراس قەبىلىلىرى قاتارلىق بىر مۇنچەغەيرىي چاغاتاي موڭغۇللىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، ياركەنت خانلىقىدا ھۆكۈمرانمىللەتكە ئايلاندى. شۇڭلاشقا، ياركەنت خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇئاساسەن ھۆكۈمران مەدەنىيەتكە ئايلاندى.
ياركەنتخانلىقى دەۋرىدە قەشقەر، ياركەنت، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچار قاتارلىق ئۇيغۇررايونلىرىدا بىرمۇنچە مەكتەپ ۋە مەدرىسلەر مەيدانغا كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدەئابدۇرېشىتخان دەۋرىدە قەشقەردە قۇرۇلغان خاقانىيە مەدرىسى (خانلىق مەدرىس)،ياركەنتتە كېڭەيتىپ قۇرۇلغان ئاق مەدرىس، ئاقسۇ (ھازىرقى كونىشەھەر) شەھىرىدىكىبەيتۇللا مەدرىسى ۋە كۇچا شەھىرىدىكى ساقساق مەدرىسى قاتارلىقلار ئەينى زاماندىكىئەڭ چوڭ ئالىي ئوقۇش يۇرتلىرى ئىدى. مىلادى 1661- يىلى، ئابدۇللاخان ياركەنت،قاغىلىق، پوسكام قاتارلىق جايلاردا 50 پاتمانلىق زېمىننى ۋەخپە قىلىپ ئاجرىتىپ،بىر مۇنچە مەدرىسلەرنى بىنا قىلغان. بۇنىڭغا خوجا ھىدايىتۇللانىڭ چوڭ ئوغلى خوجايەھيا (خان خوجا) يېتەكچىلىك قىلغان.
بۇچاغدا خاقانىيە، ئاق مەدرىس قاتارلىق ئالىي ئوقۇش يۇرتلىرى ئاساسەن دۆلەتتەرىپىدىن (ئوردا تەرىپىدىن) تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، باشقا مەدرىسلەر، بولۇپمۇناھىيە ۋە يېزىلاردىكى مەدرىسلەر ئاساسەن ۋەخپە زېمىنلارنىڭ كىرىمى ھەم ئۆشرە –زاكات كىرىمى ئارقىلىق تەمىنلىنەتتى. مەدرىسلەر ئاخۇن (مەكتەپ مۇدىرى)، مۇددەرىس(مۇئەللىم)، خەلپەت (مۇددەرىس ياردەمچىسى ياكى تالىپلار باشلىقى)، مۇتەۋەللى(ۋەخپە ۋە خوجىلىق ئىشلىرى باشلىقى)، چارۇپكەش (قارا خىزمەتچى) قاتارلىقلاردىنتەركىب تاپقانىدى. مۇددەرىسلەرنىڭ ئىچىدە يەنە «مۇتەفەننى» (پەن ئالىملىرى)،«مۇتەئەددىپ» (ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئالىملىرى) قاتارلىق ئالىملار بار ئىدى. بۇمەدرىسلەردە ئاساسەن ئىلمىي ئىمان (مۇسۇلمانچىلىق ساۋاتلىرى)، ئىلمىي ئۇسۇل(قۇرئان ۋە ھەدىس تەپسىرى)، ھىدايە (ئىسلام ئاساسلىرى)، شەرھىۋەقايە (ئىسلامئاساسلىرىنىۇ شەرھى)، كافىيە (ھەدىس ئۈزۈندىلىرى)، ئىلمىي فىقىيە (شەرىئەت قانۇنىئاساسلىرى)، ئىلمىي ھەدىس (مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى)، ئىلمىي كالام(قۇرئان ئايەتلىرى) قاتارلىق دىنىي دەرسلەر ئۆتۈلگەندىن باشقا، يەنە تارىخىيئىسلام (ئىسلام تارىخى)، تارىخىي ئومۇمىي (دۇنيا تارىخى)، ئىلمىي مەنتىق (لوگىكا)،ئىلمىي سەرف (تىل دەرسلىكى)، ئىلمىي نەھۋ (گرامماتىكا)، ئىلمىي تەقۋىم(كالېندارشۇناسلىق)، ئىلمىي رىيازەت (ماتېماتىكا)، ئىلمىي نۇجۇم (يۇلتۇزشۇناسلىق)،ئىلمىي ناباتات (ئۆسۈملۈكشۇناسلىق)، ئىلمىي كىمىيا (خىمىيە ئىلمى)، ئىلمىي جەبر(ئالگېبرا)، ئىلمىي تىب (تېبابەتچىلىك)، ئىلمىي نۇسخە (خەتتاتلىق)، ئەدەبىيات(ئاساسەن مەشھۈر تۈرك، ئەرەب ۋە پارس شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى، ئەرەب تىلى، پارستىلى ۋە ئوردۇ تىلى قاتارلىقلار ئۆتۈلەتتى. بۇ چاغدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرادەرىجىلىك مەدرىسلەر ئاساسەن خەلپەت، خېتىپ، مۇئەززىن ۋە مۇفتىلار تەربىيىلىنەتتى.ئالىي دەرىجىلىك مەدرىسلەردە بولسا، ئاساسەن داموللا، ئەللامە، مۇجتەھىد ۋە قازىقاتارلىق يۇقىرى سەۋىيىلىك بىلىم ئىگىلىرى ھەم شەرىئەتشۇناسلار يېتىشتۈرۈلەتتى.تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئابدۇرېشىتخان دەۋرىدە ئىراق، ئىراننىڭ تەبرىز،شىراز شەھەرلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خارەزىم، سەمەرقەنت، ئەنجان ۋە خوراساندۆلىتىدىكى بەلخ، تۈرك ئوسمانىلار سۇلالىسىنىڭ ئىسلامبۇل (ئىستانبۇل) قاتارلىقجايلىرىدىن كەلگەن تالىپ ۋە باشقا دىن، پەن ئەھلى قەدىرخان ياركەندى (مىلادى 1562-يىلى ۋاپات بولغان) مۇددەرىسلىكىدىكى ئاق مەدرىسكە كېلىپ تەلىم ئالغان. دېمەك،ياركەنت خانلىقى دەۋرىدە ياركەنت شەھىرى ئىسلام دۇنياسىغا مەشھۇر بىر مەدەنىيەتمەركىزىگە ئايلانغان.
شۇڭلاشقاياركەنت خانلىقى دەۋرىدە تۇنجى خان سەئىدخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسى ئابدۇرېشىتخانباشلىغان بىر مۇنچە ئەدىپ، تارىخچى، تەرجىمە – شەرھشۇناسلار، ئىسلام دىنى ۋەئىسلام پەلسەپەسىنىڭ نەزەرىيىچىلىرى قاتارلىق ئالىم – ئۆلىمالار مەيدانغا كېلىپ،ياركەنت خانلىقى مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.
مەنبەسى: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» (مىللەتلەر نەشرىياتى 1999- يىلى 2- قېتىم بېسىلىشى)
ئاپتورى: ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق
قىسقارتىپ ئېلىندى