فوتوگراف، ئىككى ئوغۇل، خەتنە توي …
ئەنۋەرجان مەتنىياز
قەشقەردە ھەر كۈنلۈكى تەخمىنەن نەچچە ئون بالىنىڭ خەتنە توي مەرىكىسى بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ، شۇ مەرىكىنى ئۆتكۈزگەن ساھىبخاندىن باشقا ھېچكىمگە يېڭىلىق ئەمەس. ئەمما مەن تىلغا ئالماقچى بولغان بۇ خەتنە توي مەرىكىسى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئېزگۈلۈكى، جەزبىدارلىقى، خاسلىقى بىلەن ئالاھىدە يېڭى مەناغا ئىگە بولۇپ، ئۇ بىردە بۇ يەرگە جەم بولغان مېھمانلارنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالسا، بىردە خىياللىرىنى ئۆزلىرى ئىلىگىرى ئۆتكۈزگەن خەتنە توي مەرىكلىرى ئۈستىگە ئەگىتىشكە مەجبۇر قىلدى. بۇ مىللىي ئۆرپ- ئادەت پۇرىقىغا تويۇنغان مەرىكىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئىگە بولغان ئەر-ئايال بىر جۈپ بۇغۇنىنىڭ بالىلىق بوسۇغىسىدىن ھالقىپ، خەلقىگە، مىللىتىگە، ئانا يۇرتىغا سادىق، ئىشچان، باتۇر ئوغلانلاردىن بولۇشقا قەدەم قويغانلىقىدىن چەكسىز ئۈمىدۋارلىققا چۆمدى. ئۇنداقتا بۇ زادى كىمنىڭ خەتنە توي مەرىكىسى؟
X X X
مەن ئادىلجان ئابدۇقادىرنى خىلى ئۇزۇندىن بىرى تونۇيمەن. قىزىقىشىمىز، ھەۋىسىمىز ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. خىزمەت ئورنىمىزنىڭ، ئۆيىمىزنىڭ ئارىلىقى ئانچە يىراق ئەمەس. بىراق كۆپ ئۇچرىشالمايمىز. چۈنكى ئۇ فوتوسۈرەت تارتىش بىلەن، ئاخبارات يېزىقچىلىقى بىلەن ئالدىراش، مەنمۇ ھەم شۇنداق. لېكىن ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرىنىڭ، ئاخباراتچىلارنىڭ، فوتوگرافلارنىڭ يىغىنلىرىدا، يىغىلىشلىرىدا، توي-تۆكۈنلىرىدە ئانچە-مۇنچە ئۇچرىشىپ ھال-مۇڭ بولۇشىمىز. مەن ئۇنىڭ ناتىقلىقىغا، بولۇپمۇ يېڭىلىققا ئنتىلىش روھىغا، مەتبۇئاتتا نەشر قىلىنغان قەشقەر تارىخى، مەدەنىيتىگە، ساياھەتچىلىكىگە، قەشقەر مائارىپىغا ئائىت نەشر قىلدۇرغان فوتوسۈرەتلەر توپلاملىرىغا قايىل بولىمەن. قەشقەردە تېخى ئانچە تونۇلۇپ كەتمىگەن بىر قىسىم ھەۋەسكارلار چوڭ، يوغان، ئازادە زاللارنى كۆتۈرە ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ فوتوسۈرەت، ھۆسنخەت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزگەندە، ئۇ داڭلىق فوتوگراف بولۇشىغا قارىماي، بىر قانچە يىلدىن بېرى بىر قىسىم قەھۋەخانىلاردا ئەڭ نادىر فوتوسۈرەت ئەسەرلىرىنى داغدۇغىسىز ھالدا ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۇرگەندىمۇ، ئارام ئېلىش، ھېيت-بايرام بولسىلا ئۆزىنىڭ دالا ئاپتوموبىلى بىلەن تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگىچە بېرىپ سۈرەت تارتىش بىلەن ھاياتىنى مەنىلەر ئىزناسىغا سالغاندىمۇ، پەقەت ھېيتگاھ جامەسىنىڭلا ھەر قايسى تەرەپلەردىن كۆرۈنۈشىنى تۆت پەسىل بويىچە 20 يىلدىن بۇيان سۈرەتكە تارتىپ، بىر كىتاب قىلىپ نەشرىياتقا تاپشۇرغانلىقىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئاڭلىغاندىمۇ مەن ئۇنىڭغا قايىل بولغان. مانا ئەمدى ئۇ يېقىندا ئوغۇللىرى نۇرلان بىلەن ئوغلاننىڭ خەتنە توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزگەندىمۇ ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىم ھەسسىلەپ ئاشتى.
ئۇنىڭ بىر جۈپ يۈرەك پارىسى بولغان نۇرلان بىلەن ئوغلاننىڭ خەتنە توي مەرىكىسىنىڭ باغىقىغا ئەتىگەندە جامائەتكە بېرىلىدىغان خالىس نەزىرىگە قاتىنشىپ بېرىش ئەسكەرتىلمەي، ئەكىسچە چۈشتىن كېيىنكى چايغا قەدەم تەشرىپ قىلىنىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەنىدى. بۇمۇ ئادىلجاننىڭ بىر يېڭىلىقى بولۇپ قالمىغىدى؟ چۈشتىن كېيىن قەشقەر ‹‹سەمەن›› كاتتا رېستۇرانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە قەدەم قويۇپلا كۆزۈمگە چېلىققىنى بىر مۇنچە مېھماننىڭ رېستۇران سەھنىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك جايىغا ئېسىلغان، ئىككى بالىنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا تارتىلغان رەڭگارەڭ سۈرەتلىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن كۆرۈۋاتقانلىقى بولدى. سەھنىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى ئاسما ئېكراندا بولسا كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئاپپاراتى ئارقىلىق ئادىلجاننىڭ ئەڭ نادىر فوتوسۈرەت ئەسەرلىرى بىر-بىرلەپ ئايلانماقتا ئىدى. ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇ، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ياش كومپوزىتورى، ناخشىچى، رىياسەتچى غالىب رېھىمنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇچىسىغا ئەڭ يارىشىملىق مىللىيچە كىيىم-كېچەكلىرىنى كېيىشكەن ئادىلجان ئەر-خوتۇن ۋە ئىككى ئوماق ئوغلى سەھنىگە قەدەم قويۇشى بىلەن تەڭ رېستۇران ئىچى بىردىنلا تىمتاسلىققا چۆمدى. غالىب رېھىم بۇ كۈندىكى خەتنە توينىڭ كۈن تەرتىپلىرى، ئۆزگىچىلىكلىرى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، سەھنە ئادىلجان قاتارلىق بىر ئائىلە كىشىلىرىگە قالدى.
ـــ مەن ئەسلىدە بۇ خەتنە توي مەركىسىنى ئۆتكۈزمەي دەپ ئويلىغان، ـــ دېدى ئادىلجان مىكروفوننى قولغا ئېلىپ، ـــ ئەمما ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەت قاتلىمىمىزدا، بولۇپمۇ شەھىرىمىزدىكى قىسمەن توي، مەرىكىلىرىمىزدە ئەۋجىگە چىقىۋاتقان ‹‹ئىسلاھات››لار مېنى سەل ئويغا سېلىپ قويدى. شۇڭا نىيىتىمىدىن يېنىپ، يەنىلا ئۆزۈمگە، ئائىلەمگە خاس بولغان بۇ خەتنە توينى ئۆتكۈزۈشنى مۇۋاپىق دەپ قارىدىم. تۆۋەندە بۇ ئوماقلىرىمغا ئاتاپ يېزىلغان شېئىرىمنى كۆپچىلىككە دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقلىق بۇ مەرىكىمىزنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايمەن:
تىلىكىم شۇدۇر نۇرلان، ئوغلانىم،
قىلىڭلار پەرۋاز، كۈلسۇن ئارمانىم.
مەدەتكار بوپ ۋەتەن، خەلقىمگە،
بولۇڭلار پالۋان نۇرلان، ئوغلانىم.
ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىپلا، نۇرلان بىلەن ئوغلان ئاتا-ئانىسىنىڭ بېقىپ چوڭ قىلغانلىق ئەجرىگە ئاتاپ يازغان شېئىرى، تەييارلىغان چۈچۈك ناخشىلىرىنى ئوقۇپ، سورۇن كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. ئادىلجان بىلەن ئايالى رىزۋانگۈلنىڭ نۇرلان بىلەن ئوغلاننىڭ ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلىرىغا كىتاب، گۈل ۋە باشقا سوۋغات بۇيۇمى تارقىتىپ بېرىلگەندىمۇ، ئادىلجاننىڭ قەشقەر ساياھەتچىلىكىگە ئائىت 30 مىڭ يۈەن قىمممەتتىكى كىتابى ۋە ‹‹ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى›› ناملىق كىتابلار ھەر بىر ئۈستەلدىكى ساھىبخانلارغا تەقدىم قىلىنغاندىمۇ، خەتنە توي مەرىكىسىنىڭ نەزىرىسىگە ئاتالغان 100 يۈەنلىك باغلام-باغلام پۇل ئىئانە ئۈچۈن قەشقەردىكى مېھرىبان ئانىلارنىڭ ۋەكىلى ھاجى ئاتىكە مىرئەخمەد خانىمغا تاپشۇرۇلغاندىمۇ، تونۇلغان شائىر تاھىر تالىپ، پېشقەدەم ئاخباراتچى، ئەدىب ئابدۇللا ئابدۇرېشىت قاتارلىقلار بۇ كۈندىكى خەتنە توي شەرىپىگە ئاتاپ يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەندىمۇ مېھمانلار ھاياجاندىن ئۇزۇنغىچە چاۋاك چالدى. ھاراق-شاراپنىڭ ئورنىغا ياخشى ھەسەل سېلىپ دەملەنگەن گۈل چايلارنى ئىچىشكەن، ئاددىي قورۇما، تاتلىق مېۋىلەرنى يېگەن، ھەشەم بىلەن ئالدۇرۇلىدىغان قىممەت باھالىق ساپال بۇيۇم، كىيىم-كېچەكنىڭ ئورنىغا كىتاب، دوپپا، رەڭدار بېزەلگەن، ئەمما مىللىي خاسلىقى قويۇق بولغان ئاددىي قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى، تۇخۇملارنى تاپشۇرۇۋالغان توي ئىشتىراكچىلىرى خەتنە توينى ئەسلىدە مۇنداق شەكىلدە ئۆتكۈزسە ئەھمىيىتىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئالدى.
ھەممىگە ئايانكى، ھازىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلۈشى بىلەن توي مۇراسىمىلىرىمىز، بولۇپمۇ خەتنە توي مۇراسىملىرىمىز ئۆزگىچە شەكىللەر بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. ئەمما ئىقىتىساد، جۇغراپىيەلىك ئامىل، دىنىي ئىتىقاد ۋە مەدەنىيەت ساپاسى قاتارلىقلار جەھەتتىن بەزى بىر پەرقىلەرمۇ مەۋجۇت. ئوخشىمىغان جايلاردىكى، ئوخشىمىغان كىشلەر ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بەزىلەر ئۆيلىرىدە، بەزىلىرى رېستورانلاردا، يەنە بەزىلەر مەسچىتلەردە خەتنە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. خەتنە توي مۇراسىمىنى قايسى يەردە ئۆتكۈزۈش توي ئىگىلىرىنىڭ ئەركىنىلىكى ئەلۋەتتە. لېكىن مۇراسىمىنى قەيەردە ئۆتكۈزۈشنى توي ئىگىلىرى بەلگىلىگەن بىلەن، توي مۇراسىمىنى قانداق ئۆتكۈزۈش، قايسى شەكىلدە ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلاردا يەنىلا مىللىي ئەنئەنىمىزگە، ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ۋە دىنىي ئېتىقادىمىزغا ئەمەل قىلغىنىمىز تۈزۈك. چۈنكى، خەتنە توينى بۈگۈن سىز ئۆتكۈزىسىز، ئەتە يەنە بىرى ئۆتكۈزىدۇ، دېمەكچى،خەتنە توي مۇراسىمىنى سىز مەرتىۋىڭىزنى، بايلىقىڭىزنى كۆز-كۆز قىلغاندەك ئۆتكۈزۈپ، ‹‹بەردىم، ئالدىم›› دەپلا قاتمال شەكىل بىلەن داۋام قىلسىڭىز ئەنئەنىمىزنى بۇرمىلىغان، ئەۋلادلارغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولىسىز.
نۆۋەتتە، ئادەمنى بەكرەك ئويغا سالدىغىنى، بىر قسىم خەتنە توي چېيىنىڭ ‹‹ھاراق چېيى››غا ئۆزگىرىپ قالغانلىقىدۇر. ھاراق-شاراپىنىڭ زىيىنى توغرۇلۇق يېزىلىمىغان ماقالىلەر، ئوبزورلار، ھەتتا ئىشىلەنمىگەن تىراگېدىيەلىك كىنوفىلىمىلەرمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن ئىبرەت ئالغان ۋە ئېلىۋاتقانلار قانچىلىك؟ خەتنە توي مەرىكىسىنى ئۆيدە ياكى رېستوراندا ئۆتكۈزسۇن ساھىبخاننىڭ ۋە شۇ بالىنىڭ ئەڭ يېقىن ھېسابلىغان ئەل-ئاغىنىلىرى چاقىرىلىدۇ. ئۇلار كېلىپ سورۇندا كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، خەتنە توي مەرىكىسىدە چۈشكەن پۇلنى جايىغا ئىشلىتىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس، ئۇنداقلارغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز. ئەمما يەنە بىر قىسىمىلار ئاشۇ پۇلىنى بىر تىيىن قويماي ھاراق سېتىۋېلىشىقا ئىشلىتىدۇ. بىرەيلەننىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، خەتنە توي مەرىكىسىدە ھاراق-شاراپ قويمىسا، مەرىكە قىزىمايلا قالماستىن، ھاراق ئىچمىگەنلەر قەستەن جېدەل چىقىرارمىش، ھەتتا تويدىن كېيىن، قوي سويۇپ مېھىمان قىلىپمۇ كۆڭلىنى ئالالماسمىش، ھاراق قويمىغانلىق سەۋەبلىك ئەل-ئاغىنىلەر ئۇنى ئارىغا ئالماسمىش. شۇڭا خەتنە توي مەرىكىسىنىڭ قىزىشى ئۈچۈن، ھەتتا چوڭلارمۇ بۇلارنىڭ ھاراق سېتىۋېلىشى ۋە قويۇشىنى توسماسمىش. ئاڭلاڭ، ئەمدى بۇ قانداق سەپسەتە! نېمە ئۈچۈن بۇنداق تەتۈر مۇقاملارغا ئۇسۇل ئوينايمىز؟ داڭلىق فوتوگراف، ئىشتىن سىرتقى ئاخباراتچى، قەشقەر ئۆستەڭبويى كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ غوللۇق كادىرى ئادىلجان ئابدۇقادىرنىڭ بۇ قېتىم ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن خەتنە توي مەرىكىسى قەشقەردىكى ياش ئاتا ئانىلارغا توي-تۆكۈنلىرىمىزنى ھاراق شاراپسىز، ئىس-تۈتەكسىز ئۆتكۈزۈپ، پاك ۋە ئىناق ئائىلە قۇرۇشنىڭ نەدەر مۇھىملىقىنى، توي مەرىكە خۇشاللىقا چۆمگەن ئاشۇ دەملەردە يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىقى بار يېتىم بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىزنى، ئاشۇ ئوماقلىرىمىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن باشلانغان خەتنە توي مەرىكىلىرىنى خۇشاللىققا ئۇلاپ، ئۇلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ئورتاق كۈلۈشىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيىتىمىز ئىكەنلىكىنى تونۇتتى.
مەن بۇ خەتنە توي مەرىكىسىدىن ئۇزاپ چىقىپ، چوڭقۇر خىيالغا پاتتىم. مەنمۇ تۆت يىل بۇرۇن ئىككى ئوغلۇمنىڭ خەتنە توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزگەن ئىدىمغۇ. نېمە ئۈچۈن ئادىلجانغا ئوخشاش قىلالمىدىم؟ خەتنە توي مەرىكىسىنى مانا مۇشۇنداق ئۆتكۈزسىمۇ بولىدىكەنغۇ.
مەنبەسى : تەڭرىتاغ مۇنبىرى .