ئۈرۈمچىلىك ئاياللار
ئۈرۈمچىلىك ئاياللار،
ھارغىن سۇنۇق جىلۋىسى بىلەن
پىرقىرايدۇ رەڭلەرئىچىدە.
ئۈرۈمچىلىك ئاياللار،
زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ،
قۇچىقىدا تەۋرىنىپ لەرزان،
ئۆز-ئۆزىدىن يىراقلىقىنى
سېزەلمىدى بەلكىم تېخىچە.
ئۈرۈمچىلىك ئاياللار،
ياسىنىشنى بىلىدۇ ئەجەپ،
شۇنىڭ ئۈچۈن ياشايدىغاندەك.
ياشلار بىلەن ياشانغاندىمۇ،
نۆۋەت ساقلار پەردازخانىدا،
شۇنچە غەمسىز شۇنچە خىرامان.
ئۈرۈمچىلىك ئاياللار،
چوڭ بىلىدۇ مەنىۋىيەتنى
ئارىلايدۇ باغچىلارنى ھەم
ساياھەتلەر ئەمەس ھېچقانچە
كۆرگەن ھەتتا كۆپكۆك دېڭىزنى.
بىراق
دولقۇنلىغان تەكلىماكاننىڭ
رىۋايەتلىك تەنھالىقىغا
چۆكەلمەيدۇ يوقتۇر پۇرسىتى.
ئۈرۈمچىلىك ئاياللار
ئوخشىمايدۇ مومامغا ئەسلا.
سۇمبۇل چاچلار چۈشكە ئايلانغان.
ئۇنتۇلغان ھەم دوپپا ۋە رومال.
پۇزۇر تەندە غېرىپ ئەقىدە
چاڭقاشلاردا چاك-چاك يېرىلغان.
نۇزۇك يىغلار ئەلەمدە چۇقۇم،
تۇنىمايدۇ ئاماننىساخان.
ئۈرۈمچىلىك ئاياللار
كېلىپ قالسا بۇ يۇرتقا ئەگەر،
نېمىلەرنى ئالاركىن ئەسكە.
ياكى مەمنۇن بۇلۇپ تۇرقىدىن،
ئاق لىچەكلىك تەڭتۈشلىرىگە
خۇرسىنارمۇ قىلىپ ھىسداشلىق
ئېچىنىشنى بىلەلمەي كىمگە.
ئۈرۈمچىلىك ئاياللار
نەزىرەمۇ بارمۇ شۇ جايدا.؟؟؟
ئۆلگىسى ئۇ ھەممە ئايالنىڭ.
نەزىرە مۇھەممەد سالىھ
جۈپ قۇلىدا بۈشۈك تەۋرىتىپ
يۈرۈكىدە دۇنيانى سۆيگەن.
پاكىزە روھ قىرغاقلىرىدا
يېشىل ئاھاڭ بۇلۇپ كۆكلىگەن.
نەزىرە ئەي زامان گۈزىلى،
سىزگە سالام يوللايدۇ خەلقىم.
ئۈرۈمچىلىك ئاياللار،
سېلەر بەكمۇ چېچەن ئەقىللىق.
روھىڭلارغا يېنىڭلار ئەمدى.
كەتسە كەلمەس بۇ ئالتۇن ئۆمۈر.
پال-پۇل بەخت مەئىشەتلەردە
بوش قالمىسۇن سەبىيلەر قەلبى.
ئەقىدىسىز ئەلدە زاۋاللىق
پەرىشتىغۇ ئىبلىسمۇ ئەسلى!!!!!!!!
ئۈرۈمچىلىك ئاياللار
جەنۇپتىكى غەمكىن بىر جايدا
سۆيگۈگە لىق تولغان يۈرەكتىن
ئىھ سىلەرگە يوللايمەن سالام.