|
|
|
|
مەن ئاللاھتىن شۇنداق بىر سۆيگۈ تىلىدىم، شۇ چاغلاردا سەن چۈشۈمگە بىر گۈل بوپ كىردىڭ، مەن ئۇ گۈلنى ئالدىم ،توختىماي پۇرۇدۇم.
سەن بىلەن تونۇشقان شۇ كۈنلەردە سەندىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سورايتتىم، بىلمىگەن بارلىق نەرسىلەرنى سەندىن سورايتتىم . سەن كۈلۈپ تۇرۇپ جىلە بولماي ھارماي ماڭا چۈشەندۈرەتتىڭ، ئىككىمىز بىر ئىشىخانىدا بولغىنىمىز ئۈچۈنمۇ سەندىن باشقا ھىچكىم يوقتەك سەندىنلا سورايتىم ، بەزىدە گەپكە دىققەت قىلماي سېنى رەنجىتكەن يەرلىرىممۇ بولغان .سەن ماڭا رەنجىپ <<ماڭا ھىچقانداق قىز بۇنداق گەپ قىلىپ باقمىغان؟>> دىگەن ۋاختىڭدا ھە راستىمىدۇ؟دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئىككىمىز سىرداش ئىدۇق .ئىككىمىز بىر -بىرىمىزنى سەن دىيىشكە پۈتۈشتۇق .
مەن بىر كۈنى ئاغرىپ قالدىم، ئاسما ئاستۇرۇشقا توغرا كەلدى .ئەتتىگەندە چىقىپ كەتسەم چۈشتىن كىيىن ئۇكۇلۇم تۈگىگەندە كىلەتتىم. سەن مەن كىلىشىمگە تەييارلاپ خەت يىزىپ قوياتتىڭ،<<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، گۈل!ياخشى بوپ قالدىڭىزمۇ؟ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ!>> دىگەن مەزمۇندا يىزىلغان خەتلەر ئىدى، مەنمۇ گەپ قىلماي، قەغەز يۈزىگە <<مەن ياخشى بوپ قالدىم، بۇلبۇل ،ئۆزۈڭىزچۇ؟>> . مەن ھەيران قالاتتىم ئۇ گەپلەرنى ئىغىزدا دىسىمۇ بولىدىغۇ؟ لىكىن نىمىشقىكىن سەن شۇنداق ئىدىڭ. مەنمۇ بۇنۇڭغا كۆندۈم . سەندىنمۇ ئارتۇق گەپمۇ سورۇمۇدۇم.
بىر كۈنى سەن ماڭا بىر ئۈنئالغۇ پىلاستىنكىسىنى بەردىڭ . بۇ نىمە؟ دەپ سورىسام . ئاڭلىساڭ بىلىسەن! دىدىڭ، مەن ئاڭلىدىم، ئۇنۇڭدا سېغىنىش تەسۋىرلەنگەن بىر ناخشا بار ئىدى، بىلەمسەن شۇ چاغدا مەن ئۇ ناخشىنى ئاڭلاۋىتىپ بەك خوش بولدۇم .سىنىڭ مىنى سېغىنغانلىغىڭنى بىلىپ شۇنداق خوش بولغان ئىدىم . لىكىن سەنمۇ مەندىن تەپ تارتاتتىڭ، مەنمۇ ئەلۋەتتە سەندىن ئۆتە ئىدىم . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەن ماڭا يەنە بىر پىلاستىنكا بەردىڭ ئۇنى << كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاڭلىساڭ مىنى كۆرگەندەك بولىسەن ، بۇ ناخشىنى مەن بەك ياخىشى كۆرىمەن!>> دىدىڭ . ئۇنىمۇ ئۆيگە ئاپىرىپ ئاڭلىدىم تامىقىمنى يەپ بولۇپلا ئاڭلايتتىم، ئاپام نىمانداق بىر ناخشىنى ئاڭلاۋېرىسەن؟ دەپ سورايتتى . مەن پەقەت بۇ پىلاستىنكىدىن شۇ ئىككى ناخشىنىلا ئاڭلايتتىم . قايتا قايتا قويۇپ ئاڭلايتتىم. خۇددى ئۇ ناخشىنى سەن ئېيتىۋاتقاندەكلا بىلىنەتتى.ھەتتا ئۇ ناخشىنى يادلاپمۇ بولغان ئىدىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىككىمىز رەنجىشىپ قالدۇق مەن ساڭا بۇندىن كىيىن ئىككىمىز گەپ قىلمايلى ! دىدىم قوپاللا. سەن ماڭا قاراپلا قالدىڭ . لىكىن سىنىڭ شۇ ۋاختىڭدىكى ھالىتىڭنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن ،ماڭا قاراپلا قالغان ئىدىڭ، مەن مۇشۇنداق گەپنى كەسكىن دەپ ئۈگۈنۈپ قالغان بولغاشقا شۇنداق دەپلا ئىشىكنى يىپىپ چىقىپ كەتتىم. شۇندىن كىيىن ئىككىمىز گەپ قىلىشمىدۇق. مەنمۇ ساڭا گەپ قىلمايتتىم ئۆزۈمچە، سەنمۇ ماڭا قارىماي ئىشلىرىڭنى قىلاتتىڭ. لىكىن مەن دەردىمنى ئۆزۈم بىلەتتىم ،مىنىڭ قىلغىنىم خاتامۇ ياكى ئۇنۇڭ؟ دەپ سوئال قوياتتىم. لىكىن كۆنگەن يامانمۇ؟ كۆيگەن؟ دىگەندەك ساڭا شۈنچىلىك كۆنۈپتىمەنكىن سىنىلا ئىزلىگىم ساڭىلا گەپ قىلغىم كىلەتتى. شۇچاغداھىس قىلدىمكى ساڭىلا كۆيگەن ئىكەنمەن ، بىرھەپتىمۇ ئۆتتى، ئىككى ھەپتىمۇ ئۆتتى . مەن بۇنداق كىتىۋەرسەم سىنى يۈتتۈرۋالىدىغاندەكلا ھىس قىلدىم . ساڭا چىدىماي ساڭا گەپ قىلىشنىڭ قانچىلىك خوشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان ئىدىم . سىنىڭ ئالدىڭغا بېرىپ سەندىن كىتاپ سورۇدۇم، سەن <<گەپ قىلمايمەن دەۋەتتاتىڭغۇ؟ گەپ قىلىپ قاپسەنغۇ؟>>دەپ سورۇدۇڭ. مەن :<<شۇ مۇھىم ئىش بولغاشقا گەپ قىلدىم! >>دىدىم . شۇنداق قىلىپ بىز يەنە ئەپلىشىپ قالدۇق. . بىر كۈنى شۇنداق بىر چۈش كۆردۇم چۈشمدە مىنىڭ ئۈستۈلۈمنىڭ ئۈستىدە بىر دەستە ئەتتىرگۈل تۇراتتى . مەن؛
بۇ گۈلنى كىم ئەكەلدى ؟دەپ سورىغىدەكمەن .
شۇنداق چۈش كۆرگەن كۈنلەردە مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم بولغان ئىدى، سەن مىنى بىر تورتىخانىغا ئەكىرىپ بىللە ئولتۇرۇپ تورت يىيىشتۇق. ئاندىن سەن ماڭا ئۈچ تال ئەتتىرگۈل بىلەن پەيدە ياسىغان بەكلام چىرايلىق بىر جۈپ بۇلبۇلنى سوغا قىلدىىڭ . مەن نىمە ئۈچۈن ماڭا بۇنچىۋالا نەرسىنى سوغا قىلىسىز؟دەپ سورۇدۇم .سەن كۆڭلۈم ئۈچۈن! دىدىڭ ، قانداق كۆڭۈل؟ دەپ سورۇدۇم بەلكىم سەن نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشىڭنى بىلەلمەي قالدىڭمىكىن ئىككىمىزنىڭ دوستلىقى ئۈچۈن !دىدىڭ.مەن چاقچاق قىلىپ بۇ دۇنيالىقمۇ؟ ياكى ئۇ دۇنيالىقمۇ؟ دەپ سورۇدۇم. سەن <<مەڭگۈلۈك!>>دىدىڭ.مەن شۇ كۈنى بەكلا خوشال ھالەتتە ئۇخلۇدۇم، ھەم سىنىڭ دائىم مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى مۇشۇنداق تەبرىكلەپ بېرىشىڭنى ئارزۇ قىلدىم. لىكىن ئەتىسى دوستۇمغا بۇ ئىشلارنى دىگەن ئىدىم ، ئۇ ماڭا ئۇنداق سوغىلار ئادەتتىكى ئىشلارغۇ؟ئۇ سىنى ياخىشى كۆرىمەن دىسە ھىساپ! دىدى. توغرا ئۇ ماڭا ياخىشى كۆرىمەن دىمىسە مەن نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم دەيتتىم ئۆز -ئۆزۈمگە . سىنى قانداق چۈشىنىشنىمۇ بىلمەيلا قالدىم. سەن مەن ئۈچۈن بەكلا مۇھىم ئىدىڭ، سىنى ئويلىساملا مىنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلايتتىم قەلبىمدە سەن مىنىڭ ئانقا قۇشۇم ئىدىڭ . ساڭا بولغان بۇ سۆيگۈمنى اللاھ سالغانمۇ يەنە سەن توغرۇلۇق يەنە بەزى چۈشلەرنىمۇ كۆرەتتىم، مەن شۇنى ھىس قىلدىمكى سەن مىنىڭ ئارزۇيۇم ،مىنىڭ بارلىغىم ، بۇ بولسا ئاللاھ باغلىغان مۇھەببەت ئىدى. . شۇڭلاشقىمۇ سېنىى ئۇنتۇشقا ئامالسىز ئىدىم.سېنى راستىنلا ئۇنتىيالمايتتىم، شۇنداق كۈنلەردە سەن تۇيۇقسىز مىنى ياخىشى كۆرىدىغىنىڭنى ئېيتتىڭ ،شۇ چاغدا قانچىلىك خوش بولغانلىغىمنى بىلەمسەن؟شۇ چاغ سېنىڭ ئۈچ تال گۈلۈڭنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىم................................................................................................................
................................................................................................ ...........................
.............................................................................................................................
ئاينى مەن ئاسماندا دىسەم ،
بۇ جايدىمۇ ئاي بار ئىكەن.
تەلمۈرۈپ تۇرغان كىيىكتەك ،
مېنىڭ جانانىم يانىمدىكەن.
سېنى دەيمۇ ،سېنى دەيمۇ،
سېنى كۆرمەي ئۆلەرمەنمۇ.
سېنى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسەم ،
مۇرادىمغا يىتەرمەنمۇ؟
تۆكۈلمىسۈن كۆزۈمدىن ئۈنچە،
توزىمىسۇن ئىچىلماي غۇنچە،
يايرىم سېنى سېغىندىم شۇنچە،
سۆيگۈ دىگەن شۇنداق بولامدۇ؟
مەن ئۈچۈندۇر، سېنىڭ كۈلگنىڭ،
سېنى جاندىن ئەزىز كۆرگىنىم،
سەن ئىدىڭغۇ تۇنجى سۆيگۈنۈم،
سۆيگۈ دىگەن شۇنداق بولامدۇ؟
مەنبە: تەسەۋۋۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئىپارە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-31 02:55 AM
|
|
|
|
|
|