|
|
|
|
مۇۋاپىق ئاچچىقلىنىشنىڭمۇ بەزىدە مېڭىگە پايدىسى بار
ئاچچىقلىنىش ناچار كەيپىيات بولۇپ ، كىم ئاچچىقلانسا بىز ئۇنى ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا ئۈندەيمىز . ئەمما يېقىندا ئىسپاتلىنىشچە ، ئاچچىقلىنىشنىڭمۇ ‹‹ پايدىلىق ۋە پايدىسىز›› تەرەپلىرى بولۇپ ، مۇۋاپىق ئاچچىقلىنىشنىڭ چوڭ مېڭىنى قوزغىتىشقا پايدىسى بار ئىكەن .
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە ، ئازراق ئاچچىقلىنىپ قويۇشنىڭ رولى بەزىدە ئاكتىپ كەيپىياتلارغا ئوخشاش ، چوڭ مېڭىنىڭ سول تەرىپىدىكى ئالاھىدە رايوننى قوزغىتىپ ، كىشلەرنىڭ پىسخىكىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئادەمدە خۇشاللىق ۋە قانائەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىكەن .
ئەلۋەتتە بۇ خىل ئاچچىقلاش بىر تۈرلۈك ساغلام بولغان ئاچچىقلىنىشتۇر . بۇنىڭدىكى مەقسەت ، كەيپىياتنى توغرىلاش بولۇشى كېرەككى ، ھەرگىز باشقىلارنى رەنجىتىش بولماسلىقى كېرەك . ئاچچىقلىنىشنىڭمۇ مەلۇم چېكى بولۇپ ، بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ .
ھۆسىنخەت يېزىشنى مەشىق قىلىش يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەن
ئامېرىكا ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە دوكتورى گاۋ شياڭرېننىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ھۆسىنخەت مەشىق قىلغاندا مەشىق قىلغۇچىنىڭ نەپەس ئېلىشى ئاستىلاپ، نەپەسلىنىش دەۋرى ئۇزىرايدىكەن. ھۆسىنخەت شەكىللىرىنى يازغاندا، نەپەس ئېلىش ۋاقتى چىقىرىش ۋاقتىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن، خەت ئاستا يېزىلغانسېرى يۈرەك رىتىمى شۇنچە ئاستىلايدىكەن.
جىددىيلىشىشتىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىقنى قانداق داۋالاش كېرەك؟
بەزى كىشىلەر خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىشىشى سەۋەبىدىن كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئۇيقۇسىزلىق ھەرگىز بىر كېچە ئۇخلىيالماسلىقنىلا كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئىككىنچى كۈنىدىكى روھىي كەيپىياتقىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال تەكرارلانسا يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇيقۇسىزلىق بىر نەچچە كۈن داۋاملاشسا، خىزمەت ئېغىر بىلىنىدۇ، روھىي ھالەت ناچارلىشىدۇ. شۇڭا، كەيپىيات جىددىيلىشىشتىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى ئاساس قىلىش كېرەك:
1 . كېسەل سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇش كېرەك. ئۆزىدىكى ئۇيقۇسىزلىقنى كۈندۈزدىكى جىددىيلىشىشتىن كېلىپ چىققان، دەپ تونۇپ، ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشىش كېرەك.
2 . ئۆزىگە توغرا باھا بېرىش كېرەك. جىددىيلىشىشنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ ئىش – ھەرىكىتىگە توغرا باھا بېرەلمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن باھا بېرىپ، ئارتۇقچىلىق ۋە نەتىجىلەرنى بايقىغاندا، كەيپىياتنى ياخشىلاپ، جىددىيلىشىشنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
3 . پىسخىك داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەندە، بىر مەزگىل دورا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
ۋىتامىنE تۈرىدىكى ماددىلار راكقا قارشى تۇرالايدىكەن
چېخ ئالىملىرى ھايۋانلاردا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ۋىتامىن E تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ راك ھۈجەيرىسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. خوندىئوسوما ھۈجەيرىدىكى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورگان بولۇپ، ئۇ زەخىملەنسە، ھۈجەيرە ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىكتىن نابوت بولىدىكەن. ۋىتامىن E تۈرىدىكى ماددىلار دەل راك ھۈجەيرىسىنىڭ خوندىئوسوماسىغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق راك ھۈجەيرىسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدىكەن ھەم ئۇنى يوقىتىدىكەن. بۇ تەتقىقاتنىڭ راكقا قارشى يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىشقا ياردىمى بار ئىكەن.
تەيجى گۇمپىسى ئويناپ بېرىش مۇسكۇل ئاغرىقىنى پەسەيتىدىكەن
ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، تالالىق مۇسكۇل ئاغرىقلىرى تەيجى گۇمپىسى ئويناپ بەرگەندە ئاستا خاراكتېرلىك مۇسكۇل ئاغرىقىنى پەسەيتكىلى بولىدىكەن. تالالىق مۇسكۇل ئاغرىقى كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۇنىۋېرسال كېسەل بولۇپ، ئالامەتلىرى كەڭ دائىرىلىك مۇسكۇل ۋە ئۇستىخانلارنىڭ ئاغرىشى، ئەتىگىنى قوپقاندا ھارغىنلىق ھېس قىلىش، ئۇيقۇسىزلىق ھەم كۆپ قىسىم ئالاھىدە بۆلەكلەرنىڭ ئۇيۇشۇپ ئاغرىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
زىيادە تويۇنۇپ تاماقلانغان بولسىڭىز، سول يېنىڭىزنى بېسىپ يېتىڭ
كەچلىك تاماقنى كۆپ يېۋېلىپ ھەزىم قىلالماي قالسىڭىز، سول يېنىڭىزنى بېسىپ يېتىڭ. ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەل ئالامىتى ئاشقازان – قىزىلئۆڭگەچكە ئاچچىق سۇيۇقلۇق تەتۈر يېنىش. ئاشقازان سول تەرەپتە بولۇپ، سول تەرەپنى بېسىپ ياتقاندا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ قايتىشىنى توسقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ياستۇقنى ئېگىزرەك قويۇپ ياتسىمۇ بولىدۇ.
قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك سېلىپ شوۋىگۈرۈچ ئېتىپ ئىچسە كالتسىي تولۇقلايدۇ
كۈز پەسلى ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز ، ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا سۆڭەك ئۆسىدىغان ئەڭ ياخشى پەسىل . شۇڭا ، بۇ چاغدا بالىلارغا كالتسىي تولۇقلاشقا سەل قارىماسلىق كېرەك .يېقىندا ياپونىيەدە چىقىدىغان ‹‹ بالا بېقىش›› ژۇرنىلىدا سەككىز ئايلىقتىن ئاشقان بالىلارغا كالتسىي تولۇقلاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ، يەنى قۇرۇتۇلغان راك سېلىپ شوۋىگۈرۈچ ئېتىپ ئىچۈرۈش ئۇسۇلى تەۋسىيە قىلىندى . قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك تەركىبىدە كالتسىي ، فوسفور مول بولۇپ ، يازلىق يېسىۋىلەكنى قاينىتىپ ، ئۇنىڭدىكى بىر قىسىم چۆپ كىسلاتاسى ۋە فىتالات كىسلاتاسىنى چىقىرىۋەتكەندە كالتسىينىڭ ئۈچەيدە قوبۇل قىلىنىشىنى تېزلىتىدۇ .
قۇرۇتۇلغان ئۇششاك راك سېلىنغان شوۋىگۈرۈچ ئېتىش ئۈچۈن قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكتىن بەش گىرام ، يازلىق يېسىۋىلەكتىن 50 گىرام ، تۇخۇمدىن بىر ۋە ئازراق تۇز تەييارلىنىدۇ . ئاۋۋال قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكنى پاكىز يۇيۇپ سۇغا چىلاپ يۇمشاتقاندىن كېيىن ئېزىمىز ؛ تۇخۇمنى چېقىپ قورۇپ پىشۇرىمىز ؛ يازلىق يېسىۋىلەكنى يۇيۇپ قايناق سۇغا چىلىۋېتىپ ئېزىمىز . شوۋىگۈرۈچ پىشقاندىن كېيىن قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك ، ئېزىلگەن يازلىق يېسىۋىلەك ، تۇخۇمنى سېلىپ ئىككى مىنۇت قايناتساقلا بولىدۇ .
دادىسى تاماكا چەكسە ، ئوغۇل بالىنىڭ ئىسپېرمىسىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ
تاماكا چېكىش — ھەممە كېسەلنىڭ مەنبەسى ، ئۆزىگىمۇ ، ئۆزگىگىمۇ زىيانلىق بولۇپ ، ئەۋلادلارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ . مۇتەخەسسىسلەر : ساغلام پەرزەنت كۆرۈش ئۈچۈن ئاتا–ئانىلا ، بولۇپمۇ دادا قەتئىي تاماكا تاشلىشى كېرەك ، ئۇنداق بولمايدىكەن ، ‹‹ ئەۋلادلىرىنى جۇدا قىلىشى›› مۇمكىن ، دەپ كۆرسەتتى .
تاماكىنىڭ ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى ئىزچىل تېببىي ساھەسىدىكىلەر دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلمەكتە . گېرمانىيە ۋە دانىيە يېقىندا تاماملىغان ئىككى تەتقىقات تۈرىدە : تاماكا ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىدىكى DNA نىڭ مۇكەممەللىكىنى بۇزىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ پەرزەنت كۆرۈشىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ ، دەپ تەكىتلەندى .
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1–دوختۇرخانا ئەرلەر كېسەللىرى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى گاۋ بىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى : نۇرغۇن تەتقىقاتتا تاماكا چېكىش ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدېنى ۋە كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىگە زىيانلىق بولۇپ ، قان تومۇرىنىڭ ئىچكى دىۋارىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىۋېتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى . بۇ ، ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە تېستوستېروننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ . ئۇ يەنە ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، جورىسىنىڭ ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ . تاماكا چەككەندە يەنە ھاياتىي كۈچى ئاجىزلاپ ، ئەۋلادىنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قېلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ . شۇڭا ، پەرزەنتلىك بولالماسلىق كېسىلى داۋالىغاندا دوختۇرلار دائىم : تاماكا چېكەمسىز ؟، دەپ سورايدۇ .
ئامېرىكا پىتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى ساغلاملىق تەتقىقاتيۇرتىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا :ئاياللار ھامىلدار بولغان مەزگىلدە تاماكا چەكسە ياكى تاماكا چەككەن مۇھىتتا يۈرسە تۇغۇلغان ئوغۇلنىڭ كېيىن پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدىكەن .نۇرغۇن زەھەرلىك ئىس–تۈتەك ھامىلدار ئاياللارنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسى ، يۈرەك قان تومۇرى سىستېمىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسىدا ناچار تەسىر پەيدا قىلىدىكەن .
‹‹ ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى›› دىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-31 03:05 AM
|
|
|
|
|
|