ئەسسالامۇئەلەيكۈم قېرىنداشلار:
ئاتۇش خەلقىنڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان،نامى پۈتكۈل شىنجاڭغا تارالغان،كاتتا ئۆلىما رۇستەم قاراجىم،28-چىسىلا جۈمەدىن كىيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى.
ئاللاھ ،مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئاسان قىسۇن ئامىن!
مەرھۇمنىڭ نامىزى تۈنۈگۈن ئەتىگەن توققۇز يېرىمدا،ئاتۇش بۇغرام جامىئەسىدە چۈشۈرۈلدى.
7 G0 c m9 L5 [/ T( X" }5 O$ ~
ئاتۇش دىيارىدىكى مەرھۇمنىڭ ئۆلىمىدىن خەۋەر تاپقانلىكى كىشى ھەمدە قەشقەر،ئاقسۇ،خوتەن،كورلا،ئۈرۈمچى ۋە ھەرقايسى ناھىيىلەردىن كەلگەن100 مىڭدەك ئادەم مېيىت نامىزىغا قاتناشتى.ئاتۇش دىيارى لەرزىگە كەلدى.
9 ~ x4 z# B, {7 s3 h& e% I
بەلكىم بۇ شىنجاڭ تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ ئادەم قاتناشقان مېيىت نامىزى بولىشى مۇمكىن.
- E/ \) z2 _; i0 |- A
بۇنىڭدىن مەرھۇمنىڭ خەلىق قەلبىدىكى ئورنىنى ھەمدە خەلقىمىزنىڭ ئۆلىمالىرىنى قانچىلىك ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.
1 c* d6 N) ~, ^$ ~- @$ u
مەرھۇمنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن،ھەسۇلتۇنۇم (يەنى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى)دىكى يېقىنقى تارىختا ئۆتكەن كاتتا ئۆلىمالارنىڭ قەبرىسى قاتارىغا قويۇلدى.
9 M4 b/ G" v- k3 x6 N
جانابى ئاللاھ،مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئاسان قىلسۇن،ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلسۇن.ئامىن!
; B5 S7 p' ~8 b. |& @$ {( f+ c
بۇندىن كىيىنمۇ ،مەرھۇم ئالىمىمىزدەك كاتتا ئۆلىمالارنىڭ چىقىشىنى،مەرھۇمنىڭ شاگىرىتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش خەلقىگە مۇسۇلمان ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزىدىغان،ئۆلىما بولۇپ چىقىشىنى بىر ئاللاھتىن تىلەيمىز