مىسرانىم مارشى
مىسرانىم ئەھلى بىىز قوللار تۇتاشقان ،
ئەمەسبىز نەسلىدىن يولدىن ئاداشقان.
بەدەلگە تەيياربىز روھىمىز ئويغاق،
مۈشكۈلگە مەردانە جاننى ئاتاشقان.
يارىتىش يېڭىنى بىزدىكى نىشان،
ئىز بېسىپ مېڭىشقا بەلنى باغلاشقان.
تەئەللۇق ۋەتەنگە ئاخىرقى نەپەس،
دەپ قەسەم بېرىشكەن سەپكە ئاتلاشقان.
كۈتمەكتە بىزنى كەلگۈسى جاھان،
تاۋلانغان ئەزىمەتنى كۈتمەكتە دەۋران.
ئۇيۇشساق ئۇيغۇر بىز كەل قېرىنداشلار-!
مەھكۇملۇق بىزلەرگە ئەمەس ھۆكۈمران.
ئەسىرلەر بوينىدا شەرەپ شانىمىز،
ئەجداتلار قان كېچىپ داۋانلار ئاشقان.
ھەقىقەت كۆز ئاچقان ئويغاق دەۋىر بۇ،
غاپلەتلىك ئۇيقىدا ياتقانلار ئويغان-!!!
مەنبە:لاۋا0998(ئىجادىيەتلىرى)دىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-30 10:29 PM