|
|
|
|
خەتتاتىمىز ئەرشىدىن راشىد ئىستانبۇلغا بارغان كۈنىدىن تارتىپ ياۋرۇپا بىلەن ئاسىيا ئارسىدىكى فوسفۇر بوغۇزىنى تەتقىق قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ مەقسىدى بۇ دېڭىز بوغۇزىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈش ئىدى. ئادەتتە بىخەتەرلىك ئۇچۇن دېڭىز ساھىلدا ئۈزۈشكە بولىدىكەن،ئەمما دېڭىز بوغۇزىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈش چەكلەنگەن ئىكەن.شۇنداق بولسىمۇ ئۇ جايدىكى بەزى مەدەنىيەت ئەربابلىرى ۋە دوست-يارەنلىرىنىڭ توسۇشىغا قارىماي، ئارىدىن ئون كۈن ئۆتكەندە 7- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت دەل تۆتتە ئۈزۈشكە باشلاپ بەشتىن 50مىنۇت ئۆتكەندە قارشى قىرغاققا چىقىپ بولغان.ئەسلى ئۈزۈش ئارلىغى ئۈچ كىلومىتىرئىكەنتۇق، ئەمما بەزى خەتەرلىك ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن مۇساپە يېرىم كىلومىتىر ئېشىپ كەتكەن. ئەرشىدىننىڭ ئۆزىنىڭ دېيىشىچە ئۇ ئەنسىرگەن ئۆتۈۋاتقان چوڭ يۈك پاراخۇتلىرى،ساياھەت پاراخۇتلىرى، كۈچلۈك دېڭىز دولقۇنى خەتەرلىك بولماستىن ،بەش -ئون كىشىلىك كىچىك تىپتىكى كاتىرلار ۋە سۇنىڭ سۇغۇقلىقى خەتەرلىك ئامىل بولۇپ قالغان ،چۈنكى سۇنىڭ دولقۇنىدا قارشى تەرەپتىن كەلگەن كاتىرنى كۆرگىلى بولمايدىكەن،پاراخوت ئۆتۇپ بولغان جاينىڭ سۈيى سوغوق بولۇپ پەي تارتىشىپ قېلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئەرشىدىن 2010-يىل 6-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت چۈشتىن كىيىن تۆتتىن باشلاپ ئالتە يېرىمغىچە ئۈرۈمچى خوڭيەنچى سۇ ئامبىرىدىن كېسىپ ئۆتكەن .(4كىلومىتىر) 2011-يىلى 7- ئايدىكى قاناس كۆلىدىن ئۈزۈش مۇسابىقىسىگە(ۋاقتىدا خەۋەر تاپالماي قال غانلىقتىن) قاتنىشالماي قالغان. 26كىلومىتىر لىق بۇ مۇساپىنى تاماملاشقا ئىشەنچى بار ئىكەنتۇق.ئەرشىدىن راشىد ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان خەتتات بولۇپلا قالماستىن يەنە سۇ ئۈزۈش ماھىرىدۇر .
|
|
|
|
|
|