مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5827|ئىنكاس: 48

لىشياۋلوڭ ۋە يېۋېن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋاقىت ھەممىنى ئى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14787
يازما سانى: 539
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9061
تۆھپە نۇمۇرى: 509
توردا: 5572 سائەت
تىزىم: 2010-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 04:26:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھەمىمىزگە مەلۇم،جۇڭگۇ تارىخدا مۇنۇ ئىككى كىشى بار،ئۇ بولسىمۇ يېۋېن بىلەن لىشىياۋلوڭ دۇر. يېۋېن يوڭچۈن گۇمپىسىدا ئەڭ كامالەتكە يەتكەن كىشى، لىشىياۋلوڭ بولسا يېۋىننىڭ ئەڭ ئامىراق شاگىرتلىرىنىڭ بىرى.شۇڭلاشقا مەن بۈگۈن بۇ ئىككەيلەننى دوسلارغا قىسقىچە تەرجىمھالىنى تەرجىمە قىلىپ يەتكۈزمەكچى.ئەلۋەتتە باشقا مەقستىىم يوق، دوسلارنىڭمۇ ئارتۇقچە ئويلىشىنىمۇ خالىمايمەن، بولۇپمۇ يازغان تىمامنى ياختۇرماي ئادەمنىڭ زىتىغا تىگىدىغان گەپلەرنى دىمەسلىكىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

               يېۋېن
   يېۋېن 1893-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە ياشىغان، ئەسلىي ئىسمى يېجىۋېن،گۇاڭدوڭ فوشەنلىك باي ئائىلىنىڭ ئوغلى، يېۋېن كىچىگىدىنلا ئائىلىسىنىڭ قاتتىق باشقۇرشى ئاستىدا چوڭ بولغان.يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى، يوچڭۈن گۇمپىسىنىڭ پىشۋاسى لىياڭزەننى ئۇستاز تۇتۇپ،يوڭچۈن گۇمپىسىنى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئۆگەنگەن.ئۇستازىنى ئۇنى يوچڭچۈن گۇمپىسىدىن باشقا ھېچقانداق بىر گۇمپىچىلارنىڭ گۇمپىسىنى ئۆگۈنىشىنى چەكلىگەن.ئۇستازى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ، ئۇ ئاكىسى ۋۇجوڭسۇ بىلەن يوڭچۈن گۇمپىسىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ،تەتقىق قىلىشقا باشلىغان.يېۋېن 16 ياشقا كىرگەن يىلى ئاتا-ئانىسى ئۇنى چەتئەل تىلى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن شاڭگاڭغا ئەۋەتكەن.كىيىن ئۇ شاڭگاڭدا لىياڭزەننىڭ شاگىرتى،لىياڭبىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ماھارەت ئۆگەنگەن.كىيىن ئۇ يۇرتىغا قايتىپ ئۆيلەنگەن، 1950-يىلى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى، شىياڭگاڭغا كەتكەن،لېكىن شاڭگاڭدا تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغاندىن، كىيىن ئۇ ئاخىرى يوڭچۈن گۇمپىسى ئۆگىتىدىغان ساراي ئېچىپ، يوڭچۈن گۇمپىسىنى ئەل ئىچىگە تاراتقان.كېيىن ئۇنىڭ بۇ گۇمپىسى ئىنتايىن تەرەققىي قېلىپ، ھەر جايلاردىن كېلىپ ئۇنىڭدىن گۇمپا ئۆگىنىدىغانلار كۆپەيگەن.ئۇنىڭ شاگىرتلىرى تەخمىنەن 2مىليوندىن ئاشىدۇ.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭ قازانغىنى ۋە دۇنيادا ئەڭ شۆھرەتكە ئىگە بولغىنى لىشياۋلوڭ.

2009-يىلى جېنزىدەن يېۋېننىڭ ئىش پائالىيىتى ئېنىق گەۋدىلەندىۈرۈلگەن كىنو<<يېۋېن>> نى چىقىرىشى بىلەن ، بۇ كىنونىڭ كۆرۈرمەنلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، زور ئالقىشقا ئېرىشتى.


ھەقىيقىي يېۋېن



                    لىشىياۋلوڭ
  لىشىياۋلوڭ دۇنيا چولپىنى، داڭلىق كىنو ئارتىسى ، گۇمپا پىشۋاسى، رىژىسسور.ئۇ 1940-يىلى تۇغۇلۇپ 1973-يىلى ۋاپات بولغان شاڭگاڭلىق،ئۇ كىچىگىدىن تارتىپ نۇرغۇن كىنولارغا چىققان.ئەسلىي ئىسمى لىجېنفاڭ،ئۇ UFCنى باشلاپ بەرگۈچى، MMAنىڭ ئاتىسى.جىيېچۈئەنداۋ گۇمپىسىنىڭ ئاتىسى،پۈتۈن دۇنيادا تەسىرى ئەڭ زوربولۇپ، ئۇنىڭ شان -شۆھرىتى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.شاڭگاڭدا باش رول بولۇپ چىققان كىنوسىدىن 3ئى پۈتۈن دۇنيا بويىنچە كۆرۈلۈش سانى رىكورت ياراتقان.ئۇ خاۋلەيۋۇدا ۋە شاڭگاڭدا كىنودا باش رول بولۇپ چىققان ۋە ياكى رىژىسسورلۇق قىلغان.ئۇ 50 كە يېقىن كىنوغا چىققان.ئۇ دۇنيادىكى يەتتە جانبازنىڭ بىرى.
بوي ئىگىزلىكى : 1مىتىر 73سانتىمىتىر
ئېغىرلىقى:64 كىلوگىرام
لىشياۋلوڭ كىچىگىدە ئىنتايىن كەپسىز بولۇپ، دائىم مەكتىپىدە چەتئەللىكلەردىن تاياق يىگەچكە،دادىسى ئۇنى توختىماي مەشىققە سالغان، كىيىن دادىسى ئۇنى شۇ ۋاقىتلاردا شاڭگاڭدا نام چىقىرۋاتقان يېۋېنغا شاگىرتلىققا بەرگەن.يېۋېن ئۇنى ئىنـايىن كۆپ مەشىققە سېلىىش جەريانىدا لىشىۋلوڭنىڭ كەپسىز بولسىمۇ، چېچەن،ئەقىللىقلىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ قالغان ۋە ھېچكىمگە ئۆگەتمىگەن ماھارەتلىرىنى تەپسىلىي ئۆگەتكەن.لىشاۋلوڭمۇ شۇ ۋاققىتتىكى نۇرغۇن جانبازلار سارىيىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن كۈچ سېنىشىپ، نۇرغۇن ماھارەتلىرىنى ئۆگۈنىۋالغان.ئۇ شۇنداق توختىماي ئىزدىنىپ يوڭچۈن گۇمپىسىدا كامالەتكە يەتكەن.ئۇ كىچچىككىنە ناھەقچىلىققا چىدىيالمايدىغان بولغاچقا،تولا جىدەل چىقىرىپ، نۇرغۇن قارا گورۇھلارنىڭ چىشىغا تىگىپ قويغان.ئىشنىڭ خەتەرلىكلىكىنى بىلگەن دادىسى، يېۋېن بىلەن مەسلەھەتلىشىپ،ئۇنى ئامىركىغا چىقىرىپ،شۇ يەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا ئەۋەتىۋەتكەن.لىشاۋلوڭ ئامىركىدا، ئېنگىلىز تىلىنى پىششىق ئۆگەنگەن، ۋە مەشىق قىلىشنى قەتتىي توختۇتۇپ قويمىغان، ئۇ نۇرغۇن جانبازلار بىلەن ئېلىشىپ ئۇلارنىڭ ماھارەتلىرىنى ئۆزىدە يېتىلدۈرگەن.ئۇ يەنە جانبازچىلىق سارىيى ئېچىپ ئازراق ئىقتىساد توپلىغان،كېيىن ئۇ ئامىرىكا قورۇق قول ئېلىشى مۇسابىقىسگە قاتنىشىپ، بىرىنجى بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ نامىنى ئىنتايىن كۆپ كىشلەر بىلگەن، ھەمدە نۇرغۇن كىنو شىركەتلىرى ئۇنى تەكلىپ قىلىپ كىنو ئىشلىگەن. ئۇ شۇنىڭدىن ئىتىبارەن، كىنو ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلىغان، ئۇ كىنوغا چىقىپ نام قازانغاندىن كىيىن جۇڭگۇ گۇمپىسىنىڭ شان-شۆھرىتى پۈتۈن دۇنياغا  تارالغان. لىشىياۋلوڭ ئامىركىدا تايلانت گۇمپىسى، كورىيەنىڭ تەيچۈئەن گۇمپىسى، بىرازلىيەنىڭ روۋداۋسى ياپوننىڭ قورۇق قول ماھارىتى ... قاتارلىق جانبازلارنىڭ ئەڭ نادىر ماھارەتلىرىنى يوڭچۈن گۇمپىسى بىلەن ئۆزلەشتۈرۈپ ئاخىرى ئۇ جىيېچۈئەنداۋ گۇمپىسىنى ئىجاد قىلغان.كېيىن يېۋېن ئۇنىڭدىن قاتتىق ئاچچىقى كىلىپ ئۇنى يوڭچۈن گۇمپىسىنىڭ خائىنى دەپ تىللىغان ۋە شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىنى توختاتقان.لىشياۋلوڭ پۈتۈن دۇنيادا ئەڭ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن گىگانىت چولپان.كېيىن لىشۋلوڭ مەلۇم بىر جانبازچى بىلەن ئېىرىشى جەريانىدا قارشى تەرەپنى يەڭگەن بولسىمۇ،ئەمما ئىنتايىن تەس يەڭگەچكە، ئۇ بەدىنىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئىنتايىن زور ئېغىر مەشقلەرنى قىلغان.يەنە تېخى ئۆزىگە توك ئۆتكۈزگەن.ئاندىن كېيىن ئۇ بىر كىنو ئارتىسى بىلەن ئۆزى ئىشلەپ چىقارماقچى بولغان بىر كىنو ئۈستىدە مەسلەھەتلىشۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بېشى ئاغرىغان، ئۇ كىنو ئارتىسى قىزچاق ئۇنىڭغا دەرھال باش ئاغرىق دورىسى قاينىتىپ، ئۇنىڭغا ئىچكۈزگەن ۋە ئۇنى ياتقۇزۇپ قويغان، كېيىن نەچچە سائەتكىچە لىشياۋلوڭدىن بىرە شەپە چىقمىغاچ ئالدىراپ ياتاق ئۆيىگە كىرگىنىدە،لىشىىياۋلوڭ ئاللا بۇرۇن بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان ئىكەن.ئۇنىڭ ئۆلىمىنڭ سىرى ھازىرغىچە يېشىلگىنى يوق،ئۇنىڭ ئۆلىمىنىڭ يەتتە سىرى بار:
1.قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن
2.دورا رەكسىيە قىلغان
3.ھەددىدىن ئارتۇق مەشىق قىلىش
4.مەلۇم كىسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈش
5.چارچاش (ئاڭلاشلارغا قارىغاندا لىشىيۋلوڭ ئۆزىنىڭ كىنوسى ئۈستىدە ئىزىدىنىمەن دەپ، نەچچە كىچە ئۇخلىمىغان ۋە ئۇخلىماي دەم ئالماي يەنە كىنوغا چىققان)
6.بەدىنىدە ماي ئىنتايىن ئازلاپ كەتكەن
7.ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان

  جۇڭگۇنىڭ داھىيسى ماۋزىدوڭمۇ لىشۋلوڭنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەنتۇق.ئەپسۇس لىشياۋلوڭ ئۆزى يازغان ۋە رىژىسسورلۇق قىلغان كىنو <<ئۆلۈم ئويۇنى>>ناملىق كىنونى ئىشلەۋاتقان كۈنىنىڭ 2-كۈنى ئۆلۈپ كەتكەن.ئۇنىڭ ئوغلى لىگوخاۋمۇ 1993-يىلى خاۋلەيۋۇدا كىنو ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا تاپانچىدىن راس ئوق چىكىتىپ، بۇدۇنيادىن خوشالاشقان،بۇ ۋاقىتتا لىگوخاۋمۇ ئەمدى 20 نەچچە ياشلاردا لىشىياۋلوڭ 32 ياشتا ئىدى.ئىككەيلەننىڭ قەبرىسى ئامىركىدا ھەم بىر يەردە قويۇغلۇق.
ئامىرىكىلىقلار ئۇنى گۇمپا پىشۋاسى دەپ ئاتايدۇ.
ياپونيىلىكلەر جانبازچى ئەۋلىيا دەپ ئاتايدۇ.
شاڭگاڭلىقلار ئۇنى كىنو تارىخىدىكى مۆجىزە دەپ ئاتايدۇ.
پۈتۈن دۇنيا ئۇنى ئورتاق<<جۇڭگۇ گۇمپىسىنى دۇنياغا ئەڭ تونۇتقان كىشى>> دەپ ئاتىشىدۇ.

تۆۋەندىكىسى لىشياۋلوڭ ۋە يېۋېننىڭ سۈرىتى


لىشىۋلوڭ


   2008-يىلى شاڭگاڭلىق داڭلىق كىنو ئارتىسى چېڭگوكۈن لىشىياۋلوڭ ئوبرازىنى يارىتىپ،50 قىسىملىق <<لىشىياۋلوڭ رىۋايىتى>>ناملىق كىنونى چىقىرىپ،كەڭ خەلىق ئامىسىنىڭ ياختۇرشىغا سازاۋەر بولدى.چېڭگوكۈن لىشىياۋلوڭ بىلەن 90%ئوخشىشىدۇ.


بۇ لىشىياۋلوڭ بىلەن چېڭگوكۈننىڭ سېلىشتۇرمىسى


   ئۆزۈم جانبازچىلىققا قىززىققاچقا، ياختۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ كۆپچىلىككە سۇندۇم.داۋاملىق جانبازچىلىققا ئائىت نەرسىلەرنى يوللاپ تۇرىمەن.رەخمەت!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UyGuR-CF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-30 04:39 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
GLADIATOR + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

http://www.2345.com/?k98332372سىز تېخى بۇنى كۆرمىدىڭىزما؟ نېمىگە ساقلاپ تۇرىسز؟ دەرھال كۆرۈڭ..!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77853
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3269
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 05:43:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تېما يولاپسىز رەخمەت سىزگە

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16659
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6595 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 05:46:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇرادىرىم  بۇلارنى قايتا تۇنۇشتۇرغىنىڭىزغا خۇرسەنمەن . ئەمما يازمىدا تىلغا ئىلىنغان خاۋلەيۋۇنى خەنچە ئاتىماي ئۇيغۇرچە ئەسلى ۋاريانت بويىچە ھوللىۋود دەپ ئىلىڭ .

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16659
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6595 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 05:46:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇرادىرىم  بۇلارنى قايتا تۇنۇشتۇرغىنىڭىزغا خۇرسەنمەن . ئەمما يازمىدا تىلغا ئىلىنغان خاۋلەيۋۇنى خەنچە ئاتىماي ئۇيغۇرچە ئەسلى ۋاريانت بويىچە ھوللىۋود دەپ ئىلىڭ .

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 05:47:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاۋلەيۋۇ ئەمەس ھوللىۋود دەپ ئېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،
شەخسەن مەن ناھايتى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!
saralik312 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 05:51:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5251
يازما سانى: 1306
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 92299
تۆھپە نۇمۇرى: 2105
توردا: 1311 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 06:05:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىشىياۋلۇڭنىڭ ئوغلى لى گوخاۋ « قاغا » ناملىق فېلىمنى ئىشلەۋاتقاندا تاپانچىدىن راست ئوق چىقىپ كىتىپ ئۈلۈپ قالغان ئۆلگەن ۋاختىدا  ئۇ 28 ياشتا ئىدى ،  « ئوغلىنىڭ ئۈلىمى بىر قەستلەپ ئۆلتۈرۈش بۇلۇپ تاپانچىغا راس ئوق سېلىپ قويغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھازېرغىچە نامەلۇم »

ئارخىپ ناملىق مىروگىراممىدا لىشاۋلۇڭنىڭ ئۈلۈمىنى ئۇزۇن مۇددەت ئۈزىگە توك تەككۈزۈپ مەشىق قىلغانلىقىدىن بولغان دەىگەن قاراشنى بەزى بىر ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرغا قويغان ، لىكىن بۇ قاراش يەنىلا پۈت تىرەپ تۇرالمىغان ، شۇنىڭ ئۈچۈن لىشاۋلۇڭنىڭ ئۈلۈمىنىڭ سەۋەبى بىر سىر بۇلۇپ قالغان .......

لىشاۋلۇڭنىڭ مۇش ئېتىش  ھەركىتى ئادەتتىن تاشقىرى تىز بۇلۇپ كىنو ئىشلىگەندە باشقا ئارتىسلارنىڭ ھەركىتىنى  تىزلىتىپ سۈرئەتكە ئالسا لىشاۋلۇڭنىڭ ھەركىتىنى ئاستىلىتىپ  سۈرەتكە ئالغان ....

بىر قىسىم تەھلىلچىلەر ئۇنىڭ ھەركىتىنىڭ  بۇنداق ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تىز بۇلۇشى ئۈزىگە توك سوقتۇرۇپ مەشىق قىلىشتىن بولغان بىراق بۇنداق مەشىق قىلىش ئۇسۇلى جاننى ئالىدۇ دىگەن قاراشتا بولغان ،

نىمىلا دىمىگەن بىلەن لىشاۋلۇڭ ئەڭ دەسلەپتە ۋوللىۋودتا بۇت تىرەپ تۇرغان بىردىن بىر سېرىق تەنلىك ، ئۇ بىر ھەقىقى گۇمپا مۇتەخەسسىسى . شۇنداقلا دۇنياغا مەشھۇر گۇمپا ئاتىسى ...

تىما ئىگىسى جاپا تارتىپسىز  رەخمەت .... .

تۈۋەندىكى لىشاۋلۇڭنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئەڭ داڭلىق ئىككى تىكتاك توپ ماھىرى بىلەن  لىشاۋلۇڭ ئۈزىنىڭ ۋەكىللىك ماھارىتى  بولغان سۇنۇق كالتەك ماھارىتى ئارقىلىق بەسلەشكەن كۈرنىشى،


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   GLADIATOR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-30 06:12 PM  


يالغۇز قالغىنىڭدا مەيۈسلەنمە ، چۈنكى بۆرىمۇ يالغۇز قالغاندا ئايغا قاراپ ھۇۋلايدۇكى ھەرگىزمۇ تۈلكە بىلەن دوسىت بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2776 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 06:11:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
GLADIATOR يوللىغان ۋاقتى  2012-12-30 06:05 PM
لىشىياۋلۇڭنىڭ ئوغلى لى گوخاۋ « قاغا » ناملىق فېلىمنى ئ ...


خويۈەنجىيا بىلەن چېنجىننىڭ داڭقى يوقما ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   !UYGHURJAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-30 06:28 PM  


ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5251
يازما سانى: 1306
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 92299
تۆھپە نۇمۇرى: 2105
توردا: 1311 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 06:13:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2012-12-30 06:11 PM
لىشاۋلۇڭنىڭ مۇش ئېتىش  ھەركىتى ئادەتتىن تاشقىرى تىز ب ...

رەخمەت  ئۇكام راسلا خاتا يېزىلىپ قاپتۇ . تەھىرلەپ قويدۇم ...

يالغۇز قالغىنىڭدا مەيۈسلەنمە ، چۈنكى بۆرىمۇ يالغۇز قالغاندا ئايغا قاراپ ھۇۋلايدۇكى ھەرگىزمۇ تۈلكە بىلەن دوسىت بولمايدۇ .

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 06:26:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ فىلمدىن ھەيران قالدىم، قالتىسكىنا

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش