«بىسمىللاھىررەھمانۇرەھىم»
ئىنسانىيەتنىڭ «لائىلاھەئىللەللاھ» كەلىمىسگە بولغان مۇھتاجلىقى.
ھۆرمەتلىك دىنداش، قېرىنداش، تەقدىرداش تورداشلار ،ئىنسانلارغا دەسلەپكى قەدەمدە ئاللاھنى تونۇتۇش ۋاجىپ بولغان. چۈنكى ئاللاھھۇ تائالا مۇنداق دىگەن «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقلۇقىنى بىلگىن،» دەپ ئىنسانلارغا خىتاپ قىلغان.بۇ تونۇش دەلىل ئىسپات ئارقىلىق تونۇش.بۇ تونۇش تىلىمىز بىلەن «لائىلاھە ئىللەللاھ» كەلىمىنى ئىقرار قىلىپ تونۇش. بۇ تونۇش«لائىلاھە ئىللەللاھ» كەلىمىسى بىزنى بۇيرۇيدىغان ئىشلارنى بىجاندىل قىلىپ تونۇش.بۇ تونۇش«لائىلاھە ئىللەللاھ» كەلىمىسى بىزنى چەكلىگەن ئىشلاردىن ئۆزىمىزنى ياندۇرۇپ تونۇش.
بۇ تونۇش تەقلىدىي ئاللاھنى تونۇش ئەمەس. يەنى ئاتا-ئانام ئىسلامغا كىرىپتىكەن، مەنمۇ كىردىم. ئاتا-ئانام ناماز ئوقۇپتىكەن، مەنمۇ ئوقۇدۇم دەپ تەقلىدىي ئىمان ئېيتقان بولسا، تەقلىدىي ئىبادەت قىلغان بولسا ئۇ ئىمان ئىمان ھىسابلانمايدۇ، بۇنداق ئىبادەت ئىبادەت ھىسابلانمايدۇ. چۈنكى ئاللاھۇ تائالا بىزنى ئۆزىنى تونۇش ئارقىلىق ئىمان ئېيتىپ، ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىغان.
بىز نىمە ئۈچۈن«لائىلاھە ئىللەللاھ» كەلمىسىگە مۇھتاج؟
چۇنكى «لائىلاھە ئىللەللاھ» كەلىمىسى بىزنى نۇرغۇنلىغان ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، روھىمىزغا ياخشى بولىدىغان ئىشلارنى بۇيرۇيدۇ.
(1) «لائىلاھەئىللەللاھ» كەلىمىسى بىزنى كۇفىرلىقنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نۇرى بولغان ئىسلامغا چاقىرىدۇ.
(2) بۇ كەلىمە بىزنى روھىيىتىمىزنى پاكلاشقا، ئەخلاقسىزلىقنى يوقۇتۇشقا چاقىرىدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھۇتائالا مۇنداق دىگەن « ئىھ مۇھەممەت سەن بۇيۈك ئەخلاقنىڭ ئۈستىدە دۇرسەن ».
(3) بۇكەلىمە بىزنى باشقىلارغا يېلىنماس دىندىن تېيىنماس، مەدەت،رىزىق، ياردەمنى ئىنسالاردىن تەلەپ قىلماستىن ، پەقەت ئاللاھدىن تەلەپ قىلىدىغان قىلىدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھۇ تائالا مۇنداق دىگەن:« بىزنىڭ ئۈستىمىزگىدۇر مۆئىمىنلەرگە ياردەم بېرىش» دەپ بىزگە ئاللاھ ۋەدە بەرگەن.
(4) بۇ كەلىمە بىزنى جەننەتكە لايىق ئىشلارنى قىلىشقا، دەۋزەخكە كىرىشكە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن يېنىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھۇ تائالا مۇنداق دېگەن: « ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ياخشى كىشىلەر نىئىمەتلىك جەننەتىدۇر» دىگەن
(5) بۇ كەلىمە بىزنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا ئاللاھتىن ياردەم تىلەشكە بۇيرۇپ، مازالاردىن، داخانلاردىن،رەمباللاردىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىز پېتىپ قېلىۋاتقان بىدئەت خۇراپاتلىقلاردىن توسىدۇ. بۇ جەھەتتە بىزگە ئاللاھ كىمگە ئىبادەت قىلىش، كىمدىن ياردەم تەلەپ قىلىشنى ئۈگۈتۈپ« ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز. سەندىلا ياردەم تىلەيمىز» دەڭلار دەپ بۇيرۇق قىلغان. مۇشۇنىڭدەك «لائىلاھە ئىللەللاھ» كەلىمىسى بىزگە ئېلىپ كەلگەن سائادەتلەرنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بىز ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن سۆزىمىزنى قىسقىراق قىلىپ،«لائىلاھە ئىللەللاھ» كەلىمىسىنى چۈشەندۈرۈشكە كىرىشەيلى!
«لائىلاھە ئىللەللاھ» كەلىمىسىنى ئىسلامدا ئىمان كەلىمىسى دېيىلىدۇ. بۇكەلىمىنى دېيىش ئارقىلىق ئىنسان ئىسلامغا كىرگەن بولىدۇ. شۇڭا «لائىلاھە ئىللەللاھ»كەلىمىسىنى ئىمان دىسەك، ئىمان دىگەن نىمە دىگەن سۇئال تۇغۇلىدۇ.
ئىمان دىگەننىمە؟
جاۋاپ: ئىماننىڭ لۇغەت مەنىسى «ئىشىنىش» دىگەن مەنىدە.
ئىسلام ۋەشەرىئەتتىكى مەنىسى:
(1) تىل بىلەن «لائىلاھە ئىللەللاھ» دەپ ئىقرار قىلىش،
(2) دىل بىلەن «لائىلاھەئىللەللاھ» كەلىمىسىنى تەستىقلاش.
(3) «لائىلاھە ئىللەللاھ» كەلىمىسى بۇيرىغان ئىشلارنى قىلىش، چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىش.
مۇشۇ ئۈچىنىڭ جۇغلانمىسىنى ئىمان دەيمىز. بۇ ئۈچى بىر-بىرىدىن ئايرىلسا ئىمان بولمايدۇ.
مەسىلەن: بىر كىشى «لائىلاھەئىللەللاھ» دەپ قويۇپ، دىلى بىلەن تەستىقلىمىسا ئۇ كىشى كاپىر ھىسابلىنىدۇ. چۇنكى مۇناپىقلار تىلىدا«لائىلاھە ئىللەللاھ» دەپ، دىلىدا تەستىق قىلمايدۇ. بۇلارنى ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»نىڭ 2- سۈرىسى (بەقەرە سۈرىسىنىڭ) 8- ئايىتىدە مۇناپىقلارنى مۇسۇلمان ئەمەس دەپ مۇنداق دېگەن:« كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (يەنى قىيامەت كۈنىگە) ئىمان ئېيتتۇق دەيدىغانلار بار، بۇلار مۇئىمىن مۇسۇلمان ئەمەستۇر» دەپ بىزگە ئاللاھ خەۋەر بەرگەن.بۇ ئايەت مۇناپىقلار ھەققىدە چۈشكەن.
يەنە بىر كىشى دىلى بىلەن ئاللاھنىڭ بارلىقىنى تونۇپ، تىلى بىلەن «لائىلاھە ئىللەللاھ»كەلىمىسىنى دېمىسە ئۇ كىشىمۇ كاپىر ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى فىرئەۋىن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى ئاللاھنىڭ بارلىقىغا، مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسالامنىڭ راست بەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. لىكىن ئۇلار تىلى بىلەن ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى ئىقرار قىلمىغان ۋە يەھۇدىي ناسارالار ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەتتى ۋە رەسۇلىللاھنىڭ ئەرەبلەر ئىچىدىن چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. لىكىن تىلى بىلەن رەسۇللىللاھنى ئىتراپ قىلمىغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ سۈرە بەقىرەنىڭ 146-ئايىتىدە مۇنداق دېگەن: «بىز كىتاب ئاتا قىلغان كىشىلەر(يەنى يەھۇدىي ناسارالار) مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىباللىرىنى تۇنىغاندەك تونۇيدۇ» دىگەن.
ئاللاھ ۋەئاللاھنىڭ رەسۇلىنى تونۇپ ئىقرار قىلىمىساق، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغارەسۇللىللاھنى تىلدا ئىقرار قىلىپ قويۇپ، دىلدا تەستىق سالمىساق بىز يەنىلا كاپىر ھىسابلىنىمىز.
ئەمدى بىز «لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇر رەسۇلىللاھ»كەلىمىسنى تىل بىلەن ئىقرار قىلىپ، چىن دىلى بىلەن تەستىقلاپ، ئاندىن بۇ كەلىمە بۇيرىغان ئىشلارنى قىلمىساق، بۇ كەلىمە چەكلەنگەن چەكلىمىلەردىن يانمىساق (يەنى ئەمەل قىلمىساق) كاپىر ھىسابلىنامدۇق ياكى ھىسابلانمامدۇق؟
بۇ مەسىلىدە ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلغان بولسىمۇ مۇسۇلمان بولماسلىقى كۈچلۈك.
چۈنكى ئىبلىس ئاللاھنى تونۇيدۇ ۋە ئىتراپ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بولغان ئادەمگە ھۆرمەت سەجىدىسى قىلىشنى قۇبۇل قىلمىغان. بۇ ھەقتە ئاللاھۇتائالا مۇنداق دەيدۇ:« بىز مالائىكىلەرگە ئادەمگە ھۆرمەت سەجىدىسى قىلىڭلار دېدۇق، مالائىكلەر ئۇنىڭغا سەجىدە قىلدى، لىكىن ئىبلىس سەجىدە قىلماي كافىرلاردىن بولدى» دەپ بىزگە ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارنى قىلمىساق ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن يانمىساق.كافىر بولىدىغانلىقىمىزدىن خەۋەربەرگەن.
ئەمدى بىز ھازىرقى مۇسۇلمانلىرىمىزغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمىزغا قاراپ باقساق مۇشۇ ئىمان يەنى «لائىلاھە ئىللەللاھ»كەلىمىسىگە لايىق ئىش قىلالاۋاتامدۇق؟ بىز ئومۇمىيۈزلۈك ئىسلامغا كىرگىلى 1000يىلدىن ئاشتى.يەنى سۇلتان سۇتۇق بۇغراغاننىڭ سەۋەبى بىلەن ئىسلامغا كىرگەن. بىزئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىمان كەلىمىسىنى چۈشىنەلىدۇقمۇ؟ چۈشەنگەنلەر قانچىلىك پىرسەنتنى ئىگەللەيدۇ؟ چۈشەنمىگەنلەر قانچىلىك؟ چۈشىنىپ ئەمەل قىلمىغانلارچۇ؟بىزدە يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك مۇناپىقلارغا ئوخشاش تىلدا «لائىلاھەئىللەللاھ» كەلىمىسىنى دەپ، دىلى بىلەن تەستىقلىمايۋاتقانلار قانچىلىك؟ بىزدە فىرئەۋىنگە ئوخشاش ئاللاھنى تونۇپ، مەنسەپ،ھوقۇق، ئىقتىسادنى دەپ «لائىلاھە ئىللەللاھ» كەلىمىسىنى دىلى بىلەن تەستىقلاپ،تىلى بىلەن دىمەيۋاتقانلار قانچىلىك؟
بىزدە ئىبلىسكە ئوخشاش ئاللاھنى تونۇپ ۋە ئىقرار قىلىپ ئەمەل قىلمايۋاتقانلار قانچىلىك؟ يەنە تېخى ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز گولداپ ۋە ئالداپ، نىيىتىمىز ياخشى، دىلىمىز ساپ، ئىسلامغا ھۆرمىتىمىز بار، دىننى سۆيىمەن دەپ، ئەمەل قىلمايۋاتقان بىچارىلەر قانچىلىك؟
بىزگە قانداق مۇسۇلمان كېرەك؟ مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىمۇ ياكى ئەمەل قىلالايدىغان بېلى چىڭ،ئىسلام ئۈچۈن، دىن ئۈچۈن ئۆزىنى بىرەلەيدىغان مۇسۇلمانلار كېرەكمۇ؟
دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ ۋە دىنىي بىلىملەرنىڭ تارقىتىلمىغانلىقىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۈگىتىلمىگەنلكىگە كىملەر سەۋەپچى؟ بىز نىمىشقا 1000 يىلدىن تارتىپ ئىسلام دىنىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلالمايمىز؟
بۇ سۇئاللىرىمىزغا كېيىنچەجاۋاپ بېرىمىز.
ئاخىرقى سۆزىمىزنى تۆۋەندىكى مۇنۇ شېئىر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز.
ئىمان بولمىسا بولماس ئامانلىق،
بولمىسا ئىسلام بولماس ھاياتلىق.
كىم بولسا دىنسىز ھاياتقا رازى،
كىلىدۇ ئۇنىڭغا تېزلا زاۋاللىق.
مەنبە:مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئۆزەم يازغان.ئوقۇرمەنلەرنىڭ خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تۈزىتىپ بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-30 05:19 PM