يىراق يېزا، قىز ۋە مەن
يىراق يېزىدىكى مۇئەللىم، ساپسېرىق غازاڭلىق كوچىلار،كوچا دوقمۇشىدىكى چىرايلىق دۇكانچى ئايال، شېئىر يازالماسلىق، ئامالسىزلىق، مۇھتاجلىق، باشقىلار ئۈچۈن ياشاش.. بىر دېھقان.. مەجبۇرىي بىر دېھقاننىڭ قىزىغا ئاشىق بۇلۇپ قېلىش ئاندىن يالغان ۋە ياسالمىلىقلارغا لىق تولغان مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى تۆكمە قىلىش... شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى... ئاھ، بۇ نېمىدېگەن پەسكەشلىك-ھە!
ھەر كۈنى دەھشەتلىك ھەمدە زېرىكىشلىك يوللارنى مېڭىپ تۈگىتىمەن. ئازاپ ۋە ھەسرەتكە تولغان ھەر بىر كۈنۈم مەندە ئېرىپ تۈگەيدۇ. مەن مۇھتاجلىق ئىچىدە ئامالسىزلىنىمەن..
چەكسىز سېغىنىشلىرىمغا ئوخشاش ئۇزاققا سوزۇلغان بۇ كوچىلار ھەر كۈنى مېنى سانسىزلىغان تالىنىشلارغا يەم قىلىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ بارا-بارا تۈگىشىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىمەن.
يول-مەندە ماڭىدىغان مەندە ئولتۇراقلىشىدىغان ئوي.
يول-سانسىزلىغان ئادەملەرنىڭ سانسىزلىغان قەدەملىرى چۈشكەن قۇرۇق.
يول-قايغۇلۇق ھەمدە تەنتەنىلىك شېئىر.
ئاخشامقى ئاۋاز تېخى ئۆچمىدى،
يالغۇز ھەمدە دەرتلىك يانغان ئىدى ئاشۇ شام.
بىپەرۋا قارايمەن چوڭ يولغا چىقىپ،
بىر گۈزەل مۇھتاجلىق مەندە مۇجەسسەم.
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apsana-977 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-30 01:15 PM