ئىلكتىروننىڭ«ۋالىس»تىرايىكتۇرىيىسى ۋە 29-تىئورىما
قاسىم سىدىق
«جۇڭگۇ پەن-تىخنىكا تورى»دا2012-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۆنى«ئىلمگەرلەر تۇنجى قىتىم ئىلىكتىروننىڭ«ۋالىس»تىرايىكتورىيىسىنى سىزىپ چىقتى»دىگەن خەۋەر ئېلان قىلىندى.قىسقىچە مەزمۇنى:
،فىزىكىچىلار تەشكىلاتى تورى 8-ئاينىڭ 13-كۆنى خەۋەر قىلىشىچە يېقىندا،IBMتەتقىقات كوللىكتىۋى ۋە شىۋىتسارىيە فىدىراتسىيە سانائەت پەنلىرى ئىنىستېتوتى(ETH)دىن تەشكىللەنگەن بىر بىرلەشمە گۇرۇپپا،تۇنجى قېتىم ئىلىكتىروننىڭ ئايلانما ھەركەت قىلىش جەريانىنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىغىنىڭ سۆرىتىنى سىزىپ چىققان،ئالاقىدار ئىلمى ماقالە «تەبىئەت.فىزىكا»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
بۇ خەۋەردىكى ئىككى نۇقتا مىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى،ئۇلار:
1.يىرىم ئۆتكۆزگۇچلەردە،ئىلىكتىرون خۇددى ۋالىس ئۇسۇلىغا ئوخشاش،بىر تەرەپتىن سىپىنلىق ئايلىنىپ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنۆلىشى تەرەپكە ماس قەدەملىك يۆتىكىلىپ ھەركەت قىلىدۇ.
2.ئايلىنىش تىزلىگى مۇقىملاشتۇرۇلسا ،نەتىجىسى خۇددى مۇكەممەل لايىھىلەنگەن ۋالىس ھەركىتىدەك بولىدۇ.
ئەگەر خاتا چۈشىنىۋالمىغان ۋە خاتا تەرجىمە قىلىۋالمىغان بولسام،يۇقۇرقى ئىككى نۇقتا شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29تىئورمىسى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.چۈنكى بۇ تىئورمىدا«زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنۆلىشى تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ»دەپ پەرەز قىلىنغان.شۇنداقلا شەكىل نەزەريىسىدە زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىگى بىلەن سىزىقلىق ھەركەت تىزلىگىنىڭ تەتۆر تاناسىپ بولىدىغانلىغى،ئومۇمى ھەركەت مىقدارىنىڭ توراقلىق بولىدىغانلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلغان(41-تىئورىما).بىز سىپىنلىق ھەركەتنى ئۇز ئۇقىدا ئايلىنىشقا نىسبەتەن «سىزىقلىق ھەركەت»دەپ قارىساق«ئايلىنىش تىزلىگى مۇقىملاشتۇرۇلسا ،نەتىجىسى خۇددى مۇكەممەل لايىھىلەنگەن ۋالىس ھەركىتىدەك بولىدۇ.»دىگەن بۇ نۇقتىنى چۆشەندۆرگىلى بولامدىكىن دەپ قارايمەن.
مەن بەك ئۈمىتۋار بولۇپ كەتتىممۇ-قانداق،ئادەم قىرىغانچە تەمەخور بولۇپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ.ھەر كۇنى شەكىل نەزەريىسىگە پايدىلىق قانداق ئىلمى ئۆچۆرلار چىقىدىكىن دەپ تور ئارىلايمەن.يۇقۇرقى خەۋەرنى ئۇز ۋاقتىدا بايقىغان بولساممۇ ،بۇ ھەقتىكى تەسىراتىمنى نۇرغۇن ئىككىلىنىشلەردىن كىيىن بۆگۆن يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.ئىقتىدارى يار بەرگەن ۋە خالىغان تورداشلارنىڭ «تەبىئەت.فىزىكا»غا بىسىلغان ئەسلى ئىنگىلىزچە ماقالىنى ئىزدەپ تىپىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار قىلىپ قويۇشىنى،ئارتۇق ئۆمىتۋار بولۇپ كەتكەن بولسام ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇشىنى سەممى ئۈمىت قىلىمەن.
خەنزۇچە خەۋەرنىڭ ئۇلىنىشى:
科学家首次绘制出电子的“华尔兹”轨迹
http://www.stdaily.com/stdaily/content/2012-08/14/content_506439.htm
2012.12.30