ساختىپەز تىلەمچىنىڭ ئەپتى-بەشرىسى ئاشكارىلاندى
يېقىندا، سىچۈەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرىدە ئىككى پۇتى مېيىپ بولۇپ قالغان بىر ئەر كوچىدا يېتىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر ئۇنىڭ بىچارە تۇرقىغا ھەم مېيىپ پۇتلىرىغا قاراپ ئىچى ئاغرىپ يېنىدىكى پارچە پۇللىرىنى ئۇنىڭغا بەرگەن بولۇپ، بىردەمنىڭ ئىچىدىلا خېلى كۆپ پۇللار ئۇنىڭ ئالدىغا توپلاندى. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بۇ «مېيىپ يىگىت» ئورنىدىن دەس تۇرغىنىچە كىيىملىرىنى قېقىشتۇرۇپ ئادەم ئاز جايغا بېرىپ ئۇچىسىدىكى مەينەت-كونا كىيىملەرنى سېلىۋېتىپ ئالدىن تەييارلاپ قويغان پاكىز كىيىملىرىنى كىيىۋېلىپ، يول بويىدىكى بىر تاللا بازىرىغا كىرىپ پارچە پۇللارنى پۈتۈن پۇللارغا ئايلاندۇرۇۋالغاندىن كېيىن كېرىپ قالغان. چېڭدۇ سودا گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بۇ غەلىتە ياسىنىۋالغان يالغاندىن تىلەمچىلىك قىلىپ پۇل تاپىدىغان يىگىتنىڭ كەينىگە چۈشۈپ ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەپتى –بەشىرىسىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، سۈرەت 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، چېڭدۇ رېنخېڭ مەيدانىدا تارتىلغان ئىدى، بۇ سۈرەتتە يالغاندىن تىلەمچىلىك سىياقىغا كىرىۋېلىپ كىشىلەرنىڭ پۇلىنى قاقتى-سوقتى قىلماقچى بولغان يىگىت يەردە يېتىۋېلىپ پۇل تەلەپ قىلماقتا.
12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ بۇ تىلەمچىنىڭ كەينىگە چۈشكەن مۇخبىر ھەركۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىشقا چىقاتتى. ئەھۋالنى بىلىدىغان لى ئەپەندى بىلەن بىر بۇ ئىشنى كۆرگەن يەنە بىر كىشىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بۇ تىلەمچى چوڭدۇ كوچىسى بىلەن كىتابخانىنىڭ ئالدىدا تىلەمچىلىك قىلغان بولۇپ، سۈرەتتە ياخشى نىيەتلىك بىر ئايال بۇ تىلەمچىنىڭ ئەسلى سىياقىنى بىلمىگەچكە ئۇنىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ پۇل بەرمەكتە ئىدى.
12-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدىن 30مىنۇت ئۆتكەندە سىچۈەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرىدىكى رېنخېڭ مەيدانىدا يەردە يېتىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان بىر يىگىت.
باشقىلار بەرگەن پارچە پۇللارنى رەتلەۋاتقان ئالدامچى تىلەمچى.
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، بۇ ئەر سودىسىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئازلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئورنىدىن دەس تۇرغىنىچە كىيىملىرىنى قېقىشتۇرۇپ پىيادىلەر يولىدا ئۆيىگە راۋان بولدى.
12-ئاينىڭ 6-كۈنى بۇ يالغاندىن تىلەمچى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، كىشىلەرنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان يىگىت ئادەم ئاز جايغا بېرىپ ئالدىن تەييارلاپ قويغان پاكىز كىيىملىرىنى ئېلىپ ئۈستىدىكى مەينەت-كونا كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ پاكىز كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇۋاتاتتى.
12-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 40مىنۇت ئۆتكەندە بۇ ئەر پاكىز كىيىملىرىنى كىيىۋالغاندىن كېيىن بېشىغا بىر قارا رەڭلىك شىلەپىنى كىيىۋېلىپ ماشىنا بېكىتىدە ماشىنا ساقلاۋاتاتتى.
12-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 15تىن 40مىنۇت ئۆتكەندە بۇ ئەر يولدىكى كىشىلەر بەرگەن پارچە پۇللارنى يول بويىدىكى بىر تاللا بازىرىغا كىرىپ پۈتۈن پۇلغا ئالماشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن خۇشال قايتىپ چىقتى.
12-ئاينىڭ 18-كۈنى، بۇ ئەرنىڭ ئىجارىگە ئېلىپ تۇرۇۋاتقان دافېڭ بازىرىدىكى ئۆيى.