1.قىش پەسلىدە ئوزۇقلۇنۇشتا ئسسىقلىق ئېنىرىگىيىسىنى تولۇقلاشىقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك،ھور چىقىپ تۇرىدىغان ئىسسىق يىمەكلىكلەرنى ۋە تەبىئىتى ئىسسىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش كېرەك، قىش پەسلىدە ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان تەبىئىتى ئىسسىق يىمەكلىكلەردىن ياڭاق،بادام،ئۈرۈك مېغىزى،ئۈرۈك قىقى،چىلغوزا مېغىزى،قارا كۈنجۈت،مۇچ،كاۋاۋىچىن،سامساق،پىياز قاتارلىقلار بار،شوۋىگۇرۇچ قىلىپ ئىچسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
2.كىراخمال ۋە ماي تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىش كېرەك،ياشانغانلار مايلىق يىمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستىمال قىلىش كېرەك.
3.يېتەرلىك مىقداردا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلاش كېرەك،مەسىلەن ئورۇق گۆش،تۇخۇم،سۈت،بىلىق،پۇرچاق ۋە پۇرچاق تۈرۈدىكى يىمەكلىكلەر.
4.تۇزلۇق تائاملارنى ئازراق،قاڭسىق تەملىك يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيش كېرەك.
5.سوغاق،يېپىشقاق،قاتتىق يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىش كېرەك.
6. قىش پەسلىدە كۆپرەك يېسۋىلەك،پالەك،پۇرچاق ئۈندۈرمىسى،راكنىڭ پوستى،كۈنجۈت قىيامى،بانان،ئاپېلىسىن،ھەسەل،ھايۋانات جېگىرى قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى يەپ، قىشلىق يىمەكلىكلەرنىڭ تۈرىنىڭ كۆپ بولىشىغا ئىمكانقەدەر كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
7. قىش پەسلىدە تۇرۇپ،سەۋزە،چامغۇر،بەرەڭگە،تاتلىق بەرەڭگە،پىچەكگۇل غولى قاتارلىك يىلتىز،غول تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يىيىش كېرەك.
8. بېلىق دىگەندك تەبىئىتى سوغۇق يىمەكلىكلەرنى يىگەندە تەبىئىتى ئىسسىق تېتىتقۇلار بىلەن قوشۇپ يىيىش كېرەك.
9. قىش پەسلىدە ھەركەت ئاز بولغاچقا تاماقنى بەك تويۇنغىدەك كۆپ يىۋالماسلىق كېرەك.
10. قىش پەسلىدە لامنارىيە،قىزىل دېڭىز يوسۇنى،يود قوشۇلغان تۇز دىگەندەك تەركىۋىدە يود بار بولغان يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىش كېرەك،يود قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشىنى كۈچەيتىپ،ئادەم بەدىنىنىڭ سوغۇققا قارشى تۇرىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
بۇ ماقالە يەنە ئۈندىدار ئۇيغۇرچە ساغلاملىق بىلىملىرى سەھىپىسى-ساغلامدا ئىلان قىلىندى.
Saghlam:ئىزدەش نۇمۇرى