كۆپ ئادەملەر كۈلىدۇ: ئىنسان دېگەن نېمە دەپمۇ سوئال سورايدىغانلار بار ئىكەن-دەپ.
توغرا،جاۋابىنى بىلگەنلەر كۈلىدۇ: گەرچە ئۆزىنى مايمۇنلارغا خاسلاپ ياشاۋاتقان بولساھەم.
يەنەبەزىلەر : ئىنسان دېگەن ئىككى پۇتلۇق، ئاڭلىق ھايۋان -دېيىشى ھەم كىتاپلاردىن مىسال كەلتۈرشى مۇمكىن.
پەلسەپەۋىي گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈش كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى ھەم زېھنىنى ھەم ئىسراپ قىلىش ۋە خىيانەت قىلىش دېگەنلىك.
ئىنسان بۇ دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ئويلايدىغان سوئاللىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكى يەنە بىرقېتىم ئېيتىپ ئۆتەي:
مەن نەدىن كەلدىم؟ مېنىڭ بۇدۇنياغا كېلىشىم مەجبۇرلۇق ھالەتتە ئىكەن ، بۇ مەجبۇرلاشنىڭ ئىگىسى كىم؟ مەن نەگە بارىمەن؟ ئۆلۈم ماڭا ۋە ھەممىگە مەجبۇرىي ئىكەن، بۇمەجبۇرلاش قايسى تەرەپتىن ۋە ئىگىسى كىم؟ نېمە ئۈچۈن مەجبۇرىي ئۆلىمەن ۋە نەگەقاراپ كېتىۋاتىمەن؟ مەجبۇرىي ئۆلۈپ قالىدىكەنمەن ۋە قايتا تىرىلىش قىيامەت.،ئۆلگەندىن كېينكى ھايات ...دېگەندەك نۇرغۇن گەپلەر بار ئىكەن، ئۆلۈمدىن كېيىن ھەقىقەتەن شۇنداق نەرسىلەر بارمۇ ؟ جەننەت دوزاق ھەقمۇ؟ بۇ دۇنيادا ئىختىيارى ھالدا ياشايدىكەنمەن، ماڭا قازا بولغان نەرسە ھەممىگە ئوخشاش ئىكەن، ئىختىيارلىق ھەم ھەممە نورمال ئىنسانلاردا بىر خىل ئىكەن، ئەمما ئىنسانلار ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىر-بىرىگە قىلىۋاتقان زۇلۇم-تەڭسىزلىكلەر ۋە ياخشىلىق ئادالەتلەر بىلەن ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى؟؟؟؟؟؟؟ بۇ دۇنيا ، بۇ ئىختىيار بۇ تاللاش......نېمە ئۈچۈن ماڭا بېرىلدى؟.... مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ مەن نېمە ئۈچۈن بۇدۇنياغا كەلدىم؟ مەن زادى كىم؟
يەنەبەلكىم بۇنىڭدىن ھەم كۆپ سوئاللار بولىشى تەبئىي. چۈنكى پىكىر قىلغۇچى ئېلىۋاتقان مەلۇماتنىڭ دائىرىسى بۇ سوئاللارنىڭ تۈرىنى بەلگىلەيدۇ.
ئەمدى بۇ گەپلەرنىڭ مەركىزى بولغان ئىنسان ھەققىدە گەپ قىلىشايلۇق:
بۇسوئاللار ھەممىسى ئىنساننى مەركەز قىلغان ھالدا كېتىۋاتىدۇ، بىرىنچى بولۇپ ئىنسان دېگەن نېمە ؟ سوئالىغا كىرىشىسەك ، ئاندىن كېيىنكىلەر ھەققىدە گەپ قىلىش ئاسان بولۇشى مۇمكىن:
چۈنكى باشقا جانلىقلار بۇ سوئاللارغا كىرىشەلمەيدۇ ۋە ھېچقاچان ئىنساندىن باشقامەۋجۇداتلار بۇ سوئاللارنى سورىمىغان }ئەسكەرتىش: قۇرئاندا بولسۇن ياكى ھەدىستە بولسۇن، ئىنسان بىلەن باشقا جانلىقلار ئوتتۇرسىدا بولغان سۆھبەتلەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كىرمەڭ، چۈنكى ئۇلار ھەممىسى غەيىپ بولۇپ، مۇنازىرە قىلىشقا رۇخسەت يوق{
ئىنسان-ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى ، بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى تولۇقلىغۇچى مۇكەممەل قىلغۇچى ۋە ئاجىز قىلغۇچى جىنىسقا ئايرىلىدۇ، بۇ جىسمانى ۋە ئاناتومىيلىك تۈزۈلۈش.ئەر جىسمانىي جەھەتتىن ،موسكۇللۇق قۇرۇلما ۋە پەي تارتما جەھەتلەردىن ئايال جىنسىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ ئادەم بەدىنى تەتقىقات نەتىجىسى. چېنىقىش ئارقىلىق ئېشىپ كېتىدۇ-دەپ جاھىللىق قىلماڭلار، چۈنكى بىر ئەر چېنىقماي ئەكسىنچە ئايال چېنىقسا ۋە ئېشىپ كەتسە بۇ ئىككىسى باراۋەر دېگىنى ئەمەس، چۈنكى ئىككىس تەڭ چېنىقىشى كېرەك ۋە ئاندىن ئۆلچەم نەتىجىسى ئېلان قىلىنسا يەنىلا ئەر جىنسى ئۈستۈن.شۇڭا ئېغىر ئەمگەكلەر ۋە مېھنەت قىلىپ ئائىلىسىنى بېقىش ھەممە ئىقلىملاردائاياللارغا ئەمەس بەلكى ئەرلەرگە يۈكلەنگەن. بەزى يەرلەردە ئاياللارنىڭ ھەم بۇئىشقا تۇتۇش قىلىشى باراۋەرلىك ئەمەس بەلكى ئايال جىنسىغا ھۆرمەت قىلىماسلىق،خالاس. ھۆرمەت قىلىش -مەۋجۇد بولغان ھەقىقەتنى ئېتراپ قىلىش بىلەن بولىدۇ.
ئەمدى تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئايال جىنسىدا ئاياللىق ۋە ئانىلىق خۇسۇسىيەتلەر ھەم بار. بۇ ئەرجىنسىدا مۇمكىن بولمايدىغان ئەزالار. قانچە-قانچە ئوپراتسىيەلەر ۋە ئەزاكۆچۈرۈشلەر بولدى-يۇ، ئەمما ئەر كىشىگە ئايال ئەزاسىنى يۆتكەش مۇمكىن بولمىدى.جىنىس ئۆزگەرتكەن كىشلەرنى ماڭا مىسال قىلماڭ، مەن ئۇلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇرىمەن ۋە ئوپراتسىە تەرتىپىنى ئېنىق بىلىمەن. شەكىل جەھەتتىن ئوخشىتىش مۇمكىن بولىدۇ ئەمما خۇسۇسىيەت جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس. خۇددى ئىنسان تۆمۈردىن ماشىنا ئادەم ياساشقا قادىر-يۇ، خۇسۇسىيەت بەلگىلەشكە قادىر ئەمەس. ئايال بۇ تۈزۈلۈش ۋەخۇسۇسىيەت جەھەتتە ئەر جىنسىدىن شۇنچىلىك يۇقىرى تۇرىدۇكى، ئۇ بۇ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن- مۇھەببەتلىك جۈپ، ئىنسان ئەۋلادلىرىنىڭ تېرىلغۇ ئېتىزلىرى،ئۇلۇغ، كۆيۈمچانمېھىرىبان ئانا، ئاجىز ھەمشىرە، قوغداشقا موھتاج ئاچا-سىڭىل، ۋە ئاسىرلىشى ۋاجىپ بولغان ئارا-نومۇس بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مانا شۇنداق سۈپەتلەر تارىختا قانچە-قانچە ئىمپىريەلەرنى ئۆز-ئارا ئۇرۇش قىلىشقا ئېلىپ كەلدى ۋە قانچە-قانچە ئاتىلارنى نومۇسلىرىنى قوغداش يولىدا ئىسسىق جانلىرىنى بېرىشكە مۇيەسسەر قىلدى. بۇسۈپەتلەرنى ئەرلەر مۇمكىن ئەمەس ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا، شۇڭا ئاياللار ئائىلىنىقامداش ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئىشلەمچى ئەمەس بەلكى ئائىلىدە مەلىكە، پەرزەنتلەرگەئالىي يېتەكچى ئۇستاز، جۈپلىرىگە سادىق بولغان ئۇلۇغ ئاياللار بولغان. بىر ئايال بىلەن بىر ئەرنىڭ ئوقۇشىغا تاللاش بولغاندا ئەلۋەتتە ئاياللار تاللانغان، سەۋەبى بۇ ئانا ئۈممەت ئەۋلادىنىڭ پەرۋىشچىسى ۋە نومۇسلارنى قوغدايدىغان شىر يۈرەك ئەزمەتلەرنىڭ تەربىيچىسى دېگەن ئېتىبار بار ئىدى.
ئەمدى بۇ ئىككى جىنىس-ئەر ۋە ئايالنىڭ ئورتاق بولغان خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە گەپ بولسا:
بەدەن ئېھتىياجلىرى ھەققىدە، يەنى بەدەندىكى ئەزالارنىڭ ئېھتىياجى ئوخشاش، يېيىش ئىچىش كىيىش ئۇخلاش . ئىسسق سوغاققا بەدەن تېمپوراتورسىنى تەڭشەش، ئەرنىڭ ئايالغا تەلپۈنىشى ۋە ئايالنىڭ ئەرگە تەلپۈنىشى ، موھتاجلارغا ئىچ ئاغىرتىش، ئاجىزلارغاياردەم قىلىش، زۇلۇملارغا نەپرەتلىنىش، زالىم كىشلەرنى يامان كۆرۈش، ئۆلۈم ئېغىزىغا كېتىۋاتقان كىشىنى قۇتقۇزۋىلىش، بىرەر نەرسىنى مۇقەددەس دەپ بىلىش ئۇنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سوراش ، بىرەر نەرسىنى ئۆزىگە ئىلاھ قىلىپ بەلگىلىۋىلىش، ئۇنىڭغا سېغىنىش ۋە قورقۇش، ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، باشلىق بولۇشنى ياخشى كۆرۈش، ئۆز نامىنى تونۇتۇشقا ھېرىس قىلىش، مال-دۇنيانى ياخشى كۆرۈش..........دېگەندەك خۇسۇسىيەتلەردە ئورتاق. بۇلارنىڭ قاندۇرۇش ھالەتلىرى،نەتىجىللىرى ۋە قوزغىلىش جايلىرى ۋە قوزغاتقۇچى ئامىللىرى ھەققىدە خۇلاسەقىلغاندا:
1.بەدەن ئېھتىياجى يەنى بەدەن ئەزالارنىڭ موھتاجلىقى تۈپەيلى قوزغىلىدىغان ،قوزغاتقۇچى ئامىل ئىچكى تەرەپتىن كېلىدىغان ، قاندۇرمىسا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان ئېھتىياجلار. يەنى ئۆزىنىڭ بەدەن ئېھتىياجى-ئۈزۋىي ئېھتىياجلار.
2.ئىنسانئۆزىنىڭ تۈزۈلىشى تۈپەيلى ئۆز تۈرىنى يەنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ساقلاشقا بولغان قىزىقىش ۋە ئۇنىڭغا بولغان تۇيغۇسى
3.ھاياتتائۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىدا موھتاجلىقلىرىدا ياردەم سورايدىغان ،سوئاللىرىغا جاۋاپ ئالىدىغان مۇقەددەس دەپ سېغىندىغان ئۇلۇغلايدىغان تۇيغۇسى،يەنى دىنغا بولغان ئېھتىياجى
4.ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان، ئۆزىنى ئۆزلۈك ھالىتىدە ساقلاشقا تىرىشىدىغان، مال-مۈلۈكنى ياخشى كۆرىدىغان، باشلىق بولۇشقا ئىنتىلدىغان، ئابروي-نامىنى ساقلاشقا ۋە يېيىشقابولغان ياخشى كۆرۈش تۇيغۇلىرى،
ئەمدى تورداشلارغا سەمىمىي ئىلتىماس:
سىزيەنە ئىنساندا ئەر ۋە ئايالدا ئورتاق بولغان خۇسۇسىيەتلەر نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە بىلگىنىڭىزنى ئىنكاس بىلەن يازسىڭىز،بۇ تۆت دائىرە ئىچىگە كىرمەيدىغان يەنە بىرخۇسۇسىيەتلەر بار دەپ ئويلىسڭىز، مۇنازىرە قىلسىڭىز بولىدۇ، مەن داۋامىنى يېزىپتۇرىمەن، يەنە تېخى ئاڭ،ئەقىل پىكىر دېگەنلەر ھەققىدە تەپسىلىي بايانلىرىم بار ،ۋاقتىم يار بەرسە ئىنكاس ئارقىلىق سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا darkend تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-30 12:36 AM