|
|
|
|
چىش پاستىسى تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ 1. تېرىنىڭ ئازراق يېرى زەخمىلەنسە ياكى كۆيۈپ يارىلانسا، ئازراق چىش پاستىسى سۈركەپ قويسا، تېزلا قاننى ۋە ئاغرىقنى توختىتىدۇ، ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 2. كىيىملەرگە ماي يۇقۇپ داغ بولۇپ قالغاندا، داغ ئورۇنغا ئازراق چىش پاستىسى سۈركەپ، يېنىك ئۇۋىلاپ سۇ بىلەن يۇسا داغ چىقىپ كېتىدۇ.
3. ھەرە، پاشا، چايان چېقىۋالغاندا، چىش پاستىسىنى سۈركەپ قويسا ئىشىقنى ياندۇرۇپ ئاغرىقنى توختىتىدۇ.
4. بېلىق تازىلىغاندا قول سېسىق پۇراپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئالدى بىلەن قولنى سوپۇنداپ يۇيۇپ، ئاندىن چىش پاستىسىنى سۈركەپ، بىردەم ئۇۋىلاپ يۇيۇۋەتسە، سېسىق پۇراق تېزلا يوقايدۇ.
5. پۇت سېسىق پۇرىسا ۋە پۇت بارماقلىرى قىچىشسا، چىش پاستىسىنى ئازراق سىقىپ پۇت بارماقلىرىغا سۈركىسە، پۇت پۇراشنى ھەم قېچىشىشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
6. قىش پەسلىدە قول، يۈزلەر يېرىلغاندا، يېرىلغان ئورۇنغا چىش پاستىسى سۈركەپ قويسا تېزلا ساقىيىپ كېتىدۇ.
دورىلىق چىش پاستىسىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى دورىلىق چىش پاستىسىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە ئېغىز بوشلۇقىدىكى كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيىلەرنىڭ دورىغا قارشى كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىنن بەلكى ئېغىز بوشلۇقىدىكى پايدىلىق باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ ساندىكى دورىلىق چىش پاستىسى تەركىبىدە بىئو ئىشقار ۋە غىدىقلاغۇچى ماددىلار بولغاچقا، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى زەخمىلەندۈرىدۇ.
ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى تۆت ‹‹ مۇھىم نۇقتا›› سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
ئۆتتىكى تاشنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن يەنە قايتىدىن تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ، يېمەك-ئىچمەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .ئۆتتىكى تاشنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان بىمار سۇيۇق ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن سىرت ، ياغسىز ، يۇقىرى ۋىتامىنلىق ، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك .دانلىق زىرائەت ، قارا ئاشلىق ، يېڭى مېۋە-چىۋە ، ئاقسىل تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن سىرت ، يەنە مايسىز گۆش ، بېلىق گۆشى قاتارلىق ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى ، ياغ مىدارى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ، كۈنىگە 60گىرامدىن 80 گىرامغىچە ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك .ھەدىدىن زىيادە كۆپ تاماق يېيىشتىن ساقلىنىپ ، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ، پۇرچاق ئويۇتمىسى قاتارلىق ئاسان تاش پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىپ ، كۈنىگە 2000 مىللىلىتىردىن كۆپ سۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك .
تېز ئورۇقلاشتىن ساقلىنىش
سېمىزلەر ئورۇقلاش كېرەك ، بىراق قىسقا مۇددەت ئىچىدە تېزدىن ئورۇقلاشقا بولمايدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىپ ، ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇشتەك ئىلمىي ئۇسۇلنى قوللىنىپ ، ئېيىغا بەدەن ئېغىرلىقىنى بىر كىلوگىرام ئەتراپىدا تۆۋەنلەتسە بولىدۇ .
شىلانكا بىلەن دوختۇرخانىدىن چىققاندا يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك
ئۆتتە قالدۇق تاش بولۇپ ، شىلانكا بىلەن دوختۇرخانىدىن چىققاندا ، يارا ئېغىزىنىڭ پاكىز ، قۇرغاق تۇرۇشىغا دىققەت قىلىپ ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بېرىپ دورا ئالماشتۇرۇش كېرەك .بۇ ئارىلىقتا يۇيۇنۇشقا قەتئىي بولمايدۇ ، ھەر كۈنى چوڭ-كىچىك تەرەتنىڭ رەڭگىنى كۆزىتىپ تۇرۇش كېرەك . ناۋادا سوغدىنىش ، قىزىش ، سېرىقلىق ، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك .
ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە قەرەلىدە دوختۇرخانىغا بېرىپ B تىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرتۈشى كېرەك
يۈرەك رېتىمىنىڭ قالايمىقان بولۇشى ئۇيقۇسىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ بىر قىسىم ياشانغانلاردا ھېچقانداق ناچار روھىي تەسىر ۋە پىسخىك بېسىم بولمىسىمۇ ، كېچىدە ئاسان ئۇخلىيالمايدۇ ياكى كۆپ ئويغىنىپ كېتىدۇ ؟ بۇ نېمە ئۈچۈن ؟
تېببىي تەتقىقاتلاردا بايقىلىشچە ، روھىي ئامىل تەسىرى بولمىغان ئۇيقۇسىزلىقتا يۈرەك رېتىمى ھەر مىنۇتتا 52 قېتىم ئەتراپىدا بولىدىكەن . نورمال كىشلەرنىڭ بولسا ھەر مىنۇتتا 70–80 قېتىم بولىدىكەن . بۇ خىل ئۇيقۇسىزلىقنى يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىش ، يۈرەكنىڭ ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ، يېنىك دەرىجىدىكى يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا يۈرەك رېتىمى تېز بولسىمۇ ، ئۇيقۇسىزلىقنى پەيدا قىلىدىكەن . شۇڭا ، يۈرەكنى تەكشۈرتۈپ ، ۋاقتىدا داۋالانسا ، ئۇيقۇسىزلىقمۇ يوقىلىدۇ .
قۇۋۋەت تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلماڭ قۇۋۋەت تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىنى خالىغان چاغدا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ . ئادەم ئوتتۇرا ياشقا كىرگەندە ياكى ياشانغاندا بەدەندىكى قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىدۇ . شۇڭا ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار تەركىبىدە گىلۇكوزا مول بولغان قۇۋۋەت تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى ، بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك . چۈنكى ، ئادەم ئۇخلىغاندا يۈرەكنىڭ رېتىمى ئاستىلايدىغان بولغاچقا ، بەزى قۇۋۋەت تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىدىكى قىيام تۈرىدىكى ماددىلار قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋېتىپ ، ئايرىم ئەزالاردا قان ھەرىكىتىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، مېڭە قان نوكچىسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن . شۇڭا ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار بولۇپمۇ ، يۇقىرى قان بېسىمى ، قان يېغى ئېشىپ كېتىش ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك كېسىلى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغانلار ئۇخلاشتىن ئىلگىرى قۇۋۋەت دورىلىرىنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك .
قان قەنتى ئېشىپ كېتىش راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدىكەن شىۋېتسىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، قان قەنتى ئېشىپ كېتىش راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدىكەن. قان قەنتى ئۆرلىگەن ئەرلەردە جىگەر راكى، ئۆت راكى، نەپەسلىنىش يولى راكى، توغرا ئۈچەي راكىنى، ئاياللاردا ئاشقازان ئاستى بېزى راكى، بالىياتقۇ بوينى راكى ۋە ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى خام يېيىش جىگەر ۋە ئۆت نەيچىسىدە تاش پەيدا قىلىدىكەن جىگەر ۋە ئۆت نەيچىسىدە تاش پەيدا بولۇشتىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى خام يېمەسلىك لازىم ئىكەن. دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدا كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروجانلىقلار، پارازىت قۇرتلارنىڭ لىچىنكىسى بولىدىكەن، يېيىشتىن ئىلگىرىكى ئاددىي بىر تەرەپ قىلىشمۇ كېسەل باكتېرىيەسى، ۋىرۇس قاتارلىقلاردىن يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭ كېسەل ئالامەتلىرى دەرھال كۆرۈنمىسىمۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن جىگەر ۋە ئۆت نەيچىسىدە تاش پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
كالتسىي تابلېتكىلىرىنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %40تىن ئاشمايدىكەن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە دورىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى مۇتەخەسسىسى سۈن جۇڭشىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كالتسىي تولۇقلىغاندا دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن كالتسىي تابلېتكىلىرىنى ئىستېمال قىلىش ھەم كالتسىي مىقدارىغا دىققەت قىلىش لازىم ئىكەن. ھازىر بىر قىسىم كالتسىي تابلېتكىسى مەھسۇلاتلىرىدىكى كالتسىي مىقدارىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنىڭ %90 كە يېتىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئەڭ ياخشى كالتسىي تابلېتكىسىدىمۇ كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %40 ~ %30تىن ئاشمايدىكەن.
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
ئەسكەرتىش --ساغلاملىق تىملاردىن پايدلانماقچى بولسىڭىز ساغلاملىقىڭىزغا ئىنتىلسىڭىز كۇندە يولىندىغان ساغلاملىق تىملىارغا نەزەر سېلىڭ
|
|
|
|
|
|