يامان چۈش
كىچىك چىغىمدىن باشلاپلا تار يەرلەردە جېنىم سىقىلاتتى. بۇنداق يەرلەرگە ئامال بار يېقىن يوللىمايتتىم. يېشىم چوڭايغانسىرى بۇنىڭ بىر خىل كىسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلدىم. لېكىن قانداق قىلىپمۇ بۇ ئىللەتتىن قۇتۇلالمىدىم. ھالبۇكى، ئۇنداق تار يەرلەرگە ئەمدى كىرىشكە مەجبۇر ئىدىم. مىنى كېپەنلەپ ئۇزۇن بىر جىنازىنىڭ ئىچىگە ياتقۇزدى. ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلاۋاتاتتىم. كۆزۈم يۇمۇقلۇق بولسىمۇ ئۇلارنى كۆرەلەيتتىم.
- ئسىت! بۇ بىچارە ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتتى. قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالماي كېتىپ قالدى. - دېيىشىۋاتاتتى.
دېمىسىمۇ نۇرغۇن ئىشىم يېرىم قالغان ئىدى. مەسىلەن: ئوغلۇمنى ياخشىراق بىر خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرالمىدىم. تېلىۋىزور بىلەن ماشىنا ئالغان چاغدىكى قەرىزلەرنى تېخى قايتۇرۇپ بولالمىغانتىم. چوڭ بىر زاۋۇت قۇرۇپ يېقىن-يورۇقلىرىمنى ئۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمدى خىيال بولۇپ قالغانىدى. بولۇپمۇ ئەڭ يامىنى قىش يېقىنلىشىپ سوغۇق چۈشۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئوتۇن-كۆمۈر مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىغىنىم، ئۆگزىدىن ئۆيگە يامغۇر ئۆتۈپ كېتىدىغان يەرلەرنى تېخىچە ئوڭشاپ بولالمىغىنىم، ھەي... يېرىم قالغان ئىشلىرىمنى سەپكە تىزىپ تۇرغىنىمدا قۇلىقىمغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلانغان بىر ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتتىم. خۇددى مىكرافۇندا ياڭرىغاندەك ئاڭلانغان بۇ ئاۋاز مېڭەمنىڭ ئەڭ نېرىقى ھۈجەيرىلىرىگە قەدەر تاراپ كەتتى.
- كەتتى، كەتتى.....!
ئىچىمدە <<كاشكى، كەتمىگەن بولسام...>> دەيتتىم. بۇ ماشىنا ۋەقەسىگە قانداق بولۇپ يولۇقۇپ قالغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم. بولمىسا ماشىنىنى شۇنداق ياخشى ھەيدىيەلەيتتىم مەن.....
بېشىمغا كەلگەنلەرنى ئەسلەشكە تىرىشىۋاتسام، دوستلىرىمنىڭ ئەتراپىمدا ماڭا قاراپ تۇرغانلىقىنى، مېنى ياتقۇزغان تاۋۇتنىڭ ئۈستىنى ياپماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇلارنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن ئاۋازىمنىڭ چىقىشىچە توۋلىماقچى، ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولغان بولساممۇ، مىدىر-سىدىر قىلالمايتتىم. بىردەمدىن كىيىن زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالدىم. تاۋۇتنىڭ تاختايلىرى ئارىسىدىن ماراپ كىرگەن يورۇقلۇققا قارىدىم.
ۋاي..... بۇ چاغدا سىرتتىكىلەر مەن ياتقان تاۋۇتنى مۆرىسىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن قارىغاندا سىرتتا ھازىر يامغۇر يېغىۋاتاتتى. يامغۇرنىڭ تامچىلىغان ئاۋازى، تاۋۇتنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازىغا قوشۇلۇپ كەتكەن ئىدى. مېيت نامىزى ئۈچۈن مەسجىدكە كېتىۋاتقاندەك قىلاتتۇق.
{مەسجىد} دېگەننى ئاڭلاپ ئېسىمگە كەلدى. گەرچە ئۆيىمىز مەسجىدكە شۇنچە يېقىن بولسىمۇ، ھەر كۈنى بەش ۋاقىت ئەزاننى ئاڭلاپ تۇرساقمۇ بىر ۋاقىت چىقىرىپ مەسجىدكە بارالمىغانتىم. ئەمما ھەمىشە دەيدىغان سۆزۈم: <ئەللىك ياشقا كىرگەندە نامازنى باشلايمەن. خەقلەر شىۆايەت قىلغان ئەسكى ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تاشلايمەن.....>. ھەئە، شۇنداق. مۇشۇ ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچرىمىغان بولسام، بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى ئادەم بولغان بولاتتىم. بىر ئاز ئىلگىرى ئاڭلىغان بىر ئەمما نەدىن كەلگەنلىكىنى ئاڭقىلامىغان بىر ئاۋاز يەنە قۇلىقىمغا كىردى:
-كەتتى، ئەمدى كەتتى! تۈگىدى، ھەممىسى تۈگىدى!
بۇ ئەسنادا مىنىڭ مىيت نامىزىم ئوقۇلۇپ بولۇپ، ئۇلار تاۋۇتنى يەنە مۆرىسىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭدى. مەھەللىمىزدىكى قەھۋەخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىمىزدا ھەر كۈنى بىللە قىمار ئوينايدىغان ئاغىينىلىرىمنىڭ ىوشال كۈلكىلىرىنى ئاڭلىدىم. << ئۇلار بەلكىم مىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىمنى ئاڭلىمىغان بولسا كېرەك.>> دەپ ئويلىدىم. بۇئاۋازلار ئۇزاقلاشقاندىن كىيىن تاۋۇتنى يانتۇ كۆتۈرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، مازارلىق تەرەپكە بارىدىغان ئېگىز يولغا چېقىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدىم. قاتتىق شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇر تاۋۇتنىڭ يېرىقلىرىدىن ئېقىپ كىرىپ كېپىنىمنى ھۆل قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ سېزىپ تۇراتتىم. شۇنداقتىمۇ قۇلىقىم سىرتتىكىلەرنىڭ دېيىشىۋاتقان گەپلىرىدە ئىدى. ئاغىينىلىرىمنىڭ بەزىلىرى بازاردىكى پۇل پاخاللىقىنىڭ گېپىنى قىلسا، يەنە بەزىسى مىللى كۇماندىنىڭ ئاخىرقى مۇسابىقىدىكى ماھارىتىنى ماختايتتى. تاۋۇتنى ككتۈرۈپ كېتىۋاتقان بىرەيلەن يىنىدىكى كىشىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ :
-رەھمەتلىكنىڭ تەتۈر پىشانىلىكى ئۆلگەن كۈنىدىن باشلاپلا مەلۇم. يامغۇرغا چىلىشىپ كەتتۇق بۇرادەر. - دەۋاتاتتى.
بەلكىم مەن خاتا ئاڭلاپ قالغاندىمەن. چۈنكى ئۇلار مىنىڭ جان-جىگەر دوستلىرىم ئەمەسمىدى؟ مەن بۇلار ئۈچۈن كېچە-كېچىلەپ ئۇيقۇسىز قالغان تۇرسام؟!!!! مېڭىش توختاپ تاۋۇتۇم يەرگە قويۇلغانىدى. تاۋۇتنىڭ ئېغىزى ئېچىلدى. جانسىز جەسىدىمنى كۆتۈرگەن قوللار مېنى تېگىگە سۇ يىغىلىپ قالغان بىر چوقۇرنىڭ ئىچىگە قويدى. پۇتۇمنى سۇنۇپ ياتقان يېرىمدىن ئەتراپىمغا قارىدىم. ئاھ... خۇدايىم!. بۇ يەر قەبرە ئىكەنغۇ. بۇ كەمگىچە بۇ يەرگە كىرىدىغانلىقىمنى نېمىشقا ئويلىمىغاندىمەن؟ ئۈن-تىنسىز يىغلىغان پەرياتلىرىمنى ھېچكىمگە ئاڭلىتالمايتتىم. ئاغىينىلىرىم گۇيا بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىۋاتقاندەك قەبرەمنىڭ ئاغزىنى ئېتىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. يەنە قاپ-قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدە قالدىم. پۈتۈن ئاجىزلىقىم بىلەن دۇئا قىلىشقا باشلىدىم.
- ئەي رەببىم! يەنە بىر پۇرسەت بەرگىن. سەن خالىغاندەك ياخشى بەندە بولاي، قەبرەم جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىگە ئايلانسۇن.
يەنە باياتىنقى ئاۋاز تېخىمۇ ئۈنلۈك ھالدا:
- كەتتى، ئەمدى كەتتى. ھەممىسى ئۈتۈپ كەتتى. تۈگىدى.... -دەپ توۋلىدى.
قەبرەمنىڭ ئۈستى تەرىپى ياغاچ تاختاي بىلەن يېپىلدى. تاختاينىڭ ئۈستىگە كەينى-كەينىدىن گۆپ-گۆپ قىلىپ تاشلىنىۋاتقان توپا ئاۋازى قۇلىقىمغا گۈلدۈرماما ئاۋازىدەك ئاڭلىنىپ، پۈتۈن بەدىنىم لاغىلداپ تىترەپ كەتتى. ئاخىرى پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ، ئورنۇمدىن چاچراپ قۇپۇپ كۆزۈمنى ئاچتىم. ھۇجرامدىكى راھەت كارۋىتىمدا يېتىپتىمەن. لېكىن قورقۇنچلۇق بىر چۈش كۆرگەن ئىدىم. تام خوشنا ئۆيدىكى دوختۇر ئاغىينەم مېنى ھوشۇمغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن:
- كەتتى، ئەمدى كەتتى، قارا ھېچنىمە قالمىدى. - دەپ ئۈنلۈك سۆزلەپ تۇراتتى.
ياتقان يېرىمدىن ئاستا قوپۇپ ئولتۇردۇم. پۈتۈن بەدىنىم چىپ-چىپ تەرلەپ كەتكەن ئىدى. گويا بىردەمدىلا يىگىرمە كىلو ئورۇقلاپ كەتكەندەك ئىدىم. سىرتتا قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى. گۈلدۇرماما ۋە چاقماق ئاۋازىدىن ئۆي تىترەيتتى.
ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ماڭا ھەيرانلىق نەزىرىدە قاراپ تۇرۇشلىرى ئارىسىدا ھوشۇمغا كېلىشكە تىرىشتىم.
....................................................................................................................................................................................................
ئەي رەببىم!!! ساڭا يۈز مىڭ شۈكرى. ياخشى بىر بەندە بولىشىم ئۈچۈن يەنە بىر پۇرسەت بەرمىگەن بولساڭ، قانداق بولۇپ كېتەتتىممەن؟؟ ساڭا يۈزمىڭ شۈكرى!!!
مەنبە:
خاتىرە