مىلادى 1560- يىلى سۇلتان ئابدۇرېشىتخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوردا ئىچىدە قىسقا مۇددەتلىك توپىلاڭ پەيدابولۇپ، بەزى ئەمىر ۋە بەگلەر ئابدۇكېرىم خاننى، بەزىلەر بولسا سۇپى سۇلتاننىتەختكە يۆلەپ چىقارماقچى بولدى. لېكىن، ئابدۇكېرىم خان ئابدۇرېشىتخاننىڭ ۋەسىيەتبويىچە قالدۇرۇپ كەتكەن ۋارىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابدۇكېرىم خان بىلەن سۇپىسۇلتاننىڭ ئۆز ئانىسى ئابدۇكېرىم خاننى قوللايتتى. نەتىجىدە ھىجرىيە 967- يىلى«مۇز ئەمدىلا قېتىشقا باشلىغان» بىر ئاينىڭ سەيشەنبە كۈنى (مىلادى 1560- يىلى 9-ئايلاردا) دۆلەت ئەركانلىرى ئابدۇكېرىم خاننى ئابائى – ئەجدادلرىنىڭ رەسمىيقائىدىسى بويىچە ئاق كىگىزنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ، ياركەنت خانلىقىنىڭ تەختىگەئورۇنلاشتۇردى. شۇ يىلى قىشتا ئىنىسى سۇپى سۇلتان ۋاپات بولدى.
ئابدۇكىرىمخان ياركەنت خانلىقىنىڭ تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن بىر خان بولۇپ، ئۇ جەمئىي31 يىل (مىلادى 1560- 1591- يىللار) تەختتە تۇردى. بۇ دەۋردە ئابدۇكېرىم خاندادىسى ئابدۇرېشىتخاننىڭ تۈزۈم ۋە سىياسەتلىرىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ،سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىي بولغان بەگلىك تۈزۈمىنى داۋاملىقمۇكەممەللەشتۈردى ۋە مۇستەھكەملىدى. ئۇ قەشقەر ۋە يېڭىسارنى ئىنىسى مۇھەممەتخانغا،ئاقسۇ ۋە ئۈچتۇرپاننى يەنە بىر ئىنىسى مۇھەممەت باقى سۇلتانغا سۇيۇرغال قىلىپبەردى. مىلادى 1566- يىلى مۇھەممەت باقى سۇلتان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ زېمىنغامۇھەممەت خاننىڭ ئوغلى شۇجائىددىن ئەخمەت خان ئىگىدارچىلىق قىلدى. خوتەن رايونىنىيەنە بىر ئىنىسى ئەبۇ سەئىد سۇلتانغا، قاغىلىق رايونىنى ئىنىسى يۇنۇس سۇلتانغا،سېرىق قول ۋە پامىر رايونىنى ئەڭ كىچىك ئىنىسى ئابدۇرەھىم سۇلتانغا سۇيۇرغال قىلىپبەردى. شۇنداقلا ھەر بىر سۇلتانغا ئالاھىدە ۋەزىر ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىتەيىنلىدى.
ئابدۇكېرىمخان يەنە ئىلگىرى ئوردىنىڭ بىۋاسىتە ئىگىدارچىلىقىدىكى يەر – زېمىن ۋە يانچىلارنىئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى ھەم دۆلەت ئەركانلىرىغا تەقسىم قىلىپ بەردى. جۈملىدىن مۇھەممەتخانغا پەيزىۋاتنى، ئەبۇ سەئىد سۇلتانغا لايسۇ يېزىسىنى، ئابدۇرەھىم خانغا شىۋىرئىرىقنى تەقسىم قىلىپ بەردى. شۇنداقلا دېھقان ۋە قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ سېلىقىنىكېمەيتتى. شۇڭلاشقا ئۇ، ئۆز دەۋرىدە «ئابدۇكېرىم خان ئادىل» دېگەن نام بىلەنشۆھرەت قازاندى. بۇ ھال ئۇنىڭ ياركەنت خانلىقى تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق ھۆكۈمرانلىققىلىشىدىكى تۈپكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، مىلادى 1570- يىلى غەربدە باي، شەرقتە قۇمۇلۋە جايۈيگۋەنگىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان مەنسۇرخاننىڭ ئوغلى شاھ سۇلتان ۋاپاتبولدى. نەتىجىدە مىلادى 1516- يىلى سۇلتان سەئىدخان ۋاقتىدا ياركەنت خانلىقىنىڭھامىيلىقى ئاستىغا كىرگەن بۇ رايونلار ياركەنت خانلىقىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىغائۆتتى. ئابدۇكېرىم خان كەنجە ئىنىسى ئابدۇرەھىم خاننى بۇ جايلارغا سۇلتان قىلىپئەۋەتتە. لېكىن شاھ سۇلتاننىڭ ئىنىسى مەخمۇت خان ۋە سۇپى خان ۋەقە قوزغاپ، ئۆزئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىباستۇرۇلدى. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ياركەنت خانلىقىنىڭ زېمىنى شەرقتە جايۈيگۋەن،غەربدە بەدەخشان ۋە بولور، كەشمىرگىچە سوزۇلدى. بالقاش كۆلى ۋە يەتتە سۇرايونىدىكى قازاق خانلىقى، ئىسسىق كۆل، نارىن، ئاتباشى قىرغىزلىرى يەنىلا ياركەنتخانلىقىنىڭ ھامىيلىقىدا قېلىۋەردى.
مىلادى1591- يىلى ئابدۇكېرىم خان ئۆز ئىنىسى قۇرەيىش سۇلتان ۋە ئوردا ۋەزىرلىرىدىنئەبۇلمائانى، مۇھەممەت قاسىم قاتارلىقلارنىڭ ئوردا توپىلىڭى تۈپەيلىدىن بارچۇقدا(ھازىرقى مارالبېشىدا) ئۆلتۈرۈلدى ھەم «خان شەھىد» دەپ ئاتالدى. ئۇنىڭ ئورنىغائىنىسى مۇھەممەت خان تەختكە چىقتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ياركەنت خانلىقى خېلى بىرمەزگىل ئىچكى سىياسىي كۈرەشلەر ۋە بۆلۈنۈش ۋەزىيىتىدە تۇردى. بولۇپمۇ مىلادى 1609-يىلى مۇھەممەت خان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ خىل ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. بۇچاغدا كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىۋاتقان ئىسلام تەرىقەتچىلىكى ۋە تەرىقەتچىلەرنىڭخانلىقى ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇن، ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇپ، خانلىقنى ئىدىيەجەھەتتىن كونترول قىلىپ، خان ۋە خانزادىلار، بەگ ۋە بەگزادىلار، ھەتتا ئەمىرقوماندانلارنىڭ ئىچىگە ئېغىر بۆلگۈنچىلىك سېلىشى ۋە ياركەنت خانلىقى ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىنىڭكۈندىن – كۈنگە كۈچەيگەن قانلىق كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە، خانلىق ناھايىتىئاجىزلاشتى. جەمئىيەت بىر مەزگىل بەك خارابلاشتى.
مەنبەسى: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» (مىللەتلەر نەشرىياتى 1999- يىلى 2- قېتىم بېسىلىشى)ئاپتورى: ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق
قىسقارتىپ ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-30 02:02 AM