نىتانىياخۇ كەلسە
ئەگەر بىر كۈنى ئۈرۈمچىگە ،
كېلىپ قالسا نىتانىياخۇ .
دىلى غەمكىن ئۇيغۇر قەلبىگە ،
باسامدۇ شادلىق ياكى قايغۇ ؟
بوپ بېرەمدۇ غەرب پەرەسكە ،
تويى بولغان ئۇنتۇلماس كۈندەك .
جۇت –شىۋىرغان ئۇرۇپ تۇرسىمۇ ،
ئېچىلامدۇ بىپەرۋا گۈلدەك .
ئوت ئۇچقۇنى يېنىپ كۆزىدە ،
تىل سالامدۇ مۇسۇلمان يىگىت .
ياق ، ‹ كەلسە –كەلمەمدۇ ، ھېچ كارىم ›
دەمدۇق ياكى ناخشىلار ئېيتىپ .
‹ نېمە ئىشلار بولۇر ئۇ كەلسە ؟ ›
دېيىشەمدۇ زىيالى ياشلار .
كىملەر يەنە يېڭى ئويۇندا ،
ئاققۇزامدۇ تىپتىنىچ قانلار ؟ ،
ئاقامدۇ بىر كۆل ، بولۇپ بىر قىيا .
شىۋىرلامدۇ تارىخ ياش تۆكۈپ ،
ئۇزۇن –ئۇزۇن خىيالغا چۆكۈپ ،
نى قىسمەتلەر كۆرمىگەن بۇ يۇرت
دەل كېلەلمەي خۇجىنىياز
سابىت داموللا
ياكى جىمجىت ئاش –غىزا يەپ ،
سودا مۇھىم ،پايدا كۆپ دەپ .
‹سەن ئۇ يەرلىلك ، مەن بۇيەرلىك ...›
مەنمەنچىلىك كېتەمدۇ ئەدەپ .
تۈنەكخانا زۇلمەت ئىچرە ،
ئىچىۋېلىپ ياتامدۇ قىزلار .
ئوكۇل ئۇرۇپ تامنىڭ تۈۋىدە ،
جان بېرەمدۇ بەرجەس ئوغۇللار ؟!
ئىھ سىردىشىم ، ئىھ ئۇلۇغ رەببىم ،
ئىمكان بەرگىن ، بىزگە نەزەر سال !
دىلىمىزنى چاتقىن چىڭ قىلىپ ،
دىنسىزلىقنى بىزدىن يۇلۇپ ئال !
ئەگەر بىركۈنى ئۈرۈمچىگە ،
كېلىپ قالسا نىتانىياخۇ .
قەلبى مىسكىن ئۇيغۇر قەلبىگە ،
باسامدۇ شادلىق ياكى قايغۇ ؟ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-29 09:16 PM