مانا بۇ مۇھەببەت، مانا بۇ قەدىرلەش !
ئوسمانجان قۇربان (ئۈمۈدى)
سىز مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولۇپ يىنىڭىزدىكى ئۆزىڭىز سۆيگەن ئادىمىڭىزنى يوقاتقان،ئۇنىڭدىن ئايرىلغان ۋاقتىڭىزدا سىز كىيىنكىسىنى قەدىرلەيدىغان بولدىڭىز! بىراق سىز يەنىلا يوقاتقان ئادىمىڭىزغا ھەقىقىي كۆڭۈل بەرگەن.
سىز مۇھەببەتتە نۇرغۇنلىغان خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىز بىلەن ئازارلاشقاندا، قىيدىشىپ چىجەللىشىپ كۆڭۈل ئاغرىقى تاپقان ۋاقتىڭىزدا دىلىڭىز ئازار يىگەن،لىكىن سىز كىيىنكىسى كەلگەندە ھەرگىز ئۇنداق خاتالاشمىدىڭىز! بىراق سىز يەنىلا ئازارلاشقان ئادىمىڭىزغا ھەقىقىي كۆڭۈل بەرگەن.
سىز ئۆزىڭىز خالىغان ئىشنى قىلدىغان ۋاقىتتا بەزى يىنىڭىزدىكى مۇھەببىتىڭىزنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچىرىغان ۋاقىتتا كۆڭلىڭىز ئۇنىڭدىن قاتتىق ئاغرىغان ئىدى. لىكىن سىز كىيىنكىسىگە كەلگەندە ئانداق قىلمايدىغان بولدىڭىز! بىراق سىز يەنىلا سىزنى توسقان ئادىمىڭىزغا ھەقىقىي كۆڭۈل بەرگەن.
سىز يىنىڭىزدىكى ئادەمنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك سىزنى خۇشال قىلىپ بىرەلمىگەندە ئۇنىڭدىن قاتتىق رەنجىگەن ئىدىڭىز! لىكىن سىز كىيىنكىسىگە كەلگەندە ئانداق رەنجىمەيدىغان بولدىڭىز! بىراق سىز يەنىلا ئاشۇ ئادىمىڭىزغا ھەقىقىي كۆڭۈل بەرگەن.
سىز يىنىڭىزدىكى ئادەمنىڭ قەدىرىگە يەتمەي ئۇنىڭغا چوڭ تەلەپ قويۇپ جىدەل قىلىپ كۆڭۈل ئاغرىقى تاپقان ئىدىڭىز! لىكىن سىز كىينكىسىگە كەلگەندە ئانداق قىلمايدىغان بولدىڭىز! بىراق سىز يەنىلا ئاشۇ قەدىرسىزغا ھەقىقىي كۆڭۈل بەرگەن.
سىز يىنىڭىزدا بار چاغدا توردىكى ئەرزىمەس پاراڭغا،ناتونۇش ئارسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئمراق ئىدىڭىز،ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىز بۇ ئىشنى توسقان ۋاقىتتا تورنى دەپ ئۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىلىتاتتىڭىز،لىكىن ئىككىجىسىگە كەلگەندە ئانداق قىلمايدىغان بولدىڭىز! بىراق سىز يەنىلا ئاشۇ ئادىمىڭىزنى ھەقىقىي سۆيگەن.
سىز يىنىڭىزدىكى ئادەم خاتالىقنى توسۇپ توغرا يولدا،توغرا مۇناسىۋەتلىك بولۇشنى تەكىتلىگەندە ئۇنىڭدىن خاپا بولغان ئىدىڭىز،ئىككىنجىسىگە كەلگەندە سىز ھىچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان،ھەر بىر ئىشتا دىققەت قىلدىغان بولدىڭىز! بىراق سىز يەنىلا ئاشۇ ئادىمىڭىزنى ھەقىقىي سۆيگەن.
سىز باشقىلارنىڭ شۇنداق يىقىن ئۆتكىنىنى،باشقىلارنىڭ يىنىدىكى ئادەمنىڭ شۇنداق كۆپ نەرسە ئىلىپ بەرگىننى كۆرۈپ يىنىڭىزدىكى ئادىمىڭىزدىن شۇنداق قىلىپ بەرمىدى دەپ ئاغرىنغان ئىدىڭىز،لىكىن ئىككىنجىسىگە كەلگەندە سىز ئاغرىنمايدىغان ياخشى مىجەزلىك بولدىڭىز! بىراق سىز يەنىلا ئاشۇ ئادىمىڭىزنى ھەقىقىي سۆيگەن.
سىز يىنىڭىزدىكى ئادىمىڭىزدىن، ياخشى كۆرگەن ئادىڭىزدىن رازى بولماي،كۆڭۈل ئاغرىقى تىپىپ،دىل ئازار يەپ يۈرگەندە ئۇنىڭدىن ئايرىلغان ئىدىڭىز،لىكىن ئىككىنجسىنىڭ نىمە قىلسىشىدىن قەتئىينەزەر سىز ئۇنداق قىلمايدىغان بولدىڭىز! بىراق سىز يەنىلا ئاشۇ ئادىمىڭىزنى ھەقىقىي سۆيگەن.
سىز ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىز قىشىڭىزدىكى چاغدا كۆپ جاپالارغا چىدىمغان ئىدىڭىز،لىكىن ئىككىنجىسىگە قانداق جاپا بولسا چىدىدىڭىز! بىراق سىز يەنىلا ئاشۇ ئادىمىڭىزنى ھەقىقىي سۆيگەن.
سىز يىنىڭىزدىكى سىز سۆيگەن ۋە سىزنى سۆيگەن ئادەمدىن ئازار يەپ ئايرىلغاندا سىز بۇ سۆيگۈنى يوقۇتۇپ ئىككىنجىسىگە ئۇچىراپ ئۇنى قەدىرلەپ ياشىدىڭىز! يىنىڭىزدىكى بىراق سىز يەنىلا ئاشۇ ئادىمىڭىزنى تۈنجى قىتىم ھەقىقىي سۆيگەن.
مانا بۇ مۇھەببەت ، مانا بۇ تۇرمۇشتىكى ئىككىنجى قىتىملىق سىز، مانا بۇ غورۇر ۋىجدانىڭىزدىكى ئىككىنجى سىز، چۈنكى سىز ھەممە تۇرمۇشنىڭ بىرىنجىسى بولۇشىنى ئۈمۈد قىلاتتىڭىز،لىكىن ئۆزىڭىز ئىككىنجىسى بولدىڭىز ! لىكىن سىز يەنىلا ئاشۇ تۇرمۇشىڭىزدىكى بىرىنجى ئادەمگە رەخمەت ئىيتىڭ! ئۇنىڭدىن خۇشال بولۇڭ، ئۇ سىزگە ساۋاق بەردى،ئەقىل بەردى.
مانا بۇ مۇھەببەت ، مانا بۇ تۇرمۇش، مانا بۇ سۆيگۈ ، مانا بۇ قەدرىگە يىتىش !
ياندا بارىدا قەدىرلەڭ !
2012-يىلى 21-ئاينىڭ 29-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا umudi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-29 08:41 PM