تۈنۈگۈن بىلىك مۇنبىرىدە بىرەيلەننىڭ مەكتەپ مۇلازىمىتىرىدا FTP مۇلازىمىتىر قۇرۇش خىيالىنىڭ بارلىقىنى ئېيىتىپ يازغان ياردەم تېمىسىنى كۆرۈپ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. FTP مۇلازىمىتىر قۇرۇش ئەمەلىيەتتە ئانچە تەس ئەمەس، بۇ سىزنىڭ قانداق دېتال ئىشلىتىشڭىزگە باغلىق.
بۇ يەردە كۆپچىلىككە ئىشلىتىش قۇلايلىق، مۇھىمى ھەقسىز بولغان FTP مۇلازىمىتىر قۇرۇش دېتالى FileZilla Server Interface نى تۇنۇشتۇرماقچىمەن. (ھەقسىز دېگەننى ئاڭلاپ پىس-پاس دېتال ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ، بۇ خېلى داڭقى بار دېتال، پەقەت شۇ ئاپتۇر سىزگە ھەقسىز تەمىنلىگەنلا يېرى بار)
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئورگەان تەرەپ تو ئادىرىسى:
http://filezilla-project.org/ (ئېنگىلىزچە)
1. باش بەتكە كىرگەندىن كېيىن Download FileZilla Server نىچېكىپ چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىسىز:
2. چۈشۈرۈش بېتى ئېچىلغاندىن كېيىن Download Now نى باسساق دېتال چۈشۈرۈش قۇرالى قوزغىلىپ دېتالنى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ:
3. دېتال چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن قاچىلاش پىروگىراممىسنى قوش چېكىپ قاچلاشنى باشلايمىز: (بۇ يەردە I Agree نى باسمىز ، يەنى قاچىلاشقا قۇشۇلىمىز)
4. تۆۋەندىكى كۆزنەكتە سىز قاچىلىماقچى بولغان ئىقتدارلارنى تاللايسىز ، رەسىمدىكىدەك تاللاپ كېينكى قەدەمنى باسىمىز:
5. ئەمدى قاچىلاش ئورنىنى كۆرسىتىش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ، ئامال بار C دېسكىدىن باشقا مۇندەرىجىگە قاچىلايمىز، يەنى تۆۋەندىكىدەك:
6. بۇ كۆزنەكتە بىرنجى قۇردا پىروگىراممنى Windows قوزغالغاندا بىللە قوزغىتىش ۋە ئالى باشقۇرغۇچى زىيارەت قىلغاندا ئىشلىتىدىغان ئېغىزنى تاللايمىز، رەسىمدىكىدەك: (ئېغىز نۇمۇرىنى خالىغانچە قويسىڭىز بۇلىدۇ)
7. بۇ كۆزنەكتە ئەسلى قىممەت بۇيىچە ئۆزگەرتمەي Install نى بېسىپ قاچىلاشنى باشلىسڭىز بۇلىدۇ:
8. ئەمدى FileZilla Server نى قوزغىتمىز. دەسلەپكى قوزغالغاندا تۆۋەندىكىدەك خاتالىق ئۇچۇرى چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى، بىز پىروگىراممىنىڭ ئەسلى تەمىنلىگەن باشقۇرغۇچى كىرىش ئېغىزىنى ئۆزىمىز خالىغان ئېغىزغا ئۆزگەتكەن ئىدۇق. شۇڭا مۇۋاپىقيەتلىك ئۇلانمىغانلىق ئۇچۇرى چىقىدۇ. تۆۋەندىكىدەك:
9. بۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: سىز تىزىملىكتىن File – Connect to server نى بېسىپ ، چىققان كۆزنەكتە مۇناسىۋەتلىك پارامېتىرلارنى تولدۇرىمىز:
Sever Address مۇلازىمىتېر IP ئادىرىسنى تولدۇرىمىز
Port باشقۇرغۇچى ئۈچۈن بېكىتكەن ئېغىزنى تولدۇرىمىز
Password باشقۇرغۇچى پاراولنى كىرگۈزىمىز
ئاندىن OK نىبېسىپ مۇقۇلاشتۇرساق مۇلازىمىتىغا ئۇلىنىدۇ.
مۇشۇنىڭ بىلەن كومپيوتىرىڭىزدا FileZilla Server مۇۋاپىقيەتلىك ئورنىتىلدى.
ئەمدىكى دەرستە FileZilla Server دېتالىنى تەشەش، ئىشلەتكۈچى قۇرۇش، ھۇقۇق بەلگىلەش، گۇرپپا قوشۇش قاتارلىق تېخنىكىلارنى سۆزلەپ ئۆتىمەن، دېققتىڭىز بىلوگىمدا بولسۇن!
قەيسەر بىلوگى