سېنى كۈتىمەن
بىلەمسەن گۈلۈم ، سېنى كۈتىۋاتقىنىمنى ، ھەر كىچە شۇ ئايغا قاراپ سېغىنغىنىمنى. تەنھالىق ئالىمىدە يۈرەك باغرىمنى ئۆرتەپ كىلىۋاتقان ئازاپلارغا چىداپ كىلىۋاتقىنىمنى . ھەممىسى بىر سەن ئۈچۈن ، ساڭا بەرگەن ۋەدەم ۋە قىلغان پاك ئەقىدەم ئۈچۈن .
كۈتۈش بىلەن ئۆتەر كۈنلىرىم ،
ئۇيقۇدىن بىدار سەنسىز تۈنلىرىم.
گۈلۈم سەن يوق بۈگۈن قىشىمدا ،
ياڭرىغايمۇ مۇڭلۇق كۈيلىرىم .
سېنى كۈتىمەن ، مۇھەببەتتىكى <كۈتۈش> تىن ئىبارەت بۇ شېرىن ئازاپ ئىچىدە سېنى كۈتىمەن . بىز بىللە ئولتۇرۇپ گۈزەل ئارمانلار ھەققىدە مۇڭداشقان شۇ ئەرمۇدۇن دەرىخى ئاستىدا سېنى كۈتىمەن . سېنى كۈتۈش مەن ئۈچۈن بەخت .
كەلگىن پەقەت بىر رەت قىشىمغا ،
گۈللەر تەرگىن كۆڭۈل بىغىمغا .
سەندە ئىچىلسۇن بەخت گۈللىرىم،
بەرگەندە ئاراملىق نازۇك دىلىمغا .
ھەر كۈنى شۇنداق ئۆزۈمنى بەزلەيمەن ، چۈنكى سەن ھامان كىلەتتىڭ . گەرچە سەن ئۆز نىشانىڭ ئۈچۈن يىراق جايلاردا كۈرەش قىلىۋاتقان بۇلساڭمۇ ، ماڭا بەرگەن پاك ئەقىدەڭ بىلەن قەلبىم تۆرىدە ئۆز يۈكسەكلىكىڭنى نامايەن قىلىپ تۇراتتىڭ.
ئەقىدەڭ ئۈچۈن گۈلدەك ياشايمەن ،
مۇھەببەت يولىدا شاتلىق ئىچىدە .
گۈزەل سىمايىڭ ھەمرادۇر ماڭا ،
ھەر كۈنى شۇ ئايدىڭ كىچىدە .
< يول يىراقى بولسا بولسۇن ، كۆڭۈل يىراقى بولمىسۇن > توغرا گۈلۈم ، سەن ماڭا شۇنداق دېگەنىدىڭ. مەن بۇ گىپىڭگە بەك ئامراق . سېنى ئۆز قەلبىمنىڭ چۇڭقۇرلىقىدا ساقلايمەن .
سېنى كۈتىمەن سەن كەلگۈچە ،
باشىمغا بىر كۈن ئەجەل يەتكۈچە.
ئىزدەيمەن سەندىن ۋىسال شەربىتى،
بۇ ھايات يولىنى تامام ئەتكۈچە .
گۈلۈم سېنى كۈتىمەن....................................
مەنبە : ئۆزۈم