يېڭى يىلغا ئويلىنىش بىلەن كىرىڭلار...
(تېپىشماق)
دوستۇمنىڭ ھالى پەرىشان،«نېمە بولدۇڭ» دېسەم «بىر ھېساپنى چىقرالماي پۇلۇمنى تاپالمىدىم» دېدى.مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولدۇم، ئۇ
تۆۋەندىكلەرنى دەپ بەردى؛
چوڭ ئاكامدىن 500 يۈەن،كىچىك ئاكامدىن 500 يۈەن پۇل ئارىيەت ئېلىپ 970 يۈەنگە بىر دانە چاپان سېتىۋالغان ئىدىم،30 يۈەن مەندە ئېشىپ قالدى. بۇ پۇلدىن چوڭ ئاكامغا 10 يۈەننى، كىچىك ئاكامغا 10 يۈەننى قايتۇرۇپ بەردىم، يېنمدا 10 يۈەننى ئېلىپ قالدىم.
شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئاكام ماڭا 490 يۈەن ، كىچىك ئاكام 490 يۈەن بىرىپ تۇرغان بولدى.مېنڭ قايتۇرۇشقا تىگىشلىك قەرزىم 980 = 490+490 يۈەندە قالدى. ھېساپلاپ يېنىمدا قالغان 10 يۈەننى بۇ پۇلغا قېتىپ باقسام جەمئى پۇل 990 يۈەن چىقتى.
ئۇمۇمى پۇل 1000 يۈەن تۇرسا، ئون يۈەن كەم، ئۇ نەگە كەتتى؟
ئۇ ماڭا يەنە يۈتتۈرۋەتمىگەنلىكىنى ياكى تاشلاپ سالمىغانلىقىنىمۇ ئېيتتى.
مەنمۇ ئويلۇنۇپ قالدىم، كەم 10 يۈەن قەيەردىدۇ؟
ئەسكەرتىش؛ ئەستايىدىلراق بۇلۇپ ئويلۇنۇپ بېقىڭلار! (تېپىشماق ئادەمنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ،ئۆز كۆرۈپ يوللىدۇم).
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-29 07:30 PM