مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3223|ئىنكاس: 37

بىتاھارەتلەر-(مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە ئاتاپ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈلكىلەرگە قارا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 2382
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 83248
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9415 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 04:16:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىتاھارەتلەر
ھېكايە
شۈكران(يوچۇن ئادەم)

-گۈپ!
-ۋايجان!-دەپ چۇراپ ئويغانغان ئايىخان يۈركىنىڭ گۈپۈلدەپ ھېلىدىن-ھىلى سوقىشىنى بېسىقتۇرۋاتاتتى. دىمىسىمۇ بۇ كېچىدە كىممۇ ئۇنىڭ ئۆگزىسىگە بىر نەرسە ئاتار. راخماننىڭ قىلىغى ھەقىچان! دەپ ئۆزىگە قايىتقان ئايىخان، نازلىنىپ ئۆزىچە يىنىككىنە كۈلدى. راخمان بۇ نۆۋەت ئۆتكەنكىدەك دەرىزە قاقماي نىمىشقا ئۆگىزىگە بىر نەرسە ئاتىدىكىنە؟ چۇقۇم ئۇ ئۆگزىدە. ئايىخاننىڭ كۆزلىرى مەرۋايىتتەك پارقىراپ ھىسىياتلىرى ئۇرغۇشقا باشلىدى. كۈز ئايلىرىدىكى سوغاق يوتقانمۇ سەل قىزىپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇ سەل قايرىپ، ئۆزىنىڭ چوڭ-چوڭ تىنىقلىرىنى باسالماي دەرىزە تەرەپكە تەلمۈردى. ئۆتكەندە راخمان دەرىزىدىن ماراپ غۇۋا ئاي قاراڭغۇسىدا ھىجىيىپ خۇشامەت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ كەتمىنىنىڭ ئىزىنىمۇ ئايىخان بىر نەچچە كۈنگىچە سۈپۈرۋەتمەي ساقلىغان بولۇپ، ئۇ ئىز ئۇنىڭ مۇھاببىتىنىڭ يالدامىسى ئىدى. بۈگۈن بۇ يۈرىگۈم نىمانچە ئەنسىز سوقىدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىدى ئايىخان ئاستا قۇپۇپ چىراقنى بىر يېقىپ ئۆچۈرۈپ قويدى. چۇنكى ئۇ شەرىتلىك بەلگە بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىدە بارلىغىنى بىلدۇرەتتى. يولدىشى بولسا يېقىپلا قوياتتى-دە، يالغاندىن يولدىشىغا ئەركىلىگەن بولۇپ ئۇنى ئويغىتاتتى ۋە گوڭۇر-موڭۇر پاراڭغا چۈشۈپ كىتەتتى. دەرىزىدىن مارىغان راخمان ئۇلارنى كۆرەلەيتى ۋە ئاستا شىپىرلاپ كىچىنىڭ تىۋىشسىز ئىتلىرىدەك يوقاپ كىتەتتى. تالادىن كىرىۋاتقان شىپ-شىپ ئاۋازلار ئايىخاننى قىينىماقتا ئىدى. ئۇ بۇ نۆۋەت ئۆزىنىڭ بۇلۇتتەك ئاپئاق يوتۇللىرىنىڭ ئارىسىغا يوتقاننى قىستى. چاچلىرىنى يىنىك ئارقىسىغا تاراپ دەرىزە تەرەپكە يەنە يىنىك قاراپ قويدى. قولىنى قۇلىغىغا تىرەپ خىيالغا پاتتى.
- راخمان سەن نىمانچە قاپيۈرەك. ئېرىمنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتكىنىنى قانداق پەمىلەپ بولدۇڭ؟
-نېمە دەيدىغانسەن. مېنىڭ پۈتۈن ئەس-يادىم سەندىلا تۇرسا قانداقمۇ بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى ئۆتكىزۋىتەي! يالغاندىن سۇ تۇتقان بولۇپ...
-دىگىنە بۈگۈن نېمە ئالغاچ كەلدىڭ؟
-ئې مايماققا ئالغان ئۈزۈكنىڭ ئورنىغا بازاردىن بىر يالغان ئۈزۈكنى ئۈچ يۈەنگە ئېلىپ ئالماشتۇرۇپ قويدۇم. ئەكىلە قولۇڭنى بىر سېلىپ قوياي!
-تۈتە!-يانغا قايرىلىدى ئايىخان ئۆزىنىڭ ھېلىلا ھورى كۆتىرىلگەن بولكىدەك كۆكسىنى راخماننىڭ مەيدىسىگە يىنىك ئۇرۇپ قويدى. يەنە بىر قولى بىلەن راخماننىڭ ئېڭىكىنى يىنىك نوقۇپ، ئوتتەك قىزىپ كەتكەن كالپۇكىنى راخماننىڭ گەز باغلاپ قۇرۇپ كەتكەن كالپۇكىغا يېنىك تەككۈزۈپ قويدى.
-قارا ياراشتىغۇ مانا. ما بىزنىڭ مايماققا ھىچنىمە ياراشمايدۇ قارا. ساڭا نېمىلا بولمىسۇن يارىشىۋىردىكەن دىسە. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆزۈڭنىڭ قاراشلىرى ئادەمنىڭ يېغىنى يەيدۇ. ما مايماقنىڭ خۇلىقىمۇ سەندەك تاتلىق بولسا ئۆيدىن چىقىدىغان ئەركەكلەرمۇ بىز!
-بەز مارىغان مۇشۈك خۇينى تاشلىماس! سەن بولمىساڭ بۇ كىچىنى قانداقمۇ بىتاقەت ئۆتكۈزەردىم راخمان. دىمىسەڭمۇ بىكاردىن-بىكار سېنى سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم.
-چاچلىرىڭ نېمانچە خۇشپۇراق ئەمدى. سېنى تېرەكلا يىۋەتسەم دەيمەن.
-ماڭە ساراڭ- ئايىخان يېنىك راخمانغا تاشلانغاندى. بۇ كېچە تولىمۇ مەنلىك ئەسلىمىلەرگە تولغان بولۇپ، بامدات ناماز ۋاقتىدا ئۇلار بىر-بىرىگە قېنىشماي ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. راخمان بوسۇغىدىن ئاتلىغاندا ئايىخان بىر نەرسىسىدىن ئايرىلىۋاتقاندەك يۈرگى ئېچىشقان ئىدى.
       ئايىخان نەچچە كۈننى قانداق ئۆتكۈزگىنىنى بىلمەيتى. يولدىشى سوئال سورغانلاردا ئاللا نىمىلەرنى ئويلاپ جاۋاپنى خاتا بىرەتتى. بەزىدە غىڭشىپ ناخشا ئوقۇپ قوياتتى. باشقىلارغا كۆرۈنمەي ئۆيىدە تاتلىق خىياللارغا بەنىت بولۇپ كىتەتتى. ئىچى پۇشسا يوتقاننى قايتا سېلىپ زەن سېلىپ راخمان بىلەن بىرگە بولغان ھالەتنى يوتقاندىن كۆرەتتى-دە،  يەنە يىغىپ تىزىپ قوياتتى. پات-پات دېرىزىگە قاراپ بىر ھىجاراپ تۇرغان كۆرىنىشنى كۆرگەندەك بولۇپ، مىيىققىدە كۈلۈپ قوياتتى. باغقا چىقىپ يالغاندىن كۆكتات تەرگەن بولۇپ يىراقلارغا قارايتى. بەزىدە تۇرۇپ ئاپتاپقا ئۆزىنى قاقلىغىسىمۇ كىلىپ قالاتتى. ئەينەك ئالدىغا كىلىپ كىيىمىنى سېلىپ بەدىنىدىن ھوزۇرلانغۇسىمۇ كىلىپ قالاتتىيۇ، ئۆزىچە ئۆزىنى تىللاپ ئەسلىگە قايتىپ قالاتتى. بۈگۈن ئۆگزىگە چالما ئاتقان راخمان ھىلىغىچە شىپىلداپ كىرىپ بولالماي ئۇنى بىتاقەت قىلماقتا ئىدى. ئۇ چوقۇم ئۆيدە يولدىشى بار دەپ مۈكۈنۈپ ياتقانمىدۇ؟ ياق ئۇ دىگەن باتۇر، قەيسەر يىگىت! پەقەت سەۋدالىقتىلا جاننى ئالقانغا ئالغىلى بولىدۇ. ئۇ مېنىڭ ئىشقىمدا راسلا كۆيەلىگەچكە باغنىڭ چىتىدىن ئارتىلىپ، ھۆيلىنىڭ ئىلگىنچىسىنى ئېچىپ كىرەلىگەن گەپ. بۇ ئادەتتىكى مىجىق ئەرلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. ھەقىقى مەيدىسىنىڭ تۈكى بار ئەركەك دىگەن راخماندەك بولىدۇ. ئۇ مېنى كۆزتىۋاتقان گەپ... ئايىخان شۇلارنى ئويلىدى ۋە ئۆزىچە كىيىملىرىنى سالغۇسى كەلدى. دىمىسىمۇ ئۇنچە قېلىن كىيىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ قاتتىق لىپتىكنىڭ ئىچىدە چىڭقلىپ كەتكەن كۆكسى ئوتتەك قىزىپ ئۇنى سەل قىيناپ قويغان ئىدى. ئۇ كىيىمنى سالدى. كىيىمنى سالدى دىگەن ئانىسىدىن تۇغما ھالەتكە كىلىپ بولدى دىگەن گەپ. شۇ چاغدىلا ئۇ بەك يىنىكشىپ راھەت ھىس قىلىپ قالدى. راخمان ئۇدۇللا كىرىپ ئۇنىڭ قوينىغا كىرىپ قالسا تۇيۇقسىز جەننەتكە كىرىپ قالغاندەك، جەننەتنىڭ مېۋىللىرىگە ئېغىز تىگىپ چەكسىز ئىپتىخارلانغاندەك بولۇپ بەخىتكە چۈمەتتى. شۇ چاققىچە نېمىشمۇ قىلىۋاتقانسەن راخمان. جېنىم...
        ئايىخان يەنە چىراقنى يېقىپ ئۆچۈردى. بۇ نۆۋەت ئۇزاقراق ياقتى. ئۆچۈرۈپ بولۇپ يەنە يېقىپ ئۆچۈردى. بۇ ئۇنىڭ سېنى ساقلاۋاتىمەن دىگەن شەرىتلىك بەلگىسى ئىدى. ئۇنىڭ راخماننى توۋلىغىسىمۇ كىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ بەدىنى سوۋۇپ كىتۋاتاتتى. ئەمدى ئۇنىڭ راخمانغا ئۆچلىكى تۈتتى. ئوتتەك بەدىنى سوۋغاندا ئۇنى ياخشى ھوزۇرلاندۇرالماسلىغى، ئاياللىق خىسلىتىنى تولۇق نامايەن قىلالماسلىغى، ئوتتەك بەدىنىنىڭ ھارارىتىنى راخمانغا بىرەلمەسلىكى ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتى ئىدى. ئۇنىڭغا راسلا ھار كەلدى. خەپ! كىرىپ قالساڭ قانداقمۇ قىلىدىكەنمەن! ئايىخان ئەسەبىيلىشىۋاتاتتى. ئۇ كىيىمىنى كەيدى. چاپىنى يېپىنچاقلاپ تالاغا چىقىپ باقماقچى بولۇپ تەمشىلۋىدى سىرىتتىن يەنە < تاراق-تۇرۇق> ئاۋاز كىلىپ قالدى. ھەي راخمان ساڭا نېمە كۈن! بۇنچە قىينالغىچە ئۆزەڭنى ئىشىككىلا ئاتساڭ بولماسمىدى. مېنى قۇچاقلاپ يېتىپ ھاياتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرسەڭ نېمىمۇ بولاتتى. بىچارە راخمان ئەجەپمۇ ئىچىمنى ئاغرىتتىڭ!  كىرگەندە سېنى سۆيۈپ ساڭا مەدەت ئاتا قىلارمەن جېنىم. سېنىڭ چەككەن رىيازىتىڭنى ئۆزۈمنىڭ ئوتتەك باغرىمنى يېقىش بىلەن ئېلىۋالارمەن. راخمان ساڭا راسلا قىيمايمەن. سەن باتۇرۇم، باھادىرىم، ھاياتىم...
       ئايىخان شۇندىن كىيىن خېلى ۋاقىت ئۆزىنى بەزلەپ راخماننى كۈتتى. ئەمما راخمان ھىلىغىچە يوق ئىدى. تۈن كېچىمۇ ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ بىرگە بولىدىغان ۋاقتى قىسقىرۋاتاتتى. ئايىخان چىدىغۇسىز ھالدا ئورنىدىن دەستۇرۇپ، يېپىنچاقلىۋالغان چاپىنىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە سىرىتقا ماڭدى. ئىشىكنىڭ ئىلگۈنچىكىگە قول سوزىغان ئىدى يۈرگى <غارت!> قىلىپ سۈر باستى. بىر قارا كۆلەڭگە ئۇنىڭ گېلىغا ۋەھشىلەرچە ئېسىلىپ جېنىنى ئالىدىغاندەك، سۆرەپلا تالاغا ئېچىقىپ كىتىدىغاندەك، يەنە تۇيۇقسىز سىرىتتا بىر چوڭ قارا ئىت ساقلاپ تۇرغاندەك... تۇيغۇلار ئۇنى قورقۇتتى ۋە چىراقنى ياقتى. دېرىزىدىن سىرىتنى كۆزەتتى. قاپقاراڭغۇ تۈن پەردىسى ئۇنىڭ ئەتىراپنى ياخشى كۆزىتىشىگە ئەكىستەسىر بولىۋاتاتتى. سىنچىلاپ قاراپ كەتكەن ئايىخان نېمىشقىمۇ سىرىتنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرگەنلىكىگە ئېچىندى. قەلبى بىتاقەتچىلىكتە دېرىزىدىن سىرىتقا تەلمۈرۈپ قاراپ راخمانغا ئۆزىنىڭ ئۇنى كۈتىۋاتقانلىغىنى بىلدۇرۇپ قويۋاتاتتى. راخمان ھىچ كىلىدىغاندەك ئەمەس، مۈككەن جايىدىن قوپمايۋاتاتتى.
      ئايىخان كۈتۈشلىرىدىن زېرىكىپ يوتقىنى قايرىپ بولۇپ چاپىنى سالمىغىنى ئىسىگە كەلدى-دە يەنە بىر قېتىم دېرىزە قىشىغا بېرىۋىتىپ كىلىپ ياتتى. ئۇ  يوتقاندا ياتتىيۇ يېنىدا بىرىنىڭ پۇشۇلدىغىنى، تامدا بىر كۆلەڭگىنىڭ يوقاپ كىتىۋاتقىنى، يوتقاننىڭ ئايىغىدا بىرىنىڭ ئولتۇرغىنىنى سىزدى.
-كىم؟- ئاۋازى بوغۇلغان ئايىخان كاكىراپ قالدى. چىراقنى ياقاي دەپ سۆڭدۈرۈلگەن بولسىمۇ، يوتقاننىڭ ئۈستىگە بىرى تاشلاندى. ئايىخان يوتقاننىڭ قاپئوتتۇرىسىدا ۋاقىرايتى، يىغلايتى، قاخشايتى ئەمما ھىچكىشى ئۇنى قۇتۇلدۇردىغاندەك ئەمەس ئىدى. بىر ۋاقىت قارىشلىشىش ئارقىلىق ئايىخان يوتقاننىڭ ئۈستىدىكى نەرسىنىڭ يوقلىغىنى بىلىپ چۇراپ قوپۇپ، ھىچقانداق  نەرسىگە توسالغۇسىسىز چىراقنىڭ يىپىنى قاتتىق تارىتتى. يىپ ئۇنىڭ قولىدا تۇراتتى. دىمەك ئۇ يىپنى تۈۋىدىن ئۈزۋەتكەن ئىدى. تاڭمۇ سۈزۈلۈپ ئەرزان ئاۋازى كەلدى. ئوھ! ئاخىرى تاڭ ئېتىپ ئايىخان بىر مودىھىش كېچىنىڭ قورقۇتىشىلىرىدىن ئامان قالدى. چىراق-يورۇقلۇقمۇ نۇرغۇن شاھۋانىيلىقلارنى يۇشۇرغان بىلەن كۆپ تەشۋىشلەردىنمۇ ئازات قىلىدىكەن. ئۇ- بىر كۆز ئىكەن.
        كېچىدىن بىرى چىققان شامال ئۆگزىدىكى ئانتىنانى ئۆگزىگە ئۆرۈپ قويغان، ھويلا-ئارامنى تازا مەينەت قىلغان ئىدى. ئايىخان ئۆي-ئارامنى پاكىز تازلاپ مېھماننى كۈتىۋالىدىغاندەك سۇس قىلىپ سۇ سەپتى. ناشتىنى قىلىپ بولۇپ، ئانتىنانى قوپۇرۇش، چىراقنى ئۆچۈرۈشنىڭ ئامالىنى ئىزلىدى. دېمەك بۇ چىراقنى ئوڭلاش راخماننىڭ مەسھۇلىيىتى. ئۇ بۇ كېچە كىرگەن بولسا يىپ ئۈزۈلمەيتى.  
-ئەسسالامۇئەلەيكۈم خوشنام!
-ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام ئايىخان ئاچا، كەسىلە
-ئى سېلىنىڭ راخمان بامىدۇ؟ ما بىزنىڭ ئادەم يوق. ئاخشامدىن بىرى چىققان شامالدا ئانتىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ بى يۆلەپ بەسە بوپتىكەن. ئا ئادەم مېڭىشتىن بۇرۇن قىلالمىغان ئىش بولسا راخمانغا دىسەڭ قىلىپ بىرىدۇ دىگەن. سىلنىڭ ئادەمگە تاپىلاپتىكەن ما بىزنىڭ غوجام.
-ھازىر باتى يوق تۇرىدۇ. مەن كىرسىلا چىقىراي خوشنام. قىلىپ بىرىدۇ. خوشنا ئەمەسمۇ!- دىدى گۈلسۈمخان ئاۋۇت باشلىقمۇ كۆپ ئىشلىرىمىزنى قىلىپ بىرىدىغانلىغىنى، ھەل بولمىغان بىر ئىشىنى ھەل قىلىپ بىرىپ بەك خۇشال قىلغانلىغىنى، نىكا ئىشىغىمۇ كۆپ يول ماڭغانلىغىنى، ئۇرۇش جېدەل قىلىپ راخمان ئەسكىلىك قىلغاندا ياراشتۇرۇپ قويۇشقا ئادەم سالغانلىغىنى... ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى ۋە چىندىلىدىن بىر خىل يېقىنچىلىق قىلىپ ئايىخانغا يېنىك كۈلۈمسىرىدى.
        ئايىخان چىقىپ كەتكەندە گۈلسۈم ئىچ-ئىچىدىن مەمنۇن بولۇپ كۈلدى. ئۇنىڭ ئەتتىگەندىلا ئۇنچە خۇش بولىشى ئاۋۇت باشلىقنىڭ گىپىنى قىلىپ ئايىخانغا گەپ ئېتىۋالغانلىغى ئىدى. دىمىسىمۇ بۇنداق ياخشى پۇرسەت زادىلا كەلمەيۋاتاتتى. كۈنلەشمۇ غەيرىي بولىدىكەن. ئايىخان مەھەللىدە بولمىسا ئاۋۇت باشلىقمۇ چۈشلىرى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىدە ئارام ئېلىپ كىتەتتى. گۈلسۈمخانمۇ سۆگەڭ كۈتۈپ ياتقان ئىتتەك غىپپىدە يوقاپ، شىپپىدە پەيدا بولۇپ قالاتتى-دە، بىر چەينەك سۇ ئىستىپ قويۇپ ئەتىراپقا شۇنداق نەزەر سېلىۋېتىپ، شىپپىدە يۈينىۋالاتتى. راخماندەك يۈڭ مەيدىنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايتى. راخمان ئېشىۋېلىپ  گەپ قىلسا ئاۋۇت  باشلىققا دەپ ئۇنى جازالىتاتتى. يېقىندىن بىرى گۈلسۈممۇ، راخمانمۇ ناھايىتى خۇشال ئىدى.
     ئايىخان ئۆتكەن كۈنى بارماقلىرىنى ئويناتقان بولۇپ قەستەن  ئاۋۇت باشلىققا راخماننىڭ سېلىپ قويغان ئۈزۈكىنى كۆز-كۆز قىلدى. دېمەك ئاۋۇت باشلىق ئايىخاننىڭ بارمىغىدا ئۆزى گۈلسۈمگە ئېلىپ بەرگەن ئۈزۈكنى كۆرۈپ قالدى. لىكىن يۈزىگە سېلىشقا پېتىنالمىدى. گۈلسۈمدىنمۇ سورمىدى. شۇندىن بىرى خىزمەت ئىشى بىلەن پات-پات سىرىتلارغا قاتناپ ئۆيگە كىرگۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە گۈلسۈمدەك ياش جۇۋانلارلا قىلغاننى بىلەتتى. بەدىنىنى تېخىچە قويۋەتمىگەچكە چىڭ ئىدى.  ئۇلارنىڭ مۇناسىۋېتىدە كاۋاپمۇ، زىخمۇ كۆيمەيتى. نازلىق بېقىشلىرى ئۇنىڭ ھاۋايى-ھەۋاسلىرىنى دائىم قوزغاپ تۇراتتى. ئايىخانغا ئۆزىنى تازا تۇتقۇزمايتى. ئايىخانمۇ يېقىندىن بىرى ئۇنىڭغا قىزىقماسلا بولۇپ قالغان ئىدى.
      راخمان ئايىخاننىڭ ئۆيىدە ئايىخاننى بىتاقەت كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇ ئايىخان ئۆيدىن چىققاندا ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە كادىر ئادەمنىڭ ئاياللىرى ئۆزىنى ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرغاچقا، ئىسىل-ئىسىل ئەتىرلەرنى چېچىپ، ياخشى سۇپۇنلارنى ئىشلىتىپ پاكىز بولۇپ تۇرغاچقا، ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ تۇراتتى. ئاپپاق بەدەنلەر ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئېقىپ يۇرەتتى. قولى ئىشقا بارمايدىغان، ئامال تاپسىلا گۈلسۈمدىن يۈشۈرۈن سۈيدۈك مارايدىغان بولىۋالغاندى. ئايىخاننىڭ كۆكسىمۇ ئۇنىڭ چۈشىنىڭ بىر قىسىمى ئىدى. ئۇ يېقىندىن بىرى بەزىدە جۆيلۈپمۇ يوتقانلارنى سىيلاپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. لىكىن گۈلسۈم دىگەن ھاڭۋاقتى ئۇنى بىلمىدى. چۈنكى ئۇمۇ ئۆز چۈشى بىلەن ئىدى. ئايىخان ئۆيگە كىرىشى بىلەن تۇيۇقسىزلا ئۇنى بىر قاۋۇل بەدەن قۇچاقلىۋالدى. ئۇ ئەندەكتىيۇ، لىكىن بۇ قۇچاقنىڭ ئىچىگە پاتقىنى، تونۇش پۇراق، قوللار ئۇنى تىزلا بېسىقتۇرىدى. ئەتتىگەندە ھايات خۇشاللىققا چۈمسە كەچكىچە خۇشال بولىدىغان گەپ. ئايىخان بىلەن راخمان ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ بىردەم پومداقلىشىپ كەتتى.
     گۈلسۈم دوقمۇش يولغا بىر قارىۋېتىپ، دەرۋازىنى تاقاي دەۋاتسا، بىر ماشىنىنىڭ توختىشى ئۇنىڭ دىققىتىنى بۆلدى. بۇ دەرل ئۇنىڭ ئاۋۇتى ئىدى. ئۇ دائىم ماشىنىسىدىن شۇ يەردە چۈشۈپ قېلىپ شوپۇرىنى كەتكۈزۋېتەتتى. كۆڭلى سەزگەن گۈلسۈم كونا ئادىتى بىلەن تىز يۈگۈرۈپ ئۆينىڭ ئىچىگە قاتمۇ-قات قىلىپ ئورۇن راسلىدى. راخمان دىگەن ھاڭۋاقتى بىر چىقىپ كەتسە، كەچ بولمىغىچە ئۆيگە يولىماس بولىۋالغاندى. دەرۋازىنى مەھكەم تاقاپ ئۇدۇللا ئۆينىڭ ئىچىگە ماڭغان ئاۋۇت باشلىقنى گۈلسۈم كونا ئادىتى بويىچە، ئەركىلەپ بوينىغا گىرە سالغان ھالدا كۈتىۋالدى. ئۇلار ھاياتنىڭ شىرىن دەقىقلىرىنى يۇمشاق يوتقان-كۆرپە بىلەن ئۆتكۈزدى. كونا ئادىتىدىن قالمىغان ئاۋۇت باشلىق ئۇنىڭغا سوۋغا بىرىشنى ئۇنۇتمىدى. ئۇنىڭدىن قىيالمىغان گۈلسۈم ئۇنى دەرۋازىدىن ئۈزۈتۈپ چىقتى.
       بىر مەھەل پومداقلىشىشلار، يالىشىشلاردىن كىيىن راخمان بارىلىغى بىلەن ئايىخاننىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ جەسۈرلىغىنى نامايەن قىلدى. ئايىخانمۇ ناھايىتى مەمنۇن بولدى. راخمان ئۇنىڭغا ئايالىنىڭ زىننەت بويىمىدىن سوۋغا قىلىشنى ئۈنۈتمىدى. ئايىخانمۇ ئۇنىڭغا قاراشلىق بولمىسىمۇ، يولدىشىنىڭ ئالدىدا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ سوۋغىسىنى رەت قىلمىدى. يەنە ئۇنى بارلىغى بىلەن چىڭ قۇچاقلاپ سۆيدى. چىراقنىڭ يىپىنىمۇ ئۇلاتمىدى. ئانتىنانىمۇ يۈلەتمىدى. چۇنكى ئۇنىڭغا گۈلسۈمخان قايتا كىرگۈزىشى مومكىن ئىدى. ئۇنىڭدىن قىيالمىغان ئايىخان ئۇنى ئۇزۇتۇشقا دەرۋازىنىڭ ئالدىغىچە چىقتى. ئاۋۇت باشلىق بىلەن راخماننىڭ ئۆيىنىڭ ئارلىغىدا پەقەت بىرلا خۇشنىسى بار بولۇپ ئاۋۇت باشلىق بىلەن راخمان دەل شۇ خوشنىسىنىڭ ئۆيى ئالدىدا مەڭزىللىرىنىڭ قېنى ئۆچكەن ھالدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
-ھە...-دىدى راخمان ئاۋۋال سۆز ئېچىپ- سىلەرنىڭ ئانتىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتىكەن!
-ھە... -دىدى ئاۋۇت باشلىقمۇ- گۈلسۈمگە بىرىدىغان ماتىرىيال بارتى!
         ئۇلار خوشلىشىپ دەرگۇمان ئۆيگە كىرىشتى.
-ھەي خوتۇن مەن كەلدىم. بول ما ماتىرىيالنى گۈلسۈمگە ئاچىقىپ بەرگىنە-دىدى ئاۋۇت باشلىق.
-ھەي گۈلسۈم تىز بول ئاۋۇت باشلىق كەپتۇ. ئۆزى تاڭسۇن ئانتىنانى. بۇ سىمنى ئەپچىقىپ بەرگىنە-دىدى راخمان.
     ئايىخان بىلەن گۈلسۈم ئاباي ئەرلىرى ئۇچراشقان يەردە كۆرۈشتى.
-ئايخان ئاچا بۇ سىمنى راخمان ئەپچىقىپ بەر دەپتى.
-گۈلسۈم سىزگە ماتىرىيالنى ما باشلىق ئاپچىقىپ بەر دىگەنتى. شۇنى ئەپچىققان.
        ئۆينىڭ ئىچكىرسىگە كىرگەن ئاۋۇت باشلىق ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي داڭ قېتىپلا قالدى. ئەتىراپ قەغەز پارچىللىرى، ئۇ يەر بۇ يەرگە تېپىۋېتىلگەن يوتقان-كۆرپىلەر بىلەن قالايمىقان تۇراتتى. راخمانمۇ غالجىرلاشقان ئىتتەك چوڭ كالتەكنى ئېلىپ ئۆيدە پايلاپ تۇراتتى. كۆزلىرىدە غەزەپ ئوتلىرى چاچراپ تۇرغان ئەركەكلەر ئۆزلىرىنى قويىدىغان يەر تاپالماي ئاياللىرىنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئەمما ئايىخان بىلەن گۈلسۈمخان ئۆيلىرىگە قايرىلمايلا ئۇدۇل ئۆتۈپ كىتىشتى.
         پايانى توشقان ئىككى ئۆيدە ئىككى ئەر كىشى ئۆلىۋالغانغا ئوخشاش، مەھەللىنىڭ ئىككى چېتىدىكى ئىككى دەريادا ئىككى  ئايالنىڭ جەسىتى سۈزۋېلىنىپ، ئەتىسى تاڭ نامىزىغا دەپىنە قىلىندى. ئۇلار ئۆيلىرىدىن چىقىرلغاندا ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى شۇنچە پاكىز، رەتلىك بولۇپ، ئۇلارمۇ يۇيۇپ-تاراپ يولغا سېلىنغان ئىدى. جامائەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنى تىلەپ، ياتقان يىرىنى جەننەتتىن بىرىشكە  دوئا قىلىدى.

مىسىرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە ئاتاپ يېزلدى.

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2007
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17728
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1741 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 04:49:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدا بەندىللىرىڭگە ئىنساپ بەرگەيسەن،پاكلىق ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر،

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 1776
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8186
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1303 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 04:51:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ ! بېشىنى ئازراق ئۇقۇپ قىزىقىپ قالدىم .ساقلىۋېلىپ كەچتە ئۇقۇي .
يۇچۇن ئادەمنىڭ يازمىللىرى بەك ياخشى ......!

ئاتمايدىغان تاڭ يوق ،
پاتمايدىغان كۈن يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88324
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 406
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-12-8
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 05:02:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايىم ساقلىسۇن ھە ئاشۇنداقلارغا يولۇقۇپ قېلشتىن ، ئۇلۇغ خۇدادىن بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئېنساپ تىلەيمەن..........

سۆيۈلۈشنى خالىمايمەن، سۆيۈلۈش سەنسىزلىك بولسا...

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4823
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1618 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 05:13:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى ئادەملەر بەك يىرگىنىشلىك بۇلدىكەن ھە؟ ئاللاھ كۇڭلىمىزگگ ئىنساپ بەر گەيسەن،ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىغا تىلەكداشمەن

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 714
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2537
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2664 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 05:50:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     بۇ ئەسەرنى ياقتۇرمىدىم ،  چۈنكى شەھۋانىي مەزمۇنى بەك كۆپ بولۇپ كىتىپتۇ ،  بىز ئەسەر يازغاندا  بۇنداق مەزمۇننى پەقەت ئىھتىياج ئۈچۈنلا  تەپسىلىي ئەمەس ، كىچىككىنە ئىشلىتىپ قويساق كۇپايىلىنىدۇ ، ئۇنى بۇنچىلىك تەپسىلىي ئىشلىتىپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق .  
    بۇ كەمچىللىك بىزنىڭ پىروزا ئىجادىيتىمىزنىڭ يۈزىدىكى داغ ، سەپكۈن .  

بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس ،بەلكى سۈكۈتتە يوقىلىدۇ .

تۈلكىلەرگە قارا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 2382
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 83248
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9415 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 05:57:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
esyankar75 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-29 05:50 PM
بۇ ئەسەرنى ياقتۇرمىدىم ،  چۈنكى شەھۋانىي مەزمۇنى بە ...

ئەمىلىيىتىڭىزدە ئۇنىڭدىنمۇ تولا بولسىمۇ سىز ھاڭۋاقتىلاچە يۈرسىز. كىنوچىلىغىمىزدا بۇ مەزمۇن يېزىلىدۇ. كۆرىمىز. ھېكايىچىلىغىمىزدا ئىپادىلەپ يېزىشمۇ بىر سەنئەت. ئەمما سىز دىگەندەك بۇ ئىپادىلەشلەردە مەسىلە بولسا تەپسىلىيرەك تۈزتىش قىلارسىز. ھازىرىمىز ئۈستىدە كۆپ ئويلاشمىغاندا يېزىقچىلىقنىڭ نېمە ئەھمىيىتى. پىروزا ئەسەر پەقەت جەمئىيەتكە ماسلىشىپ يېزىلغاندىلا ئاندىن تەسكىن تاپقان بولىدۇ. قاچانغىچە مىڭ بىر كېچە دەۋرىدە يۈرىمىز!!!

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5793
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 555 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 06:03:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ما ئىشنى كۆرۈڭ.

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87231
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 199
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2012-11-14
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 06:16:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 714
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2537
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2664 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 06:21:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
YuqunAdam يوللىغان ۋاقتى  2012-12-29 05:57 PM
ئەمىلىيىتىڭىزدە ئۇنىڭدىنمۇ تولا بولسىمۇ سىز ھاڭۋاقت ...

توغرا ئەمەلىيەتتە كۆپ ، ئىپادىلىشىڭىزدە ھىچقانداق مەسىلە يوق ناھايىتتى ياخشى ئەينەن  تەسۋىرلەپسىز .
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ، بۇ خىل ۋاستىلەر بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا ، بولۇپمۇ تور ئەدەبىياتىدا ئاۋۇپ كىتىۋاتىدۇ ، توغرا ئەدەبىياتتا چىنلىق ئاساس قىلىنىدۇ ، لىكىن  بىزنىڭ ئاساسلىق ئىدىيىرىمىز ئىسلام مەدەنىيىتى رامكىسى ئىچىدە ، رىئال تۇرمۇشنى بۇنداق مەزمۇنلارنى ئەسەرگە كۆپلەپ كىرگۈزۈپ تىخىمۇ ياخشى سۈرەتلەپ بىرىش ئارقىلىق باشقىلارغا ئىبرەت ئالغۇزۇش ئەخمەقلىق !  بۇ ۋاستىلەرنى بۇنداق ئىنچىكە تەسۋىرلىمەيمۇ كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ  . بۇ مەزمۇننى سۆرەپ ئىكىرىپ ئەسەرنىڭ تىخىمۇ قىززىقتۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ھەرگىزمۇ زامان بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ئەمەس ، چۈنكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى بالاغەتكە يەتكەن ، جىنسىي ئىدىيىسى ئايدىڭلاشقانلار ئەمەس ، بۇنىڭ ئەكىس تەسىرىنىمۇ ياخشى ئويلىشىش كىرەك .
  باشقىلاردىن ئۆگىنىشكە بولىدۇ ، لىكىن  شاكىلىمۇ كۆزىمىزگە ئالتۇن كۆرەنمىسۇن .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sabri@ + 99 ............

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس ،بەلكى سۈكۈتتە يوقىلىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش