كائىنات سەپىرىدە ئالەم كېمىسىگە نۇر دەستىسىنى ئىتتىرگۈچى كۈچ قىلىشقا بولامدۇ؟
ئۇيغۇن
يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توشىغۇچى راكىتانىڭ غايەت زور ئىتتىرىش كۈچىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.ئەمما ئالەم كېمىسى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن توشىغۇچى راكىتانىڭ ئېنىرگىيسى ئاساسى جەھەتتىن خوراپ بولىدۇ.ئېنىرگىيسى تۈگمىدى دىگەندىمۇ ئېشىنچە يېنىشچان ئېنېرگىيىنىڭ راكىتا سۈرئىتىنى ئۈزلۇكسىز ئىلگىرلىتىش جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتتا ئالىملار ئۈزلۇكسىز ئىزدەنمەكتە.
ئۇنداقتا ئاز ئېنېرگىيە بىلەن ئالەم كېمىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئۈزلۇكسىز ئاشۇرۇش ۋە نۇر تېزلىكىگە يېقىنلاشتۇرۇشتا ئىمكانىيەت بولامدۇ؟
مەن بۇ جەھەتتە ئىمكانىيەت بار دەپ قارايمەن.چۈنكى يەر شارىغا چۈشكەن قۇياش نۇرىنىڭ ئېغىرلىقى بار دەپ قارىلىدۇ.(بۇ ئىسپاتلاشتىن ئۆتكەن) دېمەك قۇياش نۇرىنىڭ ئېغىرلىقى بولىدىكەن ئۇنىڭ ئىتتىرىش كۈچىمۇ بولغان بولىدۇ،ئىتتىرىش كۈچى بولغان ئىكەن نۇر دەستىسىنى ئالەم كېمىسىنىڭ ئىلگىرلىشى ئۈچۈن كۈچ مەنبەسى قىلىشقا بولامدۇ؟
دەرۋەقە نۇر دەستىسىنى بىۋاسىتە ھالدا يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا، ھەتتا يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كىيىنكى قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى دائىرسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا سەرپ قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. بۇنداق ئويلاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئەخمىقانىلىق.چۈنكى نۇر دەستىسىنىڭ يەر شارى يۈزىدە ياكى يەر شارىدىن ئايرىلغاندىكى قۇياش سېستېمىسى دائىرسىدە كۈچ كۆرسىتىشى بەكمۇ كىچىك بولغاچقا كۈچىنىش نەتىجىسى نۆلگە باراۋەر. ئەمما مۇشۇنچىلىك كۈچنى ئالەم بوشلىقىدا سەل قارىماڭ، بۇ خىل كۈچ مەلۇم تېزلىككە يەتكەن ئالەم كېمىسىنى، ئۈزلۇكسىز كۈچىنىشى بىلەن تەمىنلىگەن ئەھۋال ئاستىدا بىر يىل، ئىككى يىل نەچچە ئون يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاقراق ۋاقىتتا ئىلگىرلىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ئالەم سەپىرىدە بۇنچىلىك ۋاقىت ھېچقانچە ۋاقىت ئەمەس.
مۇنداق دەپ ئالايلى. ھازىرقى دەۋىرگە نىسبەتەن ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى تەرەققى قىلىپ خېلى يۇقىرى سەۋىيىدە كېتىۋاتماقتا، ئەگەر ئاي شارىغا ئالەمگە سەپەر قىلىش بازىسىدىن بىرى قۇرۇلدى دەيلى، (چۈنكى ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىگە نىسبەتەن كوپ كىچىك) شۇ بازىدا توشۇغۇچى راكىتا ياسىلىپ پۈتكۈزۈلسە، ئاندىن ئالەم كېمىسى يادرو يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ئېلېكتر ئېنىرگىيىلىك قىلىپ ياسالغاندىن كېيىن، ئالەم كېمىسى ئاي شارىدىكى ئەشۇ توشۇغۇچى راكىتا ئارقىلىق ئالەم بوشلىقىغا قويۇپ بېرىلگىنىدە1-2-3-ئالەم تېزلىكىنى ئورۇنداپ بولۇشقا ۋە قۇياش سېستىمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەڭ كائىنات بوشلۇقىغا شۇڭغۇپ كېتەلىگەن بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئالەم كېمىسى يەنىلا ئەسلىدىكى سەپەر سۈرئىتىنى ساقلاپ قالغان بولىدۇ.مۇشۇ ۋاقىتتا ئالەم كېمىسىدىكى يادرو ئېلېكتر ئېنىرگىيىسى قوزغۇتۇلۇپ يۈنىلىشلىك نۇر دەستىسى قويۇپ بىرىلسە،بۇ كۈچ بەلكىم دەسلىۋىدە ھېچقانچە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن كەڭ كەتكەن ئالەم بوشلىقىدا ئەسلىدىمۇ ئۆزىنىڭ يۈرۈش سۈرئىتىنى ساقلاپ كىلىۋاتقان (ئالەم بوشلۇقى ۋاكوئۇم ھالەتكە بەكلا يېقىن شۇڭا ئالەم بوشلىقىدا قارشىلىق يوق دىيەرلىك) ئالەم كېمىسىگە نىسبەتەن نۇر دەستىسىنىڭ كۈچىنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تېزلىكمۇ بارا-بارا ئارتىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە يادرو ئېنىرگىيىسى غايەت زور ئېنېرگىيە چىقىرىش بىلەن ئۇنىڭ ئېغىرلىقى باشقا ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن كوپ يىنىك، ھەم نۇر چىقىرىش ئۈچۈن كېتىدىغان ئېنىرگىيەمۇ كوپ ئاز. ئەگەر كەلگۈسىدە ئالەم كېمىسى يادرو ئېنىرگىيىلىك قىلىپ ياسالسا ۋە يۆنلىشلىك نۇر دەستىسىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ ئالەم كېمىسىنى كەڭ كەتكەن كائىنات بوشلىقىدا نۇر تېزلىكىگە يېقىنلاشقان ئالەم سەپىرىنى قىلىشقا بولارمۇ؟