مەسىلەن:نىمىشقا يېغىلىقلار دەۋرىدە چىن بەگلىگىلا ئەڭ ئاۋال ئايماقلار بىرلىك تۈزۈمىنى تۇرغۇزالىدى،نىمىشقا پەقەت چىن بەگلىگىلا شۇ دەۋىردىكى سىپارتاكىزىم شەكلىدىكى مىللىتارىزىم دۆلىتىگە ئايلىنالىدى؟ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كىڭەيمىچىلىكى جۇ بەگلىكىنىڭ ئيىپلىشىگە ئۇچرىماستىن قوللىشىغا ئېرىشكەن.نىمىشقا؟سىيۇرغال قىلىنغىنىدا ئۇ پەقەت 50كۇۋادىرات كىلومىتىر چوڭلىقتىلا بولۇپ،ئۇنىڭ غەربى تەرىپىدە ياۋۇز روڭلار بار بولۇپ ،ناھايىتى چوڭ خەتەر ئىچىدە ئىدى.ناۋادا ئۇ(چىننى كۆرسەتسە كىرەك) روڭلارنى يەڭسە،غەربى جۇ نىڭ پايتەختى ئامان بولاتتى،ھەر قېتىم روڭلارنى يەڭگەندە جۇ بەگلىگى چىن بەگلىگىگە سوۋغاتلار بىرەتتى.ئەڭ ئاخىرى
ئۇ روڭلارنىڭ 12 دۆلىتىنى يوقاتقان بولۇپ زىمىنىنىڭ دىئامىتىرى مىڭ چاقىرىمغا يەتكەن بولۇپ.شەرىقتىكى بارلىق بەگلىكلەرنىڭ زىمىنى چىن بەگلىكلىكىنىڭكىدەك چوڭىيالمىغان.ھەمدە ئۇ سۇيۇرغاللىق قىلىدىغان ئىشنى قىلمىغان،سۇيۇرغال قىلىش بىر ئۆزىنى ھالاك قىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ،گوياكى بىر غايەت زور شاڭغا ئوخشىشىدىغان بولۇپ،شاڭ قانچە چوڭ بولسىمۇ،ھەر ئەۋلات ۋارىسلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىۋەرسە،ئازراق-ئازراقتىن كۆيسە ئاخىرىدا تۈگىشىدىغان گەپ.جوڭگۇ تارىخىدا بىر پادىشاھلىق مانا مۇشۇنداق ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولۇپ ئۇ دەل غەربى جۇ.باشقا ھاكىميەتلەرنىڭ ھەممىسى باشقىلار تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغان.
غەربى جۇ چىن بەگلىگى تەرىپىدىن بېقىنما قىلىنغىنىدا پەقەت بىر خەلق كوممىنىسىچىلىكلا قالغان بولۇپ 50مىڭ نوپۇسىلا قالغان بولۇپ،پۈتۈنلەيلائاچلىقتىن ئۆلگەن ھاكىمىيەتتۇر.
。 چىن بەەلىگى كېڭىيىپ بولغاندىن كىيىن،سۇيۇرۇغال قىلىشتىن ساقلىنىش ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بايلىقنى تولۇق كونتىرۇل قىلىشى ئۈچۈن ،ئايماق تۈزۈمىنى قوللاندى.ھوقۇقنى سۇيۇرغال قىلماي ئېسىپ قويۇپ تۇردى.ئايماق قانچىكى كۆپ بولسا ،مەركەزنىڭ ھوقۇقىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدىغان گەپ،شۇڭلاشقا ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان بايلىقمۇ شۇنچە ككپ بولىدىغان گەپقۇ،شۇڭا ئارمىيىمۇ كۈچلۈك بولدى،«ھال سوراش ھەققى»مۇ ئاۋۇدى.كېڭىيىش،مۇتلەقلىق ،يەنە كېڭىيىشتەك تەكرارلىق ئارقىلىق ئاخىرى غەربى تەرەپتىكى ئەڭ ئەڭ كۈچلۈك بەگلىكتىن دۆلەتكە ئايلىنىپ ئاخىرى ئالتە بەگلىكنى يۇتۇۋالدى.
رىم قۇرۇلغان دەسلىپىدە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت ئىدى.ئۈزلۈكسىز كېڭىيىش ئارقىلىق ،ئافرىقىنىڭ شىمالىنى،ئوتتۇرا شەرىقنى،مىسىرنى ۋە ئىراننى بويسۇندۇردى،بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىلا شۇنچە چوڭ ئىدى.باش كىچىك،تەن چوڭ بولغاچقا باشقۇرۇپ بولۇش مۇمكىنسىز بولۇپ قالدى،قانداق قىلىش كىرەك؟چوقۇمكى بىر تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان سىياسى تۈزۈلمە قۇرۇش كىرەكقۇ.مانا بۇ رىم جۇمھۇرىيتىنىڭ رىم ئىمپىراتورلىقىغا ئايلىنىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپتۇر.پادىشاھ قەيسەر مانا بۇ سىياسى بۇرىچنى ئورۇنلىغانلىغى ئۈچۈن ئىچكى مالىمانچىلىق بېسىققان.
ئۇنداقتا، زوراۋان قانۇنىيەت ھاكىممۇتلەقلىق تاجاۋۇزغا تۈرۈتكە بولىدىغان ،تاجاۋۇزچىلىق ھاكىممۇتلەقلىققا يول ئاچىدىغان ئايلىنىش بولغان ئىكەن بۇ مۇشۇنداق داۋام قىلىۋىرىدىغان گەپمۇ؟دۆلەت بۈتكۈل دۇنياغا مىنىۋالسا ئاندىن ئالەمگە يۈرۈش قىلىش كىرەكمۇ؟ياق!ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ،مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندىن كېيىن تويۇنۇپ قالىدۇ دە ئەلبەتتە.......يەنى بۇنىڭ ئۈچ چېكى بولىدۇ:1-نەپلىنىشنىڭ چېكى.ئىدارە قىلىش كۆلىمى مەلۇم چەككە يەتكەندىن كېيىن ئالىدىغان نەپ تەننەرىقتىن تۆۋەن بولۇپ كىتىشى مۇمكىن بولۇپ،ياقىلىما ئۈنۈم نۆلگە باراۋەر بولۇپ كېتىدۇ.2-مەۋجۇتلۇق چېكى،كېڭەيمىچىلىك مەلۇم چەككە يەتكەندە تېخىمۇ ھاكىممۇتلەق بولۇپ كېتىدىغان گەپ،ھاكىممۇتلەقلىقمۇ مەلۇم چەككە يەتكەندە پۇقرالارنىڭ روزىغارىمۇ ھاياتىنى ساقلىيالىغۇدەكلا بولۇپ قالىدۇ،مانا بۇ چەكنىڭ پاسىلىدۇر.ئەگر خەقنى يەنە سىغېۋەرسە ئۆلۈپ قالىدىغان گەپ،مەۋجۇتلۇق شۇنىڭ بىلەن تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ.ئەسكىرى كۈچنى تەمىنلەپ بولغىلى بولمايدۇ.。3-ئىقتىدار چېكى،بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە بېسىقتۇرغىلى بولمىسا توپىلاڭنى بېسىپ بولغىلى بولمايدىغان گەپ.جوڭخۇا ئىمپىرىيىسىنىڭ تويۇنۇش چېكى جەنۇپتا ۋېيىتنام،شەرىقتە چاۋشىيەنگىچە.دۆلەتنىڭگەۋدىسى قۇدرەتلىك ،ئىشتىيىمۇ چوڭ،چىشى ساز ۋاقتىدا ۋېيىتنام بىلەن چاۋشىيەننىمۇ پۈتۇن يۇتۇۋالغان.ئاشقازان يارىسى بولغاندا ئۇلارنى ياندۇرۇۋەتكەن،چىشى يەنە سازلانغىنىدا يەنە ئۇلارنى چاينىغان بولۇپ،يۇتۇپ ياندۇرۇپ دىگەندەك 3000يىل يۈرۈپ ھازىرقى ئەھۋال شەكىللەنگەن.。
زور دۆلەت دىمىكۇراتىيەلىشىدىكى ئۈچ خىل قىيىنچىلىق مەۋجۈت بولۇپ؛1-دىمۇكىراتىيەلەشتۈرۈشتىن ئىلگىرىكى قىيىنچىلىق2-دىمۇكىراتىيەلەشتۈرۈش يولىدىكى قىيىنچىلىق3-دىمۇكىراتىيەلەشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى قىيىنچىلىقتۇر؛ دىمۇكىراتىيەلەشتۈرۈشتىن ئىلگىرىكى بقىيىنچىلىق دۆلەت قانچىكى چوڭ بولسا مۇز تاغمۇ شۇنچىلىك چوڭ بولىدىغان گەپ.مەيلى ياز باھاردىكى قۇياش قانچىلىك كۈچلۈك بولىشىدىن قەتئىنەزەر ،مۇزتاغنىڭ چوقىسى ئۆرلىيەلمەيدۇكى پەسلەپ كەتمەيدۇ.روسىيىنىڭ دىمۇكىراتىيىسىنىڭ شۇنچىلىك مۈشكۈللۈكى دەل ئۇنىڭ مۇز تېغىنىڭ شۇنچە چوڭ ئىكەنلىكىدە.。
ئەگەر دىمۇكىراتىيەلىشنىڭ سوقۇمى كۈچلۈنىدىكەن،مۇزتاغنىڭ ئۆزىنى قوغداش كۈچىمۇ ئاجىزلايدىغان گەپ،ھەتتاكى سوقۇپ بۇ مۇزتاغنى ئاجرىتىۋېتىشىمۇ مۇمكىن.مانا بۇ بۆلۈنۈش خەۋپىدۇر.ناۋادا دىمۇكىراتىيەنىڭ كۈچى ھالقىپ كەتسە،شۇنداقلا تۇيۇقسىز تېگىدىغان بولسا،شۇنداقلا زور دۆلەتنىڭ گەۋدىسى تەكشىسىز بولسا،مۇز تاغ پارچىلارغا ئايلىنىدىغان گەپ؛ناۋادا كۈچى ئاجىز كېلىپ تەسىرى ئاجىز بولسا دىمۇكىراتىيەگە ئۇرۇنغان كىشىلەرنى بۇ مۇز تاغ توڭلىتىپ قويىدۇ.بۇ تولىمۇ مۇرەككەپ ئىش.ئادەتتە دىمۇكىراتىيەلىشىش ھاكىميەتنىڭ نوپۇزىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ،كونتۇرۇلچانلىغىنى ئاجىزلىتىۋىتىدۇ.كىمىكى دۆلەتنى پارچىلىۋىتىدىكەن.مەڭگۈلۈك لەنەتكە قالىدۇ،تارىخى جىنايەتچىگە ئايلىنىدۇ.گەرچە قايتا دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولسىمۇ،بىر ئېنىقسىز نىشان بولۇپ قالىدۇ.ناۋادا دۆلەت يەككە مىللەتتىن تەركىپ تاپقان بولسا خەۋىپ ئازراق بولىشى مۇمكىن.مىللەتلەرنىڭ جايلىشىشى ئىككى خىل بولىدۇ:1-خىلى سالاتقا ئوخشايدۇ، سالات دىگەندە بانانمۇ،ئالمىمۇ،نەشپۈتمۇ بولغىنىدەك ھەر خىل مىللەت تەركىۋى بولىدۇ،بۇنىڭ خېيىم خەتىرى تۆۋەنرەك بولۇپ ئامىرىكا دەل شۇنداق،ھەر بىر كوچىدا نۇرغۇنلىغان مىللەت بولىدۇ ،بۇ خۇددى بىر سالاتقا ئوخشايدۇ2-خىلى بولسا قۇراشتۇرما رەسىمدەك پارچە-پارچە، مەسىلەن ئەنگىلىيىنىڭ ئېرلاندىيە،ۋېلىسىيەسى،ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيەسى،كانادانىڭ كۇبىك رايونىدەك،روسىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىمۇ مۇشۇنداق.بۇنداق دۆلەتلەرنىڭ پارچىلنىش خەۋپى ھەر قاچان تەييار.مىللى بىرلىگە يۇقۇرى بولغان دۆلەتلەرنىڭ خەۋپى تۆۋەن،مەسىلەن؛رۇمۇنىيە،پولشا،بۇلغارىيە،ھۇنگىرىيەلەردەك.يەنە مەسىلەن پولشىدا پولەكلەر93%دىن يۇقىرى،شۇڭا بۆلگۈنچىلىك مەۋجۈت ئەمەس،گىرمانىيەدە مىللەتنىڭ مۇتلەقلىغى ئۈستۈن بولغىنىدىن تاشقىرى،دۆلەتنىڭ بىردەكلىكىمۇ يۇقۇرى.چگىرمانىيەنىڭ يېقىنقى زاماندىكى پەيلاسوپلىرى ئاساسەن دۆلەت بىرلىگىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن.دىمۇكىراتىيەنىڭ يەنە بىر ئۈنۈم رولى بار بولۇپ ئۇ بىر تىككۈچىگە ئوخشايدۇ،ئۇ ھوقۇق مەركەزلەشكەن جايدىن كېسىپ مېڭىپ،ھوقۇق بىرلەشمىگەن جايدىن تىكىپ ماڭىدۇ.ئىككى كىرمانىيە مۇشۇنداق تىكىلدى،ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى تېخىمۇ تىز تىكىلىپ25دۆلەت تىكىلىپ كەتتى.بۇ مەسىلىدە دۆلەتنىڭ كونكىرىتنى ھالىتىگە بېقىش كىرەك.
دىمۇكىراتىيەدىن كېيىنكى خەۋىپ تىرىلگەن بولىدۇ.مەركەزگە ھوقۇقى مەركەزلەشكەن ئىمپىرىيە دىمۇكىراتىيەلەشكەندىن كېيىن ئوڭايلا ئەسلىگە سېغىنىش،قايتىش دولۇنى كۆتۈرىلىدۇ.بۇنىڭ1-مىسالى ۋىيمار گىرمانىيەسى بولۇپ گېتلىردىن باشلاپ3-ئىمپىرىيەگە ئايلانغان.2-بولسا روسىيەدۇر.پۇتىن تەخىتكە چىقىپلا88ئاپتونىمىيەنىڭ سايلاش ھوقۇقىنى يىغىشتۇرىۋەتتى.بارلىق يەرلىك ئەمەلدارلار سايلىنىپ چىققاندىن كېيىن پۇتىننىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش بۇيرۇقىنى ئېلىشى كىرەك.بۇنداق دۆلەت ئەلۋەتتە ھەقىقى مەنىدىكى بىرلەشمە تۈزۈلمە ئەمەستۇر.
نىمىشقا تېرىلىدۇ؟ئەڭ ئاساسلىغى دىمۇكىراتىيەلەشتۇرۇش قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ياكى باشقا ئەكىس تەسىرلەر قوزغىلىدۇ.بەزى دىمۇكىراتىيەلىشىش بۆلۈنمىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارسا.ئەسلىدىكى ئىمپىرىيەگە مايىل مىللەت دىمۇكىراتىيە بىلەن زور دۆلەتنىڭ سالمىقىنى دەڭسەپ كۆرۈپ ئىمپىرىيە ھۆكۈمرانلىقىنى تاللىۋالىدىغان كىشىلەر چىقىپ تۇرىدۇ.ئەلۋەتتە تۈپ سەۋەپ بۇ بولماستىن ،ئىدارە قىلىش مەركىزىدىكى مەسىلىدۇر.
ئەسلى مەنبە
http://blog.sina.com.cn/s/blog_4c062a7801019exb.html?tj=2
قارغىشنىڭ ئامالى_كۆپ مەركەزلىك ئىدارە قىلىش
زور دۆلەتنىڭ دىمۇكىراتىيەلىشىش قارغىشى دەل زوراۋان قانۇنىيەتتۇر.چۈنكى دىمۇكىراتىيەگە قارشى تۇرىدىغان ئىمپىرىيىنىڭ يوقۇتۇش كۈچى بەك زور بولۇپ،ئادەتتە دىمۇكىراتىيە كۈچۈنىڭ رولىنى يوق قىلىۋىتەلەيدۇ.بۇ گەپكە بىر ئالدىنقى شەرت كىرەك يەنى،مۇشۇنداق زور دۆلەت چوقۇمكى يەككە مەركەز تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ.يەككە مەركەز ئىدارىسىچىلىك شەرتى ئاستىدا -زوراۋان قانۇنىيەت ئامالسىزدۇر.دۆلەتنىڭ كۆلىمى كېڭىيىدىكەن ھاكىممۇتلەقلىق كۈچىيىدىغان،ئەركىنلىك ئازىيدىغان گەپ.
كۆلەم بىلەن ھاياتى كۈچ سىغىشالمايدۇ،پەقەت بىر .اماللا ئۇنى يىنىكلىتەلەيدۇ،يەنى كۆپ مەركەز ئىدارىچىلىغى.مەسىلەن1291-يىلى قۇرۇلغان شىۋىتسارىيە ئىتتىپاقداش دۆلىتى دەل كۆپ مەركەزلىك ئىدارە قىلىنغان.مەيلى ياۋروپادىكى گىرمانىيە ئىمپىرىيىسى بولسۇن ياكى ناپالىيون ئىمپىرىيىسى بولسۇن،ياكى باشقا ئىمپىرىيەلەر بولسۇن ھىچقايسىسى شىۋىتسارىيەنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتەلمىگەن.ئۇلار پۇختا ۋە پىششىق بولغان بىر كۆپ مەركەز ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئورناتقان بولۇپ ،خەتەرگە تاقابىل تۇرالىغان.
كۆپ مەركەز ئىدارە قىلىشنىڭ بىر نەچچە خىل شەكلى بار بولۇپ،سىياسى جەھەتتىكى كۆپ مەركەز ئىدارىچىلىغى بولسا ھاكىميەت بىرلىگى ئاستىدىكى ھوقۇقنىڭ ئىككىلەمچى ھوقۇقنىڭ بۆلۈنۈپ بېرىلىشىدۇر،بۇنىڭ ئاساسلىق ئىككى خىل شەكلى بار:بىرى ئىگىلىك ھوقۇق ئاقسۆڭەكلەر ئىلكىدىكى كۆپ مەركەز ئىگىدارچىلىغى بولۇپ ئادەتتە قارام قوشالمىلارنى كۆرسىتىدۇ،يەنە بىرى ھوقۇق خەلق قولىدىكى كۆپ مەركەزلىك ئىدارىچىلىق بولۇپ ،ئادەتتە دىمۇكىراتىك قوشالما تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ.ئالدىنقىسىغا ئېلىمىزنىڭ غەربى جۇ سى ،ئاقسۆڭەكلەر تۈزۈمىدىن ئىلگىرىكى ئەنگىلىيە ۋە دىچۈئەن جا كاڭ دەۋرىدىكى ياپونىيە مىسال بولالايدۇ.غەربى جۇ نىڭ شاھىنشاھى ئىتتىپاقنىڭ ئەڭ چوڭ غوجىسى بولۇپ ئەمىلي كۈچى يوق ئىدى،جۇ سۇلالىسىدە باج سېلىق بولمىغاچقا ،ئاساسلىقى خان يېرىەە تېرىلغان تەمىناتقا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزەتتى،قوشۇنىمۇ ئىنتايىن ئاجىز ئىدى.غەربى جۇ دەسلەپ قۇرۇلغىنىدا 14 دىۋىزىيىسى بولۇپ غەربى ئايماقتا6سى،شەرقى ئايماقتا8ى بار بولۇپ،كېيىن بىر شەكىلگە ئايلىنىپ قالغان جۇمۇ ۋاڭنىڭ زىمىنلىرى بۆلۈپ بېرىشكە يېتىشمەي،باشقىلارنىڭ زىمىنىغا كۆزى چۈشكەن .شۇنىڭ بىلەن قوشۇن باشلاپ بېرىپ،روڭلار بىلەن سوقۇشقاندا ئېرىشكەن ئولجىسى 4 تۈلكە بولغان.بۇنداق دۆلەت ئۆزىنى قامدىيالمايدىغان گەپ.
،كۆلەم بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن چوقۇمكى دىمۇكىراتىك ئاساسى ھاكىميەت تەقسىماتىدىكى كۆپ مەركەز ئىدارىچىلىغىدىلا ئۇزۇن مەۋجۈت بولۇپ تۇرالايدۇ،كۆلەم ھاياتى كۈچكە تەڭ ئىگە بولالايدۇ.
دىمۇكىراتىيەلەشىشىتە ئىككى يول بار؛بىرى ئىنقىلاپ يەنە بىرى ئىسلاھاتتۇر.
ئىنقىلاپنىڭ شەكلى شۇكى:تۇيۇقسىز بىر قۇدرەتلىك كۈچ مۇزتاغقا تەسىر قىلىپ،مۇزتاغنى پارە پارە قىلىۋېتىشى مۇمكىن.ناۋادا راستىنلا پارچىلانسا ئىنقىلاپتىن كىيىنكى ھاكىممۇتلەقلىقىزىمگە مايىللاشلاشقان قايتا تىرىلىش ئېقىمىنىڭ كۈچى پەۋقۇللاددە زور بولىدۇ«نىمە ئۇ دىمۇكىراتىيەلىشىمىز دىگىنىڭلار،يەنىلا ئەسلىدىكىگە يەتمەيدۇ»دىيىشىدۇ-دە قايتىدىن ھاكىممۇتلەقلىشىش ئۈچۈن،پارچىلانغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن،كۆپ مەركەز ئىدارىچىلىغىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىدۇ.
داۋامى بار
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turalp تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-30 05:20 AM