مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2919|ئىنكاس: 38

تاماقنىڭ پۇلىنى ئۆزى تۆلىسە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32170
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3368 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 01:51:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                          تاماقنىڭ پۇلىنى ئۆزى تۆلىسە   
    بىز ئەزەلدىن مىھماندوسلۇقنى،مىھرىبان،كۆيۈمچانلىقنى،گۈزەل ئىنسانى پەزىلەتنى ئجتىمائى تۇرمۇشنىڭ ھەرخىل مۇناسىۋەتلىرىدە سەمىمى ئىپادىلەپ كىلىۋاتىمىز.بۇ خىسلەتنى مەڭگۈ
داۋاملاشتۇرۇشقا ھەقلىقمىز.ئەمما مەن ھازىرقى رىياللىقنى،تەرەققىياتنى،مال باھاسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۆرلەپ كىتىۋاتقالىقىنى ئىلمى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا ،كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بەزى
زىددىيەتلەرنىڭ پەيدا بولىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم.
      بۇ ھەقتە؛-
   مىنىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ باقساق دەيدىغان بىر قارىشىم؛-بازاردىكى سودا ئاشخانىللىرىدا،بىرلا ۋاقىتتا بىر جوزىدا ئولتۇرۇپ تاماق يىگەندە ،مەيلى دوس-بۇرادەرلەر،ئۇرۇق-تۇققانلار،ئاتا-بالىلار،ئەر-خوتۇنلار،سەپەرداشلار،ساۋاقداشلار.....بولسۇن ئىمكانقەدەر ئۆزى يىگەن تاماقنىڭ پۇلىنى ئۆزى تۆلىسە،كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ كۆپ تەرەپلىرىگە پايدىلىق بولىدىكەن دەپ قارىدىم.مەسىلەن؛
      1. شۇ بىر جوزىدا ئولتۇرۇپ تاماق يىگەنلەر يېقىن مۇناسىۋەتتىكى كىشىلەر بولغاچقا،شۇ مۇناسىۋەتنىڭ يۈزىدىن، شۇ مۇناسىۋەتداشلىرىنىڭ يىگەن تامىقىنىڭ پۇلىنى تۆلىۋىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.ئەمما،شۇ ۋاقىتتا يانچۇقىدا يىتەرلىك پۇل بولماي قالسا خىجىل بولۇپ قالىدۇ.ئەگەرپۇلنى تۆلەپ قويالىسا، سەن يىگەن تاماقنىڭ پۇلىنى مەن تۆلىدىم دەپ غەيرى خارەكتىر پەيدا بولۇپ قالىدۇ.ياكى قارشى تەرەپنى خىجىل قىلدۇرۇپ قويىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ..شۇڭا؛ئۆزى يىگەن تاماقنىڭ پۇلىنى ئۆزى تۆلىسە مۇستەقىللىقنى ئىپادىلەشكە پايدىلىق.
      2. شۇ ۋاقىتتا ،شۇ جوزىدىكى ،شۇ مۇناسىۋەتداشلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىغى بويىچە ئۆزى خالىغان تاماقنى يىيشىگە تەسىر يىتىپ قالىدۇ.كىيىنكى قېتىمدا شۇنداق بىرلىكتە تاماق يىيىشكە توغرا كىلىپ قالسا ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ.شۇڭا؛ئۆزى يىگەن تاماقنىڭ پۇلىنى ئۆزى تۆلىسە نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا پايدىلىق.
      3. شۇ ۋاقىتتا ،شۇ جوزىدىكى بىللە تاماق يەۋاتقانلار قانداق مۇناسىۋەتتىكى كىشى بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۆزىگە خاس بىر سوبىكىت. ئۆزى يىگەن تاماقنىڭ پۇلىنى ئۆزى تۆلىيەلمىسە،ئۆزىنىڭ ئىختىيارلىقى بويىچە ئۆزى خالىغان تاماقنى يىيەلمىسە ئۆزىگە-ئۆزىئىشەنميدىغان، مۇناسىۋەتداشلىرىرىنى چۈشەنمەيدىغان ھىسيات شەكىللىنىپ قالىدۇ.شۇڭا؛ ئۆزى يىگەن تاماقنىڭ پۇلىنى ئۆزى تۆلىسە،ساغلام ھىسيات ۋە خارەكتىرىنى ساقلاشقا پايدىلىق.
        مىھمان دوسلۇق بىزنىڭ گۈزەل ئەن-ئەنىمىز،مىنىڭ ‹تاماقنىڭ پۇلىنى ئۆزى تۆلىسە›دىگىنىم
ھەرگىزمۇ بۇ ئەن-ئەنىمىز بىلەن قارمۇ-قارشى ئەمەس.بەلكىم باشقىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ھۆر
مەتلەش،ئىختىسادى مەنپەتىنى قوغىداش،ھىسياتىنى ھوزورلاندۇرۇش،خارەكتىرىنى جانلاندۇرۇش
ئاساسىدا،ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى ھەرخىل مۇناسىۋەتلەرنى ئەمىلى شارائىت بىلەن تەمىللەش.
      بەلكىم بۇ قاراشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىردىن-بىر توغرا يولى ھەرقانداق مۇناسىۋەتتىكى كىشىلەر بولۇشتىن قەتئىنەزەر يەنىلا ئاشخانىدا تاماق يىگەندە ھەر بىر ئادەم
ئۆزى يىگەن تاماقنىڭ پۇلىنى ئۆزى تۆلىسە.
        
               ئۆزەمنىڭ تەسىراتى.
      

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-29 02:00 AM  


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 02:28:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چەتئەللىكلەر بۇ ئىش توغرىلىق مۇنداق دەيدىكەن.
جۇڭگۇدا پۇلىڭىز بولمىسىمۇ ھەقسىز تاماق يېيەلەيسىز، ئەمما‹‹ بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم›› قىلمىسىڭىز بولمايدۇ.
بۇ ئادەت بارلىق جۇڭگۇلۇققا سىڭىپ كەتكەنىكەن، ئەمما تورلاردىكى ئۇچۇرلاردىن بىلىشىمچە خەنزۇ ياشلىرىدىمۇ AA چە پۇل تۆلەش دەپ ئۆزىنىڭكىنى ئۆزى تۆلەيدىغان ئادەت يېتىلىۋېتىپتۇ.
بىز ئادەتتە دوستلار ئارا تاماق يېگەندە تالىشىپ يۈرۈپ بىرىمىز تۆلىۋېتىمىز، خىزمەتداشلار ئارا تاماق يېگەندە بولسا كىم كۆپرەك پۇل تاپسا شۇ تۆلەيدۇ. ھېچقايسىمىز بۇ ھەقتە پىكىرلىشىپ باقماپتۇق، پىكىرلەشسەكمۇ بۇ مەسىلىنى كىم ئوتتۇرىغا قويسا شۇ كۈلكىگە قېلىشى تۇرغانلا گەپ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-29 12:20 PM  


ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.
saralik312 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 02:43:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4237
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8951
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2010-7-18
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 02:43:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇرۇس .......   بۇنى تەۋسيە قىلش كىرەك...

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10863
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2209 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 02:50:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دائىم بىرگە تاماق يىمىگەندىكىن چۇقۇم بىرسى تۆلەيمەن دەپ تۇرۋالدۇ..... بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مىھمان دوستلىقى ۋە مەرتلىكى... ئەمما داۋاملىق بىرگە تاماق يەيدىغانلارنىڭ پۇل تۆلەش ئۇسۇلۇ يەنىلە شەخسەن بۇلىدۇ......  


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

كۆرۈنگەن تاغ يىر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3983
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10062
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 4480 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 02:57:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىشىنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش،...

شېرىن خىيالنىڭ ھەۋەسكارى بولغۇچە ، كۈرەشچان يىللارنىڭ ئىجادكارى بول .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49637
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3785
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 04:03:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە بولسىمۇ  بۇنى تەشەببۇس  قىلىپلا قلىمىز ، لىكىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇمكىن بولماسمىكىن ، چۈنكى بىزدە شۇ بىر بىرىمىزنى ئۆز ئارا تاماققا تەكلىپ قىلىشىپ تۇرىدىغان بىر ئادەت بار ، بۇنىڭدا بەزىلەر مەلۇم مۇناسىۋەت تورى ئورنىتىش مەقسىتىدە ئەمەلدارلارنى ئالاھىدە تاماققا تەكلىپ قىلىپ تۇرسىمۇ يەنە دوستلار ئارا ئۇچرىشىپ قالغاندا  ياكى  ۋاقىت چىقىرىپ دوستلار بىلەن پىكىرلىشىش زۈرۈر بولۇپ قالغاندا دوستلار بىربىرىنى تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا كىم كىمنى تاماققا تەكلىپ قىلسا تەكلىپ قىلغۇچى تاماق پۇلىنى تۆلەيدۇ ، بۇ بىر ۋەقىقىەت ، بىر ئادەمنى تاماققا تەكلىپ قىلغاندا تاماق پۇلۇڭنى ئۆزۈڭ تۆلە دىيىشكە بولامدۇ

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3024
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5929
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2533 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 08:40:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ يانچۇقۇمدىكى پۇلغا دەڭسەپ ئىش قىلىمەن ، ئەگەت ئۈچ ئادەمنىڭ تامىقىنى كۆتۈرگىدەك پۇلۇم بولسا چۇقۇم  ئىككى ئادەمنىڭ پۇلىنى تۆلەيمەن ، ئىشقىلىپ ھەرقانداق چاغدا دوستلار بىلە بىرگە ئولتۇرۇش ۋاقتىدا تاماق پۇلىنى تۆلەش دېيىلىپ قالسا ئەگە ر يانچۇقۇم ھىجىيىپ قالسا، ئۆزەمگە پەقەت بىر كىشلىك تاماقنىڭ پۇلىنى ئېلىپ قۇيۇپ قالغىنىنى تۆلەيمەن ،ئەگەر پۇل ىتەرلىك بولسا ھەممىنى تۆلىۋىتىشىم مۇمكىن ، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا دوستلار ئارا تەكەلللۇپلار ئۈزۈلمىگەچكە شۇنچە يالۋۇرۇشلار ئارقىلىق  بۇگۈنى مەن تۆلىسەم ئەتىسى باشقىلار بىزنىڭكىنى تۆلەيدۇ ،ئشقىلىپ ھەر قېتىملىق تاماق پۇلى تۆلەيدىغان سايىپخان بولۇشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس، تالىشىپ مەن تۆلەي دېيىشىپ كېتىمىز دەڭلا ، ئەلۋەتتە ئېغىزىدا مەن  دەپ تۆلەيدىغاندا ھىجىيىۋالىدىغان ئاغىينىلىرىممۇ يوق ئەمەس .

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئاي نۇرلۇق بولغى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10193
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 6058 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 10:33:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز مەكتەپتە مەيلى قانداق تاماق يەيلى ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆزىمىز تۆلەيمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32170
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3368 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 10:42:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالاھىدە مىھمان قىلىش مەخسىدىدە تاماققا تەكلىپ قىلغان بولسا شۇ تەكلىپ قىلغۇچى تۆلەيدۇ،يەنە بەزى تونۇش-بىلىشلىرىگە كۆيۈنۇپ رازىمەنلىك بىلەن تۆلىۋەتسىمۇمەيلى، مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم; ئfدەتتىكى ۋاقىتلاردا ھەر بىر ئادەم ئۆزى يىگەن تاماقنىڭ پۇلىنى ئۆزى تۆلىسە ئىشلار ئاسان بولىدۇ.مەسىلەن؛ياتاقلىق مەكتەپلەردە ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ئايرىم تاماق كارتىسى ئىشلەپ بىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئاسانلىق يارتىپ بىرىلىدۇ.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-29 10:53 AM  


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش