سۇلتان ئابدۇرېشىتخان قەبرىسى (كۆك يوپۇق يېپىلغىنى)
ئابدۇرېشىتخان مىلادى 1509- يىلى ئەنجاندا تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىنى ئىمىر قۇلى بارلاس ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلى مىرەك بارلاس، بولۇپمۇ زاماننىڭ بىلىملىك ئالىمى داموللا مەخمۇت شىرازى قاتارلىقلارنىڭ تەربىيىسىدە ئۆتكۈزدى. سەئىدخان ئۆزىنىڭ بارلىق سەپەرلىرىدە بۇخانزادىنى بىللە ئېلىپ يۈرەتتى. شۇڭلاشقا ئۇ ناھايىتى ئۇستا چەۋەندار، ئوقياچى بولۇپ يېتىشتى، ئۇنىڭ بىلىمى باشقا ئوردا ئوغلانلىرىنىڭ ئىچىدە خېلى ئۈستۈن ئىدى.
مىلادى1522- يىلى سەئىدخان تەسەۋۋۇپچىلىققا قاتتىق بېرىلگەنلىكى تۈپەيلىدىن، تەختىنى ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن ئوغلى ئابدۇرېشىتخانغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولدى. بۇ ئوردائەزالىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى. باش ئەمىر سەيىت مۇھەممەت مىرزائابدۇرېشىتخاننىڭ تېخىمۇ چېنىقىشىنى كۆزلەپ، سەئىدخاننىڭ تەختتە داۋاملىق تۇرۇشىنى ۋە ئابدۇرېشىتخاننى شۇ يىلى خانلىقتىن يۈز ئۆرىگەن قازاق خانلىقى ۋە قىرغىزلارنى ئەل قىلىشقا ئەۋەتىشنى تەكلىپ قىلدى. نەتىجىدە، سۇلتان ئابدۇرېشىتخان سەيىت مۇھەممەت مىرزىنىڭ تەكلىپى بويىچە 1517- يىلى زىندانغا تاشلانغان قىرغىز مۇھەممەت بىينى زىنداندىن بوشىتىپ، يەنە قىرغىزلارغا باشلىق قىلىپ تەيىنلەپ بىللە ئېلىپ ماڭدى.ئابدۇرېشىتخان ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ناھايىتى تېز ئارىدىلا قىرغىزلارنى بويسۇندۇردى. جۈملىدىن قازاق خانلىقىنىڭ خانى تايىرخان ياركەنت خانلىقىنىڭ ھامىيلىقىغا ئۆتتى. مىلادى 1523- يىلى سەئىدخان سەپەر قىلىپ قوشقار دېگەن جايداتايىرخان بىلەن كۆرۈشتى. ئوغلى ئابدۇرېشىتخانغا «سۇلتان» دېگەن شۆھرەت نامىنى بېرىپ، قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ باش ۋالىيسى قىلىپ بەلگىلەپ، بۇ جايلارنى ئۇنىڭغاسۇيۇرغال قىلىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، سۇلتان ئابدۇرېشىتخان بۇ جايدا بەش يىل تۇرۇپ قالدى. مىلادى 1552- يىلى يۈز بەرگەن قىرغىزلارنىڭ توپىلىڭىنى ھېسابلىمىغاندا، بۇبەش يىل ئىچىدە، شەرقتە ئېرىتىش دەرياسى، غەربدە «قىرغىز دالىسى» (قازاق دالىسى بۇچاغدا قىرغىز دالىسى دېگەن نام بىلەن ئاتالغان) ۋە ئەنجان ئەتراپى، شىمالدا بالقاشكۆلى، جەنۇبىدا ئالاي ۋە كەرمە تاغلىرى قاتارلىق كەڭ زېمىن ئىچىدە نىسپىي تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ۋەزىيىتى مەيدانغا كەلدى. خېلى يىللاردىن بۇيان مۇغۇلىستان ۋەياركەنت خانلىقى بىلەن زېمىن ۋە ئۈستۈنلۈك تالىشىپ كەلگەن شەيبانى ئەۋلادىمۇئۆزىنىڭ ياركەنت خانلىقى دائىرىسىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى بىر مەزگىل توختىتىشقامەجبۇر بولدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ياركەنت خانلىقىنىڭ پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن غايەت زورھەسسە قوشتى.
مىلادى1527- يىلى سۇلتان ئابدۇرېشىتخان «تارىخى رەشىدى» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر بىلەن پامىر ۋە ھىندىقۇش تاغلىرى ھەم بولۇر، كەشمىرقاتارلىق جايلارنى ئىگىلىدى. ياركەنت خانلىقىنىڭ غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبى دائىرىسى كېڭىيىپ، خانلىقنىڭ بابۇرىلار (بۈيۈك مۇغۇل سۇلالىسى)، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغا سودا، دىنىي، مەدەنىيەت ئالاقىلىرى كۈچەيدى. شۇنداقلا شىزاڭ ۋە لاداق رايونلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە شەرت ھازىرلىدى. لېكىن، مىلادى 1528- يىلى ئاتا بەگ مىرزا ئەلى تاغاينىڭ قۇترىتىشى بىلەن سەئىدخان ۋە ئىنىسى ئىمىن خوجا سۇلتان ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولدى. شۇڭلاشقا سەئىدخان سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننى ئاقسۇ ۋە ئۈچتۇرپانغا ئەۋەتىپ، بۇ جايلارنى تىنچلاندۇردى. مىلادى 1530- يىلى 9-ئايدا، سەئىدخان ئىككىنچى قېتىم بەدەخشانغا قوشۇن باشلاپ بېرىپ بۇ جاينى ئىلكىگەئالدى. مىلادى 1532- يىلى 7- ئايدا، سەئىدخان بەش مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن تىبەت،لاداق، بالتىستان ۋە كەشمىر قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلدى. سۇلتان ئابدۇرېشىتخان ئارقا سەپتە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھەممە جەھەتتىن يار – يۆلەك بولدى. لېكىن، ھىجرىيە939- يىلى زۇلھەججەنىڭ 16- كۈنى (مىلادى 1533- يىلى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى) سەئىدخان تىبەتتە تۈتەكتە قېلىپ ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىتى ياركەنت خانلىق ئوردىسىغاكەلتۈرۈلدى.
بۇچاغداسۇلتان ئابدۇرېشىتخان ئاقسۇدا ئىدى. ئۇ ھىجرىيە 940- يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى (مىلادى 1533- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى) ياركەنتكە كېلىپ، سەئىدخاننى دەپنەقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلدى ۋە «خان» دەپ ئاتالدى. ئۇ خانلىق تەختىگەچىققاندا دەل 24 ياشتا ئىدى. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، بىرمۇنچە قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مۇستەھكەملىدى ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى، ئامانلىقىنى قوغدىدى.
بىرىنچى،ئوردا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا گۇمانلىق دەپ قارالغان دۆلەت ئەركانلىرى، ئەمىرلەر ۋەفازىل – ئۆلىمالارنى قىرغىن قىلىپ، ئوردا ۋە قوشۇنلارنىڭ ئەمەلدارلىرىنى قايتىدىن رەتلىدى. تۈزۈم ۋە قائىدىلەرنى يەنە مۇئەييەنلەشتۈردى. بولۇپمۇ ماڭلايسۈيەر رايونىغا تەخمىنەن 300 يىلدىن كۆپرەك ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە بۇرۇنقى مۇغۇلىستانخانلىقى ھەم ياركەنت خانلىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي تايانچىسى بولغان دوغلات قەبىلىسىنىڭ ھوقۇقىنى تامامەن تارتىۋالدى. جۈملىدىن مىرزائەلى تاغايى قاتارلىق ئايرىم قارا نىيەت ئەمەلدارلارنىڭ پىتنە – ئىغۋاسىتۈپەيلىدىن، ياركەنت خانلىقىنى تىكلەش ھەم مۇستەھكەملەشكە زور تۆھپە قوشقان دوغلات قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ۋە ئاتابەگ سەيىت مۇھەممەت مىرزا قاتارلىق ئوبدان دۆلەت ئەركانلىرىمۇ ئۆلتۈرۈلدى. گەرچە بۇ ۋەقە ياركەنت خانلىقىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن بەزى زىيانلارنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دوغلاتئەمىرلىرىنىڭ بەزى بۆلگۈنچىلىك ئىشلىرىگە ئۈزۈل – كېسىل خاتىمە بەردى. دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئورنىنى سەئىدخانغا ئەگىشىپ ئەنجاندىن كەلگەن پارلاس ۋە جوراس قەبىلىلىرى ئىگىلەشكە باشلىدى.
ئىككىنچى،تاغىسى مەنسۇرخاننىڭ ئۇرۇشى تىنجىتىلدى. مىلادى 1533- يىلى سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەنسۇرخان قوشۇن باشلاپ ئاقسۇ ۋە ئۇنىڭ غەربىگە ھۇجۇم قىلدى.ئابدۇرېشىتخان زور قوشۇن بىلەن ئاقسۇغا بېرىپ، دادىسى بىلەن تۈزىگەن توختامنى بۇزغان تاغىسى مەنسۇرخانغا قاتتىق ئەدەب بەردى. مەنسۇرخان مەغلۇب بولۇپ تۇرپانغا چېكىندى. لېكىن، مىلادى 1533- يىلى، مەنسۇرخان يەنە ئۇرۇش قوزغىدى. ئابدۇرېشىتخان ئۇنى يەنە مەغلۇب قىلىپ، مەنسۇرخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى غەربدە ھازىرقى باي ناھىيىسى، شەرقتە ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جايۈيگۋەن قوۋۇقىغىچە بولغان زېمىننى ئۆز ھامىيلىقىغا ئالدى ۋە مەنسۇرخانىڭ ئوغلى شاھخاننى بۇ جايلارغا سۇلتان قىلىپ تەيىنلىدى.
ئۈچىنچى،ياركەنت خانلىقىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشى ۋە ھامىيلىقىدىكى رايونلاردا يۈز بەرگەن بۆلگۈنچىلىك ۋەقەلىرىنى تىنجىتتى. مىلادى 1538- يىلى قازاق خانلىقىنىڭ باشلىقى تايىرخاننىڭ ئورنىغا چىققان ھەق نەزەرخان (مىلادى 1538- 1580- يىللار) ۋەقە قوزغاپ، ياركەنت خانلىقىنىڭ ھامىيلىقىدىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەت قىلدى. لېكىن، ئابدۇرېشىتخان قوشۇن ئەۋەتىپ، ئۇنى يەنە ئۆز ھامىيلىقىغا ئالدى. مىلادى 1538- يىلى، مەنسۇرخان ئىككىنچى قېتىم ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغاندا، باش ئەمىر مىرزا ئەلى تاغايى باشلىق بەزى ئەمىرلەرتوپىلاڭغا تەييارلانغانىدى. ئابدۇرېشىتخان ئاقسۇدىن قايتىپ، بۇ ھەرىكەتنى قاتتىق باستۇردى. مىرزا ئەلى تاغايى قارا تېكىن تېغىغا قاراپ قاچتى. باشقا ئەمىرلەر خوتەنتەرەپكە قاچتى. ئابدۇرېشىتخان ئۇلارنى قوغلاپ خوتەنگە كەلگەندە، خوتەن خەلقى ئۇلارنى تۇتۇپ باغلاپ، ئابدۇرېشىتخانغا تاپشۇردى ۋە خاننى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالدى.شۇنىڭ بىلەن خان ئۆز ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. دۆلەت يەنىمۇ تىنچلاندى.جەمئىيەت بىر مەزگىل تېز تەرەققىياتقا يۈزلەندى.
تۆتىنچى،چاغاتاي ۋە مۇغۇلىستان خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىگە بىر مۇنچە ئىسلاھاتلارنى كىرگۈزدى. خۇددى يۇقىرىقىدىكى تېگىشلىك مەزمۇنلاردا بايان قىلغاندەك، چاغاتاي ۋەمۇغۇلىستان خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمى، گەرچە قۇرىغار رايونىدىكى يەرلىك مىللەتلەر، بولۇپمۇ تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىنىڭ تەسىرىگەخېلى ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن، يەنىلا چىڭگىزخاننىڭ ھايات ۋاقتىدا تۈزۈلگەن تۈزۈت ۋە جاساق قانۇنىدىن چەتلەپ كېتەلمەيتتى. ئابدۇرېشىتخان تەختكە چىققاندىن كېيىن،قەدىمكى كۆكتۈرك خاقانلىقى (مىلادى 552-659- يىللار)، كېيىنكى تۈرك خاقانلىقى ياكى قۇتلۇق تۈرك خانلىقى (مىلادى 679-745- يىللار)، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى (مىلادى745-840- يىللار) ۋە قاراخانىلار سۇلالىسى (مىلادى 932-1210- يىللار) قاتارلىق خانلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى. يەنى ئۆزىگە بىۋاسىتە قاراشلىق رايونلارنى ئۆز ئوغوللىرى ۋە تۆھپىدار ئەمىر، ئەمەلدارلارغا سۇيۇرغال قىلىپ بەردى. خان ئەۋلادىدىن چىققان چوڭ سۇيۇرغاللارنىڭ قول ئاستىدا خان ئەۋلادىدىن بولمىغان ئەمىر، بەگلەر بار ئىدى.بولۇپمۇ بەگلىك تۈزۈمى ئۆلكە ۋە ۋىلايەتلەردىن باشلاپ تاكى ئەينى زاماندا جەمئىيەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي بىرلىكى بولغان يېزا ۋە كەنتلەرگىچەكېڭەيدى. ھەتتا بۇ تۈزۈم مەمۇرىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ئىزچىل ۋە سىستېمىلىق تۈردە يولغا قويۇلدى. بۇ خىل مۇكەممەل ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بولسا، ياركەنت خانلىقىدىن بۇرۇن مەيدانغاكەلگەن ھەر قانداق بىرەر دۆلەت ۋە خانلىقلارنىڭ تارىخىدا بولۇپ باقمىغان ياكى ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بىر يېڭى ئىسلاھات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بېقىندى ياكى ھامىيلىق دائىرىسىدىكى رايۇنلاردا، بولۇپمۇ قازاق، قىرغىز رايونلىرىداخانلىق، سۇلتانلىق ۋە بىيلىك تۈزۈمى ھەم ئۇلارنىڭ قەبىلە تۈزۈمىنىڭ داۋاملىق ساقلىنىشىغا، شۇنداقلا ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا ئاتىنىڭ ئورنىغا بالا ۋارىسلىق قىلىشتۈزۈمىگە يول قويدى. مەسىلەن، قازاق رايونىدا خانلىق ۋە سۇلتانلىق تۈزۈمى داۋاملىق ساقلاپ قېلىندى. قىرغىز رايونىدا بولسا، بىيلىك ۋە قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىق تۈزۈمى يەنىلا داۋاملاشتى. لېكىن بۇ بېقىندى ۋە ھامىيلىقتىكى قەبىلە ۋەمىللەتلەرنىڭ ئىسلام قانۇنلىرىغا (بولۇپمۇ شەرىئەت قانۇنىغا) بويسۇنۇشى، ئىسلام رايونلىرىغا زىيان – زەخمەت كەلتۈرمەسلىكى، بەلگىلەنگەن مىقداردا باج – سېلىق ۋەئولپان تاپشۇرۇپ تۇرۇشى، ئۇرۇش بولغان چاغلاردا ھەربىي، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىشى قاتارلىق مەجبۇرىيەتلىرى بار ئىدى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ياركەنتخانلىقىغا قارشى قەبىلە ۋە مىللەتلەر بىلەن، بولۇپمۇ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىق دۈشمەنلىشىپ كەلگەن شەيبانى ئەۋلادى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشىگە ھەم ئۇلاربىلەن بىرلىشىپ، ياركەنت خانلىقىنىڭ ھامىيلىقىدىن چەتلەش قاتارلىق ئىشلىرىغا قەتئىي يول قويمىدى.
بەشىنچى،ئابدۇرېشىتخان تەختكە چىققاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ باشقا تەرەپلىرىدىمۇ بىر مۇنچەيېڭى تەدبىرلەرنى، يەنە ئاھالە كۆچۈرۈپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، قول ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئىچكى ۋە تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش، مەكتەپ ۋەمەدرىسلەرنى كېڭەيتىش ھەم ئومۇملاشتۇرۇش، ئىسلام دىنى مەزھەپلىرىنىڭ ئەركىن مۇنازىرىسىگە يول قويۇش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنى يۈرگۈزدى. تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا، مىرزا ئابابەكرى دەۋرىدە (مىلادى 1469-1514-يىللار)،يەنى مىلادى 1497- يىلى ياركەنتتىكى «ئالتۇنلۇق» قەبرىستانلىقىغا قۇرۇلغان «ئاقمەدرىس» بۇ چاغدا تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ قۇرۇلدى. شۇنداقلا قەشقەردە «مەدرىسىخاقانىيە» (خانلىق مەدرىسى) قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى مەيدانغا كەلدى.ئابدۇرېشتخان گەرچە قانۇن ئىشلىرىدا ۋە دۆلەت باشقۇرۇشتا ناھايىتى قاتتىق قوللۇق بىر خان بولسىمۇ، لېكىن پەن – مەدەنىيەت ۋە ئۆلىمالارغا زور ھۆرمەت بىلەن قارايتتى.
ئومۇمەن،ئابدۇرېشىتخان دەۋرى ياركەنت خانلىقىنىڭ دەسلەپكى چاغلاردا بىر قەدەر نىسپىي تىنچلىق ۋەزىيىتى تۇرغۇزۇلغان، جەمئىيەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان «ئالتۇن دەۋر»بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئابدۇرېشىتخان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقىچاغلىرىدا مۇنداق ئىككى ۋەقە يۈز بەردى: ئۇنىڭ بىرىنچىسى، تاغىسى ئىمىن خوجاسۇلتان ياركەنت خانلىقىغا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ، ھىندىستانغا بېرىپ، ئۆزىنى تاغىسى بابۇرشاھ تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۈيۈك مۇغۇل سۇلالىسىنىڭ ئىككىنچى پادىشاھى ھۇمايۇن بىننى بابۇرشاھنىڭ (مىلادى 1530- 1556- يىللار) ھىمايىسىگە تاشلىدى.ئابدۇرېشىتخان چوڭ ئوغلى ئابلىتىپ سۇلتاننى ئۇنىڭ سۇيۇرغاللىقىدىكى ئاقسۇ ۋە ئۈچغا(ئۈچتۇرپانغا) سۇلتان قىلىپ بېكىتتى. ئىككىنچىسى، مىلادى 1556- يىلى قازاق خانى ۋەئاتباشى قىرغىزلىرى بىلەن بىرلىشىپ، بۆلگۈنچىلىك قىلدى. ئابدۇرېشىتخان ئوغلى ئابلىتىپ سۇلتاننى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ئەدەب بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن غەلىبىدىن قاتتىق مەغرۇرلانغان ئابلىتىپ سۇلتان، قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت قايتۇرما زەربسى تۈپەيلىدىن، تېرەك دېگەن جايدا ھالاك بولدى. ئابدۇرېشىتخان نۇرغۇن قوشۇن باشلاپ بېرىپ، ھەقنەزەرخاننىڭ 60 مىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلدى ھەم خاننىڭ «ئاسابى تۇغ»ناملىق ئۇرۇش بايرىقىنى ئولجا ئالدى. تاشكەنت ئەتراپىغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان قازاق خانى نورۇز ئەخمەت خاننى ئۆزىنىڭ قازاق خانلىقىدا تۇرۇشلۇق دارۇغاچىسى (باشنازارەتچىسى) قىلىپ بېكىتىپ قايتتى.
مىلادى1560- يىلى ئابدۇرېشىتخان ياركەنتتە ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ جەسىتى ئالتۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىكى دادىسى سەئىدخاننىڭ ئايىقىغا دەپنە قىلىندى. ئۇ ئۆلگەن چاغداسۇلتان ئابلىتىپخاندىن باشقا يەنە ئابدۇكېرىم خان، ئىبراھىم سۇلتان (سۇپى سۇلتان).مۇھەممەت خان، ئەبۇ سەئىد سۇلتان، قۇرەيىش سۇلتان، شاھ مۇھەممەت سۇلتان، ئابدۇللاسۇلتان، يۇنۇس سۇلتان، ئابدۇرېھىم خان قاتارلىق ئون ئوغلى قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئابدۇرەھىم سۇلتان ئابدۇرېشىتخان ھايات ۋاقىتتا باشباشتاقلىق قىلىپ، تىبەتكە قىلغان بىر ئۇرۇشتا تىبەتلىكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. شۇڭلاشقا ئابدۇرېشىتخان ئۆزىنىڭ ئەڭ كەنچە ئوغلىنىڭ نامىنى شۇ ئابدۇرېھىم سۇلتاننىڭ نامىغا قويغانىدى.
مەنبەسى: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» (مىللەتلەر نەشرىياتى 1999- يىلى 2- قېتىم بېسىلىشى)
ئاپتورى: ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق
قىسقارتىپ ئېلىندى
تەھرىردىن : تېما يېزىپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم تەكشۈرىۋېتىشنى ئۇنۇتماڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-29 03:40 AM