ئىلھام ئېلىڭ
-ئادەم چىڭ تۇرۇپ ۋاز كېچىشكە ئۇنىمىغاندىلا،ئاندىن ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ كىتىدۇ. -ناپولېئون.شېر
-توماس ئېدىسۇن ئۇ لامپۇچكىنى 2000 قېتىمدىن ئارتۇق تەجرىبە قىلىپ ئاندىن كەشىپ قىلغان.بىر ياش مۇخبىر ئۇنىڭدىن شۇنچە كۆپ يېڭىلىشتىن ئالغان تەسىراتىنى سورىغاندا،ئۇ؛<مەن بىر قېتىممۇ يېڭىلىپ باقمىدىم.مەن لامپۇچكىنى كەشىپ قىلدىم،ئۇنىڭ پۈتۈن كەشىپ قىلىنىش جەريانى توپتوغرا 2000 باسقۇچلۇق بولىدىكەن> دېگەن.
-لېۋ ئوممان ئۇ نورۋېگىيە دۆلەتلىك دراما مەكتىپىنىڭ ئاڭلاش كۈچى سىنىقىدىن ئۆتەلمىگەندە،باھالىغۇچىلار ئۇنىڭغا: <تالانتىڭىز يوقكەن> دېگەن.لېكىن ئۇ ئىككى قېتىم ئەڭ ياخشى ئايال باش قەھرىمان بولۇپ باھالىنىپ،ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
-چېست كارسىن ئۇ بىر ياش كەشپىياتچى،ئۇ 1940-يىلى ئۆزىنىڭ كەشپىياتىنى سېتىش ئۈچۈن ئۇنى ھەرقايسى شىركەتلەرگە،دۆلەت خاراكتىرلىك شىركەتلەرگە ئاپارغان بولسىمۇ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى رەت قىلغان.ئۇ 1947-يىلىغىچە بولغان 7 يىل ئىچىدە سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندىن كىيىن،ئۇ ئاخىر نىيو-يورك شىتاتىنىڭ روچېستى دىگەن يېرىدىكى خالود شىركىتىنى ئىزدەپ تاپقان.بۇ شىركەت ئۇنىڭ سىتاتىك ئېلىكتىر پىرىنسىپلىق نۇسخا ئېلىش كەشپىياتىنى سېتىۋېلىشقا ماقۇل بولغان.خالود شىركىتى پۈتۈنلەي نۇسخا ئالىدىغان شىركەت بولۇپ،ئىككىلا تەرەپ بۇنىڭدىن كۆپ پۇل تاپقان.
-جونسون شېردون ئۇ 44 يېشىدا ئەما بولۇپ قالغان.ئۇ 16 يىلدىن كىيىن <شادلىق بېغىدىن ،مەھرۇم بولۇش> ناملىق كىلاسسىك ئەسەرنى يېزىپ چىققان.
-لودېۋىك بېتخوۋېن ئۇ گىرمانىيەلىك كومپزوتۇر،ئۇنىڭ ئاڭلاش كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلاپ،46 ياشقا كەلگەندە پۈتۈنلەي گاس بولۇپ قالغان.ئەمما ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا،ئەسەرلىرى ئىچىدە ئەڭ نادىر ئورۇننى ئىگەللەيدىغان مۇزىكىنى،جۈملىدىن بەش باپلىق سېمفۇنىيىنى يېزىپ چىققان.
-ۋېما رودوف ئۇ ئائىلىسىدىكى 22 بالىنىڭ 20-سى بولۇپ،بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىپ،تەستە ئەي بولغان قىز ئىكەن.ئۇ تۆت ياش ۋاقتىدا ئۆپكە ياللۇغى ۋە سىتارلاتىنا بەزگىكىگە گىرىپتار بولۇپ،سول پۇتى پالەچ بولۇپ قالغان.توققۇز ياشقا كىرگەندە ئاندىن پۇتىدىكى تۆمۈر تىرىگۈچنى ئېلىۋېتىپ،مېڭىشنى ئۈگەنگەن.13ياشقا كىرگەندە،دوختۇرلار مۆجىزە دەپ قارىغان بىر يۈرۈش رىتىملىق مېڭىش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.شۇ يىلى ئۇ تەنھەركەتچى بولماقچى بولۇپ،مۇسابىقىگە قاتناشقا بولسىمۇ،ئارقىدا قالغان.ئۇدا بىر نەچچە يىل ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،ئۇنىڭدىمۇ ئارقىدا قالغان.بەزىلەر ئۇنى بۇ ئىشتىن ۋاز كېچىشكە ئۈندىگەن بولسىمۇ ئۇ قەتئى داۋاملاشتۇرۇپ،ئاخىر ئۇتۇپ چىققان.مېڭىشى مۈمكىن ئەمەس دەپ قارالغان بۇ قىز ئاخىر ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ دانە ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:{ئانام ماڭا خېلى بۇرۇنلا<ئۆزۈڭگە ئىشەنسەڭ چوقۇم ئويلىغان نىشانلىرىڭغا يېتەلەيسەن.بىرىنجى قىلىدىغان ئىشىڭ ھاسىغا تايانماي مېڭىشتۇر> دېگەنىدى}.
-لويس ئامۇ ئۇ 100 دىن ئارتۇق رومان يېزىپ،2مىليۇن نۇسخا نەشىر قىلدۇرغان،مۇۋاپىقىيەت قازانغان يازغۇچى.ئۇ كىتابلىرىنى بىرىنجى قېتىم نەشىر قىلدۇرۇپ سېتىشتىن ئىلگىرى 350 قېتىم رەت قىلىشقا ئۇچرىغان.كىيىنكى ۋاقىتتا،ئامېرىكا پارلامېنتى بىرىنجى قېتىم ئۇنىڭغا ئالاھىدە مېدال بېرىپ،ئۇنىڭ ئامېرىكا رومانشۇناسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن،تارىخى خاراكتىرلىك ئەسەرلىرى ئارقىلىق دۆلەتكە ئۇزۇن يىللىق تۆھپە قوشقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
-ئەيدىمىن شىرالى ئۇ 1952-يىلى ئىگىزلىكى 29مىڭ ئىنگىلىز چىسى كېلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققا جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقماقچى بولغان.ئۇ چوققىغا چىقالماي،يېڭىلىپ بىرنەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن،ئەنگىلىيىدىكى بىر كوللېكتىپ ئورۇن ئۇنى سۆزگە تەكلىپ قىلغان.ئۇ مۇنبەر ئالدىغا كېلىپ،رەسىمدىكى تاغ چوققىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،كۆتىرەڭگۈ ئاۋازدا:<ھەي جۇمۇلاڭما چوققىسى! سەن مېنى بىرىنجى قېتىم مېنى يېڭىۋالدىڭ،ئىككىنجى قېتىم مەن سېنى يېڭىۋالىمەن،چۈنكى ئەمدى سەن يەنە ئېگىزلىيەلمەيسەن،مەن يەنىلا ئۆسىۋاتىمەن!>دېگەن.بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن،يەنى 5- ئاينىڭ29-كۈنى ئۇ بىرىنجى بولۇپ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققان.
شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى 2002-يىللىق سانىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-29 12:50 AM
|