مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5386|ئىنكاس: 113

ئىسلام دىنىدىن دۇردانىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78832
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5325
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 12:05:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇش ئىشلىرىدا توغرا بىلەن خاتانى،تەقۋادار مۇسۇلمان بىلەن سۈننى مۇسۇلماننى پەرىقلەندۈرۋېلىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىم،ھەدىسلەردىن، مۇسۇلمانلار تورىدىكى ئىلمىي ماقالىلەردىن پايدىنلىپ تۈۋەندىكى دۇردانىلەرنى تىزىپ چىقتىم.چۈنكى پېقىر يېڭىلمەس ئاللاھ ئەمەس بەلكى ئاددى بىر ئىنسان بولغانلىغىم ئۈچۈن بەزى بىرسەۋەنلىكلەردىن خالى ئەمەستۇرمەن. پەتىۋالار، ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بېرىلىدىغان بولغاچقا،ئوقۇرمەنلەرنىڭ يازمىلىرىمنىڭ خاتاكەتكەن يەرلىرى بولساقۇرئان كەرىم ،ھەدىسلەردىن دەلىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ نوخسانلارنى تۈزۈتۈپ بېرىشىنى سەمىمى ئۈمۈت قىلىمەن.
  
1-مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ خۇتۇنلۇق بولۇشىنىڭ شەرتلىرى نىمە؟
جاۋاپ:نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئوچۇق-ئاشكارا ۋە كەسكىن بىر شەكىلدە دالالەت قىلىدۇكى:نىكاھىدا بىردىن ئارتۇق خوتۇن ساقلىغۇچىلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك شەرتتلەرنى ھازىرلىشى زۆرۆردۇر. مەسىلەن:1- چوقۇم ۋەلىلىرى قولشۇلغان بولىشى كېرەك.چۈنكى قىز/ئايالنىڭ ۋەلىيىسى (دادىسى، دادىسى بولمىسا قېرىنداشلىرى، قېرىنداشلىرى بولمىسا تاغىلىرى)قوشۇلمىغان نىكاھ نىكاھ بولمايدۇ.بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«قانداقلا بىر ئايال، ۋەلىيسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئەرگە تەگسە، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر. يەنى ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر، ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر، ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر…»- (ئەبۇ داۋۇد، نىكاھ 20/2083؛ تىرمىزى، نىكاھ 14/1102؛ ئىبنى ماجە، نىكاھ 15/1879؛ مۇسنەد ئەھمەد، 6/662- ھەممىسىگە چوقۇم ئادىل  مۇئامىلە  قىلىشى كېرەك.بۇنىڭ  ئۈچۈن  ھەممىسىگە ئايرىم-ئايرىم ئوخشاش ئۆي تۇتۇپ بېرىشى، يېمەك -ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكلىرىنى ئوخشاش قىلىپ بېرىشى، ھەر   بىرىنىڭ يېنىدا  تۇرغان مۇددىتىنىڭ ئوخشاش بولۇشى كېرەك.شۇندىلائادىل بولۇشى كرەك دىگەن سۆز ھەقىقى ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. 3- بۇ  زاتنىڭ بىردىن  ئارتۇق  خوتۇنىنىڭ   بارلىقىنى  پۈتۈن   يۇرت مەھەللىنىڭ بىلىشى شەرتتۇر!!!يەنى بىرىنچى خوتۇنىنى قانداق ناغرا-سۇناي چېلىپ، ئەل- يۇرت ئالدىدا توي قىلىپ ئالغان بولسا، ئىككىنچى خوتۇنىنىمۇ شۇنداق ناغرا سۇناي چېلىپ ئەل-يۇرت ئالدىدا توي قىلىپ ئېلىشى شەرتتۇر!!!4- نىكاھنىڭ ئائىلە قۇرۇش، بالا-چاقا تېرىش ۋە نەۋرە –چەۋرە كۆرۈش نىيىتى بىلەن بولۇشى شەرتتۇر!!!نىكاھدا مانا مۇشۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلىنسا غوجام خوتۇن ئالغان بولىدۇ، خېنىم ئەرگە تەگكەن بولىدۇ!!! سىز مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ياشاۋاتقان رايونىڭىزنىڭ ئىش بېشىدا بولغانلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىسىدىن كېرەكلىك رەسمىيەتنى بېجىرمەي تۇرۇپ ئىشقا ئاشۇرالامسىز؟؟؟ ئەلجاۋاب: ئاشۇرالمايسىز، شۇنداققۇ!!!سىز ياشاۋاتقان رايوندا سىزنى باشقۇرۇۋاتلارنىڭ ئاساسى قانۇنىدا قوش نىكاھلانغانلارغا مەلۇم مۇددەت قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن. سىز مۇشۇنداق بىر قانۇن كۈچكە ئىگە بولغان بىر دۆلەتتە ئىككىنچى خوتۇنىڭىزنى ناغرا- سۇناي چېلىپ، ئەل-جامائەتنى چاقىرىپ توي قىلىپ ئالالامسىز؟! ئەلجاۋاب: ئالالمايسىز، شۇنداققۇ!!!دېمەك، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ، تۆتىنچى خوتۇنلارنى ئېلىش ئۈچۈن ئىش بېشىدىكىلەر بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىدىغان بىر رايونغا يۆتكىلىپ بېرىپ شۇ يەرگە يەرلىشىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. بولمىسا، بىرىگە قانائەت قىلىپ ئولتۇرىشىڭىز كېرەك.سىز يۇقىرىدىكى سۆزلىرىمنىڭ توغرىلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاللاھ سىزنى ياراتقاندا ئاتا قىلغان ئەقىلنى نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرنى چۈشىنىشتە كىچىككىنە بولسىمۇ ئىشلىتىپ بەرسىڭىز ھەيران قالمايسىز.بەزى ئىمانى جۆندەك، ئېتىقادى سۇس، شەيتانغا بەندە، نەپسىگە قۇل بولغان، لېكىن ئۆزىنى مۇسۇلمان ھېسابلايدىغان ئەخمەقلەر، ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى ۋە ياكى تۆتىنچى خوتۇنلىرىنى ئالىدىغان چاغلىرىدا: «توي خېتى ئېلىش كاپىرلارغا بويسۇنغانلىق بولىدۇ. شۇڭا بىز توي خېتى ئالمايمىز. دىنىمىزنىڭ قانۇنى بويىچە نىكاھ ئوقۇتۇپلا ئولتۇرۇۋېرىمىز» دېيىشىپ ئۆزلىرىنى ۋە ساددا كىشىلەرنى ئالدايدۇ.بۇنداقلارغا بىرقانچە سوئال:1-سىز ياشاۋاتقان رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگىنىدىن توي قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەي تۇرۇپ يەنى توي خېتى ئالماستىن نىكاھلانغان تەقدىردە يۇقىرىدىكى شەرتلەرنىڭ قايسىسىنى ئورۇندىيالايسىز؟ تۇغۇلغان بالىلارنىڭ نوپۇسى، قۇرۇلغان ئائىلىنىڭ رەسمىيلىشىشى قانداق بولىدۇ؟2- نىكاھنىڭ يۇقىرىقى شەرتلىرىدىن بىرىگە رىئايە قىلىنمىسا نىكاھ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ئۇنداقتا سىز سىزنى باشقۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگىنىدىن رەسمىيەت ئالماي توي قىلسىىڭىز ئۇ شەرتلەرگە تولۇق رىئايە قىلالامسىز؟؟؟ 3- ئەجەبا ، ئىككىنچى خوتۇن ئېلىشتا كاپىرنىڭ رەسمىيىتىنى ئالساق بولمايدۇ، دېگۈچىلەر بىرىنچى خوتۇنىنى كىمنىڭ رەسمىيىتى بىلەن ئالغان بولغىيدى؟ يانچۇقىدىكى كىملىك كارتىسى، تىجارەت كىنىشكىسى ۋە ھاكازالارنى بېجىرگەندە ئۇلارنىڭ ئىككىنچى خوتۇن ئالىدىغاندا تۇتۇۋالغان «تەقۋالىق غۇرۇرى» تېخى «پىشىپ يېتىلمىگەن» بولغىيمىدى؟4- بىر كىشىنىڭ بويىغا يەتكەن بىر قىزى ياكى بىر ھەمشىرىسى بولسا، خوتۇنى بار، بىرقانچە بالىسىمۇ بار، 30، 40 ياش ئەتراپىدا بىر «تاشچى ھاجىم» قىزلىرىنى ياكى ھەمشىرىلىرىنى ماڭا ئىككىنچى خوتۇنلۇققا بەرسىلەر، مەخپىي ئالىمەن، خوتۇن-بالىلىرىم ئۇقمايدۇ، دەپ خېرىدار بولۇپ كەلسە، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ ئەقىل-ھوشى جايىدا بولسا، پىترىتى بۇزۇلمىغان بولسا ۋە پۇلنىڭ بەندىسى بولۇپ كەتمىگەن بولسا، ئۇ تەكلىپكە ماقۇل دەرمۇ؟؟؟ئەلجاۋاب: ئەسلا ماقۇل دېمەيدۇ. دېمەككى، بۇ ئىشنى ئەقىل ئىنكار قىلىدۇ، ۋىجدان قوبۇل قىلمايدۇ، ئىنسانىي زوق تۈكۈرۈپ تاشلايدۇ، شۇنداقلا ئىسلامىي ئاڭ ئۇ ئىشتىن  يىرگىنىدۇ، پىترەت نەپرەت قىلىدۇ. 5- ئىككىنچى خوتۇن ئېلىشتا «بىز كاپىرغا ئىتائەت قىلمايمىز» دەيدىغان «مۇجاھىد» لار نېمىشقا ھەرەمگە بېرىش ئۈچۈن شۇ كاپىرنىڭ پاسپورتىنى ئېلىشقا ئۇنچىۋالا كۈچ چىقىرىدۇ؟؟؟ نېمە ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كۇنسۇلدىن ۋىزا ئالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار بەلگىلىگەن ماكاندا، ئىنسانلار بەلگىلىگەن زاماندا، ئىنسانلار ياسىغان قانتاش ۋاسىتىلىرىغا چىقىپ مەككىگە بارىدۇ. نېمىشقا ئۆيىدىن چىقىپلا خۇسۇسىي ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ئۇدۇللا ھەرەم تەرەپكە ماڭمايدۇ؟دېمەك، ئۇنداقلار ئىسلامنى ھايۋان نەپسىنى قاندۇرۇش، ئىناۋەت ۋە ئېتىبارىنى يۈكسەلدۈرۈش، يۈز-ئابرۇيىنى ئۆستۈرۈش… ئۈچۈن ئىشلىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئىشنىڭ ئەسلى مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش ئېغىر كېلىدۇ، لېكىن ھەرەمگە بېرىپ «ھاجىم» بولۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ. ئىككىلىسى ئوخشاش پەرزغۇ!خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇنداقلارنىڭ پېقىر-مىسكىنلەرگە، مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا، دىيارىمىزدا ئىلىم- مەرىپەتنىڭ نۇرىنى يورۇتۇشقا پۇل بەرگۈسى كەلمەيدۇ، لېكىن «ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن» پېقىر قىز-چوكانلارنى نىكاھىغا ئېلىپ قويىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنى بۇنداقلارنىڭ چۈشەنچە ۋە قىلمىشلىرىدىن ئادا-جۇدادۇر.
  
2-نىمەئۇچۈن مۇسۇلمانلارتائەت-ئىبادەتتەئوتتۇرھال يول تۇتىشى كېرەك دەپمىز؟
   جاۋەپ:ئەبۇھۇرەيرەرەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى ،پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن«ھەقىقەتەن دىن ئاساندۇر،دىنداقاتتىق يول تۇتۇشقابولمايدۇ.كىمكى دىندا قاتتىق يول تۇتساھۆدىسىدىن چىقالماي،ئىشلىرىدايېڭىلىپ قالىدۇ.شۇڭلاشقا ئوتتۇرھال يول تۇتۇڭلار».(ھەدىس شەرىف144-.مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)ئاللاھ تائالامۇنداق دىگەن«تاھا(يەنى ئى مۇھەممەد!)قۇرئاننى ساڭاسېنى جاپاغاسېلىش ئۈچۈن نازىل قىلمىدۇق».ئاللاھ تائالامۇنداق دىگەن« ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ ،تەسلىكنى خالىمايدۇ».سۈرەتاھا1-3-ئايەت،سۈرەبەقەر185-ئايەتنىڭ بىرقىسمى.
  
3-مۇسۇلمانلاركاپىرلاربىلەن ياخشى ئۆتسەبولامدۇ؟
جاۋاب:بولىدۇ.چۈنكى«ئاللاھ سىلەرنى دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن توسمايدۇ. ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.ئاللاھ سىلەرنى پەقەت دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە چىقىرىشقا ياردەملەشكەن كىشىلەرنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ. كىم ئۇلارنى دوست تۇتسا، ئۇلار زالىملاردۇر.»دىيىلگەن- مۇمتەھىنە 60/8-9. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى: ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى غەيرىي مۇسۇلمانلار (مۇسۇلمان بولمىغانلار)دىن ئايرىلىپ ياشاشقا، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە بۇيرۇمايدۇ. يەنى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش شەرتىگە رىئايە قىلغان ھالدا مۇسۇلمان ئەمەسلەر بىلەن دۇنيالىق ئىشلاردا ئارىلىشىپ ئۆتسە بولىدۇ. مەسىلەن:مۇسۇلمانلار غەيرىي مۇسۇلمانلار بىلەن بىر يەردە ياشىسا، ئۇلار بىلەن تىجارەت قىلىشسا، تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە بارسا، ياكى ئۇلار بۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە كەلسە، ئۇلار بىلەن باردى – كەلدى قىلىشسا ۋە بىر داستىخاندا ئولتۇرۇشسا بولىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئىسلام دىنى نۇرغۇنلىغان جايلارغا تىجارەتچى مۇسۇلمانلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تارقالغان.مۇسۇلمان قەيەردە بولسا بولسۇن ئەقىدىسىنىڭ توغرا، ئىبادىتىنىڭ تۈزۈك، ئەخلاقىنىڭ گۈزەل. مۇئامىلىسىنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ھارامدىن، بولۇپمۇ كىشىنىڭ ھەققىدىن، ناچار ئەخلاق ۋە يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى بەك مۇھىم. چۈنكى بۇ مۇسۇلماندىن بىر لەھزىمۇ توختاپ قالسا بولمايدىغان ھىجرەتتۇر
  
4-كىشىلەرنىڭ ئەيىپلىرىنى ئىزدەشتىن ۋەباشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىنى ياقتۇرمىغان كىشنىڭ سۆزىنى ئوغرۇلۇقچە ئاڭلاشتىن چەكلەش توغرىسىدا
       جاۋاب:ئالاھ تائالامۇنداق دىگەن ‹موئىمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار›قۇرئان كەرىم سۈرە ھۇجۇرات12-ئايەت. ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇن رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەرئەلەيھسالام مۇنداق دىگەن:«گۇمانخورلۇقتىن  ساقلىنىڭلار،  گۇمانخورلۇق سۆزلەرنىڭ  ئەڭ يالغىنى،كىشلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلەر،تىڭ-تىڭلاپ،  يۈرمەڭلەر،نەپسانىيەتيچىلىكقىلماڭماڭلار،ھەسەت قىلىشماڭلار،ئادەۋەت   قىلىشماڭلار،ماي تاتىپ يۈرمەڭلەر،ئاللاھنىڭ سىلەرنى بويرىغىنى بويىچەئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدن بولۇڭلار،مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر.مۇسۇلمان مۇسۇلمانغازۇلۇم قىلمايدۇ،ئۇنى خارلىمايدۇ،كەمسىتمەيدۇ،كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى كەمسىتىشى ئۇنىڭ يامان ئادەم ئىكەنلىگىگەيېتەرلىكتۇر.بىرمۇسۇلماننىڭ يەنەبىرمۇسۇلماننىڭ قېنىغا،ئابرويىغا،مېلىغاچېقىلىشى ھارامدۇر».1570-ھەدىس.بۇخارى ۋەمۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  
5-نىمەئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشنى ھارام دەيمىز؟
جاۋاب:ئالاھ تائالامۇنداق دىگەن‹ئى موئىمىنلەر!بىرقەۋىم يەنى بىرقەۋىمنى مەسخىرقىلمىسۇن،مەسخىر قىلىنغان قەۋىم ئالاھنىڭ نەزىرىدە مەسخىرە قىلغۇچى قەۋىمدىن ياخشاراق بولۇشى مۇمكىن،سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇئۆزئارامەسخىرەقىلىشمىسۇن،مەسخىرەقىلىنغۇچىئاياللار،مەسخىرەقىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشاراق بولىشى مۇمكىن .بىر-بىرىڭلارنى ئەيىپلىمەڭلەر، بىر-بىرىڭلەرنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرىشماڭلار،ئىماندىن كېيىن پىسقى بىلەن ئاتااش(يەنى موئىمىننى پاسىق)دەپ ئاتاش نىمەدىگەن يامان!(مۇنداق نەھيى قىلىنغان ئىشلاردىن تەۋبە قىلمىغانلارزالىمدۇر) قۇرئان كەرىم سۈرە ھۇجۇرات11-ئايەت.
  
6-دۇانىڭ مەنىسى نىمە؟
    جاۋاب: دۇئانىڭ مەناسى، ئەرەبچە جۈملىلەرنى يادلىۋېلىپ پات-پات شۇلارنى ئوقۇش دېگەن بولماستىن، بەلكى «ئاللاھقا يېلىنىپ، ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ياخشىلىق تىلىمەك»، دېگەن بولىدۇ.
  
7-مۇسۇلماننىڭ مەنىسى نىمە؟
جاۋاب:«مۇسۇلمان»دېگەن سۆزنىڭ مەناسى ئاللاھنىڭ بەندىسى، پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى دېگەن بولىدۇ، يەنى مۇسۇلمان ئاللاھقا بويسۇنىدىغان، پەيغەمبەرگە ئەگىشىدىدىغان كىشى دېمەكتۇر.
  
8-بىدەئەت دىگەن نىمە؟خۇراپاتچۇ؟
جاۋاب:دىنى مەسىلىلەردە قۇرئان –ھەدىستىن دەلىلى بولمىغان ئىش بىدئەتتۇر (دىنغا كىرگۈزۈلگەن ئىشتۇر)، خۇراپاتتۇر (ئاساسسىز ئىشتۇر).
  
9-قانداق ئادەملەرروزتۇتمىسىمابولىدۇ؟
جاۋاب: «فَمَنْ شَهِدَ مِنْكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ وَمَنْ كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَى مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ»«ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦﻛﯩﻢ رامىزان ئېيىغا ھازىر بولسا[2]، ﺋﯘﻧﻰ ﺭﻭﺯﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺳﯘﻥ. ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﺎﻛﻰ سەپەر ئۈستىدە ﺑﻮﻟﯘﭖﺭﻭﺯﯨﺴﯩﻨﻰﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥﺗﯘﺗﺴﯘﻥ. ئاللاھ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ساننى تولۇقلىغايسىلەر[3]، ﺳﯩﻠﻪﺭنى ھىدايەت قىلغانلىقى ﺋﯜﭼﯜﻥ ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر، ﺷﯜﻛﯜﺭﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ»[4].ئاللاھ تەئالا ئۆزىنىڭ بۇ سۆزىدەسەپەر ئۈستىدە بولغان ياكى كېسەللىك ھالىتىدە بولغان مۇئمىنلارغىلا رامىزان روزىسىنى ۋاقتىدا تۇتماسلىق رۇخسىتى بەرگەن.
  
10-تائارەت قايسى ئىشلاردا سۇندۇ؟
جاۋاب: تاھارەت ئىككى تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرىنىڭ يۈز بىرىشى بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى خالادا بولىدىغان ئىشلاردۇر، يەنە بىرى جۇنۇپ بولۇشتۇر.
  
11-ھىجىرەت دىگەن نىمە؟
جاۋاب:ھىجرەت دېگەن سۆز لۇغەتتە تەرك ئېتىش، كۆچۈش، ئۈزۈش، يۈز ئۆرۈش، ئايرىلىش ۋە يىراقلىشىش، دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ.–(لىسانۇلئەرەب، ئەلقامۇسۇلمۇھىت، ئەسسىھاھۇ فىللۇغە، مۇئجەمۇ مەقايىسىللۇغە)
  
12-مۇسۇلمانلاركاپىرلاردەك ياسىنىپ يۈرسە بولامدۇ؟
جاۋاب:تۆۋەندىكى ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتنىڭ 7–يىلى مەككىگە بارغاندا، مەككىدە نۇرغۇنلىغان ئەر –ئايال مۇئمىنلارنىڭ بارلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئۇلارنى تونۇمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارغا غالىب قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن، سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ئۇلاردىن توستى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.ئۇلار كاپىر بولغان، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن، تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقلارنى ئۆز جايىغا يېتىپ بېرىشتىن توسقانلاردۇر. ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلاردىن توسمايتتى. بۇ ئاللاھنىڭ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە كىرگۈزۈشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق»- فەتىھ 48/24-25.بۇ ئايەتنىڭ ئىچىدىكى «ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلاردىن توسمايتتى»دېگەن ئىپادە ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان مۇئمىنلار كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا باشقا مۇئمىنلار تەرىپىدىن تونۇلمىغۇدەك شەكىلدە ۋە تونۇلمىغۇدەك كۆرۈنۈشتە ياشىسا بولىدىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.چۈنكى بۇ ئىپادە، پەيغەمبىرىمىز مەككىنى فەتىھ قىلغىلى كەلگەن چاغدا، مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا مۇشرىكلاردەك ياشاۋاتقان مەخپىي مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقىغا، ھەتتا پەيغەمبىرىمىز بولمىسۇن، باشقا مۇسۇلمانلار بولمىسۇن ھېچبىرىنىڭ ئۇلارنى تونۇمايدىغانلىقىغا ئوچۇق-ئاشكارا دالالەت قىلىدۇ. دېمەك، مۇشرىك ۋە كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا باشقا مۇسۇلمانلار تونۇمايدىغان شەكىلدە ياشاشقا بولىدىكەن.
  
13-ئاياللارنىڭ سوداقىلىپ تاپقان پۇلى ھاراممۇ ؟
جاۋاب: ئاياللارنىڭ ھالال يول بىلەن تىجارەت قىلىپ ياكى گۇناھ بولمايدىغان بىر ئىشتا ئىشلەپ تاپقان پۇلى ھارام بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:«ئى مۇئمىنلار! بىر- بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى باتىل يوللار بىلەن يەۋالماڭلار. بىر- بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ قىلىشقان تىجارەت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈپ يېسەڭلار بولىدۇ»- نىسا 4/29،«ئاللاھ سودا- سېتىقنى ھالال، ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشنى ھارام قىلدى»- (ەقەرە 2/275.ئاللاھ تەئالا تىجارەتنى يول قويغان بۇ ئايەتلەردە بولمىسۇن باشقا ئايەتلەردە بولمىسۇن ھېچبىر ئايەتتە بۇ ئىشنىڭ پەقەت ئەرلەر تەرىپىدىنلا ئېلىپ بېرىلىشىنى شەرت قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن ئاللاھ تەئالا يول قويغان بۇ تىجارەتنى قىلىش ئۈچۈن ئەر ياكى ئايال بولۇشنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق ئىكەنلىكى چىقىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىمۇ بۇ توغرىدا بىر چەكلىمە يوق.شۇنداقتىمۇ ئاياللار تىجارەت قىلغاندا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە رېئايە قىلىشى لازىم:1- تىجارەت ئەسناسىدا نامەھرەم ئەرلەر بىلەن يالغۇز تۇرۇپ قالماسلىقى،2- باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئەھمىيەت بەرگەندەك تىجارەت ئەسناسىدا كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ ئىسلامىي ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى،3- سېىتىۋالغۇچى تەرەپ ئەر كىشى بولغان تەقدىردە ئېلىم – سېتىم بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان پاراڭلارنى قىلىشماسلىقى، شۇنداقلا يۈرۈش – تۇرۇش ۋە گەپ – سۆزلىرىدە قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قوزغايدىغان ياكى ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر ئۈمىد پەيدا قىلىدىغان ھېچقانداق سۆز- ھەرىكەتتە بولماسلىقى لازىم.
  
14-قۇربى يەتمىگەنلەرنامازنى خالىغانچەئوقۇسابولامدۇ؟
جاۋاب:ئەسلىدە ئاللاھ تەئالا نامازنى ھېچ ئىشقا توسالغۇ بولمايدىغان قىلىپ پەرز قىلغان، شۇنداقلا نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش ئۈچۈن ناھىيىتى كۆپ ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن. مەسىلەن:تاھارەت ئېلىشقا قادىر بولالمىغانلارغا تەيەممۇم قىلىشنى، قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇشقا قادىر بولالمىغانلارغا ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇشنى، روكۇ ۋە سەجدىنى ئادەتتىكىدەك قىلىپ ناماز ئوقۇيالمايدىغانلارغا ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇشنى، بىر يەردە مۇقىم تۇرۇپ ناماز ئوقۇيالمايدىغانلارغا مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ (قاتناش ۋاستىلىرى)ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ناماز ئوقۇشنى، ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيالمايدىغانلارغا ئولتۇرۇپ، بۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە يېتىپ ئوقۇشنى يولغا قويۇپ بەرگەن. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:«فَإِذَا قَضَيْتُمُ الصَّلاَةَ فَاذْكُرُواْ اللّهَ قِيَاماً وَقُعُوداً وَعَلَى جُنُوبِكُمْ فَإِذَا اطْمَأْنَنتُمْ فَأَقِيمُواْ الصَّلاَةَ إِنَّ الصَّلاَةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَاباً مَّوْقُوتاً»«نامازنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋەياتقان ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھقا زىكىر ئېتىڭلار. خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۇبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر» نىسا- 4/103ئاللاھ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ.ھەركىم قىلغان ياخشىلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ، قىلغان يامانلىقىنىڭ زىيىنىنى تارتىدۇ…»- بەقەرە 2/285-286  
  15-نىمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار قىلغان گۇناھلىرىغاتۆبەقىلسائاللاھ  كەچۈرۋاتىدۇ دەيمىز؟ جاۋاپ:چۈنكى.ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ:«مېنىڭ تىلىمدىن ئېيىتقىنكى،گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ ئۆزىگەزۇلۇم قىلغان بەندىلىرىم!ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمۈدسىزلەنمەڭلار،ئاللاھ تائالاھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنىڭ جىمى گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىدۇ،شۈبھىسزكى،ئاللاھ تائالاناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر،ناھايىتى مىھرىباندۇر».قۇرئان كەرىم سۈرەزۇمەر53-ئايەت. ،ئەبۇھۇررەيرە رەزىيىللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەرئەلەيھسالام مۇنداق دىگەن:«ئۈممىتىمنىڭ ھەربىرىنىڭ گۇناھى كەچۈرۈلدۇ.گۇناھنى ئاپئاشكارەقىلغۇچىلارنىڭ بولساكەچۈرۈلمەيدۇ.ئاشكارلاش دىگەن بىرئادەم كېچىسى بىرەرگۇناھ ئىشنى قىلغان ۋە ئاللاھ تائالائۇنى يۇشۇرغان بولسا،ئۇئادەمنىڭ ئەتىگىنى تۇرۇپ‹ھوي پالانى،ئاخشام مۇنداق-مۇنداق ئىشلارنى قىلدىم›دەپ ئاللاھ يۇشۇرغان بۇئىشنى ئاشكارلىشىدۇر».بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان،241-ھەدىس.
  
16-نىمەئۈچۈن مىيىتكەئۈن سېلىپ يىغلاشنى كۇپۇرلۇق دەيمىز؟
       جاۋاپ:چۈنكى،ئەبۇھۇررەيرە رەزىيىللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر  ئەلەيھسالام مۇنداق دىگەن:   «كىشىلەردە   تارالغان مۇنداق ئىككى ئىش بار،ئۇكىمدە بولىدىكەن،شۇكىشىنى كۇفۇرغائېلىپ بارىدۇ.بىرى:كىشىنىڭ نەسەبىگەقارىسىغاتىل تەكۈزۈش،يەنى بىرى:مىيىتكەئۈن سېلىپ يىغلاش»مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.1578-ھەدىس.
  
17-توينى سىن-ئالغۇغائېلىش توغرىمۇ؟
جاۋاب: توينى سىن-ئالغۇغائېلىش توغرىدۇر.چۈنكىبىر يەردە بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقەنى تەپسىلىي بىر شەكىلدە ئېسىدەساقلىۋېلىپ ياكى تەپسىلىي بىر شەكىلدە قەغەزگە يېزىۋېلىپ، كېيىنچە ئۇنى ئەسلەش، ئۇقەغەزنى ئوقۇپ ۋەقەنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ياكى كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا ئۇ ۋەقەنى تەپسىلىي دەپ بېرىش ۋە كىشىلەرگە ئۇ قەغەزدىكىنى ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇ ۋەقەدىن خەۋەردار قىلىش توغرا بىر ئىشتۇر.خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بىر يەردە بولغان بىر ۋەقەنى سىنئالغۇغاتارتىۋېلىپ ياكى رەسىمگە تارتىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى كۆرۈپ ئەسلەش ۋە باشقىلارغاكۆرسىتىپ ۋەقەدىن ئۇلارنى خەۋەردار قىلىش توغرا ئىشتۇر. بۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرى قۇلاققا، يەنە بىرى كۆزگە خىتاپقىلىدۇ. نەتىجىدە قارشى تەرەپ ئۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولىدۇ. بۇ ئىشتا «ئاللاھ بىلەن يارىتىش مۇسابىقىسىگە كىرگەنلىك» ھېسابلىنىدىغان «سۈرەت ئىجاد قىلىش» مەۋجۇت ئەمەس. بەلكىدە بۇ بار نەرسىنىڭ ئۆز ئەينىسىنى قاتۇرۇۋېلىشتۇر.بۇ، بىر كىشىنىڭ ئەيننەككە، سۈزۈك سۇغا قاراپ ئۆزىنى كۆرىشى بىلەن ياكى باشقا بىر كىشىنىڭ ئەينەككە، سۈزۈك سۇغا قارىغانلارنىڭ شۆلىسىنى كۆرىشى بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر. كۈنىمىزدىكى فوتو ئاپپاراتلاردا، قول تېلېفونلىرىدا تارتىلغان رەسىملەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. يەنى بۇ ماكىنىلاردا رەسىمگە چۈشۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا ھېچ چەكلىمە يوق.بۇنىڭغا بەزى ئۆلىمالار قارشى چىقىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى خاتا چۈشىنىۋېلىشىدىن، ھەدىسلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان خاتا ئىجتىھادىدۇر.  18-نىمەئۈچۈن مۇسۇلمانلارچىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈشى كېرەك دەيمىز؟ جاۋاپ:چۈنكى،ئابدۇللاھ ئىبىن مەسئود رەزىيىللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەرئەلەيھسالام:«قەلبىدە زەرىچىلىك تەكەبۇرلۇق بارئادەم جەننەتكەكىرمەيدۇ»دىدى.بىرئادەم:«ھەقىقەتەن كىشى ئۆزىنىڭ كىيىمى ۋە ئايىغىنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى ياخشى كۆرۈدىغۇ؟»دىدى. پەيغەمبەرئەلەيھسالام«شۈبھىسىزكى ئاللاھ گۈزەلدۇر،گۈزەللىكنى ياقتۇردۇ،تەككەبۇرلۇق دىگەن ھەقنى ئىنكار قىلىش ۋە كىشلەرنى كەمسىتىشتۇر»مۇسلىم رىۋايەت قىلغان،1575-ھەدىس.   
19-نىمەئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ ساۋابى چوڭ دەيمىز؟
     جاۋاپ:چۈنكى ئوقۇتقۇچىلىق بولسا ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئۈچ چوڭ ساۋاپنىڭ بىرسى.بۇنى تۆۋەندىكى ھەدىستىن كۆرۈۋالالايمىز. ئەبۇھۇررەيرە رەزىيىللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەرئەلەيھسالام مۇنداق دىگەن:«ئەگەرئادەم بالىسى ئۆلسە،ئۇنىڭ ئۈچ خىل ئەمىلىدىن باشقائەمىلىنىڭ ساۋابى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ:بىرىنچىسى،ئۈزۈلۈپ قالماستىن پايدىسى جارى بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە(مەسجىد،مەدىرىس،ۋەھپە قاتارلىققلارغا ئوخشاش خەيرىيەت ئىشلىرى).ئىككىنچى،خەلق پايدىنلىنىپ تۇردىغان ئىلىم(باشقىلارغائىلىم ئۆگۈتۈش،كىتاپ  يېزىپ،قالدۇرۇشقائوخشاش).ئۈچۈنچىسى،ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت تەربىيلەپ قۇيۇش»مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  
20- ھالال-ھاراملىغى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن نەرسىنىڭ ھالال-ھاراملىغىنى بېكىتىشتەنىمىنى ئاساس قىلىمىز؟
جاۋاب: دىنىمىز بەزى نەرسىلەرنىڭ ھاراملىقىنى ۋە بەزى نەرسىلەرنىڭ ھالاللىقىنى ئېنىق بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ھارام نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشقا، ھالال نەرسىلەردىن پايدىلىنىشقا بۇيرۇيدۇ، مسىلەن:بەقەرە سۈرىسىنىڭ 173 – ئايىتى، مائىدە سۈرىسىنىڭ 3 – ئايىتى، ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145 – ئايىتى ۋە نەھل سۈرىسىنىڭ 115 – ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەردە بىرقانچە تۈرلۈك نەرسىنىڭ ھاراملىقى بايان قىلىنىدۇ. مائىدە سۈرىسىنىڭ 4 – ۋە 5 – ئايەتلىرىدە، پاك نەرسىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. يەنە مائىدە سۈرىسىنىڭ 87 – ئايىتىدە مۇئمىنلار ئاللاھ ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىشتىن مەنئى قىلىنىدۇ ۋە يەنە بۇ سۈرىسىنىڭ (مائىدە سۈرىسىنىڭ) 88 – ئايىتىدە مۇئمىنلار ئاللاھ ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى يېيىشكە ئەمر قىلىنىدۇ. بۇ ئەمر، نەھل سۈرىسىنىڭ 114 – ئايىتىدىمۇ ئۆتىدۇ.ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 168 – ئايىتدە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىپ: «ئى ئىنسانلار! يەر يۈزىدىكى ھالال – پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار» دەيدۇ.ئاللاھ تەئالا يەنە بەقەرە سۈرىسىنىڭ 172 – ئايىتىدە مۇئمىنلارغا خىتاب قىلىپ: «ئى مۇئمىنلار! بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەردىن يەڭلار» دەيدۇ.ئاللاھ تەئالا مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ 51 – ئايىتىدە بولسا، پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە خىتاب قىلىپ: «ئى پەيغەمبەرلەر! پاك نەرسىلەر (تەييىبات) دىن يەڭلار» دەيدۇ.بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى، ھالال قىلىشتا پاكلىك، ھارام قىلىشتا ناپاكلىق ئاساس قىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145 – ئايىتىدە بىر قىسىم ھارام نەرسىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى بولغان «چوشقا گۆشى» دىن كېيىن «چۈنكى ئۇ، پاسكىنىدۇر» دېگەن ئىپادە زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى، ھارام قىلىشتا پاسكىنىلىق (ناپاكلىق) ئاساس قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ھالاللىقنىڭ ئۆلچىمىنىڭ پاكلىق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.قۇرئان كەرىمدە «ھالال» زىكىر قىلىندىغان ئايەتلەردە «پاك» دېگەن سۆزنىڭ كېلىشى، «ھارام» زىكىر قىلىنىدىغان ئايەتلەردە «ناپاك، پاسكىنا» دېگەن سۆزىلەرنىڭ كېلىشى يۇقىرىدىكى مەزمۇننى توغرىلايدۇ.2 – پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ھوقۇقىئاللا تەئالا ئەئراف سۈرىسىنىڭ 157 – ئايىتدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى بايان قىلىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ. ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ». تەھرىم سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە بولسا: «ئى پەيغەمبەر! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام قىلىسەن؟» دەيدۇ. بۇ ئىككى ئايەتنىڭ مەزمۇنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھالال قىلىشىنىڭ پاك نەرسىلەر بىلەن، ھارام قىلىشىڭ پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن چەكلىك ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھالال ياكى ھارام قىلىشتا ئاللاھ تەئالا بەلگىلىگەن پرىنسىتىن چىقالمايدىغانلىقىغا ناھايىتى ئوچۇق بىر شەكىلدە دالالەت قىلىدۇ.شۇنىڭدەك، ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى ھارام دېگەن بولسا ۋە ئاللاھ تەئالا يۇقىرىقىدەك تۈزىتىش بەرمىگەن بولسا، ئۇ نەرسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگىمۇ دالالەت قىلىدۇ. يەنى ھەدىسلەردە ھاراملىقى بايان قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر.3 – ھالال ۋە ھارام قىلىشتا پرىنسىپئا – ھالال – ھارام بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ھالال قىلىشتا پاكلىق، ھارام ناپاكلىق ئاساس قىلىنىدىغانلىقى چىقىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ تولىسى يۇقىرىدا زىكىر قىلىندى.بۇنىڭغا ئاساسەن قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىس شەرىپلەردە ھاراملىقى ئېنىق بايان قىلىنمىغان نەرسىلەرنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقى يۇقارقى پرىنسىپ بويىچە ئايرىلىدۇ. ئەگەر مۇتەخەسسىس كىشىلەر تەرىپىدىن بىر نەرسىنىڭ پاك ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولسا ھالالدۇر؛ ئەگەر ناپاك ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولسا ھارامدۇر. ب – ھاراملىقتا يەنە مۇنداق ئىككى نەرسە ئاساس قىلىنىدۇ؛ بىرى زەھەرلىك بولۇش يەنى بىرى زىيانلىق بولۇش. بۇنىڭغا ئاساسەن قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىس شەرىپلەردە ھاراملىقى ئېنىق بايان قىلىنمىغان نەرسىلەرنىڭ زىيانلىق ياكى زەھەرلىك ئىكەنلىكى مۇتەخەسسىس كىشىلەر تەرىپىدىن ئېنىقلانغان بولسا، ئۇ نەرسىلەر ھارام ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار» (نىسا 29)،«ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە ئاتماڭلار» (بەقەرە 195 – ئايەت) دەيدۇ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىم زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالىدىكەن، قىيامەت كۈنى دوزاختا زەھەر ئىچىپ مەڭگۈ قالىدۇ» (بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلىدۇ)،«زىيان تارتىشقىمۇ بولمايدۇ، زىيان تارتقۇزۇشقىمۇ بولمايدۇ» (بۇ ھەدىسنى ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلىدۇ).مانا بۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن زىيانلىق ۋە زەھەرلىك نەرسىلەرنىڭمۇ ھاراملىقى چىقىدۇ.  
21-مۇسۇلمانلارئۆزلىرىنى نابۇت قىلسا،ئۆلتۈرۋالسابولامدۇيوق؟
جاۋاب:بولمايدۇ.چۈنكى قۇرئان ۋەھەدىسلەردەمۇنداق دىيىلگەن«ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار»(نىسا 29)،«ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە ئاتماڭلار» (بەقەرە 195 – ئايەت) دەيدۇ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«كىم زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالىدىكەن، قىيامەت كۈنى دوزاختا زەھەر ئىچىپ مەڭگۈ قالىدۇ» (بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلىدۇ)
  
22-قانچە خىل تائارەت بار؟ئۇلار قانداق ئەھۋالدا سۇنىدۇ؟
جاۋاب:ئىنساندا ئىككى تۈرلۈك تاھارەت بولىدۇ؛ بىرى كىچىك تاھارەت، يەنە بىرى چوڭ تاھارەت:1-كىچىك تاھارەت. بۇ ھاجەتخانىدىن كېلىش بىلەن يەنى خالادا بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن (خالانىڭ سىرتىدا بولسىمۇ شۇنداق)مەسىلەن سىيىش، چىچىش ۋە ئوسۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. بۇ شەكىلدە تاھارىتى سۇنغانلار ناماز ئوقۇماقچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ.2-چوڭ تاھارەت. بۇ جۇنۇپ بولۇش، ھەيز كۆرۈش، نىفاس (تۇغۇتتىن كېيىنكى قان) كۆرۈش ۋە ئېھتىلام بولۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. بۇ شەكىلدە تاھارىتى سۇنغانلار ناماز ئوقۇماقچى بولسا، چوڭ تاھارەت ئېلىپ يەنى غۇسۇل قىلىپ (پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي پاكىز يۇيۇپ) ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بۇلارغا دالالەت قىلىدۇ.
  
23-يامان يولغاماڭغانلاربىلەن توي قىلسام بولامدۇ؟
جاۋاب:ئەگەر بىر زىنا قىلغۇچى بۇرۇنقى قىلمىشىغا ھەقىقىي تەۋبە قىلىپ، ئۆزىنى تۈزەتكەن بولسا، تۆۋەندىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بويىچە تەۋبىسى قوبۇل قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئىپپەتلىك مۇسۇلمانلار بىلەن نىكاھلىنالايدۇ.ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:«… إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّـيِّئَاتِ ذَلِكَ ذِكْرَى لِلذَّاكِرِينَ{114}» 1-«… شۇبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۇشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز- نەسىھەتتۇر»- (ھۇد 11/114).«وَالَّذِينَ لَا يَدْعُونَ مَعَ اللَّهِ إِلَهاً آخَرَ وَلَا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ وَلَا يَزْنُونَ وَمَن يَفْعَلْ ذَلِكَ يَلْقَ أَثَاماً {68} يُضَاعَفْ لَهُ الْعَذَابُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِ مُهَاناً {69} إِلَّا مَن تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ عَمَلاً صَالِحاً فَأُوْلَئِكَ يُبَدِّلُ اللَّهُ سَيِّئَاتِهِمْ حَسَنَاتٍ وَكَانَ اللَّهُ غَفُوراً رَّحِيماً {70}»2-«ئۇلار ئاللاھغا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلمايدىغان، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدىغان ۋە زىنا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر.كىم بۇلارنى قىلسا جازاغا ئۇچرايدۇ،قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ.تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.ئاللاھ بۇنداقلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدۇ.ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- (فۇرقان 25/68-70).«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّهِ تَوْبَةً نَّصُوحاً عَسَى رَبُّكُمْ أَن يُكَفِّرَ عَنكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيُدْخِلَكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ…»3-«ئى مۇئمىنلار!ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار.شۇنداق قىلساڭلار رەببىڭلار سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىشى ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىشى مۇمكىن…»- (سۈرە تەھرىم 8- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).مانا بۇ ئايەتلەر (تەرجىملىرى) نى دىققەت بىلەن قايتا-قايتا ئوقۇسىڭىز زىنادىن ئىبارەت قەبىھ گۇناھقىمۇ تەۋبە قىلسا، قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيسىز.
  
24-بىدىئەت دىگەن نىمە؟بىدىئەت دۇنيالىق ئىشلاردا بولامدۇ؟
جاۋاب:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆرسەتمىگەن دىنى ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك. لېكىن دۇنيالىق ئىشلاردا بىدئەت، دەپ بىر گەپ يوق. مەسىلەن: يېمەك-ئىچمەكنىڭ تۈرلىرى، كىيىم-كېچەكنىڭ پاسونلىرى ۋە تۇرمۇش ساھەسىدىكى يېڭى كەشپىياتلار ۋە يېڭى نۇسخىلار بىدئەت قاتارىغا كىرمەيدۇ.قىسقىسى بىدئەت دىنى ئىشتا بولىدۇ، دۇنيالىق ئىشتىكى ئۆرپ –ئادەتلەر، پەن – تېخنىكىلار بىدئەت قاتارىغا كىرمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىسلام دىنىدا بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇ نەرسە قوبۇل قىلىنمايدۇ»-بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.«دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلار ئوبدان بىلىسىلەر»- ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بولمىغان، لېكىن كېيىن پەيدا بولغان بارلىق نەرسىلەر بىدئەت بولىدىغان بولسا، سىز بىلەن بىزمۇ بىدئەت ھېسابلىنىمىز.چۈنكى بىزمۇ پەيغەمىرىمىزنىڭ زامانىدا يوق ئىدۇق.
  
25-نىمەئۈچۈن ئۆزى قىلماي باشقىلارنى قىلىشقامەجبۇرلاش گۇناھ بولىدۇدەيمىز؟
جاۋاب:«ئى مۇئمىنلار!ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشنى نېمە ئۈچۈن سۆزلەيسىلەر؟ ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشنى سۆزلىشىڭلار ئاللاھنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ»- سەف، 61/2-3
  
26-جەيىپ دىگەن نىمە؟
جاۋاب:ئاياللارنىڭ  بويۇن ۋە كۆكرەكلىرى.
  
27-ئاياللارزىننەتلىرىنى قانداق ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئاشكارلىسابولىدۇ؟
جاۋاب:مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن –ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا-.ياغلىقلىرى بىلەن جەيب (بويۇن ۋە كۆكرەك) لىرىنى ياپسۇن. زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيناتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئۆگەي ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىكىلەردىن، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن.يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن.ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»-(نۇر سۈرىسى 30 – ۋە 31 – ئايەتلىرى)
  
28-ئىمان دىگەن نىمە؟ جاۋاپ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىمان توغرۇلۇق مۇنداق دىگەن«ئىمان ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەتكە، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭدۇر».29-كاپىرنىڭ ياكى كاپىر ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا ئىشلىسە گۇناھ بولامدۇ؟
جاۋاب:گۇناھ بولمايدۇ.چۈنكى دىنىمىز ئىسلامدا، مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر يەردە ياشاش شەرت قىلىنمىغاندەك، مەلۇم بىر تەبىقىگە تەۋە بولۇپ شۇ تەبىقىنىڭ ئارىسىدا ياشاشمۇ شەرت قىلىنمايدۇ. ئەكسىچە مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن ھەر قانداق رايوندا ياشىسا بولىدۇ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن ئۆزى ياشىغان جەمئىيەتتە ھەر قانداق ماقام ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشسە بولىدۇ.  قۇرئان كەرىمدە بىر مۇسۇلماننىڭ كاپىر پادىشاھنىڭ ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئېلىپ خىزمەت قىلىشىغا بولىدىغانلىقى ئىككى مىسال بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئۇ ئىككى مىسال مۇنداق:1- يۇسۇف ئەلەيھىسسالام مىسىردا كاپىر بىر پادىشاھنىڭ ھۆكۈمىتىدە دەسلەپتە مالىيە مىنىستىرى، كېيىن باش مىنىستىر (زۇڭلى) بولۇپ خىزمەت قىلغان. بۇ، يۇسۇف سۈرىسىدە ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.بۇ قىسسىنىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنىشى بىزگە ھېكايە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قېلىپ بىر كاپىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە – ئورگانلىرىدا ئىشلەشكە توغرا كېلىپ قالغانلارنىڭ ھېچ ئىككىلەنمەي ئىشلىسە بولىدىغانلىقىنى بىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.يۇسۇف سۈرىسىدىكى مۇنۇ ئايەتلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:«پادىشاھ: ‹يۇسۇفنى يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى خاس ئادەمىم قىلىمەن› دېدى. ئاندىن پادىشاھ يۇسۇف بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇنىڭغا: ‹شۈبھىسىزكى سەن بۈگۈندىن ئېتىبارەن يېنىمىزدا مەرتىۋىلىك ۋە ئىشەنچلىك ئادەمسەن› دېدى.يۇسۇف: ‹مېنى دۆلەتنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. چۈنكى مەن خەزىنىلەرنى ئۇبدان ساقلايدىغان، ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ئۇبدان بىلىدىغان بىر كىشىمەن› دېدى.شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىز يۇسۇفكە ئۇ مەملىكەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەردۇق. ئۇ، مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلاتتى. بىز رەھمىتىمىزنى خالىغان بەندىلىرىمىزگە ئېرىشتۈرىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيمىز.»- يۇسۇف 12/54-56).2- مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدىكى فىرئەۋن خانىدانىدا بىر مەخپىي مۇئمىننىڭ بارلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ قىسسىسى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:«شۈبھىسىزكى بىز مۇسانى ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە ئوچۇق بىر دەلىل بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق،فىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا. ئۇلار: «بۇ سېھىرگەردۇر، يالغانچىدۇر» دېيىشكەن ئىدى.مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «مۇسا بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى چوڭۇپ خىزمىتىمىزنى قىلىشى ئۈچۈن تىرىك قالدۇرۇڭلار» دېدى. لېكىن كاپىرلارنىڭ ھىيلىسى بەربات بولدى.فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مەن مۇسانى ئۆلتۈرەي، مۇسا رەببىگە دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ، دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن قورقىمەن».مۇسا مۇنداق دېدى: «مەن، ھېساب كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ھەر مۇتەكەببىردىن، مېنىڭمۇ رەببىم سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا سېغىندىم».فىرئەۋن خانىدانىدىن بولۇپ شۇ ۋاقىتقىچە ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن بىر مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «سىلەر بىر ئادەمنى ‹رەببىم ئاللاھتۇر› دېدى، دەپ ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى ئۇ سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىللەر ئېلىپ كەلدى! ئەگەر ئۇ يالغان سۆزلىگەن بولسا، يالغانچىلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە. ناۋادا ئۇ توغرا سۆزلىگەن بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى بېشىڭلارغا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە يالغانچى كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ.ئى قەۋمىم! سىلەر بۈگۈن بۇ مەملەكەتتە ھۆكۈمرانسىلەر، غالىبسىلەر. لېكىن ئەتە-ئۆگۈن بېشىمىزغا ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، بىزنى ئۇنىڭدىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟». فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن قانداق كۆرسەم سىلەرگە شۇنداق كۆرسىتىمەن. مەن سىلەرنى پەقەت توغرا يولغىلا باشلايمەن».مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن بېشىڭلارغا، پەيغەمبەرلىرىگە قارشى بىرلەشكەن گۇرۇھلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بالا كۈنىگە ئوخشاش بىر كۈننىڭ كېلىشىدىن قورقىمەن:نۇھ قەۋمىنىڭ، ئاد، سەمۇد ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش. ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى ئىرادە قىلمايدۇ.ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن پەرياد كۈنىدىن قورقىمەن،سىلەر ئارقاڭلارنى قىلىپ قاچىدىغان كۈندىن. ئۇ كۈنى سىلەرنى ئاللاھدىن قۇتۇلدۇرىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى يوقتۇر.سىلەرگە ئىلگىرى يۇسۇف ئوچۇق دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. سىلەر ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىللەردىن داۋاملىق شۈبھىلەندىڭلار. تاكى ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا: ‹ئاللاھ يۇسۇفتىن كېيىن پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ› دېدىڭلار. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە شۈبھىلەنگۈچى كىشىلەرنى مانا مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ.ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھېچبىر دەلىل بولماستىن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تارتىشىدىغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئاللاھنىڭ ۋە مۇئمىنلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ. ئاللاھ تەكەببۇرلۇق ۋە زومىگەرلىك قىلغۇچى كىشىنىڭ قەلبىنىڭ ھەممىسىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ».فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى ھامان! مەن ئۈچۈن بىر ساراي سالغىن، يوللارنى تاپاي،ئاسمانلارنىڭ يوللىرىنى. ئاندىن چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراب باقاي. مەن مۇسانى يالغانچى دەپ ئويلايمەن». فىرئەۋنگە ئۆزىنىڭ يامان ئەمىلى ئەنە شۇنداق  چىرايلىق كۆرسىتىلدى ۋە ئۇ توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. ئۇنىڭ ھىيلىسى بەربات بولدى.مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ماڭا ئەگىشىڭلار، سىلەرنى توغرا يولغا باشلاي.ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا ھاياتى، ۋاقىتلىق بىر پايدىلىنىشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاخىرەت بولسا، ئەبەدىي قارارگاھتۇر.كىم بىر يامانلىق قىلسا، پەقەت شۇ يامانلىقنىڭ ئوخشىشى بىلەنلا جازالاندۇرۇلىدۇ. ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن كىم مۇئمىن بولغان ھالدا ياخشى ئىش قىلسا، مانا بۇنداقلار جەننەتكە كىرىدۇ ۋە جەننەتتە ھېسابسىز رىزىققا ئېرىشىدۇ.ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنى قۇتۇلۇشقا چاقىرىۋاتمەن، سىلەر مېنى دوزاخقا چاقىرىۋاتىسىلەر:سىلەر مېنى ئاللاھقا كاپىر بولۇشقا ۋە مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشقا چاقىرىۋاتىسىلەر. مەن سىلەرنى غالىب ۋە ناھىيىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھقا چاقىرىۋاتىمەن.شۈبھىسىزكى، سىلەر مېنى چاقىرىۋاتقان نەرسە، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چاقىرىلىشقا لايىق ئەمەستۇر. بىزنىڭ بارىدىغان يېرىمىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر. ھەددىدىن ئاشقۇچىلار دوزاخ ئەھلىدۇر.سىلەر سۆزلىرىمنى پات يېقىندا ئەسلەيسىلەر. مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن. ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».ئاللاھ ئۇ مۇئمىن ئادەمنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. فىرئەۋن خانىدانىنى بولسا، يامان ئازاب قورشىۋالدى.»- (مۇئمىن 40/23-45).مانا بۇ مۇئمىن ئادەمنىڭ قىسسىسىدىن شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى: ئىماننى يوشۇرۇپ تۇرۇپ فىرئەۋندەك بىر پادىشاھنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەشكىمۇ بولىدۇ.
  
30-غەيرى مۇسۇلمانلارنى ناھەق ھاقارەتلىسەگۇناھ بولامدۇ؟ جاۋاب: غەيرى مۇسۇلمانلارنى ناھەق ھاقارەتلىسەياخشى بولمايدۇ.چۈنكىئاللاھۇ سۇبىھانى ۋەتەئالا چۈشۈرگەن تۆۋەندىكى ئايەتلەر بۇ سۆزىمىزگە دەلىلىدۇر:" ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىرئايالدىن،(ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) بىرئاتابىلەن بىرئانىدىن ياراتتۇق، ئۆزاراتونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق ،ھەقىقەتەن تەقۋادار بولغانلىرىڭلار اﷲنىڭ دەررگاھىداھۆرمەتلىك ھىسابلنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر برىىدىن ئۈستۈن بولىشى نەسەب بىلەن ئەمەس تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر،ھەممىدىن خەۋەرداردۇر."  . سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت دىگەن ئايەتتىن ئاللاھ تائالانڭ پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ جۈملىدىن ناسىرالارنىڭمۇ،خىرىستىيانلارنىڭمۇ،كاپىرلارنىڭمۇئاللاھ تائالاتەرىپىدىن يارىتىلغانلىغى ھەمىسىنىڭلائاللاھنىڭ بىربەدىسى ئىكەنلىگىگەروشەن دەلىل بولىدۇ.شۇڭائۇيغۇرمۇسۇلمانلىرىنىڭ غەيرى دىندىكىلەرنى ئاۋۇكاپىريەي،ماۋۇخىرىستىيانەي دەپ تىللاشلىرى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى خىرىستىيان،كاپىرقىلىپ ياراتقانلىغىغانارازى بولۇشلىردىن  باشقانەرسەئەمەس. ھەمدەباشقىلارنى ئاللاھدىن بى سوراق ئۆزئالدىغىلا،ماۋۇدەۋزىخى ئاۋۇجەننىتى دەپ بىراۋنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشىدىن ئالدىنالابشارەت بېرىشلىرى ئاللاھقاشىرىك كەلتۈرگەنلىك بولۇپ بۇلارئۆزنۆۋىتىدە ھەمىمىنى بىلەرمەنلىگى بىلەن ئاللاھدىن خۇدالىق تالاشقانلىق بولىدۇ.بۇلارنىڭ قىلمىشلىرى«ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر» ئاللاھدىن باشقاھىچ بىرئىنسان كىمنىڭ دۇزاققاكىردىغانلىغىنى ،كمنىڭ بىھىشكەكىردىغانلىغىنى بىلمەدىغانلىغى توغرىسىدىكى  ئايەتنىڭ روھىغاخىلاپتۇر.يۇقارقى ئايەتتەدىيىلگەندەك ئاۋال ئىنسان ئاندىن مىللەت پەيدابولغانلىغىنى ھەمىمىزنىڭلائاللاھنىڭ بەدىسى ئىكەنلىگىمىزنى،قىيامەتتەھىساپنى پەقەت ئاللاھقىلابېرىدىغانلىغىمىزنى  مەڭگۈئىسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىغىمىزكېرەك.شۇڭاقايسى مىللەت،قايسى ئىدقاددىن بولايلى قىلغان ئىشلىرىمىزئاللاھ تائالاياراتقان ئىنسانلارغاپايدىلىق بولسىلائۇنى چوقۇم قىلىشىمىز،ھىچ بولمىغاندائۇلارنى قولۇشىمىز كېرەك.  

31- ئاللاھ تەئالا چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغانلارنىڭ كىچىك گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرقايسى؟
جاۋاپ:«إِن تَجْتَنِبُواْ كَبَآئِرَ مَا تُنْهَوْنَ عَنْهُ نُكَفِّرْ عَنكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَنُدْخِلْكُم مُّدْخَلاً كَرِيماً {31}»«ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كېچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا (جەننەتكە) كىرگۈزىمىز»- نىسا سۈرىسى 31- ئايەتنىڭ تەرجىمىسى.«الَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَائِرَ الْإِثْمِ وَالْفَوَاحِشَ إِلَّا اللَّمَمَ…»«ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن ساقلىنىدۇ.كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا…»- نەجم سۈرىسى 32- ئايەتنىڭ تەرجىمىسى
  
32- دىنىمىزدا قانداق شەرتلەر ھازىرلانغان ئادەم ھەقىقى تەقۋادارمۇسۇلمان ھىسابلىنىدۇ؟
جاۋاب: ئاللاھ تەئالا تۆۋەندىكى ئايىتىدە تەقۋادارلارنىڭ بارلىق سۈپەتلىرىنى بايان قىلىدۇ:«لَّيْسَ الْبِرَّ أَن تُوَلُّواْ وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَـكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللّهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ وَالْمَلآئِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ وَآتَى الْمَالَ عَلَى حُبِّهِ ذَوِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَالسَّآئِلِينَ وَفِي الرِّقَابِ وَأَقَامَ الصَّلاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَالْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَاهَدُواْ وَالصَّابِرِينَ فِي الْبَأْسَاء والضَّرَّاء وَحِينَ الْبَأْسِ أُولَـئِكَ الَّذِينَ صَدَقُوا وَأُولَـئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ»مەناسى:«مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپكە يۈز كەلتۈرگەنلىكىڭلار ياخشىلىق ئەمەس. لېكىن ياخشىلىق كىشىنىڭ ئاللاھغا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىشى، مېلىنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، يوقسۇللارغا، يولدا قالغانلارغا، ياردەم سورىغۇچىلارغا ۋە قۇللارنى ئازاد قىلىشقا بېرىشى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇشى، زاكاتنى بېرىشى، قىلشقان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىشى، قىيىنچىلىقتا، كېسەللىكتە ۋە قاتتىق ئۇرۇش ۋاقتىدا سەۋر قىلشى قاتارلىق ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر.ئەنە شۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلار راست سۆزلىگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادارلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر»- بەقەرە 2/177.
  
33-ئەرلەرھىجاپسىزئاياللارغاقارىساگۇناھ بولامدۇ؟
جاۋاب:يامان كۆزبىلەن يەنى يامان نىيەت بىلەن قارىمىسلاگۇناھ بولمايدۇ.چۈنكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا:«ئى ئەلى!ئارقا –ئارقىدىن قارىما، بىرىنچى قېتىملىقىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىقى مەنئى قىلىنىدۇ»دېگەن.-(بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئەھمەدلەر رىۋايەت قىلغان).بۇ ھەدىس ئەرلەرنىڭ ئەتراپىدا ئاياللارنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا نورمال قاراشنىڭ ئەمەس يامان كۆز بىلەن قاراشنىڭ مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
  
34-جىنلار بىلەن پاراڭلاشقىلى بولامدۇ يوق؟   
جاۋاب:بولمايدۇ،چۈنكى،قېرىندىشىم!«جىن»دېگەن سۆزنىڭ مەناسى ھاۋاسسى خەمسىنىڭ يەنى بەش سەزگۈر ئەزا (قۇۋۋەت) نىڭ بىلىشىدىن مەخپىي مەخلۇق، دېگەن بولىدۇ. بۇ بەش تۈرلۈك سەزگۈر ئەزا: قۇلاق (ئاڭلاش قۇۋۋىتى)، كۆز (كۆرۈش قۇۋۋىتى)، بۇرۇن (پۇراش قۇۋۋىتى)، تىل (تېتىش قۇۋۋىتى) ۋە قول بىلەن تۇتۇپ نېمىلىكىنى بىلىش قۇۋۋىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.جىنلەر مانا بۇ بەش تۈرلۈك بىلىش قۇۋۋىتى بىلەن بىلىنمەيدىغان مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار «جىن- يوشۇرۇن» لەر دەپ ئاتىلىدۇ. جىنلەرنىڭ سۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاڭلىمىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قۇرئان تىڭشىغىلى كەلگەن جىنلەرنىڭ نېمە دېيىشكەنلىكىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەئالا ئايەت نەزىل قىلىپ بىلدۈرگەن. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر (تەرجىمىلىرى) مۇنداق:«ئى مۇھەممەد! بىز ئۆز ۋاقتىدا بىر توپ جىننى قۇرئاننى ئاڭلىسۇن دەپ سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلار قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشىغا ھازىر بولغان چاغلىرىدا بىر-بىرىگە: «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشى ئاخىرلاشقاندا ئاگاھلاندۇرغۇچىلار بولۇپ ئۆز قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتىشتى.
  
35-ھەركىم قىلغان ئىشنىڭ ساۋابى ۋە گۇناھى ئۆزىگىمۇ؟ياكى باشقابىرەرسىگەيۈكلىنەمدۇ؟
جاۋاب:«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ عَلَيْكُمْ أَنفُسَكُمْ لاَ يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ إِلَى اللّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعاً فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ {105}»- سورة المائدة«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ» – مائىدە سۈرىسى، 105 – ئايەت.تۆۋەندىكى ئايەتلەر بىر كىشىنىڭ گۇناھىنىڭ يەنە بىر كىشىگە يۈكلەنمەيدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ:ئاللاھ تەئالا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:«مَّنِ اهْتَدَى فَإِنَّمَا يَهْتَدي لِنَفْسِهِ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا وَلاَ تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّى نَبْعَثَ رَسُولاً {15}»- سورة الإسراء «كىم توغرا يولغا كەلسە پايدىسى پەقەت ئۆزىگىلا بولىدۇ، كىم ئېزىپ كەتسە زىيىنى پەقەت ئۆزىگىلا بولىدۇ. ھىچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. بىز ئەلچى ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالىمايمىز»- ئىسرا 17/15.«وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى وَإِن تَدْعُ مُثْقَلَةٌ إِلَى حِمْلِهَا لَا يُحْمَلْ مِنْهُ شَيْءٌ وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَى إِنَّمَا تُنذِرُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُم بِالغَيْبِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَمَن تَزَكَّى فَإِنَّمَا يَتَزَكَّى لِنَفْسِهِ وَإِلَى اللَّهِ الْمَصِيرُ {18}»- سورة فاطر«ھىچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى توشۇمايدۇ.ئەگەر گۇناھ يۈكۈ ئېغىر بولغان بىرى يۈكىنى توشۇش ئۈچۈن باشقىسىنى ياردەمگە چاقىرسا، ئۇنىڭ يۈكىدىن ھېچبىر نەرسە ئۇ باشقىسى تەرىپىدىن توشۇلمايدۇ.ئۇ باشقىسى ئۇنىڭ تۇغقىنى بولغان تەدىردىمۇ شۇنداق.سەن رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقىدىغان،نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئادا قىلىدىغانلارنىلا ئاگاھلاندۇرىسەن.كىم ئۆزىنى پاك تۇتسا، ئۆزى ئۈچۈن پاك تۇتىدۇ. ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىىدۇر»- فاتىر 35/18.«إِن تَكْفُرُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنكُمْ وَلَا يَرْضَى لِعِبَادِهِ الْكُفْرَ وَإِن تَشْكُرُوا يَرْضَهُ لَكُمْ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى ثُمَّ إِلَى رَبِّكُم مَّرْجِعُكُمْ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ {7}»- سورة الزمر«ئەگەر كاپىر بولساڭلار، بىلىڭلاركى: ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارغا موھتاج ئەمەستۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ.ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولىدۇ.ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى توشۇمايدۇ.ئاخىرىدا ھەممىڭلار رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر، ئاندىن ئۇ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇ كۆكرەكلەردىكىنى بىلگۈچىدۇر»- زۇمەر 39/7.«أَلَّا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى {38} وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى {39} وَأَنَّ سَعْيَهُ سَوْفَ يُرَى {40} ثُمَّ يُجْزَاهُ الْجَزَاء الْأَوْفَى {41} وَأَنَّ إِلَى رَبِّكَ الْمُنتَهَى {42}»- سورة النجم«ھىچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.ئىنسانغا ئۆز قىلمىشىدىن باشقا بىر نەرسە يوقتۇر.ئۇنىڭ قىلمىشى يېقىندا كۆرۈلىدۇ.ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات ياكى تولۇق جازا بېرىلىدۇ.ئاخىرقى يىغىلىش ئورنى رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر»- نەجم 53/
38-42.باشقىسى قىلغان ئىبادەت شۇ باشقىسى قىلغان ئىشتۇر.بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر باشقىسى كۆرمەيدۇ.خۇددى مۇشىۇنىڭغا ئوخشاش بىر كىشى قىلغان گۇناھ ئۈچۈن باشقا بىر كىشى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
  
36-ئاتا-ئانىمىز بىزنى گۇناھ قىلىشقا زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىمىزمۇيوق؟
جاۋاب:قىلمايمىزچۈنكى«وَوَصَّيْنَا الْإِنسَانَ بِوَالِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ وَهْناً عَلَى وَهْنٍ وَفِصَالُهُ فِي عَامَيْنِ أَنِ اشْكُرْ لِي وَلِوَالِدَيْكَ إِلَيَّ الْمَصِيرُ{14} وَإِن جَاهَدَاكَ عَلى أَن تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفاً وَاتَّبِعْ سَبِيلَ مَنْ أَنَابَ إِلَيَّ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ {15}»- سورة لقمان«بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق-ئانىسى ئۇنى ئۈستى-ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى.ئۇ ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ-:‹ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن.ئاخىرى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كېلىسىلەر.ئەگەر ئۇلار سېنى، سەن بىلمەيدىغان بىر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، لېكىن دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتكىن. ماڭا ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنىڭ يولىغا ئەگەشكىن.ھەممىڭلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن›.»دىيىلگەن- لۇقمان 31/14-15.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىمىز بىزنى گۇناھ قىلىشقا زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمايمىز.لېكىن يەنىلا دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇلارغا قولىمىزدىن كەلگىنىچە ياخشىلىق قىلىشقا تىرىشىمىز.ئۇلارنىڭ گۇناھ قىلىشىغا ئەسلا رازى بولمايمىز. لېكىن قولىمىزدىن «چىرايلىقچە نەسىھەت» تىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىشتىن باشقا بىر ئىش كەلمەيدۇ.
  
37-بەدەننىڭ باشقا جايلىرىدىن قان چىقسا تائارەت سۇنامدۇيوق؟
جاۋاب:سۇنمايدۇ،چۈنكى،ئاللاھ تەئالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بۇلارغا دالالەت قىلىدۇ:«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلاةِ فاغْسِلُواْ وُجُوهَكُمْ َأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُواْ بِرُؤُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَينِ وَإِن كُنتُمْ جُنُباً فَاطَّهَّرُواْ…»«ئى مۇئمىنلار!نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، …»- مائىدە 5/6.بۇ ئايەتتىكى «يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار»، دېگەن ئىپادە نامازغا ئېلىنىدىغان كىچىك تاھارەتنى، «ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار»، دېگەن ئىپادە غۇسۇل تاھارەتنى كۆرسىتىدۇ.بۇنىڭغا ئاساسەن كىچىك تاھارەت خالادا بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن (خالانىڭ سىرتىدا بولسىمۇ شۇنداق)مەسىلەن: سىيىش، چىچىش ۋە ئوسۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. بۇ شەكىلدە تاھارىتى سۇنغانلار ناماز ئوقۇماقچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ.بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى، تەرەت يوللىرىدىن باشقا يەردىن چىققان قاننىڭ تاھارەتنى سۇندۇرمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.يارىدار بولغان ساھابىلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا تاھارەت ئالماستىن ياكى تەيەممۇم قىماستىن نامازلىرىنى ئوقۇۋېرىشى، ھەزرەتى ئۆمەرنىڭ نەيزە سانجىلغان يېرىدىن قان ئېقىپ تۇرسىمۇ نامىزىنى ئوقۇۋېرىشى، بۇنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەر ھەدىس ۋە سىيەر كىتابلىرىدا تەپسىلىي زىكىر قىلىنىدۇ.
  
38-ئەر كىشى ئايالىغا دىمەستىن باشقا ئايال بىلەن نىكاھ قىلسا بولامدۇ ؟ بۇرۇن باشقىلار بىلەن نىكاھلىنىپ ئاجراشقان ئايال كىشى ئاتاـ ئانىسىغا بىلدۈرمەي باشقا ئەر بىلەن نىكاھ قىلسا دىنىمىزدا توغرىمۇ؟ جاۋاب:بولمايدۇ! بولمايدۇ! بولمايدۇ!!!قىز/ئايالنىڭ ۋەلىيىسى (دادىسى، دادىسى بولمىسا قېرىنداشلىرى، قېرىنداشلىرى بولمىسا تاغىلىرى) قوشۇلمىغان نىكاھ نىكاھ بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«قانداقلا بىر ئايال، ۋەلىيسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئەرگە تەگسە، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر.يەنى ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر، ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر، ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر…»-(ئەبۇ داۋۇد، نىكاھ 20/2083؛ تىرمىزى، نىكاھ 14/1102؛ ئىبنى ماجە، نىكاھ 15/1879؛ مۇسنەد ئەھمەد، 6/66
  
39-ئۇيغۇرمۇسۇلمانلاردىكى سىاخلىنىۋاتمان مەسىلىلەرنىمە؟
جاۋاب:دىنى مەلۇماتىمىز بەك تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن بىزدە پەرز بىلەن كارىمىز يوق مۇستەھەبكە ئېسىلىۋالىدىغان، بەشۋاخ ناماز ئوقۇش ئېغىر كېلىدىغان لېكىن ھەرەمگە بارغۇمىز كېلىپ قالىدىغان، ناماز ئوقۇمىغانلار بىلەن كارىمىز يوق يالاڭۋاشتاق ناماز ئوقۇغانلارغا ئېسىلىۋالىدىغان، ھېچ ناماز ئوقۇمىغانلار بىلەن كارىمىز يوق نامازلارنىڭ پەرزلىرىنىلا ئوقۇغانلارغا ئېسىلىۋالىدىغان ئىشلار بار. ئاللاھ بىزگە ئىنساپ بەرسۇن!
  
40-تىجارەتتەيۇقۇرۇپايدائالساتوغرا بولامدۇ؟
جاۋاب:بولىدۇ.چۈنكى ئۇ بىر تىجارەتتۇر. ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 275- ئايىتىدە «تىجارەتنى ھالال» قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 29- ئايىتىدە «تىجارەتنىڭ ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشىدىغان سودا-سېتىق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.ئېلىم-سېتىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەردە «ساتماقچى بولغان مېلىڭىزنى مانچە پۇلغا سېتىڭ» ياكى «سېتىۋالماقچى بولغان مېلىڭىزنى مانچە پۇلغا سېتىۋېلىڭ»، دەپ بىر يوليورۇق يوق.يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە،ئىككى تەرەپ (سېتىۋالغۇچى بىلەن ساتقۇچى)ئالداشتىن ۋە ئالدىنىشتىن ساقلانغان ھالدا ئۆزئارا رازىلىشىپ ئېلىم-سېتىم قىلىشسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىسمى تىجارەتتۇر!
  
41-قۇرئان كەرىمنى ساۋاپ تېپىش ئۈچۈنلائوقۇش توغرىمۇ؟
جاۋاب:قۇرئان كەرىم، ئىنسانلارنىڭ ئوقۇپ ئەمر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇشى، چەكلىمىلىرىدىن نېرى تۇرۇشى، ۋەز-نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىشى ۋە قىسسىلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر.قۇرئان كەرىمنى بۇنىڭدىن باشقا بىر نىيەت بىلەن ئوقۇش ئۇنىڭ نازىل قىلىنىش ھېكمىتىگە خىلاپتۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ لەۋزىنىلا ئوقۇش، دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسېپتىكى دورىلارنى ئېلىپ ئىستېمال قىلىشنىڭ ئورنىغا، ساقىيىش نىيىتى بىلەن ئۇ رېتسېپنى ئوقۇغان كېسەل ئادەمگە ئوخشايدۇ. ھالبۇكى بىر كېسەل ئادەم دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسېپنى ھەر كۈن قايتا –قايتا ئوقۇسىمۇ ھەتتا ئۇنى يادلىۋاتسىمۇ كېسىلى ساقايمايدۇ.بىر مۇسۇلمان بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاخ نامازنى سۈننەتلىرى بىلەن ئوقۇسا 32قېتىم، پەرزلىرىنىلا ئوقۇسا 17 قېتىم فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ، شۇنداقلا بۇ سۈرىدىكى «ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز.بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن:سەن ئىنئام قىلغان، غەزىپىڭگە يولۇقمىغان ۋە ئېزىپ كەتمىگەنلەرنىڭ يولىغا!» دېگەن دۇئانى ئوقۇيدۇ- فاتىھە سۈرىسى 5-7 ئايەتلەر. ئاللاھ تەئالا ئىككىنچى سۈرىدە بۇ دۇئادىكى «توغرا يول» نىڭ مۇشۇ قۇرئان كەرىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ:«ئەلىف، لام، مىيم. ئۇ، بۇ كىتابتۇر. ئۇنىڭدا ھېچ شۈبھە يوقتۇر. ئۇ، تەقۋادارلارغا توغرا يولنى كۆرسەتكۈچىدۇر.ئۇ تەقۋادارلار شۇنداق كىشىلەركى، غەيىبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى تولۇق ئۆتەيدۇ ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن ياخشىلىققا سەرپ قىلىدۇ.ئۇلار يەنە ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ. ئاخىرەتكە بولسا، ھەقىقىي ئىشىنىدۇ. ئەنە شۇلار، رەببىدىن كەلگەن توغرا يول ئۈستىدىدۇر ۋە مۇرادىغا يەتكۈچى كىشىلەردۇر.»- بەقەرە سۈرىسى 1-5 ئايەتلەر (تەرجىمىسى).مانا بۇلار كۆرسىتىدۇكى: قۇرئان كەرىم، ئاللاھ تەئالا تەقۋادارلار ئۈچۈن «توغرا يول» رەھبىرى بولسۇن، دەپ نازىل قىلغان بىر كىتابتۇر.ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمگە قارىتا بىزدىن تەلىپى:قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ چۈشىنىپ ھاياتىمىزغا تەتبىقلىشىمىزدۇر. ساۋابمۇ مۇشۇ نىيەت بىلەن ئوقۇغاندا ھاسىل بولىدۇ، خالاس!ئەمەلىيەت شۇكى بىز مۇسۇلمانلار ئەسىرلەردىن بۇيان ئەنە شۇ دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسېپتىكى دورىلارنى ئېلىپ ئىستېمال قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇ رېتسېپنى ساقىيىش نىيىتى بىلەن ئوقۇغان كېسەل ئادەمدەك، قۇرئان كەرىمنى ساۋاب تېپىش ئۈچۈن لەۋزىنىلا ئوقۇپ كەلگەن.نەتىجىدە مۇسۇلمانلار ئاللاھ تەئالانىڭ، قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلغان رەھمىتىدىن مەھرۇم قالغان.
  
42-نەزىرقىلىش توغرىمۇ؟
جاۋاب:نەزىر، ئاللاھ ئەمر قىلمىغان بىر ياخشى ئىشنى قىلىمەن، دەپ ئۆز ئۈستىگە ئېلىش دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن:ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىشنى ياكى بىر قانچە كۈن نەپلە روزا تۇتۇشنى ياكى بىر قانچە رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇشنى ۋە ياكى بىر مىقدار پۇلنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىش… قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى بىرەر نەزىردۇر.بۇنداق نەزىرلەرنى ئورۇنلاشنىڭ، جەننەتكە كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ئىنسان سۈرىسىنىڭ 7–ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ.ئاللاھنىڭ دىنىدىكى «نەزىر» مانا مۇشۇنداق نەزىرلەردۇر.ئەمما مېيىت چىققان ئۆيلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىرلەرنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئاساسى يوق.كۈن توختىتىپ «بۇ كۈندە ياغ پۇرىتىلمىسا مېيتنىڭ روھى خاپا بولۇپ قالىدۇ»دېگەن ئېتىقادلار ئىنايىن خەتەرلىكتۇر، ھەتتا شېرىككە يېقىندۇر.ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا مېيىتنىڭ ئارقىسىدىن «بامدىتى»، «ئۈچى»، «يەتتىسى»، «يىگىرمىسى»، «قىرىقى» ۋە «يىلى» دەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىرلەر بار. بۇلار نەزىر دەپ ئاتالغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن نەزىرلەردىن ھېساپلانمايدۇ.بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم.مەن ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدا ئەھلى تەۋھىد بىر ئالىمنىڭ: «يەتتە، قىرىقى، يىگىرمە دېمىدۈك، ماتەم ئۆيىدە نەزرە يېمىدۈك» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغان ئىدىم.مانا بۇ سۆز، ئۇ ئالىمغا «ئەھلى تەۋھىد»دېيىلىشنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.سوئالىڭىزدا سىز زىكىر قىلغان نەزىرلەر ۋە ئادەم چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇتىدىغان ئىشلارغا كەلسەك، بۇ ئىشلارنى قىلىش ئاللاھقا توغرا ئىمان كەلتۈرمىگەنلىك، پەيغەمبەرنى توغرا تونىمىغانلىق ۋە ئىسلام دىنىنىڭ روھىدىن غاپىل قالغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر!چۈنكى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ھەر كىشىنى ئۆزىنى ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان. «ئىسلام» نىڭ مەنىسى ئۆزى ئاللاھقا تەسلىم بولۇشتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:«وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى»«ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- نەجم 53/39.باشقىسى قىلغان ئىبادەت شۇ باشقىسى قىلغان ئىشتۇر.بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر باشقىسى كۆرمەيدۇ.ئال ئىمران 57، نىسا 152 ۋە 173، فاتىر 30 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئۇجۇرەھۇم»، بەقەرە 62، 274، 277، ئال ئىمران 199، نەھل 97، ھەدىد 19 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئەجرەھۇم» ئەمەلنى كىم قىلسا، ئەجىر (ساۋاب) نى شۇنىڭ ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئان ئوقۇپ بەرگۈچى قۇرئان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئالدىن باھاسىنى دېيىشىپ، ئاندىن ئىش پۈتكەندە ئۇلارنىڭ دېيىشكەن پۇلنى بېرىشلىرى ۋە ئېلىشلىرى قەتئىي ھارام.چۈنكى بۇنىڭدا ئېلىش ـ سېتىش شەكىللىنىدۇ. قۇرئان ئوقۇشنى ئېلىش ۋە سېتىش قەتئىي ھارامدۇر. بۇنىڭغا ھەر مۇسۇلمان ئىشىنىدۇ ۋە ئىشىنىشى كېرەك!ئەگەر ئالدىن دېيىشمەي بىرقانچە كىشىنى چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇتۇپ، ئاندىن ئوقۇتقۇچى تەرەپ ئوقۇغۇچى تەرەپنىڭ ياكى تەرەپلەرنىڭ ئالدىدا مىقدارىنى ئۆزى بەلگىلەپ بىر مىقداردىن پۇل قويسا، بۇ پۇلنى ئوقۇغۇچى تەرەپلەر قوبۇل قىلسا، بۇ ئىشتا تۆۋەندىكى خاتالىقلار مەيدانغا كېلىدۇ:1 ـ دىنىمىز ئۆزىنىڭ ھەر مەنسۇبىنى، ئۆزىنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن «ئىبادەتكە نىمكار سېلىش»، «نىمكار»سالغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەل ـ ئىبادەت قىلىش ۋەزىپىسىنى بىدئەت يوللار بىلەن «ھەل قىلىش»قا ئۇرۇنغانلىقى بولسا، «نىمكار»لارنىڭ پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈنلا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى جان ساقلاش ئۈچۈن قىلغانلىقى بولىدۇ.2ـ بۇ ئىش جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ نەزىر ـ چىراغ بولمىسا گۆش يېيەلمەيدىغانلىقىنى، ئىسقات ئالمىسا پۇل تاپالمايدىغانلىقىنى ئويلايدىغان «تەييارتاپ» لار گۇرۇھىنى پەيدا قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ تەييارتاپلار جەمئىيەتتە «ئىسسىتقۇ ـ سوۋۇتقۇ قىلىش»، «رەدنامە ئوقۇش»، «قەسىدە ئوقۇش»، «خەتمە ئوقۇش»، «مەۋلۇت ئوقۇش»…قاتارلىق دىنىمىزغا تامامەن زىت بولغان ئىشلار بىلەن «كەسىپ» قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ باشقا ساھەلەردە بولغاندەك دىنى ساھەلەردىمۇ ئىلىمدىن يىراق ئىكەنلىكىنى قوشساق، ئۇ تەييارتاپلار گۇرۇھىنىڭ بازىرىنىڭ نەقەدەر قىزىيدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۇنچە قىيىن بولمىسا كېرەك.دەر ۋەقە كۈنىمىزدە بۇ ئىشلار مەۋجۇت.ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن،ئۇيغۇرمۇسۇلمانلارنى تەييارتاپلىققا كۆندۈرۈش ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ كاللىسىغا دۇنيا ـ ئاخىرەتنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئىشلىمەيلا قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىنلىكى چۈشەنچىسىنى يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۇلارنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ھىيلە ـ مىكىرلەردۇر. باشقا بىر سۆز بىلەن ئېيتقاندا ئۇنداق «ئوقۇشلار» ئويدۇرمىدۇر، قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا خىلاپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن دىن بىلەن يىراقتىن ـ يېقىندىن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتۇر!قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسى ۋە نۇرغۇنلىغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ تەرجىمىسى قولىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنداق «ئوقۇشلار»دىن يىراق تۇرۇشلىرى، ئىمانىنى، ئەمەل-ئىبادىتىنى، ئەدەپ-ئەخلاقىنى ۋە مۇئامىلىسىنى قۇرئان-ھەدىسنىڭ كونترولىدىن بىر ئۆتكۈزۈپ بېقىشلىرى كېرەك!
  
43-بىرئىنساننىڭ ياخشى-يامانلىغىغاقاراشتانىمىنى ئاساس قىلىش كېرەك؟
        جاۋاپ:بىرئىنساننىڭ ياخشى-يامانلىغىغاقاراشتانىيىتىنىڭ دۇرۇس بولغان ،بولمىغانلىغىغا، قىلغان ئەمىلىرىنىڭ ياخشى يامانلىغىغاقاراش كېرەك، چۈنكى ھەدىس شەرىفتىكى1-ھەدىسىدەمۇئىمىنلارنىڭ خەلىفىسى ئۇمەرئىبىن خەتتاب رەزىيىلاھۇئەنھۇرىۋايەت قىلىدۇكى مەن پەيغەمبەرئەلەيسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىگىنى ئاڭلىدىم.‹‹ھەقىقەتەن بارلىق ئەمەللەرنىڭ(ئىشلارنىڭ) دۇرۇس بولىشى نىيەتكەباغلىق(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
  
44-ھارام ماللارنىڭ تېرىسىدىن كېيىم تىكىپ كەيسەبولامدۇ يوق؟
جاۋاب:بولىدۇ،چۈنكى بۇ توغرۇلۇق مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ھەدىس بار:بىرى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىرتقۇچى ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى كىيىشتىن توستى»، دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىس.- تىرمىزى ۋە ئەبۇداۋۇد.يەنە بىرى، «ئاشلانغان ھەرقانداق تېرە پاك بولىدۇ»، دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىس.-تىرمىزى، نەسەئى، ئىبنى ماجە.بىرىنچى ھەدىسنى ئىككىنچى ھەدىس بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىش كېرەك.چۈنكى بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ھەدىستۇر.شۇنداق چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا مۇنداق مەزمۇن چىقىدۇ:يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئاشلىماي ئۈستىگە يېپنچا قىلىپ ئىشلىتىشكە، ئاستىغا كۆرپە قىلىپ سېلىشقا بولمايدۇ.لېكىن يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنى ئاشلاپ، ئەيلەپ ئاندىن ئۇ تېرىلەردە كىيىم تىكىپ كىيىشكە ۋە يوتقان –كۆرپە ياكى يېپىنچا قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
  
45-نىمەئۈچۈن مۇسۇلمانلاردىندامەزھەپچىلىك قىلسابولمايدۇ دەيمىز؟
جاۋاب:مۇسۇلمانلاردىندامەزھەپچىلىك قىلسابولمايدۇ.چۈنكى «ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى.ئى مۇھەممەد!بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئيىساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇن قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: «دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا پىرقىلەرگە بۆلۈنمەڭلار». ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا، سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە ئېغىر كەلدى.ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا تاللايدۇ، ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنى ئۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ»- شۇرا سۈرىسى 13- ئايەت.   
  
46-ھازىر جەمىيىتىمىزدە بىر قىسىم كىشىلەر سودا ياكى باشقا ئىشلار بىلەن باشقا يورتلارغا بارسا، ناۋادا ئوزاقراق تورۇپ قالىدىغان ئىش بولسا نامەھرەمدىن ساقلىنىمىز دەپ ۋاقىتىلىق خوتۇن ئېلىۋالىدىكەن، بونداق نىكاھ ھالالمۇ؟
جاۋاب:ھارامدۇر.چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:«ھەر قانداق ئايال ۋەلىيىسىنىڭ رۇخسىتىسىز نىكاھلانسا، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر»دېگەن سۆزى بۇ مەنانى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.-ئەبۇ داۋۇد، نىكاھ، 20؛ تىرمىزى، نىكاھ، 14.شۇڭا دىنىمىزدا «مەخپىي نىكاھ» ياكى «ۋاقىتلىق نىكاھ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر نىكاھ شەكلى يوق. دىنىمىزدا بىرلا نىكاھ شەكلى بار. ئۇ بولسا، ئارىلىرىدا نىكاھ چۈشىدىغان بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ، نىكاھلىنىش ئۈچۈن ئايالنىڭ ۋەلىيلىرىنىڭ نازارىتى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدا ئۆزئارا رازىلىشىپ قارار بېرىشكەندىن كېيىن، نىكاھنىڭ پۈتۈن شەرتلىرىنى تولۇق ھازىرلاپ، ئاندىن ئەل-يۇرتقا ئېلان قىلىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئېلىپ بارىدىغان نىكاھىدۇر.
  
47-مۇشۇ ۋاقىتلاردا جەمىيىتىمىزدە ئۆزىنى موسۇلمان ھېساپلاپ يۆرگەن بېر قېسىم كېشىلەر 5 ۋاق نامازنى ئوقۇش بىلەن نەشە چېكىشنى بىرگە ئېلىپ بارىدىكەن، ئولارنىڭ دېيىشىچە ، ئاخشىمى نەشە چەكسە ، ئەتىسى يەنە تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇۋەرسە بولىۋېرەمىش، مۇشۇنداق قېلىش دۇرۇسمۇ ؟
جاۋاب:قەتئى بولمايدۇ.چۈنكى بۇلار ئاللاھنىڭ دىنىگە بويسۇنۇشنىڭ ئورنىغا ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرۇپتۇ.سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاخرەتلىكى ھەققىدە كاللا قاتۇرۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك مۇسۇلمانلىقى توغرىسىدا ئويلۇنۇڭ، ئۇنداقلارغا قولىڭىزدىن كەلسە نەسىھەت قىلىپ قويۇڭ، بولمىسا ئۇلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:«ئىمۇئمىنلار!ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»- مائىدە سۈرىسى، 105 – ئايەت.توخۇنىڭ پوق يېگىنىنى كۆرۈشكە بولىدۇ، لېكىن مۇنداق يەيدىكەن، دەپ يېيىشكە بولمايدۇ.
  
48-تۇمارئېسىشقابولامدۇ؟
جاۋاب:بولمايدۇ.چۈنكى ئوقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتىشىچە:ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلگەن ئون كىشىلىك بىر ھەيئەتنىڭ ئىچىدە ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ توققۇزىدىن بەيئەت قوبۇل قىلىپ، بىرىدىن بەيئەت قوبۇل قىلمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ قولىدا تۇمار بار»، دەپ جاۋاب بەرگەن، ئۇ كشى قولىدىكى تۇمارنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ بەيئەتىنى قوبۇل قىلغان ۋە:«كىمكى تۇمار ئاسىدىكەن، ئۇ شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ» دېگەن.- ئەھمەد ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان.ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنىڭ قولىدا بىر تۇمار كۆرۈپ ئاچچىقلاپ ئۇنىڭدىن: «بۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم: «ئاجىزلىقتىن ساقلايدىغان نەرسە» دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «بۇ نەرسىنىڭ تېخىمۇ بەكراق ئاجىزلاشتۇرۇشتىن باشقا پايدىسى يوق، ئۇنى چۆرىۋەتكىن! چۈنكى سەن ئۇنى ئاسقان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسەڭ، مەڭگۈ نىجاتلىق تاپالمايسەن»- ئەھمەد، ئىبنى ماجە ۋە ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان
  
49-مۇسۇلمانلاربەخىتلىك بولۇشى ئۈچۈن قاندا قىلىشى كېرەك؟
جاۋاپ:ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ:«بەخىتكەئېرىشىش ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار».قۇرئان كەرىم سۈرە ھەج77-ئايەتنىڭ بىرقىسمى.
  
50-اللاھ كۇپارلارغىماياخشىلىق قىلامدۇ؟
جاۋاب:شۇنداق،چۈنكى «ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان – زەخمەت يەتكۈزسە، ئۇنى ئاللاھدىن باشقا ھېچ كۆتۈرۈۋاتقۇچى يوقتۇر. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ پەزلىنى ھېچ قايتۇرۇۋاتقۇچى يوقتۇر.ئاللاھ پەزلىنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- يۇنۇس 10/107.
  
51-سودا-سېتىق ھاراممۇ؟ئۈسۈمچۇ؟
جاۋاب:سودا-سېتىق ھالال،ئۈسۈم ھارام،چۈنكى ئۆسۈم يەيدىغانلار، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم قوپقاندەكلا قوپىدۇ.بۇ، ئۇلارنىڭ ‹سودا –سېتىق، خۇددى ئۆسۈم مۇئامىلىسىگە ئوخشاشتۇر›دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر.ھالبۇكى ئاللاھ سودا –سېتىقنى ھالال، ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى ھارام قىلغان.كىم رەببىدىن كەلگەن نەسىھەتكە بويسۇنۇپ ئۆسۈمدىن توختىسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۆسۈمنى داۋاملاشتۇرغانلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ»- بەقەرە 2/275.
  
52-بىنا ئۆيلەردىكى ھاجەتخانىنىڭ ھاجەت قاچىسى قىبلە تەرەپكە قاراپ ئورنىتىلىپ قالىدىكەن. شۇ بويىچە ئىشلىتىۋەرسەك گۇناھ بولامدۇ؟
جاۋاپ:گۇناھ بولمايدۇ.چۈنكى، 1- ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«مەن ھەفسەنىڭ ئۆگزىسىگە چىققان ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شام تەرەپكە ئالدىنى، كەبە تەرەپكە ئارقىسىنى قىلغان ھالدا تەرەت سۇندۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم»- تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.2- مەرۋان ئەلئەسغەر رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى ئۇمەرنىڭ، تۆگىسىنى چۆكتۈرۈپ قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ تۇرۇپ سىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.ئاندىن ئۇنىڭدىن:ئەبا ئابدىراھمان!بۇنداق قىلىش چەكلەنمىگەنمۇ؟ دەپ سورىدىم. ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:«ئەلۋەتتە چەكلەنگەن، لېكىن ئۇ چەكلىمە ئەتراپى ئوچۇق جايلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەمما سەن بىلەن قىبلە ئارىسىدا سېنى يۆگەپ تۇرىدىغان بىر نەرسە بولسا، قىبلىگە ئالدىڭ ياكى ئارقاڭ بولۇپ قالسىمۇ ھېچنېمە بولمايدۇ»- ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى خۇزەيمە ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان.
  
53- بېقىۋالغان بالا نامەھرەممۇ؟
جاۋاب: ھەئە، ئەلۋەتتە نامەھرەم بولىدۇ. چۈنكى بىر بالىنى بېقىۋېلىش، ئۇ بالا بىلەن بېقىۋالغۇچى ئەر ـ ئايال ئوتتۇرىسىدا ئاتا ـ بالىلىق ۋە ئانا ـ بالىلىق پەيدا قىلمايدۇ. بۇ توغىرىدا ئاللاھ تەئالامۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ئىچىدە ئىككى قەلب ياراتمىدى. شۇنىڭدەك سىلەر: «سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاشسەن»دېگەن ئاياللىرىڭلارنى سىلەرنىڭ ئاناڭلار قىلمىدى ۋە بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز بالىلىرىڭلار قىلمىدى، ئۇ سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىكى سۆزۈڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقنى سۆزلەيدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ.بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاڭلار.بۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر.ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، بۇ تەقدىردە ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىڭلاردۇر ۋە دوستلىرىڭلار.ئۇلارنى سەۋەنىلكتىن ئۆز ئاتىلىرىدىن باشقا بىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ سالساڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر، لېكىن بۇنى قەستەن قىلساڭلار گۇناھكار بولىسىلەر.ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»ـ (ئەھزاب سۈرىسى 4 ـ ۋە 5 ـ ئايەت).
  
54-خەتنىنى غەيرى مۇسۇلمانلارقىلسىمۇ بولامدۇ؟
جاۋاب:بولئدذ،بالىنى خەتنە قىلغان كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت ئەمەس، خەتنە قىلىش ئىشىنى ئۇبدان بىلىدىغان بىرى بولسا بولىدۇ.خەتنە دېگەن سۆز ئەسلىدە ئەرەبچە سۆز بولۇپ مەنىسى، ئۇ تېرىنى كېسىش، دېگەن بولىدۇ.بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇ تېرىنى قاتلاپ تىكىۋېتىش بالىنى خەتنە قىلغانلىق بولمايدۇ.
  
55-نىكاھدا تۇزغا نان چۇمۇراپ يېيىش بىدئەتمۇ؟
جاۋاب:بىدئەت ئەمەس.چۈنكى بىدئەت دىنى ئىشتا بولىدۇ، دۇنيالىق ئىشتىكى ئۆرپ – ئادەتلەر، پەن – تېخنىكىلار بىدئەت قاتارىغا كىرمەيدۇ. ئالدى بىلەن بۇنى بىلىشىڭىز كېرەك.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىمكى ئىسلام دىنىدا بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇ نەرسە قوبۇل قىلىنمايدۇ»-بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.ئاللاھ تەئالا ئىنسانلار ئۈچۈن ناننىڭ خام ماددىلىرىنى ۋە تۇزنى يارىتىپ بەرگەن.ناننىڭ شەكىللىرىنى ۋە پىشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئىنسانلار ئۆز ئەقىللىرى بىلەن بەلگىلەيدۇ، يېيىش ئادەتلىرىنى ئۆز زوقلىرى بىلەن تاللايدۇ: خالىسا چايغا چىلاپ يەيدۇ، خالىسا سۇغا چۇمۇراپ يەيدۇ، خالىسا قۇرۇق يەيدۇ.
  
56-ئىسلام دىنى سودىدىكى پايدىنىڭ چېكىنى بېكىتكەنمۇيوق؟
جاۋاپ:بېكىتمىگەن.چۈنكى تىجارەتتە، تىجارەت قىلغۇچىلار ئوخشاش بولۇش، ئوخشاش ئىش قىلىش ئەمەس، رىقابەت ئاساس قىلىنىدۇ. بازار باھاسى ۋە ئىش ھەققى مانا مۇشۇ رىقابەت بىلەن شەكىللىنىدۇ. چۈنكى دىنىمىزدا، سودا ـ سېتىقتا پايدىنىڭ بەلگىلەنگەن بىر چېگرىسى بولمايدۇ.پەيغەبەر ئەلەيھىسسالام باھانىڭ ئەركىن رىقابەت بىلەن شەكىللىنىشىگە كۆڭۈل بۆلگەن.بۇنىڭ ئالدىنى توسىدىغان پۈتۈن ئامىللارنى چەكلىگەن.بىر قېتىم مەدىنىدە ماللارنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىپ، كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ماللارغا مۇئەييەن بىر باھا بەلگىلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:«باھا بەلگىلىگۈچى، رىزىقنى تار قىلغۇچى، رىزىقنى كەڭ قىلغۈچى ۋە رىزىق بەرگۈچى پەقەتلا ئاللاھتۇر.مەن بولسام، سىلەرنىڭ بىرىڭلار قان ياكى مال توغۇرلۇق بىرەر زۇلۇم سەۋەبىدىن مېنى ئىزدىمىگەن ھالەتتە رەببىم بىلەن ئۇچرىشىۋېلىشنى ئۇمىت قىلىمەن»- تىرمىزى، بۇيۇئ 73، 1314. «باھا بەلگىلىگەن، تار قىلغان، كەڭ قىلغان ۋە رىزىق بەرگەن ئاللاھتۇر»دېگەن ئىپادىنى مۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ:«ئاللاھ تەئالا بۇ توغرىدا تەبىئىي بىر قانۇن قويغان.باھالار ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ قانۇنىغا ئاساسەن شەكىللىنىدۇ.بۇ قانۇنغا يەنى بازار باھاسىنىڭ تەبىئىي شەكىللىنىشىگە خىلاپ ئىش قىلىش زۇلۇم بولىدۇ. بازار باھاسى تاشقى كۈچلەرنىڭ تەسىرىدىن ئۇزاق، ئىختىيارى ھالدا مەيدانغا كېلىشى لازىم».
  
57-جازانەدىگەن نىمە؟
جاۋاب:جازانە دېگەن باشقىلارنىڭ پۇل –مېلى ئىچىدە كۆپەيسۇن، دەپ شۇ باشقىلارغا ئۆسۈملۈك قەرز بېرىشتە ۋە ئوخشاش جىنسىتىكى نەرسىنى ئۈستەك ئېلىپ تېگىشىشتە مەيدانغا كېلىدۇ.
  
58-ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ياكى ئېغىر كېسەل بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھەجگە بارالمىغانلار ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرۇشقا بولامدۇ؟
جاۋاپ:بولمايدۇ.چۈنكى، ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:«إِنَّ أَوَّلَ بَيْتٍ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكاً وَهُدًى لِّلْعَالَمِينَ {96} فِيهِ آيَاتٌ بَيِّـنَاتٌ مَّقَامُ إِبْرَاهِيمَ وَمَن دَخَلَهُ كَانَ آمِناً وَلِلّهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلاً وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ الله غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ {97}»«ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر.ئۇ مۇبارەكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. ئۇ يەردە روشەن ئايەتلەر بار. ئىبراھىمنىڭ ماقامى بار. كىم ئۇ يەرگە كىرسە، ئامانلىققا ئېرىشىدۇ.ئۇ يەرگە بېرىشقا كۈچى يەتكەنلەرگە ھەج قىلىش پەرز قىلىندى.كىم كافىر بولسا بىلىپ قويسۇنكى، اللەنىڭ ئالەملەرگە ئېھتىياجى يوقتۇر»- ئال ئىمران 3/96-97.يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ يەنى ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 97-ئايىتىنىڭ ئاستى سىزىلغان قىسمىنىڭ مەزمۇنى ھەرەمگە بېرىشقا كۈچى يەتمىگەنلەرگە ھەج ئىبادىتىنىڭ پەرز قىلىنمىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ياكى ھەرەمگە بارالمايدىغان كىشى ھەرەمگە بېرىشقا كۈچى يەتمىگەن كىشىدۇر، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەج قىلىش پەرز ئەمەستۇر.ئاللاھ تەئالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:«وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى»«ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- نەجم 53/39.باشقىسى قىلغان ھەج شۇ باشقىسى قىلغان ئىشتۇر. بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر باشقىسى كۆرمەيدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ.پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىمايدۇ:بىرىنچى، ئىنسانلارغا مەنپەئەتى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە (مەسجىد، مەدرىسە سالغانغا ئوخشاش) .ئىككىنچى، پايدىلىق ئىلىم (باشقىلارغا ئۆگىتىلگەن ئىلىم ۋە يېزىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار). ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت»- مۇسلىم، ۋەسىيەت 14 ھەدىس نومۇرى 1631. تىرمىزى، ئەھكام 1297. نەسەئى، ۋەسايا 3591. ئەبۇ داۋۇد، ۋەسايا 2494.يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن بىر كىشى قىلغان ئەمەلنىڭ يەنە بىر كىشىگە پايدىسى بولمايدىغانلىقى ئېنىق بىر شەكىلدە بىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىبادەتنى باشقا بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلىپ ئادا قىلىشقا بولمايدۇ.بولۇپمۇ ھەج ئىبادىتى بەدەن بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر.ئۇنىڭ پۇل كېتىدىغان قىسمى ھەج ئىبادىتىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلاردۇر.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئىبادەتنى قىلغان بىر مۇسۇلمان، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاللاھ تەئالا ئالدىدىكى قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاللاھ تەئالانىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن قىلىدۇ ۋە قىلىشى لازىم. ئاللاھ تەئالا بۇنداق ئەمەلنى كىم قىلغان بولسا، ئەجىرنى شۇ قىلغۇچىغا بېرىدىغانلىقىنى نۇرغۇنلىغان ئايەتتە بايان قىلىدۇ.ئال ئىمران 57، نىسا 152 ۋە 173، فاتىر 30 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئۇجۇرەھۇم»، بەقەرە 62، 274، 277، ئال ئىمران 199، نەھل 97، ھەدىد 19قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئەجرەھۇم» ئەمەلنى كىم قىلسا، ئەجىر (ساۋاب) نى شۇنىڭ ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ ھەقتە يەنە بىر گەپ، ئىككى نەرسىنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىنسان ھاسىل بولىدۇ؛ بىرى تەن، يەنە بىرى روھ.ئىنسان ئۆزى ئىستېمال قىلغان يىمەك-ئىچمەكلەر بىلەن تېنىنى (بەدەنىنى)غىزالاندۇرىدۇ؛ ئۆزى قىلغان ئەمەل - ئىبادەت بىلەن روھىنى غىزالاندۇرىدۇ. بىر كىشىنىڭ باشقىسى يەپ – ئىچكەن نەرسە بىلەن قورسىقى تويمىغاندەك، باشقىسى قىلغان ئىبادەت بىلەنمۇ روھى غىزالانمايدۇ.بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ ھەجنى باشقىسى ئۈچۈن قىلغان «نىمكار» نىڭ: «مەن بۇ ھەجنى پالانى ئۈچۈن قىلىمەن» دېگەن سۆزى ياكى شۇنداق نىيىتى: «مەن ماۋۇ تاماقنى پالانى ئۈچۈن يەيمەن، شۇ پالانىنىڭ قورسىقى تويسۇن» دېگەندەك گەپ بولىدۇ. ھەج ئىبادىتىگە نىمكار سالغۇچى كىشىنىڭ: «ماۋۇ پۇلنى ئېلىپ دادام ئۈچۈن ھەج قىلىپ بەرسىلە»دېگەن سۆزى، «ماۋۇ پۇلغا دادام ئۈچۈن تاماق يەپ بەرسىلە، دادامنىڭ قورسىقى تويسۇن» دېگەندەك گەپ بولىدۇ. بەدەل ھەج قىلدۇرۇشنىڭ توغرا بولدىغانلىقىغا دەلىل قىلىنىۋاتقان ھەدىسلەر سەنەد ئېتىبارى بىلەن خەبىرى ۋاھىددۇر، مەنا ئېتىبارى بىلەن يۇقىرىدىكى ئايەتلەرگە، يۇقىرىدىكى ھەدىسقا ۋە ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا خىلاپتۇر.
  
59-ئاياللار قەبىر زىيارەت قىلسا بولامدۇ؟
جاۋاپ:ئاياللارنىڭ قەبىر زىيارەت قىلىشى ياخشى ئەمەس، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاللاھ قەبىرلەرنى زىيارەت قىلغۇچى ئاياللارغا لەنەت قىلدى» دېگەن- تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.ئاياللارنىڭ قەبىر زىيارەت قىلىشىنىڭ ياخشى كۆرۈلمەسلىكىنىڭ ھېكمىتى شۇكى:ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ھېسسىاياتچانراق بولغانلىقى ئۈچۈن قەبىر بېشىدا ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلاش ياكى ئۆلۈكلەرگە دۇئا قىلىش، ئۇلارنى چاقىرىش ۋە ئۇلاردىن بىر نەرسە تىلەش…قاتارلىق ئىشلارنى سادىر قىلىش ئېھتىمالى بار. بۇ ئىشلار دىنىمىزدا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك ھېساپلىنىدۇ.ئاياللار بۇ ئىشلاردىن ساقلانغان ئاساستا مەھەللە قەبرىستانلىقىنى بەزى ۋاقىتتا زىيارەت قىلسا بولىدۇ. چۈنكى يۇقارقى ھەدىستىكى «زىيارەت قىلغۇچى ئاياللار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «زەۋۋارات» بولۇپ، بۇنىڭ تۇلۇق تەرجىمىسى :«كۆپ زىيارەت قىلغۇچى ئاياللار»دېگەن بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توغرۇلۇق مۇنداق بىر رىۋايەتمۇ بار: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قېرىندىشى ئابدۇررەھماننىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭدىن «ئاياللار قەبرە زىيارەت قىلىشتىن مەنئى قىلىنمىغانمىدى؟» دەپ سورالغان ئىدى، ئۇ: «شۇنداق، بۇرۇن مەنئى قىلىنغان، لېكىن كېيىن رۇخسەت قىلىنغان» دېگەن شەكىلدە جاۋاپ بەرگەن.- ھاكىم ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان.
  
60-ئاياللار ئۆز ئۆيلىرىدە نامەھرەم بولمىغان ئەھۋالدا يالاڭ باش، كالتە يەڭ كىيىملەر بىلەن پائالىيەت قىلسا بۇ ھال ئائىلىدە بەرىكەت بولماسلىققا، ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولماسلىقىغا، ئۆيگە پەرىشتىنىڭ كىرمەسلىكىگە سەۋەپ بۇلامدۇ؟ بۇ گەپنىڭ دىنىمىزدا ئاساسى بارمۇ؟
جاۋاپ:ئايال كىشىنىڭ يۈزى، ئىككى قولى (بېغىشىغىچە)ۋە ئىككى پۇتى (ئىككى ئوشۇقنىڭ ئاستى قىسمى) قاتارلىق يەرلىرىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەتتۇر، يەنى يۆگىشى پەرزدۇر. ئايال كىشى بۇ پەرزنى سىرتقا چىققان چېغىدا ياكى نامەھرەم كۆرۈپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان يەرلەردە كەڭ ۋە قېلىن كىيىملەرنى كىيىش ئارقىلىق ئادا قىلىدۇ.ئۆيىدە چېغىدا بولسا، يالغۇز بولسا ياكى يېنىدا ئېرىلا بولسا ئۇ پەرزنى ئادا قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى يوق. يەنى ئايال كىشى ئۆز ئۆيىدە يالغۇز بولسا ياكى يېنىدا ئېرىلا بولسا، خالىغان كىيىملەر بىلەن ھەتتا ھېچ كىيىم كەيمەي يۈرەلەيدۇ.چۈنكى بۇ تەقدىردە بۇ ئايالنىڭ ئەۋرەت يەرلىرىنى ئۆيىنىڭ تاملىرى يۆگەپ تۇرغاچقا نامەھرەم كۆرمەيدۇ، كۆرۈش ئېھتىمالىمۇ يوق.پەرىشتە مەسىلىسىگە كەلسەك، ئىنسان كىيىم بىلەن بولسۇن يالىڭاچ بولسۇن دائىم ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرىشتىلەر بولىدۇ.ھەتتا ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىككى دۇلىسىدا ئىككى پەرىشتە بولىدۇ.بۇلار ئۇ ئىنساندىن ھېچقانداق چاغدا ئايرىلمايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:      «وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ. إِذْ يَتَلَقَّى الْمُتَلَقِّيَانِ عَنِ الْيَمِينِ وَعَنِ الشِّمَالِ قَعِيدٌ»«شۈبھىسىزكى بىز ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز.ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان ئىككى خاتىرىلىگۈچى بار. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى ئۇنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرماقتىدۇر»- قاف سۈرىسى 16- ۋە 17- ئايەتلەر. لېكىن ئىنساننىڭ پەرىشتىلەرگە قارشى بىر جاۋابكارلىقى يوقتۇر. ئايال كىشىنىڭ ئەۋرەت يەرلىرىنى يۆگىشىمۇ پەرىشتىلەرگە قارشى ئەمەس، ئىنسانلارغا قارشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار ئۆز ئۆيلىرىدە خالىغانچە كىيم كىيىپ يۈرسە بولىدۇ.قۇرئان كەرىمدە ئايال كىشىنىڭ ئەۋرىتى ئۈچكە ئايرىلىدۇ، يەنى ئايال كىشىنىڭ بەدىنىدىن يۆگىشى پەرز بولغان  يەرلىرى ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە قاراپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ:1-نامەھرەمنىڭ ئالدىدا يۆگىشى پەرز بولغان يېرى يۈزى، ئىككى قولى ۋە پۇتى (ئوشۇقىنىڭ ئاستى قىسمى) قاتارلىق يەرلىرىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنىدۇر.2-ئەرلىرى، ئاتىلىرى، قېيناتىلىرى، ئۆز ئوغۇللىرى، ئۆگەي ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ئۆزىنىڭ تونۇش ئاياللىرى، قول ئاستىدىكى قۇل-چۆرىلەر، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلار قاتارلىقلارنىڭ يېنىدا زىننەت ئورۇنلىرىدىن-بويۇنلىرىنىڭ ئۈستى يەنى باشلىرى، بىلەكلىرى ۋە پاچاقلىرى يەنى ئوشۇقلىرىنىڭ بىرئاز ئۈستۈن تەرەپلىرى قاتارلىق يەرلىرىدىن-باشقا يەرلىرىدۇر، يەنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا بۇ يەرلىرىنى يۆگىشى لازىم. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:      «وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاء بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاء بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُوْلِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَى عَوْرَاتِ النِّسَاء وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِهِنَّ وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعاً أَيُّهَا الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»«مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن –ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا-.ياغلىقلىرى بىلەن جەيب (بويۇن ۋە كۆكرەك)لىرىنى ياپسۇن.زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيناتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئۆگەي ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىكىلەردىن، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن.يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- نۇر سۈرىسى 31 – ئايەتلىرى.بۇ ئايەت مەزمۇنىدىن مۇنۇ ھۆكۈملەر چىقىدۇ:ئاياللار نامەھرەمنىڭ ئالدىدا يۈزى، ئىككى قولى ۋە پۇتى (ئوشۇقىنىڭ ئاستى قىسمى) قاتارلىق يەرلىرىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنىنى يۆگىشى پەرزدۇر. ئاياللار ئەرلىرى، ئاتىلىرى، قېيناتىلىرى، ئۆز ئوغۇللىرى، ئۆگەي ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ئۆزىنىڭ تونۇش ئاياللىرى، قول ئاستىدىكى قۇل-چۆرىلەر، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلار قاتارلىقلارنىڭ يېنىدا زىننەت ئورۇنلىرىنى-بويۇنلىرىنىڭ ئۈستى يەنى باشلىرى، بىلەكلىرى ۋە پاچاقلىرى يەنى ئوشۇقلىرىنىڭ بىرئاز ئۈستۈن تەرەپلىرى قاتارلىق يەرلىرىنى-  يۆگىمىسە گۇناھكار بولمايدۇ.3-بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلىرىنىڭ يېنىدا كىندىكى بىلەن ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىنى يۆگىشى پەرزدۇر. ئاللاھ تەئالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:      «يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لِيَسْتَأْذِنكُمُ الَّذِينَ مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ وَالَّذِينَ لَمْ يَبْلُغُوا الْحُلُمَ مِنكُمْ ثَلَاثَ مَرَّاتٍ مِن قَبْلِ صَلَاةِ الْفَجْرِ وَحِينَ تَضَعُونَ ثِيَابَكُم مِّنَ الظَّهِيرَةِ وَمِن بَعْدِ صَلَاةِ الْعِشَاء ثَلَاثُ عَوْرَاتٍ لَّكُمْ لَيْسَ عَلَيْكُمْ وَلَا عَلَيْهِمْ جُنَاحٌ بَعْدَهُنَّ طَوَّافُونَ عَلَيْكُم بَعْضُكُمْ عَلَى بَعْضٍ كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ. وَإِذَا بَلَغَ الْأَطْفَالُ مِنكُمُ الْحُلُمَ فَلْيَسْتَأْذِنُوا كَمَا اسْتَأْذَنَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ»«ئى مۇئمىنلار!قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلىرىڭلار يېنىڭلارغا كىرىش ئۈچۈن شۇ ئۈچ ۋاقىتتا سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن:بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى، چۈشلۈك ئىستىراھەت ئۈچۈن كىيىملىرىڭلارنى سالىدىغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن.بۇ ئۈچ ۋاقىت، يېپىشىڭلار كېرەك بولغان يەرلىرىڭلار ئېچىلىدىغان ۋاقىتلاردۇر.بۇلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇلار يېنىڭلارغا ئىجازەتسىز كىرسە سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.چۈنكى ئۇلار يېنىڭلارغا كۆپ كىرىپ- چىقىدىغانلاردۇر. سىلەر بىر- بىرىڭلارنىڭ يېنىغا كىرىپ- چىقىپ تۇرىسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە، يېنىڭلارغا كىرىش ئۈچۈن ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەر ئىجازەت سورىغاندەك ئىجازەت سورىسۇن.ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»- نۇر سۈرىسى 58-59.بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئاياللار تېخى بلاغەتكە يەتمىگەن بالىلىرىنىڭ يېنىدا كىندىكى بىلەن ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىدىن باشقا يەرلىرىنى يۆگىمىسىمۇ بولىدۇ.چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ئىككى تىزى بىلەن كىندىكىنىڭ ئارىسى، ئېرىدىن باشقا ھېچكىمگە ئېچىشى دۇرۇس بولمايدىغان يەردۇر.ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە بۇ يەرنى فەرج «فرج»دەپ ئاتايدۇ، شۇنداقلا ئاياللارنى بۇ يېرىنى ئەرلىرىدىن باشقا پۈتكۈل كىشىلەردىن ساقلاشقا ئەمر قىلىدۇ. مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ 5- ئايىتى بۇنى كۆرسىتىدۇ.خوش! ئەمدى كېلەيلى ئايال كىشىنىڭ ناماز ئوقۇغان چېغىدىكى قىياپىتىگە:ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:«يَا بَنِي آدَمَ قَدْ أَنزَلْنَا عَلَيْكُمْ لِبَاساً يُوَارِي سَوْءَاتِكُمْ وَرِيشاً …»«ئى ئادەم بالىلىرى!بىز سىلەرگە ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان كىيىم ۋە سىلەر زىننەتلىنىدىغان كىيىم نازىل قىلىپ بەردۇق…»- ئەئراف سۈرىسى 26.ئاللاھ تەئالا يەنە مۇشۇ سۈرىنىڭ 31- ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:«يَا بَنِي آدَمَ خُذُواْ زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ…» «ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز قىلىدىغان يېرىڭلاردا زىننەتلىنىدىغان كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار…»- ئەئراف سۈرىسى 31- ئايەت.مانا بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئاياللار نامىزىنى، ئۆيىدەئوقۇسۇن سىرتتا ئوقۇسۇن، يېنىدا نامەھرەم بولسۇن بولمىسۇن زىننەتلىنىدىغان كىيىمى بىلەن يەنى سىرتقا چىققۇدەك قىياپىتى بىلەن ئوقۇشى كېرەك.      مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
  
61- ئايەتنىڭ ياكى كەبىنىڭ سۇرىتى بار نەرسىلەرنى تاقاپ يۇرسەك بولامدۇ؟
      جاۋاب:بولمايدۇ، چۈنكى ئايەتلەر ۋە كەبە بىز مۇسۇلمانلارنىڭ تەۋەررۈكلىرىمىزدىندۇر. تاقاپ يۈرۈيدىغان نەرسىلەرگە ئايەتلەرنىڭ يېزىلىشى ياكى كەبىنىڭ رەسىمىنىڭ چۈشۈرۈلۈشى، ئايەتكە ۋە كەبىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولىدۇ.سىز ئايەت يېزىلغان ياكى كەبە رەسىمى چۈشۈرۈلگەن نەرسىلەرنى تاقاپ يۈرسىڭىز، ئىككى تۈرلۈك خاتا ئىش قىلغان بولىسىز:بىرى ھۆرمەتسىزلىككە ياردەم قىلغانلىق، يەنە بىرى ئايەتكە ياكى كەبىگە ئۆزىڭىز بىۋاسىتە ھۆرمەت قىلمىغانلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئايەت يېزىلغان ياكى كەبىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئۇ نەرسىلەر بىلەن تەرەتخانىغا، مۇنچىخانىغا، ئېغىلغا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەينەت يەرلەرگە كىرىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.بۇمۇ باشقا بىر ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ.
  
62-ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئايلارقايسى؟
جاۋاب: ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار:زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ ئايلىرىدۇر.
  
63-قانداق ئادەم مۇناپىق بولىدۇ؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ، ئامانەت تۇتسا ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).«مۇنداق تۆت خىسلەت بار، كىمدە مۇشۇ تۆت خىسلەت بولىدىكەن، ئۇنى تەرك ئەتمىگۈچە ئۇنىڭدا مۇناپىقلىقتىن بىر خىسلەت بولغان بولىدۇ. بۇ تۆت خىسلەت: ‹يالغان سۆزلىمەك، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلماق، قىلغان توختامنى بۇزماق، جېدەللەشكەندە ئېغىزىنى بۇزماق»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
  
64- مۇسۇلمان  ئاياللار چېچنى كەسسە بۇلامدۇ؟       
جاۋاب:ئاياللارنىڭ چېچى ئاياللارغا خاس بىر شەكىلدە بولۇشى كېرەك. شۇڭا ئاياللار چېچىنى كەسكەندە ياكى كەستۈرگەندەچاچلىرىنىڭ ئەرلەرنىڭ چاچلىرىغا ئوخشاپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلىشلىرى لازىم.چۈنكى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرلەرگە ئوخشىۋالغۇچى ئاياللارغا، ئاياللارغا ئوخشىۋالغۇچى ئەرلەرگە لەنەت ئېيتقان»- (بۇخارى 5885؛ ئىبنى ماجە 1558).
  
65-خەتمە ئوقۇش بىدەئەتمۇ؟
جاۋاب:ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا بىرقانچە كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، قۇرئان كەرىمدىن بىر قانچە سۈرە ۋە بىرقانچە ئايەت تاللاپ، بۇنىڭغا ئەرەبچە، پارىسچە ۋە كونا ئۇيغۇرچە بولۇپ بىرقانچە سۆزنى قوشۇپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرىنى بىر كىشىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەلۇم بىر ساندا ئوقۇش «خەتمە ئوقۇش» دەپ ئاتىلىدۇ.خەتمىخانلار ئوقۇلغان نەرسىلەرنىڭ سانىنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئۆرۈك ئۇرۇقچىسىدەك، بەلكىدە ئۇنىڭدىن سەل كىچىكراق تاشلار بىلەن ھېسابلايدۇ. بۇ تاشلار «خەتمە تېشى» دەپ ئاتىلىدۇ.«خەتمە تېشى» بىر مەھەللىدە بىر ياكى ئىككى كىشىنىڭ ئۆيىدە بولىدۇ.بۇ تاشنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا مىڭ بولىدۇ. بەزىلەر بۇ تاشلارنى ياغلاپ قويىدۇ.بۇ تاشلار تولا ياغلانلىقتىنمۇ ياكى كۆپ ئىشلەتكەنلىكتىنمۇپارقىراپ چىرايلىقلىشىپ قالىدۇ. بۇ تاشلار بىر خالتىدا ساقلىنىدۇ. ئەنە شۇ يۇقارقى نەرسىلەرنى مانا مۇشۇ تاشلار بىلەن ساناپ   7 قېتىم ئوقۇش «كىچىك خەتمە» ئوقۇغانلىق بولىدۇ. بۇنىڭغا بىر كەپتەر ياكى بىر توخۇ قان قىلىنىدۇ (ئۆلتۈرۈلىدۇ). 11 قېتىم ئوقۇش «چوڭ خەتمە» ئوقۇغانلىق بولىدۇ.بۇنىڭغا بىر قوي ياكى بىر ئۆچكە قان قىلىنىدۇ.بەزىدە بۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياكى قاتناشقۇچىلارنىڭ سانىغا قاراپ كالىمۇ قان قىلىنىدۇ (ئۆلتۈرۈلىدۇ).قان قىلىنغان مالنىڭ گۆشى پىشۇرۇلۇپ شۇ خەتمىنى ئوقۇغۇچىلارغا ۋە شۇ سورۇنغا ھازىر بولغۇچىلارغا يېگۈزۈلىدۇ.بۇ خەتمىنى ئوقۇشقا قاتناشقانلارنىڭ بەزىسى گۆش يېگۈسى كېلىپ قالسا، «قان قىلايلى، قان قىلىدىغان يېرىگە كېپقالدى» دەپ، خەتمە ئوقۇتقۇچىنى قان قىلىشقا ئالدىرىتىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. بۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ گۆش يېيىش ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالغانلارنىڭ ئارىسىدا مۇنداق بىر سۆزمۇ بار:خەتمە ئوقۇغان موللامنىڭ قولىدا بار شېغىل تاش،ئەمما ئۇنىڭ مەقسىتى گۆش بېسىلغان پولۇ ئاش.خەتمە ئوقۇشنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئاساسى يوق. خەتمىنىڭ ئىچىدە ئىنساننى مۇشرىك قىلىۋىتىدىغان سۆزلەرمۇ بار. مەسىلەن:1ـ يا ھەزرەتى سەييىدى شەيخ مۇھيىددىن، مۈشكىل كۇشايى بىلخەيرى ئەلمەدەد!تەرجىمىسى: ئى مۇھيىددىن ئىسىملىك ھۆرمەتلىك خوجايىن! مۈشكۈلۈمنى ياخشىلىق بىلەن ھەل قىلىپ بەر!2 ـ يا ھەزرەتى غەۋس ئەغىسنا!تەرجىمىسى: ئى ياردەم قىلغۇچى، بىزگە ياردەم قىل.ئۇلار بۇ يەردىكى ياردەم قىلغۇچىدىن ئابدۇلقادىر جىيلانى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشىنى مەقسەت قىلىشىدۇ.دېمەك، ئۇلار مۇھيىددىن ئىسىملىك بىر ئىشاننى ياردەمگە چاقىرىشىدۇ.ئابدۇلقادىر جىيلانى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشىدىن ياردەم تىلەيدۇ.بۇ ئىش فاتىھە سۈرىسىنىڭ «إِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ (ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز)» دېگەن ئايىتىگە خىلاپتۇر، شۇنداقلا ئاللاھقا ئوچۇق ـ ئاشكارا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر.ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا بۇنىڭدىن باشقا «رەدنامە ئوقۇش»، «قەسىدە ئوقۇش»،…دېگەندەك بىرقانچە تۈرلۈك «ئوقۇش» لار بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىدئەت ئىشلار بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.خەتمىنىڭ پايدا-زىيىنىغا كەلسەك،ئوقۇتقۇچىغا زىيىنى بار: ئۇ قان قىلىمەن دەپ بىر توخۇسىدىن ياكى بىر قويىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ھېلىقى شېرىك سۆزلەرنى قىلىش ۋە قىلىشقا ياردەملىشىش تۈپەيلىدىن ئىمانىغا دەخلى يېتىدۇ.ئوقۇغۇچىغا پايدىسى بار: ئۇ مۇشۇ باھانە بىلەن گۆش يەۋالىدۇ ۋە بىر مىقدار پۇلغا «دۇئا» قىلىدۇ.مەن ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىمدا شۇنداق خەتمە ئوقۇپ جان ساقلايدىغان بىرقانچە كىشىنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق سۆزلەرنى ناھايىتى كۆپ ئاڭلايتتىم:نەچچە يىل قىلدىم موللىلىق، ھېچ كەلمدى بىر ياغلىق،بىر كۈن قىلدىم ئىشانلىق، قوچقار كەلدى ھەم ساغلىق.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىشىلەرگە خەتمە ئوقۇپ بېرىپ، ئۇلاردىن بىر نەرسە دۇئا قىلىۋېلىشقانلىقىنى ئىشانلىق قىلدۇق دەپ بىلەتتى. ئىماملىق، خەتىبلىق ۋە مۇدەررىسلىك قىلىشقانلىقىنى موللىلىق قىلدۇق دەپ چۈشىنەتتى.ئۇلارنىڭ بەزى ئىنساپلىقلىرى ئىشانلىق قىلىشنى ئېسىل ھابداللىق دەپ بىلەتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ يوللارغا چۈشۈپ قالغانلىقىلىرىدىن نومۇس قىلىشاتتى. مەن بۇنداقلاردىن:«مەدىكارنىڭ ئېسىلى خارەت بىلەن سۇۋاقچى،ھابدالنىڭ ئېسىلى ئىشان بىلەن چىراغچى»، دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلايتتىم.مانا بۇلارمۇ بەزى خەتمىخانلار نىيىتىنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى شېرىك، بىدئەت ۋە خۇراپاتتىن ساقلىسۇن!
  
66- نىمەئۈچۈن مۇسۇلمانلارگۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردائش بېشىدىكىلىرىگەبوي سۇنىشى كېرەك دەيمىز؟جاۋاپ:چۈنكى بىزنىڭ  بۇمۇقەدەس دىنىمىز  مۇسۇلمانلارنى گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا ئۆزلىرىنىڭ  پادىشاھلىرىغا (ھۆكۈمدارلىرىغا)    بوي سۇنۇشقا  بويرىدۇ.بۇنى تۆۋەندىكى ئايەت،ھەدىسلەردىن بىلىۋالايمىز.ئاللاھتائالامۇنداق دىگەن:«ئى!مۇئىمىنلەر!ئاللاھقا،پەيغەمبەرگەۋەئۆزىڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگەئىتائەت قىلىڭلار»قۇرئان كەرىم سۈرەنىسا59-ئايەتنىڭ بىرقىسمى.ماۋۇھەدىسمۇبۇنىڭغاروشەن دەلىل بولالايدۇ.يەنى ئىبن ئۆمەر رەزىيىللاھۇ ئەنھۇرىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەرئەلەيھسالام مۇنداق دىگەن:«مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىرەرگۇناھ ئىشقابويرىمىسىلامەيلى ياقتۇرسۇن،مەيلى ياقتۇرمىسۇن ئۆزھۆكۈمىرانىغائىتائەت قىلىشى زۆرۆر.ئەگەرگۇناھقابويرىسائىتائەت قىلىشقابولمايدۇ»345-بەت663-ھەدىس.بۇخارى ۋەمۇسلىم رىۋايەت قىلغان.ئەبۇھۇررەيرە رەزىيىللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەرئەلەيھسالام مۇنداق دىگەن:«كىمكى ماڭائىتائەت قىلسائاللاھ تائالغائىتائەت قىلغان بولىدۇ.كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلسائاللاھ تائالاغائاسىيلىق قىلغان بولىدۇ،كىمكى ھۆكۈمدارغائىتائەت قىلساماڭائىتائەت قىلغان بولىدۇ.كىمكى ھۆكۈمدارغا ئاسىيلىق قىلساماڭائاسىيلىق قىلغان بولىدۇ»بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.ھەدىس شەرىف348-بەت671-ھەدىس.  
67-پاسىق، مۇناپىق، مۇشرىك، كۇپۇرلۇق دىگەن نىمە؟ پاسىق، مۇناپىق، مۇشرىك، كۇپۇرلۇقنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى، قانداق پەرقى بار؟
      جاۋاپ:قۇرئان كەرىمدە پاسىقلىق، توغرا يولدىن ئايرىلغانلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر ئۇقۇمدۇر، مۇناپىقلىق ئىككى يۈزلىمىچىلىك دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.يەنى مۇناپىق دېگەن سۆز، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا كىرگەندە مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ئىش قىلىپ مۇسۇلمان كۆرۈنىدىغان، غەيرىيمۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا كىرگەندە ئۇلارغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىپ مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەردەك كۆرۈنىدىغان كىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.مۇشرىكنىڭ مەنىسى بولسا ئاللاھقا باشقا بىرىنى تەڭ قىلغۇچى، ئاللاھ بىلەن باشقا بىرىنى تەڭ كۆرگۈچى، ئاللاھقا قىلىنىدىغان دۇئا ۋە ئىبادەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئاللاھدىن غەيرىيگە قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ.مەزكۇر سۈپەتلەرنىڭ ھەر بىرى كۇپۇرلۇقنىڭ بىرەر شېخىدۇر.يەنى كۇپۇرلۇق پاسىقلىق، مۇناپىقلىق ۋە مۇشرىكلىق قاتارلىقلارنىڭ بېشىدۇر. ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە نان كورلۇق قىلغان كىشى يا پاسىق بولىدۇ ياكى مۇناپىق بولىدۇ ۋە ياكى مۇشرىك بولىدۇ.پاسىقلىق، مۇناپىقلىق، مۇشرىكلىق، كۇپۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ سۈپەتلەر توغرا يولدىن يىراقلاشقان كىشىگە، ئۇنىڭ پەرقلىق تەرەپلىرىگە قارىتا بېرىلگەن سۈپەتلەردۇر. بۇ خىل سۈپەتلەردىن يىراق تۇرىدىغان ۋە ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا تولۇق بويسۇنغان كىشىلەر مۇسۇلمان ھېساپلىنىدۇ ۋە ئاللاھ تەئالاغا تولۇق ئىشەنگەن بولىدۇ
  
68-ئىسلام دىنىدىكى  يەتتە خىل ھالاكەتلىك چوڭ  گۇناھ قايسىلار؟
جاۋاپ: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يەتتە خىل ھالاكەتلىك گۇناھتىن ساقلىنىڭلار» دېگەن ئىدى. بىر كىشى: «يا رەسۇلەللاھ، ئۇلار قايسى گۇناھلار؟» دەپ سورىدى.شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھرىگەرلىك قىلىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، جازانىخورلۇق قىلىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش، غازاتتىن قېچىش، ئىپپەتلىك، پاك مۇسۇلمان ئاياللارغا بوھتان چاپلاش»، دەپ جاۋاب بەردى. بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  
69-سەدىقەبالانى،توۋبەگۇناھنى  يەمدۇ؟
جاۋاپ:شۇنداق،چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«سەدىقەئاللاھنىڭ غەزەب ئوتىنى ئۆچۈرىدۇ»- (ئەلبانىي، سەھىھۇل جامىئ). ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:«… شۇبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ.بۇ چۇشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز- نەسىھەتتۇر»- (ھۇد 11/114). ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ«مەن، تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلىپ توغرا يولدىن ئايرىلمىغانلارنى چوقۇم ئەپۇ قىلىمەن»- (تاھا سۈرىسى 82 – ئايەت).
  
70-ئەۋلىيانىڭ مەنىسى نىمە؟
جاۋاپ:اللاھنىڭ دوستى دىگەنلىكتۇر.
  
71-ۋاھابى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن زامان ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ يولىدىن يىراقلىشىپ، ئىسلام دىنىمىزنىڭ قۇرئان-ھەدىستىكى شەكلى ئاستا ـ ئاستا ئۆزگىرىشكە باشلىدى: كىتابى بىر، پەيغەمبىرى بىر بولغان دىنىمىزنىڭ ھەر ساھەسىدە بىرقانچە مەزھەب ئوتتۇرىغا چىقتى ياكى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى.شۇنىڭ بىلەن «مۇسۇلمانلار» ئاللاھ تەئالانىڭ مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن مەھرۇم قالدى. يەنى مۇسۇلمانلار قۇرئان ـ ھەدىستىكى ئىسلامغا ئەمەس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن شەكىللەنگەن «ئىسلام» غا ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمان دەپ ئاتالدى. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم قىلمىدى.ئارىدىن ئۆتكەن ئون تۆت ئەسىرلىك «ئىسلام تارىخى» غا بىر نەزەر سالىدىغان بولسىڭىز، ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا «مۇسۇلمانلار»نى قۇرئان ـ ھەدىستىكى ئىسلامغا دەۋەت قىلغانلارنىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن شەكىللەنگەن «ئىسلام»نىڭ ئېتىقادچىلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغانلىقىنى، ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك تۆھمەت ۋە بوھتانلار چاپلانغانلىقىنى، ھەتتا بەزىسىنىڭ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرىسىز.جۈملىدىن ئوسمانىيە خەلىپىلىكىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئىسلام دۇنياسىغا تارقىلىپ كەتكەن شېرىك ۋە بىدئەتلەرگە قارشى تۇرغان، شۇنداقلا ئىلمىي كۆرەش ئېلىپ بارغان ئالىملار «ۋەھھابىي»دېيىلىپ چەتكە قېقىلغان.چۈنكى ئۇ ئالىملارنىڭ ئىچىدە ھەتتا ئۇلارنىڭ بېشىدا مۇھەممەد ئەبنى ئابدۇلۋەھھاب دەپ بىر ئالىم بار ئىدى.شۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا تەۋھىد، شېرىك، سۈننەت، بىدئەت توغرۇلۇق تەبلىغ قىلغان ئالىملار (ئەنە شۇ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھابنىڭ يولىغا ئەگەشكۈچى دېگەن مەنادا) «ۋەھھابىي» دەېيىلگەن.كۈنىمىزدە بۇ ۋەھھابىي دېگەن سۆز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇ قەدەر كۆپ ئىستېمال قىلىندىكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان ئىكەن دەپ نامازنىڭ بەزى يەرلىرىدە قول كۆتۈرسە، «ۋەھھابىي» دېيىلگەن، مۇسۇلمانلارنى ئىلىم ـ مەرىپەتكە، بىرلىك ـ ئىتتىپاقلىققا چاقىرغان زىيالىيلار «ۋەھھابىي» دېيىلگەن. ھەتتا كىيىم ـ كېچىكىنى يۇيۇپ دەزماللاپ پاكىز كىيگەنلەرمۇ، چاچلىرىنى ۋاقتى ـ ۋاقتىدا يۇيۇپ ـ تاراپ تۇرىدىغانلارمۇ… «ۋەھھابىي» دەپ ئاتالماقتا
  
72-مۇسۇلماننىڭ ئەيىپىنى ياپقان ئادەم قانداق ياخشىلققائېرىشىدۇ؟
جاۋاپ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«مۇسۇلمانلار ئۆزئارا قېرىنداشتۇر، بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە بىر-بىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ.كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ.كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۈۋەتسە، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ.كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
  
73-قانداق ئەھۋال ئاستىدا مۇسۇلمانلارنى كاپىر،مۇناپىق دەپ تىللايمىز؟
جاۋاپ: ئالدى بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنى پەرزلەرنى ئادا قىلىدۇ دەپ ياخشى گۇمان قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ھۇجۇرات سۈرىسىنىڭ 10 ـ ۋە 11 ـ ئايەتلىرىدە مۇئمىنلارنى بىر ـ بىرىنى مەسخىرە قىلىشتىن، بىر ـ بىرىنى ئەيىبلەشتىن، بىر ـ بىرىنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرىشتىن، كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلىشتىن، باشقىلارنىڭ ئەيبىنى ئىزدەشتىن ۋە باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشتىن توسىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى ماھىيىتىدە مۇنداق بىر ھەدىسى بار:««گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى گۇمانخورلۇق سۆزلەرنىڭ ئەڭ يالغىنىدۇر.كىشىلەرنىڭ ئەيبىنى ئىزدىمەڭلار، تىڭ –تىڭلاپ يۈرمەڭلار، نەپسانىيەتچىلىك قىلماڭلار، ھەسەت قىلىشماڭلار، ئاداۋەت قىلىشماڭلار، ماي تارتىپ يۈرۈشمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە قېرىنداشلار بولۇڭلار، مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلمايدۇ، مۇسۇلمان مۇسۇلماننى خارلىمايدۇ، مۇسۇلمان مۇسۇلماننى كەمسىتمەيدۇ، تەقۋالىق مانا مۇشۇ يەردىدۇر،( يەنى قەلبتىدۇر)» ( بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).شۇنىڭ ئۈچۈن بىز باشقىلار ھەققىدە ئالدىراپ كاپىر، مۇناپىق دەپ ھۆكۈم چىقارماسلىقىمىز لازىم. بىزنىڭ ئۇنداق ھۆكۈم چىقىرىش ھەققىمىز ۋە ھوقۇقىمىزمۇ يوق.بىز مۇسۇلمان دەپ بىلىدىغان بىر كىشى يېزىش ياكى سۆزلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كاپىرلىقىنى ياكى مۇناپىقلىقىنى ئېلان قىلمىغانلا بولسا، ئۇ بىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزدۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن قولۇم ـ قوشنىلىرىمىزنى ياخشى گۇمان قىلىپ، ئۇلارغا ياخشى قوشنىدارچىلىق قىلىشىمىز، ئۇلارغا سوۋغا ـ سالام بېرىشىمىز، ئۇلاردىن سوۋغا ـ سالام ئېلىشىمىز، ئۇلار بىلەن بېرىش ـ كېلىش مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.
  
74-مۇسۇلمانلارقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئىمانىدىن يانسابولىدۇ؟
جاۋاپ: نەھل سۈرىسىنىڭ 106 ـ ئايىتىدىن مەجبۇرلاش ئاستىدا ئاغزىدىلا ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرسە بولىدىغانلىغى دەلىل قىلىنغان.
  
75-قۇرئان كېرىمنى نىمەۋەجىدىن نازىل قىلغان؟
جاۋاپ: قۇرئان كەرىمنى چۈشەنمەستىن ئوقۇپ ساۋاپ تېپىش ئۈچۈن ئەمەس،بەلكىدەچۈشۈنۈپ ئوقۇپ ئەمىر ـ پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش، ۋەز ـ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىش ۋە قىسسىلىرىدىن ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر
  
76-ئىلىمدە نىمىنى ئاساس قىلىدۇ؟
جاۋاپ: چۈنكى بۇ دىن ئاللاھنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرتۇبىيغا ياكى ئىبنى كەسىرگە ۋە ياكى باشقا بىرىگە بۇ دىندا ھۆكۈم چىقىرىش ھەققىنى ۋە ھوقۇقىنى بەرمەي پەقەتلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىلا ھۆكۈم چىقىرىش ھەققىنى ۋە ھوقۇقىنى بەرگەنلىگى ئۈچۈن ، بۇ دىندا قۇرئان كەرىم ۋەھەىسلەردىنلادەلىل ئېلىپ كەرلتۈرىشكىلابولىدۇ. ئۇندىن باشقا«ئۇنىڭچە، بۇنىڭچە، ئىبنى كەسىرنىڭچە» دېگەندەك ھېكايىلەر دەلىل بولمايدۇ ، ئۇلار بىلەن ھۆكۈممۇ بەلگىلەنمەيدۇ.پەقەت ھەممىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بار، خالاس!!!شۇڭا ئىلىمدە دەلىل ئاساس قىلىنىدۇ. بىر ئىلمىي مەسىلىدە قارشى تەرەپكە دەلىل كەلتۈرۈشنىڭ ئورنىغا «نەسىھەت قىلىش»، ياكى «ھاقارەت قىلىش»ۋە ياكى «پوپوزا قىلىش»ئىلمىي مۇنازىرىدە يېڭىلىپ كەتكەنلىككە دالالەت قىلىدۇ.شۇنىڭدەك، ئىلمىي مەسىلىدە «كاللا دېسە، پاقالچاق» دېگەندەك، گەپلەرنى قىلىش ياكى كىچىك بالىلار بىر ـ بىرىگە «مېنىڭ دادام سېنىڭ داداڭدىن يامان» دەپ «ھەيۋە» قىلىشقىنىدەك، «سەن پالانى ئالىمدىنمۇ بەك موللىمۇ؟ پۇستانى ئۆلىما سەندىن چوڭ موللا!»….دېگەن سۆزلەرنى قىلىش، ئىلمىي مۇنازىرىدە نە قەدەر چارىسىز قالغانلىقنى، دىنى ئىلىمدە تېخى يولنىڭ بېشىغىمۇ كەلمىگەنلىكنى ۋە بۇ يولغا ھەقنى تېپىش ئۈچۈن قەدەم باسقانلىقنى ئەمەس، قۇرۇق ھەۋەس بىلەن كىرىپ قالغانلىقنى كۆرسىتىدۇ.
  
77-ساۋاب تېپىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىمىلەرنى قىلىش كېرەك؟
جاۋاپ:ساۋاب تېپىشىڭىز ئۈچۈن ئەقىدىڭىز تۈزۈك، ئەمەل ـ ئىبادىتىڭىز ياخشى، ئەخلاقىڭىز گۈزەل، مۇئامىلىڭىز دۇرۇس بولۇشى كېرەك.شۇندىلائاندىن ساۋاپ تاپقان بولىدۇ.
  
78-كەلىمە تەييىبە دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟ كەلىمە شاھادەتنىڭ مەنىسىچۇ؟
جاۋاپ:كەلىمە تەييىبە دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: «ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دېگەن بولىدۇ. كەلىمە شاھادەتنىڭ مەنىسى بولسا: «مەن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر» دېگەن بولىدۇ.
  
79-مۇسۇلمان ئاياللارئىشلىسەگۇناھ بولامدۇ؟
جاۋاپ:گۇناھ بولمايدۇ.چۈنكى نىسا سۈرىسىنىڭ 19- ئايىتىدىكى: «…ئاياللار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار…»دىگەن ئايەت ۋەمۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يارغۇنچاقتا ئۇن تارتىپ قوللىرىنىڭ قاپىرىپ كەتكەنلىكى، ئەسما بىنتى ئەبى بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئېتىزلىقتىن ئوت – چۆپ ئەكىلىپ ئېرىنىڭ ئات ۋە تۆگىلىرىنى باققانلىقى،… كۆزگە چېلىقىدۇ.ئەگەر يۇقىرىدىكى سوئالدا «ئەرلىرى ئىشلەش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن تەقدىردىمۇ ئاياللار قۇشۇلسا ئىشلەيدۇ، قۇشۇلمىسا ئېتىز – ئېرىقلارغا چىقىپ ئىشلىمىسە بولىدۇ» دەپ ئىپادىلەنگەن بويىچە بىر ئايال ئېتىزلىقتا ئىش قىلىش ئۈچۈن ماڭغان ئېرىگە «مېنىڭ چىقىمىم ساڭا يۈكلەنگەن، شۇڭا مەن ئۆيدە ياتىمەن، سەن ئىشلەپ كەل» دېسە، بۇ ئۆرپ – ئادەتكە، ئىنسانىي ئەخلاققا، بولۇپمۇ «ياخشىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىش» پرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟«ئايال كىشىنىڭ گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى» ئېرىنىڭ شۇ ئايال ئۈستىدىكى بىر ھەققى تۇرسا، ئۇ ئايال بۇ ھەقنى مۇشۇنداق يەردە ئادا قىلمامدۇ؟ ئېتىزلىقتا ئىشلەش گۇناھمۇ؟ دۇكاندا ئېرىگە ياردەملىشىش گۇناھمۇ؟ئېرى ئېتىزلىققا ئىشلىگىلى ماڭغان بىر ئايال ئېتىزلىقتا لازىم بولىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ئېرىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشنىڭ ئورنىغا «مېنىڭ چىقىمىم ساڭا يۈكلەنگەن، شۇڭا مەن ئۆيدە ياتىمەن، سەن ئىشلەپ كەل» دېسە، بۇ ئەر – خوتۇنلۇق تۇرمۇشنىڭ داۋام قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ، «چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىش» بولامدۇ؟ ياكى ئېرىگە ئىتائەت قىلمىغانلىق بولامدۇ؟ شۇڭامۇسۇلمان ئاياللار، ساھابە ئاياللارنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىشلىرى كېرەك. ھېچبىر ئايال ساھابە «مېنىڭ بارلىق چىقىمىم ئېرىمنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن» دەپ ئۆيىدە بىكار ياتمىغان، شۇنداقلا تۇرمۇشتا ئۆزلىرى قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن باش تارتمىغان.
  
80-نىمەئۈچۈن مۇسۇلمانلاربىلمەي تۇرۇپ ماۋۇھارام ماۋۇھالال دىسەبولمايدۇ؟
جاۋاپ:چۈنكى ئاللاھ تائالامۇنداق دىگەن:«ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھىچقانداق دەلىلسىز) «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداقتا) اﷲ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، اﷲ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ» – (نەھل سۈرىسى 116 – ئايەت).
  
81-نىكاھ دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: نىكاھ دىگىنىمىز، بىر ئەرنىڭ بىر ئايالنى نىكاھىغا ئالغانلىقىنى ۋە بىر ئايالنىڭ بىر ئەرنىڭ نىكاھىغا ئۆتكەنلىكىنى ئەل ـ يۇرتقا ئېلان قىلىپ بىر ئائىلە قۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
  
82-نەپلەنامازدىگەن نىمە؟
جاۋاپ:نەپلە ناماز دېگەن، پەرز ناماز ۋە پەرز نامازنىڭ ئالدى –كەينىدىكى سۈننەت نامازلاردىن باشقا نامازلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:بىر كىشى ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولمىغان بىر ۋاقىتتا (ئەتىگەن كۈن قىزىل بولغان، چۈش ۋاقتىدا كۈن تىكلەنگەن، كەچتە كۈن پېتىۋاتقان ۋاقىتلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا)ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بىرقانچە رەكئەت (ئەڭ ئېزى ئىككى رەكئەت بولىدۇ) ناماز ئوقۇسا، بۇ نەپلە ناماز بولىدۇ.
  
83-مۇسۇلمانلىقنىڭ سۈپىتى نىمە؟
جاۋاپ:مۇسۇلمانلىق بىزنىڭ ئىسمىمىز بولماستىن بەلكىدە ئېتىقادىمىزنى ۋە سۆز-ھەرىكىتىمىزنى ئىسلامىيەتكە ئۇيغۇن قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن سۈپىتىمىزدۇر. بۇ سۈپەت ئىختىيارىي ھالدا بىرەر خاتالىققا قەدەم سېلىش بىلەن بىزدىن ئاجراپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دائىم دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
  
84-بارنى دېسىمۇ غەيۋەت بولامدۇ؟
جاۋاپ:ھەئەشۇنداق بولىدۇ.چۈنكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە:«غەيۋەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟»، دېۋىدى.ئۇلار:«ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قېرىندىشىڭ ياقتۇرمايدىغان نەرسىنى تىلغا ئېلىشىڭ»، دېۋىدى، ئۇلار: «مېنىڭ دېگەنلىرىم قېرىندىشىمدا راستىنلا تېپىلسىچۇ؟»، دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«بار نەرسىنى دېسەڭ غەيۋەت قىلغان بولىسەن. ئەگەر ئۇنىڭدا يوق نەرسىنى دېسەڭ بوھتان قىلغان بولىسەن»، دېدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
  
85- قانداق مۇسۇلمان ئەڭ ئەۋزەل بولىدۇ؟
جاۋاپ: ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ، قانداق مۇسۇلمان ئەڭ ئەۋزەل بولىدۇ؟»، دېۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزمىگەن كىشى»، دېدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
  
86-مۇسۇلمانلار ھارام يوللاردىن پۇل تېپىپ خەيرى ئىھسان ئىشلىرىغائىشلەتسەبولامدۇ؟
جاۋاپ:بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ پەقەت ھالالنىلا قوبۇل قىلىدۇ»(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)، «ئى ئىنسانلار!ئاللاھ پاكتۇر، پاك نەرسىنىلا قوبۇل قىلىدۇ»(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).دېمەك، ھالال ۋە پاك بولمىغان نەرسىنى ﷲيولىدا سەرپ قىلىش توغرا ئەمەستۇر.
  
87-ئىسلام دىنىدادىيىلگەن كىچىك گۇناھلارنى سادىرقىلساقانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ:ھىچ نىمەبولمايدۇ،چۈنكى چۈنكى سىز كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىكەنسىز، سىزنىڭ بەزى كىچىك گۇناھلارنى قىلىپ سېلىشىڭىز تۇرغان گەپ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:«ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل بىر ماكانغا كىرگۈزىمىز» – (نىسا سۈرىسى 31 - ئايەت). بۇ ئايەتتە ئاللاھ تەئالا بىزگە، چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساق كىچىك گۇناھلىرىمىزنى يوققا چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە بىزنى ئېسىل ماكان بولغان جەننەتكە كىرگۈزىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر قىلىدۇ. شۇرا سۈرىسىنىڭ 37 - ئايىتى بىلەن نەجم سۈرىسىنىڭ 32 - ئايىتىمۇ بۇ ئايەت بىلەن ئوخشاش مەنانى ئىپادىلەيدۇ
  
88-ئىسلام دىنىدادىيىلگەن چوڭ گۇناھلارقايسىلار؟
جاۋاپ:مۇھىم بولغىنى تۆۋەندىكى چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىشتۇر:ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىر قىلىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، جازانىخورلۇق قىلىش، پارىخورلۇق قىلىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋىلىش، جەڭ كۈنى قېچىپ كېتىش، ئىپپەتلىك ئاياللارنى قارىلاش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، يالغان سۆزلەش، ئاللاھغا ياكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە يالغان چاپلاش، بەچچىۋازلىق قىلىش، زىنا قىلىش، تۇغقانلارنى تاشلىۋېتىش ۋە تۇغقانلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش، تەكەببۇرلۇق قىلىش، ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، ئوغرىلىق قىلىش، ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋىلىش، يالغان قەسەم ئىچىش، خائىنلىق قىلىش، چېقىمچىلىق قىلىش، زۇلۇم قىلىش، ئۆلچەمنى كەم تۇتۇش، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىش، غەيۋەت قىلىش، ھارام يېيىش ۋە ئۆزئارا يامان لەقەم بىلەن چاقىرىشىش قاتارلىقلار.يۇقاردادىيىلگەن چوڭ گۇناھلارنى قىلمىغان مۇسۇلمانلارنى ھەقىقى تەقۋادارمۇسۇلمان دەيمىز.كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئەقلىمىزنى ئاياللارنىڭ كىيگەن يوپكىسىغا قويغان ئوسمىسدىن ئىبارەت ئۇدەرىجىدىكى كىچىك گۇناھلارغاسەرىپ قىلماسلىغى ، ھەم دىنىمىزنىڭ ھەققى ھۆرمىتىنىڭ ئۈستۈن بولىشىنى ئويلىساق  چوقۇم يۇقۇردا دىيىلگەن چوڭ گۇناھلاردىن يىراق تۇرىشىمىزنىڭ لازىملىغى،شۇنداقلا يۇقۇردا دىيىلگەن چوڭ گۇناھلارنى قىلغانلارنى قاتتىق ئەيىپلىشىنىڭ زۆرۆرلىگىنى بايان قىلىدۇ.
  
89-نىمەئۈچۈن ئازغۇنلارنى ياخش يولغا يېتەكلەشتە ھاقارەتلىسە بولمدۇ دەيمىز؟
جاۋاپ:چۈنكى ئاللاھ تائالامۇنداق دىگەن«پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغاھىكىمەتلىك ئۇسلوبتا،ياخشى ۋەزنەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن»(قۇرئان كەرىم سۈرەنەھل 125-ئايەتنىڭ بىرقىسمى).
  
90- نىمەئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئىتپاق ئۆتۈشى كېرەك دەيمىز؟
جاۋاپ:چۈنكى«ئالاھ تائالامۇنداق دەيدۇ:كېلىشىش ئۈزۈلۈپ كېتىشتىن ياخشىدۇر»،«ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار،ئىختىلاپ قىلىشماي ئىتپاق بولۇپ ئاراڭلارنى تۈزەڭلار»دىگەن.(قۇرئان   كەرىم سۈرەنىسا 128-ئايەتنىڭ،سۈرەئەنفال1-ئايەتنىڭ  بىرقىسمى) .
  
91- نىمەئۈچۈن مۇسۇلمانلار كەمتەربولۇشى كېرەك دەيمىز؟
جاۋاپ:چۈنكى«ئالاھ تائالامۇنداق دەيدۇ:مۇئىمىنلەرگەكەمتەربولغىن»(قۇرئان كەرىم سۈرە ھىجىر 88-ئايەتنىڭ بىرقىسمى).
  
-92 نىمەئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئىلىم –مەرىپەت ئۆگۈنىشى كېرەك دەيمىز؟
جاۋاپ:چۈنكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى ،پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن«كىمكى ئىلىم ئېلىش يولىدا ماڭىدىكەن ،ئالاھ تائالائۇنىڭغاجەننەتنىڭ يولىنى ئاسان قىلىدۇ»ھەىس شەرىف1381-ھىكايەت ،مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارئاللاھ تائالانىڭ دەۋىتىگەئەمەل قىلىپ ئىلىم-ئېرپان ئۆگۈنىشى كېرەك.
  
93-نىمەئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ تىلەمچىلىك قىلىشى ياخشى ئەمەس دەيمىز؟
جاۋاپ:ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن«ئۇتۇن تىرىپ ساتقان ئادەم تىلەمچىدىن ياخشىدۇر».ھەىس شەرىف540-ھىكايەت ،بۇخارى ۋەمۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  
94-نىمەئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئۆزئەمگگەتايىنىپ ياشىشى كېرەك دەيمىز؟
جاۋاپ:مىقداد ئىبن مەئدى كەرىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى ،پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن«كىشىنڭ ئۆزئەمگىكىگەتايىنىپ يىگەن تامىغى ئەڭ ھالالدۇر،داۋۇد ئەلەيھسالام ئۆزئەمگىكىگەتايىنىپ ياشايتى». ھەىس شەرىف543- ھىكايەت ،بۇخارى رىۋايەت قىلغان.بۇدىگەنلىك ھىچ ئىش قىلماي ئاللاھدىن تىلەشنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىنى،ئەمگەكنىڭ ناھايىتى ئۇلۇغ شەرەپلىك ئىش ئىكەنلىگىگىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
  
95-نىمەئۈچۈن مۇسۇلمانلار ھۆنەر –كەسىپ ئۆگۈنۈشى كېرەك دەيمىز؟
جاۋاپ:چۈنكى ئەبۇھۇرەيرەرەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى ،پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن«زەكەريا ئەلەيھىسالام ياغاچلىق بىلەن تىرىكچىلىق قىلاتتى»ھەىس شەرىف542-ھىكايەت،مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.يۇقارقىلارداپەيغەمبەرلەرنى ئۈلگەقىلىپ تۈرلۈك ھۈنە-كەسىپ بىلەن شۇغۇلۇنۇشنىڭ پەيغەمبەرلەرنى يولىنى تۇتقانلىق ئىكەنلىگىنى كۆرسۈتۈپ بەرگەن.
  
96-مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانلىغىنى نىمىگە قاراپ ئۆلچەيمىز؟
جاۋاپ:ئەبۇ ھۆرەيرە ئابدۇراھمان ئىبىن سەخرى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى ،پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن«شۈبھىسىزكى،ئاللاھ تائالاسىلەرنىڭ تۇرقۇڭلارغا ۋە تاشقى كۆرنۈشىڭلەرگەئەمەس،بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋە ئەممەلىرىڭلارغا قارايدۇ»(ھەدىس شەرىف-7.مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).شۇڭامۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانلىغىنى ئۆلچەشتەئۇنىڭ كىيگەن سەلىسىگە،قويغان ساقىلىغا،ئاياللارنىڭ كىيىۋالغان جىلباپلىرىغا قاراپ ئەمەس بەلكىدە ئۇلارنىڭ قەلبىگە،قىلغان ئەمىلى ئىشىغاقاراش كېرەك.مەسىلەن:بۇددادىنىغائېتقاد قىلىدىغان ھىندىلار،يۈننەن ئۆلكىسىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا بېشىغا سەللەيۆگەپ ساقال قۇيۇپ يۈرىيدىغانلار ناھايىتى كۆپ،بىز بۇلارنىڭ سەلىسى بىلەن ساقىلىغاقاراپلامۇسۇلمان دىسەك بولامدۇ؟ئەلبەتتەبولمايدۇ.
  
97-مۇسۇلمانلارنىمەئۈچۈن ئەرزىيەتلەرگەچىدىشى كېرەك دەيمىز؟
جاۋاپ:ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن«كىمكى ئەرزىيەتلەرگەسەۋىرقىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىغى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمىسا،بۇئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر»(قۇرئان كەرىم)سۈرەشۇرا43-ئايەت.ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن«ئۆچ ئېلىشقاقادىر تۇرۇقلۇق ئاچىقىنى يۇتىدىغانلار،يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر.ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوسىت تۇتىدۇ».(قۇرئان كەرىم)سۈرەئال ئىمران134-ئايەت.
  
98-نىمەئۈچۈن مۇسۇلمانلارپاكىزيۈرۈشى كېرەك دەيمىز؟
جاۋاپ:چۈنكى ئەبۇمالىك ئىبىن ھارىس ئىبىن ئاسىم ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەرئەلەيسالام مۇنداق دىگەن«پاكىزلىق ئىماننى يېرىمىدۇر»دىگەن.مۇسلىم راۋايەت قىلغان .25-ھەدىسنىڭ بىرقىسمى.مۇسۇلمانلارنىڭ پاكىزيۈرىشى ئۈچۈن كۈندەبەش ۋاق نامازدىن بۇرۇن  بەش قىېتىم يۈز-كۆز،پۇت-قولىرىنى قايتا-قايتايۇيۇشلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ چوقۇم پاكىزيۈرىشى كېرەكلىگىگەبويرۇلغانلىغىغادالالەت بولىدۇ.
  
99-نىمەئۈچۈن ھەممىدىن نىيەت ئەلادەيمىز؟
جاۋاپ: چۈنكى ھەدىس شەرىفنىڭ 1-سىدە مۇئىمىنلارنىڭ خەلىفىسى ئۇمەرئىبىن خەتتاب رەزىيىلاھۇئەنھۇرىۋايەت قىلىدۇكى مەن پەيغەمبەرئەلەيسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىگىنى ئاڭلىدىم.‹‹ھەقىقەتەن بارلىق ئەمەللەرنىڭ (ئىشلارنىڭ) دۇرۇس بولىشى نىيەتكە(ئارزۇ)غا باغلىق.ھەقىقەتەن كىشىگەئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ››دىگەن.بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.بۇدىگەنلىك ئادەملەرنىڭ بىرەرئىشنى قىلىشىدائەڭ دەسلەپتە كالىسىدا بىرئىش قىلىش توغرىسىدا بىرئارزۇنىڭ پەدا بولىدىغانلىغى، ئىنسانلار ھەركىتىنىڭ مەخسەتسىزبولمايدىغانلىغىنى، ھەمدە ئىنسانلارنىڭ قىلغان ھەربىرئىشنىڭ شۇنىيەتلەرنىڭ (ئارزۇ)لارنىڭ مەھسولى ئىكەنلىگىدىن دېرەك بېرىدۇ.شۇڭا ياخشى سۆز، ياخشى ئىشلارنىڭ ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر تەرىپىدىن بولىدىغانلىغىنى،يامان سۆز، يامان ئىشلارنىڭ يامان نىيەتلىك ئادەملەر تەرىپىدىن بولىدىغانلىغىنى چۈشەندۇردۇ.مەخسەتسىز قىلغان يامان ئىشلاربۇنىڭدىن مۇستاسنا.
  
100-مۇسۇلمان ئاياللار كاپىرلارنىڭ ھارام مال ساتىدىغان ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ پۇل تاپسابولامدۇ؟
جاۋاپ:بولىدۇ.چۈنكى،قۇرئان كەرىمدە بىر قانچە يەردە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشى، ھايۋاننى بوغۇزلىغاندا ئېقىپ چىققان قان، چوشقا گۆشى ۋە بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ گۆشى قاتارلىقلارنىڭ ھاراملىقى بايان قىلىنغان ئايەتلەردە بىر كىشى ئامالسىزلىقتىن بۇ نەرسىلەردىن جېنىنى ساقلاپ قالغۇچىلىك يېسە ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ياشاۋاتقان يېرىڭىزدە ئوبدان بىر ئىش تېپىپ بولغۇچە ئۇ يەردە ئىشلىشىشىڭىزگە رۇخسەت بېرىلىدۇ. بۇ خۇددى ھاياتتا قېلىش ئۈچۈن چوشقا گۆشىدىن بىر مىقدار يىگەن بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر. لېكىن ئوبدان يەردىن ئىش ئىزدەشكە داۋام قىلىڭ. باشقا بىر يەردىن ئۆزىڭىزگە ئۇيغۇن بىر ئىش تېپىپ بولغۇچە ئۇ يەردە ئىشلىسىڭىز قولىڭىزغا كەلگەن پۇل سىز ئۈچۈن ھالال ھېسابلىنىدۇ شۇنداقلا سىز بۇ پۇل بىلەن ھەج قىلسىڭىز بولىدۇ.   
[ بۇ يازمىنى barisjan تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2012-12-29 12:17 AM ]


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tanha8866 + 300 رەخمەت ، ھەقىقەتەن بى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11490
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 6186 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 02:57:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاساددىبى ھالدا يامان نىيەتتىن خالى يۈزى يېپىقلىق ئاياللارنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ قالسا ھېچ ئىش بولمايدىغانلىقىنى  بىلىۋالدىم. يەنە باشقا نۇرغۇن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلارمۇ بار ئىكەن. رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22936
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5255
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1671 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 07:17:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3-11-17-30-31-37-55-87-100- جاۋاپ لار مىنى بەكلا ئۈمۈت سىزلەندۈردى   


كۈنلەربىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتمەكتە،يالىڭاچ تۇرۇپ جاۋاپ بىرىدىغان كۈنگە پۇختا تەييارلىق قىلىڭلار~~~!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88331
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 47
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 07:44:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرادەر مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ !
پەتىۋا ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88331
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 47
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 07:52:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   makdis تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-29 10:29 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 241 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 08:32:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  ئەجېرېڭېزنې  بەرسۇن قېرېندېشېم  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4205
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 367 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 09:37:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jock يوللىغان ۋاقتى  2012-12-29 07:17 AM
3-11-17-30-31-37-55-87-100- جاۋاپ لار مىنى بەكلا ئۈمۈت سىزلەندۈردى  ...

  ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن، ئىسلامنىڭ ھۆكۈمىدىن ئۈمىدسىزلىنىش ياخشى ئەمەس، ئىسلام ھەققىدە دىلىغا گۇمان چۈشۈپ ئۈمىدسىز كەيپىياتتا بولۇش كاپفىرلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر بۇ پەتىۋادا خاتا ھۆكۈم قىلىنىپ قالغان جايلار بولسا دەلىللىلىرىڭىز بىلەن ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولاتتى،بولمىسا سۈكۈتتە تۇرۇش ئەۋزەل ئىدى...


         لېكىن بۇ پەتىۋالاردا ھېچقانداق مەسىلە يوق،توغرا دېيىشكىمۇ بولمايدۇ، يەنى 37 - پەتىۋادا تاھارەت مەسلىسىدە ئېزىپ كەتكەن. 41 - پەتىۋادا قۇرئان ئوقۇشتىن يالتايدۇرۇشقا ياتىدىغان مەسلىلەر بار، قۇرئان ئوقۇشتىكى مەقسەتلەر نىڭ بىرى ئەلۋەتتە ساۋاب تېپىشتۇر.  71 - پەتىۋادا «ۋەھھابىيلار» غا ھىسىداشلىق قىلىش بىلەن باشقا مەزھەبلەر چۆكۈرۈلگەن. قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ لەفزەن مەنىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا  پەتىۋا بېرىش توغرا ئەمەس. بەدەندىن چىققان قاننىڭ تاھارەت سۇندۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش، قۇرئان ئوقۇشتىن يالتايدۇرۇش ھەم بىر مەزھەبنىڭ تەرىپىنى قىلىپ باشقىلىرىنى ئەيىپلەش تەرىزىدىكى مەزمۇنلار بىلەن يۇقىرىدىكى 100 پەتىۋانىڭ ھەممىسىگە توغرىلىق جەھىتىدىن نۇقسان يەتكەن. بۇ تېمىنى كۆرگەن ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ بۇ پەتىۋالارنى ساقلىماسلىقىنى، پەقەتلا ئوقۇپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىمەن. چۈنكى بىر كىتابتىكى بىر يۈرۈش ئەھكاملار توغرا بولۇپ، ئۇنىڭغا خاتالىرى ئارلىشىپ  قالسا شۇ كىتابقا ئەمەل قىلىنمايدۇ. مەسىلەن، «ئىنجىل»، «تەۋرات» دېگەندەك.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-29 10:09 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82107
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 11:27:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلارمۇ بار ئىكەن، رەھمەت. بىلىۋالدىم.

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5789
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 11:42:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز نىمە دەپ باشتىلا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش توغرىسىدىكى  مەزمۇننى ئەڭ باشقا تىزىۋلغانسىز؟(تىمىڭىزنىڭ مۇنبەردە غۇلغۇلاپەيدا قىلىش ئۈچۈنمۇ يا؟).
مۇشۇ ئىشتا پەتىۋا بەرگۈچىلەر نىمىشقا بۇ ئىشنىڭ زىينىنلا سۆزلەپ پايدىسىنى سۆزلىمەيدىغاندۇ؟
ئەسلى بىز ئىسلامدىكى كوپ خوتۇنلۇق بولۇش ئىشىنى بىر تەرەپلىمىك بىلەن شەرھيىلسەك بولمايدۇ .
سىز ئېتيقاندەك نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ ياشتا كىچىك بولغان قىزلارنى ئېلىۋېلىشقابولمايدۇ.  باشقا    ياخشىللشقا پۇل يوق شۇ ئككنچى خوتۇن ئېلشقا پۇل بار . بۇنداق قىلىش راستىنلا خاتا.
بىراق كوپ خوتۇنلۇق بولۇش ئشى دىگەن .ئەسلى  ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام،ياقۇپ ئەلەيھىسسالام، يۈسۈ ئەلەيھىسسالام،داۋۇت ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام،4 خەلىپە قاتارلىق ئۇلۇغ  كىشىللىرمىزنىڭ ھەممىسى قىلغان ئىشلاردۇر. ئەمدىلىكتە بىزنىڭ زامانمىزغا كەلگەندە بىر قىسم نەپسى ئۈچۈن زىنادىنمۇ يانمايدىغان.ساختا ھاجىم ساختا موللىلارنىڭ قىلمىلىرى تۈپەيلى كىشلەر يامان كۆرىدىغان بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى.
ئەمەليەتتە بولسا بۇ ئىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئانىس بولغان ئاياللارنىڭ قەدىرى قىممىتىنى ئاشۇردىغان ئىش ئىكەنلىكى ئۈستىدە پىكر يۈرگۈزدىغانلا ناھايتى ئاز ساندا.
جەميەتتتە بويتاق (تۇل) ئاياللا كۆپەيسە جان بېقىش ئۈچۈن ئاياللار ھە ر جەھەتتە ئاجىزلىقى تۈپەيلى نىمىە ئىشلارنى قىممايدۇ دىيەلەيمىز؟
ئەسلى ھەرقانداق ئەر كىشى مۇشۇ ئىشتا نەپسىنى ئەمەس ئىسلامنىڭ كەلگۈسى جەميەتنىڭ تۈزۈلىشى يىتىم باللارنىيڭ كىيىنكى ئىستىقبالى قاتارلىقلارنىڭ ئويلۇشۇپ قلغان بولسا ئىدى .جەميەتتە بىرمۇ بويتاق ياكى تۇل ئايال قالماي .، ئاياللانىڭ قەدرى قىممىتى ئاشقان بولاتتى بۇ مەقسەتتە بۇ ئىشنى قىلغان كىشى ئادىل بولالماسلىقتەك  خاتا ئىشنىمۇ قىپ يۈرمەس ئىدى.
بۇ ئىشتا ئىككى تەرەپنىڭ ۋەلىلىرى قوشۇلسىلا ئەل جامائەت ئالدىدا داقا -دۇمباق چېلىشنىڭ ھاجىتى يوق چۈنكە پەيغەمبىرمىز ھېچقانداق ئايلىنى داقا- دۇمباق بىلەن كۆچۈرگەن ئەمەس
ئايالىنىڭ قوشۇلۇشىمۇ شەرت ئەمەس .
يەنە بىر گەپ ھالال ھارام دىگەن يىمەك ئىچمەككىلا قارتىلغان ئەمەس .
بىدئەت دىندىلا بولىدۇ.سانائەتتەۋە باشقا ئىلاردا بولمايدۇ دەپسىز .
ئاللا بىز بەندىلەرنى بەش ۋاقىت ناماز ،روزا ،زاكات ،ھەج ،جىھات،قاتارلىق ئىشلارنىڭ ئىلام ئىچىدە قىل قالغىنىنى ئۆز مەيلىڭ بويچە قىلساڭ بولىدۇ دىمىدى،ئىنسان تۇغۇلۇپ بالاغەتكە تەتكەندىن تارتىپ، تا ئۆلگۈچە ئۇخلاشتىن تارتىپ ،نەپەسلىنىش ئىشلىرغىچە ئىسلام ئىچىدە ياشاش كىرەك بولمىسا ئۇكىشىنىڭ ئاخىرەتلىكى يامان جايدا بوپ قالدۇ.

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1073
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 11:54:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
makdis يوللىغان ۋاقتى  2012-12-29 07:44 AM
بۇرادەر مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ !
پەتىۋا ئوينىشىدىغان ئىش  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، بۇ قېرىندىشىمىزمىڭ سۆزىنى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.
ئسلامدىكى  ھۆكۈمگە دائىر ئىشلارنى ‹ئىسلامى ئۇلىنىشلاردا› ئىلان قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش