كوچىدىكى قىز
ئۇزۇن كىچە
ئەمدى باشلانغان
ئۇ كوچا تىخى
ئەمدى قاينىغان
يول بويىدا
تۇراتتى بىرقىز
ئۆيگە قايتىشقا
تۇرار ئىمكانسىز
كىيىۋالغان قارا تار يوپكا
بىقىنىدا يوغان بىر سومكا
پات پات قارايدۇ ئىلىپ ئەينەكنى
ئارقىدىنلا قىسقا پەردازدا
كەينىدىن قاراشقا
ئۇ ئەۋرىشىم قىز
ئالدىدىن ئوخشىماش
يۈزىدە مىڭ «ئىز»
يول چىرىغى
توسار نۇرىنى
كۆرسەتمەي دەپ
ئۇنىڭ يۈزىنى
ئۈششۈك تەككەچمۇ
گۈلگە بالدۇرلا
سارغايغان باھاردا
ئىچىلماستىلا
كەچمىشتىن سورالسا
مۇھەببەت ئۈچۈن
يوقاتقان ئۆزىنى
توي قىلماستىنلا
مەڭگۈگە دەپ سۆيگەن ئۇ نامەرت
كۆز ئاچمىغان سەبى غۇنچىنى
تۇنجۇقتۇرۇپ ئىچىلماستىلا
تاشلاپ كەتكەن ئازغان غۇنچىنى
بىلسەڭ ئىدىڭ پاك مۇھەببەتنى
ساقلار ئىدىڭ قىزلىق ئىپپەتنى
بۇلاپ كەتكەن ئادىمىي ھايۋان
سەن ئاتىغان پاك مۇھەببەتنى
بۇلغاندى قىز بولغاندى غۇنچە
بىر ھايۋاننىڭ قىلىمىشى بىلەن
يوقالدى ئۈمىد يوقالدى ئارمان
يالغان سۆيگۈ ئازغۇنلۇق بىلەن
ھاياتتىن شۇ كۈنى ئۈمىد ئۈزۈلدى
بىچچارە نۇمۇستا ئۆيدىن ھەيدەلدى
ئاتالمىش تەقدىردىن ئالەمچە دادلاپ
شۇ قارا كوچىغا قەدەملەر باستى
ئازدىڭ قىزچاق يەنە بىر ئازدىڭ
سەن كوچىغا نە سەۋەپ چىقتىڭ
نۇمۇسۇڭنى نىمىشقا ساتتىڭ
ئاي سورايتى ئۇندىن مىڭ قىتىم
ئۆتتى كۈنلەر ئايمۇ چارچىدى
كوچىلاردا سودا قاينىدى
سۇئاللارغا جاۋاپ كەلمىدى
مانا تىزلا بۈگۈنمۇ كەلدى
بىر قارا ماشىنا توختىدى ياندا
ئەينەكتىن ئىشارەت قىلدى ئۇنىڭغا
بىر قەغەز ئۈچ قەغەز دەتالاش بىلەن
ماڭدى نىشانغا پۈتۈشۈپ سودا
تەقدىرنىڭ قامچىسى تەييار تۇراتتى
شۇ كىچە غايىپتىن تەگدى ئۇنىڭغا
ۋاقتىنچە بىلمەستىن ئىلىپ پۇلىنى
ماڭاتتى ئالدىراپ جاننى بىقىشقا
ئۆتتى كۈنلەر ئاشۇ كوچىدا
تاپقان پۇللار ھامان بەركەتسىز
سىڭمەس تاماق ئۇ تىرىك مۇردا
كۈنلەر ئۆتمەيدۇ كەچلەر ئوقەتسىز
ئەستە تۇرماس قانچە ئەر بىلەن
شۇ كوچىدا سودا قىلىشقان
بۇلغانغان كوچا بۇلغانغان دۇنيا
ئۇيغۇر ماتەمدە غەلبىدە شەيتان
تۇرالمىدى بىر كۈنى سەھەر
تەقدىر قامچىسى ئاغرىتتى ئەمدى
ئۇ ئاغرىقنىڭ ئىسمىدۇر ئەيدىز
ئۇ ئەجەلگە قەدەم تاشلىدى
شۇنداق قىلىپ ئۇ كەتتى كۈلمەي
ئۆز ئارمىنى ئەسلىنى بىلمەي
بۇلغانغان تەن چىرىدى تەستە
تۇپراق قوينىغا ئالغۇسى كەلمەي
بىرى كەتتى ئۈزۈلمىدى ئۇنىڭ داۋامى
شۇ كوچىدا تۈگىمەيدۇ ئادەم «ئېلانى»
شۇ يوسۇندا يىراق ئەمەس ئۇيغۇر زاۋالى
ئىبرەت بولسۇن زىنالاردىن تۇرايلى خالىي
2012.12.28
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xahkabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-29 12:40 AM