ئادەمنى بۈيۈكلۈككە يىتەكلەيدىغان 20 خىل مەۋھۇم كۈچ
مەۋھۇم كۈچ يەنە { يۇمشاق كۈچ } دەپمۇ ئاتىلىدۇ . " قاتتىق دېتال " دەپمۇ
ئاتىلىدىغان ئوبىتېكتىپ كۈچنىڭ رولى ئادەتتە ئۈنۈملۈك بۇلىدۇ . لېكىن ھەل
قىلغۇچ رۇلنى ئوينايدىغىنى يەنلا مەۋھۇم كۈچتۇر . بۇ خىل كۈچ ئادەمگە
ئىشەنچ بېغىشلايدۇ .
قېنى تۇۋەندىكىلەرنى ئوقۇپ ئۆزىڭىزنىڭ زادى قانداق مەۋھۇم كۈچكە ئىگە
ئىكەنلىكىڭىزگە ھۆكۈم قىلىپ بېقىڭ .
بىرىنچى ، ھەرىكەتچانلىق : ھەرىكەت بولمىسا نەتىجىمۇ بولمايدۇ . ھەرىكەتكە
ئايلاندۇرۇلمىغان پىلان ۋە پۇرسەت ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ . ھەرىكەتچان
ئادەم ئۆزىنى ھەرىكەتكە ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئېتىپ تۇرىدۇ، ھەتتا
يۇچۇن ۋە قىيىن مەسىلىلەر ئالدىدىمۇ تۈگۈلۋالمايدۇ .
ئىككىنچى ، نىشان : نىشانىڭ ئېنىق بولسا ، ئاشۇ نىشانىڭنى ئىشقا ئاشۇرۇش
ئۈچۈن زارىقىسەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋۇجۇدۇڭدىكى يالقۇن سېنى يېڭى -
يېڭى خېرىسلارغا ئۆزۈڭنى ئېتىپ ، يېڭى - يېڭى مۇۋاپپەقىيەتلەرنى قازىنىشقا
ئۈندەپ تۇرىدۇ .
ئۈچىنچى ، ئالدىن كۈرەرلىك : دۇنيادا ئاتالمىش "ھازىرقى ھالەت" دىگەن
نەرسە مەۋجۇت ئەمەس . ئىلگىرىلىگىلى بولمىسا چىكىنىدىغان گەپ . چۇنكى
بىزگە كېرىكى ، تەلپۈنۈش ۋە كېلەچەك . ئالدىن كۆرەر ئادەم ، ئەتىنىڭ
مەنزىرىسىنى بۈگۈن كۆرەلەيدۇ .
تۆتىنچى ، ئانالىز كۈچى : ئادەمنىڭ كۈندە دېگۈدەك تاللىشى ۋە ھۆكۈم
قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ . چۇنكى مەسىلە كۆرۈلگەنىكەن ئۇنىڭ توغرا ياكى
خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىپ ، ئۇنىڭ باشقا مەسىلىلەر بىلەن بولغان ئىچكى
باغلىنىشنى ۋە ئۆزئارا تەسىرىنى تەھلىل قىلىپ ، ئۇنىڭ نېگىزلىك سەۋەبىنى
تېپىپ چىقدىغان گەپ .
بەشىنچى ، پىلانچانلىق : پەقەت كۆڭلىدە ئېدىتىلىق پىلان تۇرغۇزالىغان
ئادەم مۇرەككەپ ۋەزىپەت ۋە كۈچلۈك خىرىسلار ئالدىدا ، ئەھۋالنى ئەتـ ـ
ـراپلىق ئىگىلەپ ، ماھىرلىق بىلەن جانلىق ئىش كۇرۇپ ، مەسىلىنى ئاسان
ھەل قىلىشنىڭ ئامالىنى تېپىش ئارقىلىق ئەڭ ئۈنۈملىك لاھىيىنى تۈزۈپ
يولغا قۇيالايدۇ .
ئاتىنىچى ، تەسەۋۋۇر : تەسەۋۋۇر - كىشلىك ھاياتنىڭ گۈلىستانى پۈتـ ـ
ـمەس - تۇگىمەس بايلىقى . تەسەۋۋۇرغا باي ئادەم - چارە - تەبىر ۋە
مەسلىھەت "ئىشلەپچىقىرىش" نىڭ باشچىسى ؛ يىڭىلىق يارىتىش قۇشۇـ
نىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن . بۇ خىل كىشلەردە ھاياجانلىق ھېس- تۇيغۇ
بالقىپ تۇرىدۇ . ئۇلارنىڭ ئىشلارنى بىۋاستە سەزگۈر ۋە جاسارىتىگە
تاينىپ قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى كونكىرېت ۋە پۇختا بۇلىدۇ .
يەتتىنچى ، ماسلىشىشچانلىق : تۇيۇقسىز تەلەپ ۋە تاسادىپىي
ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كىلىپ تۇرىمىز . بۇنداق چاغلاردا ماسلىشىشـ ـ
ـچانلىقى كۈچلۈك كىشلەر ھۇدۇقۇپ ، تەمتىرەپ كەتمەي ، ئۇنىڭغا
لايىقىدا ئىنكاس قايتۇرالايدۇ .
سەككىىزىنچى ، سىردىشىشچانلىق : ئادەتتە مەززىسىز تۇيۇلدىغان
بىرەر ئۇقۇمنى جانلىق بايان قىلىپ ، شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ يۈرەك
تارىنى چېكەلەمسىز؟ ئادەتتە بىر ھىكايىنى ناھايىتى قىزىقارلىق سۆزـ
لەش ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلارنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرالامسىز؟ دېگەنلىرىڭىزنى
ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلارنى ئوبرازلىق تىلىڭىز ئارقىلىق تەسىرلەنـ ـ
ـدۇرەلەمسىز؟ سىردىشىشقا ماھىر كىشلەر شۇنداق قىلالايدۇ.
توققۇزىنچى ، كىشلىك ئالاقە ئىقتىدارى : ئالاقىگە ماھىر كىشلەر باردى -
كەلدىدە ، قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىش مەقسىتىدە باشقىلارغا
تەبىئىي ۋە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ ، ئىشىنىدۇ . بەزىدە باشقىلار بىلەن
بەكرەك يېقىن بولۇپ كەتكەندە ئويلىمايدىغان خەۋپ- خەتەرلەرنىڭ
كېلىپ قالىدىغانلقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ لىكىن بۇ خىل خەۋپ- خەتەرگە
دادىل يۇزلىنەلەيىدۇ .
ئونىنچى ، رىقابەت كۈچى : رىقابەتچان كىشلەر ئادەتتە خۇجايىن بۇلۇش
ئىستىكى بىلەن باشقىلارغا ئۆزىنى سېلىشتۇرىدۇ . رىقابەتتىن روھىي مەدەت
تاپىدۇ . رىقابەتكە چۇشكەن ھامان تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئۇتۇپ چىقىدۇ .
ئادەتتىكى ئىشلاردىمۇ ھەم شۇنداق .
ئون بىرىنچى ، ھېرىسمەنلىك : بۇ خىل كىشلەرنىڭ خىسلىتى ئادەتتە
تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭكىگە ئوخشايدۇ . ئۇلار نىشاننى توغرا
بېكىتىشكە ناھايىتى ماھىر بۇلۇپ ، ھەمىشە ئىشنى بېكىتىۋالغان نىـ ـ
ـشانىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق يېرىدىن باشلىيالايدىغانلىقى ئۈچۈن ، ھەرگىزمۇ
ۋاقىت ۋە زېھىنىنى ئىسراپ قىلمايدۇ .
ئون ئىككىنچى ، تەپەككۇر ئىقتىدارى : تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشلەر
ئادەتتە ھەرگىزمۇ يالغۇزسىراپ قالمايدۇ ، يىگانىلىقتىن قورقمايدۇ . ئۇلار
تەپەككۇر قىلىشتىن شادلىق تاپىدىغان بولغاچقا ھەتتا شاۋقۇن - سۈرەنلىك
سورۇنلاردىمۇ دىققىتىنى ئۆزى ئويلىنىۋاتقان نوقتىغا يىغالايدۇ .
ئون ئۈچىنچى ، ئۆگىنىش ئىقتىدارى : ئۆگنىشكە ئامراقمۇ سىز؟ ئۆگنىشكە
ئامراق كىشلەر ئادەتتە ئىلىم ئىگىلەشكە تەبىئىيلا ئىنتىلىپ تۇرىدۇ ، ئۆگەنـ ـ
ـگەن مەزمۇنلار بىلەن ئۆگىنىش نەتىجىسى ئۇلارنى ھاياجانغا سالسا، ئۆگىنىش
جەريانى ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرەلەيدۇ .
ئون تۆتىنچى ، ئىستىراتېگىيە : ئۆزىڭىزدىن ھەردائىم "ناۋادا نېرى - بېرى
ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالسا قانداق بۇلار؟" دەپ سوراپ تۇرامسىز ؟ بۇ دەل
مەسىللەرنى ئىستىراتېگىيە نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىدىغانلارنىڭ ئادىتى .
بۇنداق ئادەملەر ئادەتتە خىلمۇ خىل ئاقىۋەتلەرنى پەرەز قىلىپ باقىدۇ،
تۈرلۈك مۇساپىلەرنىڭ يۆنىلىشىنى ئېنىق پەرىق ئېتىپ ، ئۇنىڭغا توختا ـ
ۋسىز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە شۇ ئاساستا يىڭى ـ يىڭى پىلانلارنى تۈزۈش
ئارقىلىق ، ئاخىر ئەڭ پايدىلىق لاھىيىنى تۈزۈپ چىقالايدۇ .
ئون بەشىنچى ، ئېتىقاد :ئېتىقاد - قىممىتىڭنىڭ يادروسى . ئۇ ساڭا
كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى تۇنۇتۇپ ، ھەرىكىتىڭگە تەسىر
كۆرىستىدۇ . ئۆزۈڭدىن ھەر قانداق كۈچ ـ قۇدرەت كارغا كەلمەي قالغان
چاغلاردا ، سىزدىكى ئېتىقاد غايەت زور كۈچ ـ قۇدرەت سۈپتىدە ساڭا
ھىمايە بۇلىدۇ .
ئون ئالتىنچى ، تەلەپچانلىق :تەلەپچانلىق كىشلەر ئادەتتە ئۆزىنى تىزـ
گىنلەش ۋە تەرتىپ - قائىدىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ماھىر كېلىدۇ .
نازۇك ھالقا ۋە ئىنچىكە نوقتىلارغىچە دىققەت قىلىپ سەۋەنلىكتىن ،
نەپرەتلىندۇ ، ئۆز نىشانىغا قاراپ ھارماي- تالماي ئېنتىلىدۇ .
ئون يەتتىنچى ، ئاكتىپچانلىق : ئىجابىيەتكە باي ، ئاكتىپ كىشلەر
ئادەتتە ئۈمىدۋار ، مەرد ، قىزغىن ، زېھنى ئۆتكۈر كىلىدۇ ، ئۆزىدىكى
ھاياتىي كۈچ ئارقىلىق ئەتراپىدىكىلەرنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ ، ئوڭۇشـ ـ
ـسىزلىققا يۇلۇققان چاغلاردىمۇ ئىخلاسىدىن قايتمايدۇ .
ئون سەككىزىنچى ، مەسئۇلىيەتچانلىق : مەسئۇلىيەتچانلىق - ئىشەنچ
ۋە ئىناۋىتىڭىزنى ياراتقۇچى تۈپكىي ئەخلاق ئۆلچەملىرىدىندۇر . شۇڭا
چۇقۇم لەۋزىڭىزدە تۇرشىڭىز ، ۋەدە قىلغىنىڭز مەيلى چوڭ ياكى كىچىك
ئىش بولسۇن ئۇنى چىن كۆڭلىڭز بىلەن ئىشقا ئاشرۇشىڭز لازىم . ناۋادا
لەۋزىڭزدە تۇرالمىسىڭز تاغاردا بىر باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆزىڭزنى
ئاقلىغىنىڭز بىلەن بىكار .شۇڭا ئۇنى باشقىچە ئامال بىلەن ئىشقا
ئاشۇرۇشنىڭ يولنى تېپشىڭز زۆرۈردۇر .
ئون توققۇزىنچى ، ئۆزىگە ئىشنىش : ئۆزىگە ئىشەنگەن ئادەم ئۆزنىڭ
ئارتۇقچىلىقىنى ۋە ھۆكۈمىگە تاغدەك ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ ،
ئۇنداقلار ئۆزىنىڭ ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقى ئۈچۈن
خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ۋە يىڭى خىرىسلارغا ئۆزىنى ئېتىپ
بېقىش ئارقىلىق ، ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتمەي قويمايدۇ ،
ئۆزىنىڭ قارارىغا ئىشىنىدىغانلىقى ۋە قانداق قىلىشنى بىلدىغانلىقى
ئۈچۈن باشقىلارنىڭ تەۋسىيىلىرىگە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەتدۇ .
يىگىرمىنچى ، مۇكەممەللىك : مۇكەممەل كىشلەرنىڭ ئىستىلى
ئادەتتە مۇنەۋۋەرلىككە ئىنتىلىش بىلەن خاراكتېرلىنىدىغانلىقى
ئۈچۈن ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىك ۋە ئاجىزلىق ۋەجىدىن مەغلۇپ
بۇلۇپ كېتىشتىن نەپرەتلىندۇ . شۇڭا ئۇلار تەربىيىلىنىش ۋە ئۆزىنى
مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى جارى
قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ .!
مەنبە : TOBREAK through TOURSELFK كىتابتىن ئېلىندى { ئامېرىكا }
قېرىنداشلىرىمغا تەۋسىيە : يۇقۇردىكىلەرنى ئويلىنىپ ، ئۆزىڭزنىڭ
ياششىغا ئۇل ھازىرلاڭ . ئۇيغۇر مىللىتىگە خاس ئىرادىلىك
ئىسىل كىشلەردىن بۇلۇڭ!