دوستۇم ئىككى خۇتۇنلۇق بۇلۇپ بەخىتلىك بۇلالامسىز؟
دوستۇم ئۈچ بالىڭىز ئىللىق ئائىلىڭىز باركەن . بۇ قېتىم يەنە بىر خۇتۇن ئالماقچى بوپسىز گېپىڭىزگە قارىغاندا سىز ئالماقچى بولغان خۇتۇن سىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن ، ھازىرقى خۇتۇنىڭىزمۇ بۇ ئىشىڭىزغا قۇشۇلىدىكەن . شۇڭا سىز خۇتۇن ئۈستىگە خۇتۇن ئېلىپ بولغۇسى ئىككىنچى ئايالىڭىزنى ۋە ئۆزىڭىزنى بەخىتلىك قىلماقچى بوپسىز.
دوستۇم ئىش شۇنچىلىك ئاددىمۇ سىز ئىككىنچى خۇتۇننى ئېلىپ بەخىتلىك بۇلالامسىز؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس!.
ئالدى بىلەن سىز ئالماقچى بولغان ئۇ مەھبۇبە مۇكەممەل ئايال ئەمەس، يەنى سىزدەك ئۈچ بالىسى بار ئەرنىڭ سۈيىشىگە ئەرزىمەيدۇ. ئەگەر ئۇ ئايال سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ياخشى شۇنداقلا ئۆزىگە رەھناما بولغان بىر ئەرنى چىن دىلىدىن سۈيۈپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلاپ بەخىتلىك قىلالايدىغان ئايال بولغىنىدا ئىدى . ھەرگىزمۇ سىزدەك ئۈچ بالىسى بار ئەرنى ياخشى كۆرىپ قالمايتتى. ئۇ بىر سۈيۈشكە ئەرزىيدىغان ئايال بولغىنىدا ئىدى ، ئالدى بىلەن بىر ئايال بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى ئايالىڭىزنىڭ ئورنىغا قۇيۇپ تۇرۇپ ئويلايتتى. ئاندىن ئايالىڭىزنىڭ ئازاپلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بىر ئاياللىق سۈپىتى بىلەن بۇ ئويىدىن ۋاز كەچكەن بۇلاتتى. دوستۇم ئۇ ئايال ئالدى بىلەن سىزنى ئەمەس سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ياخشى كۆرىدۇ.ئۇنداق بولمىغاندا ئىدى، ھەرگىزمۇ بىر ئايال ۋە ئۈچ بالىنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزۇپ ئۈچۈنچى شەخىس بولمىغان بولاتى. ھەم ئۆز تۇرمۇشىدىن قانائەت قىلىپ نامرات بولسىمۇ ئۆزىنى بەخىتلىك قىلالايدىغان بىرەر ئەرنى ئۇچراتقان بولاتتى.
ئەمدى ئايالىڭىزغا كەلسەك ئايالىڭىز سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ھەقىقىي مۇكەممەل ياخشى ئايالكەن . ئاياللارنىڭ ئاجىزلىقى ئۇنىڭ ئاياللىق نازاكىتى ۋە ئاياللىق شەرمىي ھاياسىدا ئايالىڭىزدا شۇ ئاجىزلىق بولمىغىنىدا ئىدى، ئاللا بۇرۇن چېچىنى چۇۋۇپ ئوتتۇرغا چىقىپ، سىز بىلەن جىدەللەشكەن بالىلارنىمۇ بۇرۇنلا بۇ كۆڭىلسىزلىككە سۆرەپ كىرىپ،سىزنىڭ يامان ئەر بۇزۇق دادا ئىكەنلىكىڭدىن ئىبارەت بۇ تامغىنى باللىرىڭىزنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ ئۆچمەس قىلىپ باسقان بولاتتى.ھەتتا ئەسەبىيلىشىپ سىز ئالماقچى بولغان ئۇ ئايالنى ئىزدەپ تېپىپ بىر نەچچە قەپەس تۇتۇشقانمۇ بولاتتى. ئەمما ئايالىڭىز ئۇنداق نۇمۇسسىز ئايالنىڭ يۈزىگە قاراشنى نۇمۇس بىلگەن، ھەم ئۆزىنىڭ ئاياللىق ئوبرازىغا ئۇنداق نۇمۇسسىزلىقنىڭ تامغىسىنى بېسىشنى خالىمىغان . مۇھىمى بالىلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىشنى ئۇلارنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈشنى، بالىلارنى چۈشكۈنلىك پاتقىقىغا پاتۇرۇشنى خالىمىغان ، مۇشۇ ئىش تۈپەيلى بالىلارنىڭ گۈدەك قەلبى جاراھەتلىنىپ كەلگۈسىدە يارامسىز ئادەملەردىن بۇلۇپ قېلىشنى خالىمىغان . ئەگەر ئايالىڭىز ھەقىقەي مۇكەممەل ئايال بولمىغاندا ئىدى، ئاتا- ئانىدىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ مۇكەممەل ئادەم بۇلالامايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ قانۇنىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلىك ئازاۋى بەدىلىگە بالىلارنى بەخىتلىك قىلىشنى ئويلىمىغان ، سىز بىلەن ئاللا بۇرۇن ئاجراشقان بولاتتى. چۈنكى ئۇ سىزدىن ئاجراشقانغا ئۈلۈپ قالمايدۇ ئەكسىچە ئۇنىڭ ئازاۋى ئېرىنىڭ يېنىدا باشقا بىر ئايالنى كۆرگەندىن يىنىكرەك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سوتقا كىرسە سوتتىن ئۇنىڭغا ئاز بولمىغان ئىختىزات – مال مۈلۈك بۇيرۇيدۇ. چۈنكى سىز باي پۇلىڭىز كۆپ ئۇنداق بولمىغاندا ئىككى خۇتۇنلۇق بۇلۇشنى ئويلاپ كەتمەيسىز . ئايالىڭىز ئەنە شۇ پۇل بىلەن كۈنىنى كۈن ئېتىپ كېتەلەيدۇ.ياكى بالىلارنى سىزگە تاشلاپ بېرىپ باشقىدىن تۇرمۇشقا چىقسىمۇ بولىدۇ لېكىن ئايالىڭىز ئۇنداق قىلمىدى . ئاياللىق ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئايالىڭىز سىزنى ئىنتايىن ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ياخشى كۆرىدۇ.سىزنىڭ بەختىڭىز ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلالىغان.
ئەمدى سىزگە كەلسەك قېرىندىشىم، سىز ھەقىقەتەنمۇ بەك بىچارىكەنسىز، تەپەككۈرىڭىز ھەقىقىي گۈھەر بىلەن چالمىنى پەرىقلەندۈرەلمەيدىكەن .سىز شۇ تاپتا توقلۇقتىن شوخلۇق چىقىرىپ نىمە قىلىشنى بىلمەي قاپسىز . بىر بولسا سىز يېڭىدىن باي بولدىڭىز، شۇڭا سىز جەمىيەتتىن ئۆچ ئالماقچى، بۇرۇن سىزنى مەنسىتمىگەنلەردىن ئۆچ ئالماقچى ئۇلارغا ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىپ قويماقچى. يەنە بىر بولسا سىزنىڭ ئابا- ئەجداتلىرىڭىز ئانچە تەربىيە كۆرمىگەن توغرىسىنى دېگەندە ياخشى زاتلاردىن ئەمەس ياكى بىر خۇتۇن پۇرۇشلاردىن .
سىز كۆڭلىڭىزدە ھەر ئىككى ئايال قۇشۇلدى شۇڭا بۇلار خۇشاك خۇرام ياشايدۇ دەپ ئويلامسىز ؟ خام خىيال قىپسىز دوستۇم، سىزنىڭچە بۇ ئىككى ئايال ئىچ- ئىچىدىن چىقىرىپ بىر- بىرىنى ياخشى كۆرىپ بىر- بىرىنىڭ قۇلىغا سۇ بېرىپ ئاستىغا كۆرپە سېلىپ ئۆتەرمۇ؟ مۈمكىن ئەمەس! ئىنسان تەبىئىتى ئالدى بىلەن شەخسىيەتچى ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز باشتا دېگەندەك بۇ ئىككى ئايالنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىشى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بۇلارنىڭ خۇي پەيلى مىجەزىمۇ بىر-بىرىگە يېقىن كەلمەيدۇ. سىزگە كۆرىنىشتە ھەر قانچە چاندۇرمىغىنى بىلەن، ھەر ئىككىسى بىر – بىرگە دۈشمەن ئۇلار. بۇ ئىككى ئايال ئۆمۈر بۇيى بىرى، يەنە بىرىنىڭ ئۆلىمىنى تىلەپ ئىچىنى قۇرۇت تاتىلاپ ئۆتىدۇ. بۇنىڭ ۋابالى بىر كۈنى سىزنى تۇتۇدۇ قېرىندىشىم شۇ چاغدا سىز ئۆرە بۇلالماي قالىسىز.
ئەمدى باللىرىڭىزنى ئويلاڭ قېرىندىشىم بالا دېگەن ئاتا- ئانىنىڭ بىر پارچىسى، روھىنىڭ بىر قىسمى، ھاياتىنىڭ داۋامى. ئاتا- ئانا ئۆزىدىن كەچسە كېچىدىكى بالىسىدىن كەچمەيدۇ . بۇ ئادەتتە ھايۋانلاردىمۇ بولىدىغان پىداكارلىق. ئىنسان ياشانغاندا قېرىغاندا شۇنچىلىك بالا جانلىق بۇلۇپ كېتىدۇكى باللىرى بىلەن يۈرەكلىرى كۆكلەيدۇ، ھاياتى ياشنايدۇ، باللىرى بار يەردە ھېچنىمە كۆزىگە كۈرۈنمەيدۇ. ئىنسان ياشانغانچە تېنى ئاجىزلايدۇ تەپەككۈرلىرى خۇرايدۇ پەقەت باللىرىدىن تەسەللى تېپىپ باللىرىغا تارتىشىپ ياشايدۇ باللىرىغا مۈھتاج بۇلىدۇ. مانا تاماشانى شۇ چاغدا كۆرىسىز سىز بېشىڭىزغا ئېلىپ كۆتىرىپ بارىڭىزنى بېرىپ باققان باللىرىڭىز سىز ئۇلارغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان چاغلاردا سىزگە قانچىلىك ئەسقاتا!؟ باللىرىڭىز ئىككى ئانىدىن بولغان بالىلار، ئۇلارنىڭ دادىسى بىر بولسىمۇ بىراق ئانىسى ئىككى . ھەر ئىككى ئانا ئۆز باللىرى ئۈچۈن ياشايدۇ ئۆزلىرىدىكى بىر بىرىگە بولغان ئۆچمەنلىكنى باللىرىغا تاڭىدۇ شۇ ئارقىلىق بىر بىرىنى بۇي سۇندۇرماقچى يەڭمەكچى بولىشىدۇ. تەبىئىيكى بۇ بالىلاردا بىر- بىرىدىن قىزغىنىش بايلىق تالىشىش- مىراس تالىشىش كۈرشى گاھ ئاشكارە گاھ يۇشۇرۇن ئېلىپ بېرلىدۇ بالىلارنى كۆزلىرىنى ئۆچمەنلىك تۇمەنلىرى قاپلايدۇ-دە ياشانغان دادىسىنىڭ ھالى بالىلارنىڭ كۆزىگە كۈرۈنمەيدۇ، ئەكسىچە دادىسىنىڭ ئۆزلىرىگە ئۇختۇرماي باشقا ئانىدىن بولغان بالىسىغا نىمىلەرنى قىلىۋەتتى دېگەن ۋەس-ۋەسە بىلەن ئاتىسىغىمۇ ئۆچ بۇلۇپ كېتىدۇ . بۇ چاغدا سىزنىڭ ھاتىڭىز باللىرىڭىزغا بىر تىيىنغا ئالغۇسىز بۇلۇپ كېتىدۇ . مانا بۇ ئىش تۈپەيلى يۈرىكىڭىز پارە – پارە بولىدۇ . بەھەيۋەت ياشلىقىڭىز تاغلارنى تىترەتكەن ھەيۋىللىرىڭىز زىمىننى ئېرىتىۋەتكەن مۇھەببەتلىرىڭىز بىر تىيىن بولىدۇ. بالىلارنى ھچقانداق ئۇسۇل بىلەن رازى قىلالمايسىز. باللىرىڭىز سىز بالىغا زار بولغاندا سىزگە ھەقىقىي مېھرىنى بېرەلمەيدۇ. ئىچ-ئىچىدىن چىقىرىپ مېھرى بىلەن سىزنى يوقلىمايدۇ يوقلىغان ھالەتتىمۇ سىزنى ھەقىقىي مېھرى بىلەن ئەمەس بەلكى قارۇغۇچىسى يوق بىر بۇۋاينى ساخاۋەت ئۈچۈن يوقلىغاندەك مەجبۇرىيەت ئۈچۈن يوقلايدۇ. مانا بۇچاغدا سىزنىڭ بەدەن – بەدىنىڭىزنى ئىرىتىۋەتكەن بايلىق مەرتىۋە ئىككى خۇتۇننىڭ لەززىتىنى سۈرگەن مەئىشەتلىك ئەسلىمىڭىز خۇددى بۇراندىكى چاڭ-تۇزاڭدەك تۇزۇيدۇ بەلكى سىرىتماقتەك كانىيىڭىزنى بۇغۇپ، سىزنى ھاياتقا قايتىدىن قارتىدۇ . سىز بۇ چاغدا ھاياتىڭىزنىڭ قاپ-قاراڭغۇ بىر ھاڭ ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز سىز بۇ ھاڭنى تولدۇرۇپ بۇلالمايسىز پۈتمەس تۈگىمەس ئازاپ سىزنى خورلايدۇ.
يەنە تەپەككۈر قىلىپ كۆرىپ بېقىڭ دوستۇم . تارىختا ئۆتكەن قايسى خان سۇلالە پادىشاھلىرى كۆپ خۇتۇنلۇق بۇلۇپ باللىرى پادىشاھلىق ئەمەل مەنسەپ تېر تۇريە تالىشىپ ئۆز ئەجىلىدىن بۇرۇن كەتمىگەن .قايسى بىر باي ئەمەلدارلار كۆپ خۇتۇنلۇق بۇلۇپ،خۇتۇنلىرى توغرۇلۇق ئارقىسىدىن كۆتىرىپ قوپقۇسىز گەپ- سۆزلەر بولمىغان؟
ئەلۋەتتە ھەركىمنىڭ ئۆز ئالدىغا ياشاش يولى ئۇسۇلى بولىدۇ . ھەركىم ئۆزىنىڭ قاياشى بىلەن ئىزدىشىپ ئارلىشىپ ياشايدۇ .ياخشى ياشىسا ياخشى دەيدۇ ئەممە يامان ياشىسا يامان ياشىدىڭ دەپ تەنقىتلىمەيدۇ .ئەمما بىلگەنلەر ئۈچۈن بۇنىڭ ھاياتتا يېزىلمىغان قانۇنلىرى ، كۆرگىلى بولمايدىغان مىزان -تارازىللىرى بار . مانا بۇ قانۇن بۇ مىزانغا چۈشۈپ ياشاش ئۇنچە ئەسان ئەمەس بۇ قانۇننىڭ جازاسىغا ئۈچرىغانلارنىڭ بۇ جازانى ئۆتىمىكىمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس شۇڭا دوستۇم كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىپ ياخشى ئويلىنىپ بىر ئىش قىلارسىز.
مەنبە: چارتېكىن يازمىللىرى