ئەلرام
ئۇيغۇر ئۇسۇلى
«مىسرانىم،مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتى»گە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر
ئۇيغۇرۇمنىڭ ئۇسۇللىرى تۇنۇشلۇق،
كۆرگەندە ھەم ئويلىغاندا بىر ھۇزۇر،
ئەجداتلىرىم ئۇنى كۆككە كۆتەرگەن،
ھەربىر ئۇيغۇر ھىس قىلىدۇ بىر غۇرۇر.
ئويلاپ قالدىم؛كۆكتە بۈركۈت پەرۋازى،
بۇلار چۇقۇم ئوينالغاندا بۇ ئۇسسۇل.
شۇنچە لەرزان،مەيىنلىكى سەلكىندۇر،
شىلدىرلىتار بۇلاقلارنى شۇخ سۇمبۇل.
جۇشقۇنلىقى بۈركۈتتىنمۇ ئاشىدۇ،
ئوۋنى كۆرۈپ تاشلانغاندەك ئوۋ تامان.
ھەركەتلىرى شۇنچە رۇھلۇق،ئۇچۇقتۇر،
ھايالىرى بىرگە باردۇر تەڭ ھامان.
كۆپ ئادەمدە ئوينالسا ئۇ ئەگەردە،
ماسلىشىش بار،ئۇيۇشۇش بار بەكلا زىچ؛
بۆرە رۇھى ئايان بۇلار ھەركەتتىن،
سەپ تۈزەلسە ئۇ گۇياكى بىر قىلىچ.
ئەپسۇس،-دېدىم،بەزى چاغدا بۇ ئۇسۇل،
بەك بۇزۇلدى،مەنىسىزدۇر ھەركەتلەر.
ئۆز ئەسلىنى ئۇنۇتقاندەك كۆرۈندى،
ھاياسى يوق ساغرا،كىندىك، كۆكرەكلەر.
ئەل كۆتەرسە بىلمەي ئايرىم سەنئەتكار،
ئەلنى ئۇنتۇپ «يولنى ئاچتى» ئۇ بىلەن.
ئەسلى بىلسە ئەل تۇنۇتقان ئۇلارنى،
بىلسە بۇنى ئۇنتۇمايتى بۇ ۋەتەن.
ئەڭ يامىنى ئاۋام بىلمەي ئۆزگىنى،
مۇپتىلادۇر بىر ئېزىتقۇ خىيالغا.
تۇنۇلۇشمۇ،مەخسىتىنى ئوقمۇدۇم،
ئۆگەن-ئۆگەن،-دەيدۇ كىچىك بالىغا.
شۇ سەۋەپتىن ئالدۇق بىزلەر ئېھتىمال،
«ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ «ئۇلۇغ» نام.
بەزى ئاتاق بىخۇت قىلىش دۇرىسى،
ئەقىلنىمۇ توستى ھېسيات دېگەن تام.
ئەسلى دوراش ئەقىل بىلەن بۇلاتتى،
«ئۇستازلاردا» بۇلۇپ قالدى ئەقىل كەم.
نام چىقاردۇق،ئايرىۋېلىڭ ئۆزىڭىز،
نامىمىزدا قالدى ئەندى نېمە كەم ؟...
ياق،ئەجداتنىڭ كۈتكەنلىرى بۇ ئەمەس،
ئەۋلاتلىرى ئىزدىنىدۇ،يول تاپار.
ئاز بولسىمۇ ۋارىسلىرى چىقىدۇ،
ئۇسسۇللىرى يەنە چۇقۇم نۇر چاچار...
2012.يىل،25.دېكابىر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-28 04:14 PM