مەن ئۇنداق دىمىدىم
ساراڭلار ساناتورىيىسىدىكى بىر ساراڭ ئۆزىنىڭ مەسئۇل دوختۇرىغا :مەن بۇ دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى،- دەپتۇ.بۇنى ئاڭلىغان مەسئۇل دوختۇر ئۇنىڭدىن:كىم ساڭا شۇنداق دېدى؟،-دەپ سوراپتۇ.ئۇ ساراڭ:تەڭرى شۇنداق دېدى،-دەپ تۇرۇشىغا يەنە بىر ساراڭ ئۇنىڭغا:مەن نەدە ساڭا ئۇنداق گەپ قىلدىم؟،-دەپتۇ.
مەسلىكتىن يىشىلىش
بىر زاباي قاۋاقخانىدا مەست بولۇپ قاپتۇ،ھەم كۈتكۈچىگە:بېرىپ باشلىقىڭنى تىپىپ كەل،-دەپ جىدەل قىپتۇ.كۈتكۈچى ئاخىرى قاۋاقنىڭ لىدىرىنى چاقىرىپ كەپتۇ.مەست ئۇنىڭغا:مەن بۈگۈن بۇ قاۋاقتا بەك جىق ھاراق ئىچىۋەتتىم،ھازىر سەن چوقۇم ماڭا مېنى مەسلىكتىن يىشىلدۈرىدىغان نەرسە تىپىپ بېرىسەن،-دەپتۇ.بۇ گەپنى ئاڭلىغان لىدىر كۈتكۈچىگە:بۇ ئەپەندىمنىڭ ھېساۋات تالونىنى ئەكىلىپ بېرىڭ،-دەپتۇ.
قوشۇق
بىرەيلەن ئاشخانىغا كىرىپ چۆچۈرە بۇيرىتىپتۇ.مۇلازىمەتچى ئۇزاق ئۆتمەي ئوخشىغان بىر قاچا چۆچۈرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويۇپ كېتىپ قاپتۇ.لېكىن ئۇ ئادەم ھەر قانچە قىلىپمۇ قوشۇقنى تاپالماپتۇ.ئۇ مۇلازىمەتچىنى چاقىرىپ:مۇلازىمەتچى،ماۋۇ چۆچۈرىگە قاراپ تۇرۇڭە،مەن ئۆيگە بېرىپ قوشۇق ئەكىلىۋالاي،-دەپتۇ.
ماشىنىدا
ئىككى مەست قاۋاقخانىدىن ماشىنا ھەيدەپ قايتىپتۇ.يېرىم يولغا كەلگەندە ماشىنا ھەيدەۋاتقان مەستنىڭ يىنىدىكى مەست ماشىنا ھەيدەۋاتقان مەستكە:ئاداش،ئاستىراق ھەيدىگىنە!بۇنداق ھەيدىسەڭ ئادەم قورقىدىكەن،-دەپتۇ.ماشىنا ھەيدەۋاتقان مەست ئۇنىڭغا بىر ئالىيىۋېتىپ:ماشىنىنى سەن ھەيدىمىدىڭما؟،-دەپتۇ.
يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا
بىر كىشى ئايالى بىلەن ماشىنىدا سەپەرگە چىقپتۇ.ئۇلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كېتىۋاتقاندا ئايالى ئېرىغا:ھەي،ماشىنىنى ئېھتىيات قىلىپ ھەيدەڭ جۇمۇ،رادىئودا ئاڭلىتىشىچە بىز كېتىۋاتقان بۇ يولدا بىر ماشىنا قارشى يۆنىلىشتە كېتىۋاتىپتۇ،-دەپ تۇرۇشىغا يولدىشى:نىمە؟بىر ماشىنا قارشى يۆنىلىشتە كېتىۋاتىپتۇ؟مەن ھەجەپ نەچچە يۇزلىگەن ماشىنىنىڭ قارشى يۆنىلىشتە مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمەنغۇ،-دەپتۇ.
ئاپا سېتىۋىېلىش
بەش ياشلىق بىر قىز گەپ ئاڭلىمىغانلىق سەۋەبىدىن ئاپىسىدىن تاياق يەپتۇ.ئاپىسى ئاچچىقلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇ قىز ئۆزى پۇل يىغىدىغان قۇتىدىكى پۇللىرىنى ئېلىپ سانىغىلى تۇرۇپتۇ.بۇنى كۆرگەن ئانا ھەيران بولۇپ قىزىدىن:بۇ پۇللارنى نىمىگە ئېشلىتىسىز؟،-دەپ سوراپتۇ.قىزى يىغلامسىراپ تۇرۇپ:مېنى ئۇرمايدىغان ئاپىدىن بىرنى سېتىۋالىمەن،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
مەھبۇس
بىر ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسقا جازا ئىجرا قىلىنغاندا ساقچىلار ئاتقان بىرىنجى پاي ئوق ساختا چىقىپ قاپتۇ،مەھبۇس ئۆلمەپتۇ.ئىككىنچى پاي ئوقمۇ ساختا چىقىپ قاپتۇ.ئۈچىنچى پاي ساقتا ئوق ئېتىلىپ بولغاندا مەھبۇس ساقچىنىڭ پاچىقىغا ئېسىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ:جىنىم ساقچى،ئادەمنى بۇندا قورقۇتقۇچە مېنى بوغۇزلىۋېتىڭلاچۇ بولدى،-دەپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەرپات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-28 03:39 PM