بۇ ياشلىق
نە ئۈچۈن مەنىسىز ئۆتىدۇ كۈنلەر،
ئۇيقۇسىز ئۆتىدۇ گاھىدا تۈنلەر.
ھاياتنىڭ شامى ئۆچمىسە ھامان،
كەلگۈسى بەختىمىز ۋىلىقلاپ كۈلەر.
قالىدۇ ئارزۇلار چاڭ-توزان ئارا،
روھسىز تەندە تېگى يوق خىيالغا پېتىپ.
ئازدۇرۇپ ئۆتىدۇ مۇھەببەت گاھى،
ياش كۆڭۇلنىڭ قەلبىدە تارلارنى چېكىپ.
ئۆتىدۇ ياشلىق بىر تاتلىق چۈشتەك،
يۈرگەندە ئويۇننىڭ كەينىدىن چېپىپ.
مىڭ پۇشايمان ئەپسۇستا كەلمەس ئورنىغا،
بۇ ياشلىق كېتىدۇ كەلمەيدۇ يېنىپ.
قەدىرلە دوست ياشلىق قىران چېغىڭنى،
ياشلىقتا سۆيگەن يار-قەلەم قاشىڭنى.
شوخ يۈرەك سوقۇشتىن توختايدۇ ھامان،
ئۆكۈنسەڭمۇ-ئۆكۈن، تۆكمە ياشىڭنى.
مەنبە: ئۆزۈم. م(مەۋلانجان مۇتەللىپ مەشرەپ)