|
|
|
|
شىركەت نامىدا تىزىملاتقان ئاپتوموبىلدا ھادىسە يۈز بەرسە، شىركەت قانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟
شەخسلەر مەبلەغ چىقىرىپ سېتىۋالغان ئاپتوموبىلنى مەلۇم قاتناش تىرانسىپورت شىركىتى نامىدا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، يول قاتناش تىرانسىپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەھۋاللار رايونىمىزدا بىر قەدەر ئومۇملاشقان. ئۇنداقتا، شەخسىي ئاپتوموبىلنى شىركەت نامىدا تىزىمغا ئالدۇرۇپ يول قاتناش تىرانسىپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا تاش يول قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، شىركەت قانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىلگىرى قانۇندا ئېنىق بەلگىلىمە يوق ئىدى، يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر پارچە ھۆججىتى (يېتەكچى پىكىر)دە شىركەت ئالغان باشقۇرۇش ھەققى دائىرىسىدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، شۇ بويىچە ئىجرا قىلىنىپ كېلىنگەن ئىدى. بۇلتۇر يۇقۇرى خەلق سوت مەھكمىسى يېڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ئۇ بەلگىلىمىنى ئۆزگەرتتى. بۇ يىل 11-ئايدا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تاشيول قاتناش ھادىسىسىدىكى زىيان تۆلىمى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇن تەدبىقلاشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»( [2012] 19-نومۇرلۇق)نى ئېلان قىلدى. بۇ ئەدلىيىلىك ئىزاھاتتا ئاپتوموبىلنى شىركەت نامىدا تىزىمغا ئالدۇرۇپ يول قاتناش تىرانسىپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا تاش يول قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، شىركەت نامىدىن پايدىلانغۇچى بىلەن شىركەت چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
ئا.تۇردى تەييارلىغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-28 12:33 PM
|
|
|
|
|
|