|
|
|
|
Kara gökler kül rengi bulutlarla kapanık;
Evlerin bacasını kolluyor yıldırımlar.
İn cin uykuda, yalnız iki yoldaş uyanık;
Biri benim, biri de serseri kaldırımlar.
قارا ئاسماننى كۈلرەڭ بۇلۇتلار قاپلىۋالغان؛
چاقماقنىڭ ھىمايىسىدە ئۆيلەرنىڭ مورىلىرى.
بارچە ئۇيقۇدا، ئويغاق پەقەت ئىككى سەپەرداش ؛
بىرى مەن،بىرى سەرسان پىيادىلەر يولى.
İçimde damla damla bir korku birikiyor;
Sanıyorum, her sokak başını kesmiş devler...
Üstüme camlarını, hep simsiyah, dikiyor;
Gözüne mil çekilmiş bir âmâ gibi evler.
ئىچىمدە قورقۇنچ تامچە-تامچە يىغىلماقتا؛
ئويلىدىم، ھەر كوچا بېشىدا باردۇر دىۋىلەر...
قاپقارا ئەينەكلىرىنى تىكمەكتە ماڭا،
كۆزىگە قوغۇشۇن قۇيۇلغان ئەمادەك ئۆيلەر.
Kaldırımlar, çilekeş yalnızların annesi;
Kaldırımlar, içimde yaşamış bir insandır.
Kaldırımlar, duyulur, ses kesilince sesi;
Kaldırımlar, içimde kıvrılan bir lisandır.
پىيادىلەر يولى ـــ غېرىب زاھىتلارنىڭ ئانىسى؛
پىيادىلەر يولى ـــ ئىچىمدە ياشىغان ئىنساندۇر.
پىيادىلەر يولى ـــ جىمجىتلىقتا ئاڭلانغان سادا،
پىيادىلەر يولى ـــ ئىچىمدە تولغانغان تىل-زۇۋاندۇر.
Bana düşmez can vermek, yumuşak bir kucakta;
Ben bu kaldırımların emzirdiği çocuğum!
Aman, sabah olmasın, bu karanlık sokakta;
Bu karanlık sokakta bitmesin yolculuğum!
نېسىپ بولماس ماڭا ئىسسىق قۇچاقتا ئۆلۈش ؛
بىر بالىمەن پىيادىلەر يولى ئېمىتكەن، باققان!
خۇدايىم، تاڭ ئاتمىسۇن بۇ قاراڭغۇ كوچىلاردا،
يولۇمنى داۋام قىلاي قاراڭغۇدا مەنزىل تامان!
Ben gideyim, yol gitsin, ben gideyim, yol gitsin;
İki yanımdan aksın, bir sel gibi fenerler.
Tak, tak, ayak sesimi aç köpekler işitsin;
Yolumun zafer tâkı, gölgeden taş kemerler.
مەن كېتەي، يول كەتسۇن، مەن كېتەي، يول كەتسۇن؛
ئىككى يېنىمدىن ئاقسۇن، كەلكۈن كەبى پەنەرلەر.
تاق- تاق ئاياغ تىۋىشىمنى ئاچ ئىتلار ئاڭلىسۇن،
غەلىبەم ئۈچۈن تاقىلارسايىدىن تاش كەمەرلەر.
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان: ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا)
|
|
|
|
|
|